چاچ دېگەن ئايال كىشىنىڭ زىننىتى، بىرەر چاچ پاسونى ئۆزىگە ياراشسا، ئۇ ھالدا ئادەم جانلىق، تېتىك كۆرسىتىپ قويىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، كىشىگە غەلىتە تەسىر بېرىپ قويىدۇ. شۇ سەۋەبتىنمىكىن ئۆزىنىڭ تاشقى قىياپىتىگە ئۆلگۈدەك ئەھمىيەت بېرىدىغان ئايال چولپانلار چاچ پاسونى ئۈچۈن ھەر نېمە قىلىشقا رازى. ئۇلار چېچىنى ئۆزىگە ماس كېلىدىغان پاسوندا ياسىتىش ئۈچۈن ھەرقانچە كۆپ پۇل خەجلەشكىمۇ كۆزى قىيىدۇ، شۇنداقلا ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىنمۇ يالتايمايدۇ.
تۆۋەندىكىسى بىر قىسىم چولپانلارنىڭ ئۆزىگە ياراشقان چاچ پاسونلىرى، بۇلارنى كۆرسىڭىز، چاچنىڭ ئايال كىشى نەقەدەر مۇھىملىقىنى ھېس قىلىپ قالىسىز.




























