

بۇرۇن ئامېرىكىدا ‹‹ شەيتانچاق ئۆيدە ›› ناملىق كىنو بىلەن نام چىقارغان MaCaulay Culkin نىڭ زەھەر چەككەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر پەيدا بۇلۇپ قالغانىدى. كىيىن بۇ چولپاننىڭ ۋاكالەتچىسى قەتئىيلىك بىلەن بۇنى ئىنكار قىلدى .ئۇ ‹‹ ئىنتايىن كۈلكىلىك بولغان ئويدۇرما›› ‹‹ رەزىللىك›› دىگەن ئاتالغۇلار بىلەن بۇ سۆز- چۆچەكنى ياپتى .
بۇرۇن بۇ چولپاننىڭ زەھەر ئىستىمال قىلىدىغانلىقى ھەتتا بۇنىڭ ئۈچۈن ئېيىغا 6000 دوللار خەجلەيدىغانلىقى ئاشكارلانغان. يىقىندا بۇ خەۋەرلەرگە قارشى MaCaulay Culkin نىڭ ۋاكالەتچىسى بۇ خەۋەرلەرنى ‹‹ ئىنتايىن كۈلكىلىك بولغان ئويدۇرما›› ۋە ‹‹ رەزىل ، جان ئالغۇچى خاراكتىرگە ئىگە ›› دەپ ئېيتتى .
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا MaCaulay Culkin بىر يىل بۇرۇن قىز دوستى Mila Kunis دىن ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىن زەھەرگە بېرىلىپ ئۆزىنى تاشلىۋەتكەن . بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر ئايلىق چىقىمى 6000 دوللارغا يەتكەن . ئۇ دائىم زەھەر خۇمارلىرى ۋە كىملىكى ئېنىق بولمىغان بىر قىسىم كىشىلەر بىلەن يۈرگەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ مانخاتتوندىكى تۇرالغۇسى زەھەر خۇمارلىرىنىڭ خۇمارىنى باسىدىغان ئۇۋىسىغا ئايلانغان.
يەنە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ بۇرۇن زەھەرنى زىيادە چەككەنلىكى ئۈچۈن ھەتتا گۆز ئېغىزىغىمۇ بىر قېتىم بېرىپ كەلگەن . ئۇ شۇ تاپتا ساقايماس كىسەلگە گىرىپتار بۇلۇپ ياردەم تەلەپ قىلىۋاتقانمىش ، بۇ يىل ئىككىنجى ئايدا MaCaulay Culkin نىڭ خۇنۇك ھارغىن چىرايى مەلۇم گىزىتنىڭ باش بېتىگە چىققان ، ئۇنىڭ شۇ سولاش قىياپىتى كىشىلەرنى ھەقىقەتەن ئۇ زەھەر چىكەمدۇ نىمە دىگەن خىيالغا كەلتۈرۈپ قويغان. بىراق ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسى ئۇنىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى ئىزچىل ئىنكار قىلغان.
بۇ يىل 31 ياشقا كېرگەن MaCaulay Culkin 1990-يىلى ‹‹ شەيتانچاق ئۆيدە›› دىگەن فىلىمدە ھەم ئەقىللىق ھەم زېرەل بالىنىڭ رولىنى ئېلىپ قاتتىق نام چىقارغان . شۇ دەۋىردىكى ئەڭ قارشى ئېلىنىشقا ئېرىشكەن بالا چولپانلاردىن بۇلۇپ قالغان . 1994-يىلىغا كەلگەندە ئۇ ئىشلىگەن كىنونىڭ بىلەت كىرىمى مىليون دوللاردىن ئېشىپ شۇ مەزگىلدىكى ئەڭ يۇقۇرى كىرىملىك بالا چولپانغا ئايلانغان. ئۇ ‹‹ تاغام باك›› ‹‹ مىنىڭ سۆيگىنىم ››،‹‹ ئولتۇرۇشتىكى غەلىتە مەخلۇق ›› قاتارلىق نۇرغۇن داڭلىق كىنولارنى ئىشلىگەن .