ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن خۇشخۇي توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ ئـەدەبىـيات كومپيۇتېر ۋە IT چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار قىزىق نۇقتا بوكىسلار پەن-تېخنىكا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى MTV ئىكرانى خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى ئەدەبى شەخىسلەر ھەمكارلىق ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى تور ئويۇنى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا مۇنبەر

AD-242-60

| قىزىق نۇقتا | خەلقئارا خەۋەرلىرى | مەملىكەت خەۋەرلىرى | شىنجاڭ خەۋەرلىرى | تەنتەربىيە | IT كومپىيۇتىر | ئىقتىسادى خەۋەرلەر | مائارىپ-ئىمتىھان خەۋەر باش بىتى  
مۇھەببەت ئىزھار قىلىپ سەتلىشىپ قالغان ئايال چولپانلار - huxhuy online----Sports|world News|it News|china News|Local News Business
ئورنىڭىز:خەۋەر >> قىزىق نۇقتا >>
مۇھەببەت ئىزھار قىلىپ سەتلىشىپ قالغان ئايال چولپانلار
 يوللىغۇچى:خۇشخۇي   كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرلىشى:0  
ياڭ سىچى


    بۇرۇنقى شياڭگاڭ گۈزىلى ياڭ سىچى ئامېرىكىدا مەخپىي ھالدا بىر قىز تۇغۇپ شياڭگاڭغا قايتقاندىن كېيىن پەقەتلا ئۆزىڭىنىڭ توي قىلمىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان، ئەمما قىزىنىڭ ئۆز دادىسى ھەققىدە ھېچنىمە دېمەي ئاخبارات ۋاستلىرىنىڭ ئويلاپ تېپىشىغا ئاشكارىلىغان. ئەمدىلا تۇغۇلغان قىزىنىڭ دادا مېھرىدىن مەھرۇم قېلىشىنى خالىمىغان ياڭ سىچى قىزىغا دادا تېپىپ بەرمەكچى بولۇپ، بۇرۇنقى مۇھەببىتى لى يۇڭخاۋغا ئەپلىشىپ قېلىش تەكلىپىنى بەرگەندە رەت قىلىنغان.

    تەن ۋىيۋىي


    پلاستىنكا چىقىرىش، مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈش، خەلقئارالىق كىنو بايرىمىغا قاتنىشىش دېگەندەك ئىشلار بىلەن ئالدىراش يۈرگەن تەن ۋىيۋىي بۈگۈنكى كۈنلۈكتە مۇزىكا ساھەسىدە ئاجايىپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئەمما كىممۇ كەسىپتە مۇشۇنداق نەتىجە قازانغان تەن ۋىيۋىينىڭ ئۆزى ياخشى كۆرگەن يىگىتكە كۆڭۈل ئىزھار قىلغاندا، قارشى تەرەپنى «سالقىن» مۇئامىلىدە بولۇپ، ئۇنى ئازابقا قويىدىغانلىقىنى ئويلىغان دەيسىز.

    لى بىڭبىڭ


    خەلقئارالىق داڭلىق چولپان بولغان لى بىڭبىڭ 21 ياش ۋاقتىدىن باشلاپلا ئۆزى ياخشى كۆرگەن يىگىتكە كۆڭۈل ئىزھار قىلغان ئەمما قارشى تەرەپ ئۇنى قوبۇل قىلمىغان. كېيىن لى بىڭبىڭ بۇ ئىشنىڭ ئۇنىڭ كۆڭلىگە قارا سايە پەيدا قىلىپ قويغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «رەت قىلىنغاندىكى ھېسسىيات بەكلا ئازابلىق ئىكەن، شۇنىڭدىن كېيىن مەن باشقىلارغا كۆڭۈل ئىزھار قىلىپ باقمىدىم، باشقىلار مېنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا، ئاندىن مەن باشقىلارنى ياخشى كۆرەرمەن.»

    برىتنېي


    جېسىن بىلەن مۇھەببەتلەشكەندىن كېيىنلا برېتنېي ئاستا-ئاستا نىكاھ مەغلۇبىيىتى، كەسىپتە چېكىنىش، سەمىرىپ كېتىش قاتارلىق ئوڭۇشسىزلىقلار ئارىسىدىن قايتىپ چىقتى، شۇنداقلا قايتىدىن تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى تېپىۋالغاندەك بولدى، ئاكتىپ ھالدا جېسىنگە توي قىلىش تەكلىپىنى بېرىپ قارشى تەرەپنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى.

    خو سىيەن


    خو سىيەن چىن زىدەن بىلەن بىرلىكتە ئىشلىگەن مەلۇم بىر كىنونىڭ ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشقاندا رىياسەتچى خو سىيەندىن چىن زىدەنگە قانداق باھا بېرىدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئويلىمىغان يەردىن ئۇ ھەممە كىشىنى ھەيران قالدۇرۇپ: «مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغۇم بار، ئەپسۇس ئۇ توي قىلىپ بولغان، مەن ئۇنىڭ بىلەن نەچچە يىل كېچىكىپ ئۇچرىشىپ قاپتىمەن. ئۇ ئايالىغا بەك ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ، نەگىلا بارسا ئايالىنىڭ قولىنى تۇتىۋالىدۇ، ئايالىغا ھەمراھ بولۇپ بازار چۆرگىلەيدۇ. مەن كەلگۈسى يولدۇشۇمنىڭمۇ مۇشۇنداق بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن. چىن زىدەن بۇنىڭغا قارىتا: «بۇ ئۆمرۈمدە بۇنداق بەخت نىسىپ بولمايدۇ، مەن توي قىلىپ بولدۇم، ھازىرقى بۇ نىكاھىمدىن تولىمۇ رازى» دەپ جاۋاب بەرگەن.

    مېگىن فوكس


    تەنناز ھەم چىرايلىق مېگىن فوكس ئاكتىپ ھالدا كورىيەنىڭ كىچىك شاھى Rainنى كۆرۈشۈشكە تەكلىپ قىلغاندا، قارشى تەرەپ كەسكىنلىك بىلەن رەت قىلغان، بۇ ئىشقا ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ، بۇنىڭدىن بۇرۇن مېگىن فوكس ئاشكارە ھالدا تاراتقۇلارغا ئۆزىنىڭ Rainنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى يەنە كېلىپ ئۇنىڭغا دىققەت قىلىپ يۈرگىنىگە خېلى بولغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئەسلىدە كورىيەدە فىلىمىنى تەشۋىق قىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ۋاستىچىسى ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشقا چىقماقچى بولغاندا، ھېچقانداق جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن.

    شىن شىڭ


    شىن شىڭ ئۆزىنىڭ يېڭى كىتابىنى ئېلان قىلغاندا، ئۆزى، ئىلگىرى ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقىتتا يوشۇرۇن ياخشى كۆرگەن ئادىمى تەرىپىدىن رەت قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلاپ «ھەرقېتىم ئۇ قاملاشقان يىگىت مەيداندا ۋاسكتبول ئوينىغاندا، مەلۇم باھانىلەر بىلەن مەيداننىڭ ئالدىدىن ئۇيان-بۇيان ئۆتەتتىم، بۇ ۋاقىتتا يۈزلىرىم قىزىپ كېتەتتىيۇ، مەيدانغا بىر قاراشقا پېتىنالمايتتىم. كېيىن ئۇ كۆڭلۈمدىكىنى سېزىپ قېلىپ، ئۆزىنىڭ قىز دوستى بارلىقىنى ئېيتقان. ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇرساممۇ، كۆز ياشلىرىم يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك ئېقىپ چۈشكەنىدى» دېدى.

    گو سەيجې


    گو سەيجې ئىلگىرى ئۆزىنىڭ فاڭ داتۇڭغا ئوخشاش ئوغۇللارنى ئېيتقاندا، ئويلىمىغان يەردىن شىركەتتىكى خىزمەتچىلەر ئاڭلاپ قېلىپ ئۇنىڭ ئىلگىرى فاڭ داتۇڭدىن msnئادرېسىنى سورىغان، فاڭ داتۇڭنىڭ دەپ بەرمىگەنلىكىنى ئاشكارىلىۋەتكەن. ئەسلىدە ئىككەيلەن خىزمەتداش بولۇپ، بىللە تاماق يەپ ئولتۇرغاندا «msnدا پاراڭلاشساق بولامدۇ؟» دەپ سورىغاندا، فاڭ داتۇڭ ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرماي تامىقىنى يەۋەرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىزىرىپ-تاتىرىپ تامىقىنى يېگەن، خىزمەتداشلىرىمۇ ھېچقانداق گەپ قىستۇرالمىغان.

    شۇ چى


    شۇ چى بىلەن جاڭ جىڭ ھەققىدە گەپ تارقالغىلى خېلى بولدى، ئەمما سۆز-چۆچەك دېگەن ھامان سۆز-چۆچەكتە. ئىككەيلەن مەلۇم پائالىيەتكە بىرلىكتە قاتناشقاندا شۇ چى جاڭ جىڭنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان، ئويلىمىغان يەردىن جاڭ جىڭ بۇنى ئاڭلاپ ئىككەيلەننىڭ پەقەت ئادەتتىكى دوست ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

    لى سەيخۇا


    لى سەيخۇا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ ناھايىتى رومانتىك ھالدا ياخشى كۆرىدىغان يىگىتكە شاكىلات سوۋغا قىلغانلىقىنى ئاشكارىلاپ: «ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا بەكلا ئەخمەق ئىكەنمەن، ئەينى ۋاقىتتا تېخى ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىدا يوشۇرۇن ياخشى كۆرۈپ يۈرگەن يىگىتكە كۆڭۈل ئىزھار قىلسام ئۇ مېنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان» دېدى.
 

يېڭى خەۋەرلەر
مۇھەببەت ئىزھار قىلىپ سەتلىشىپ قالغان ئايال چولپانلار
مۇھەببەت ئىزھار ...
گۇمپا شاھىنىڭ مۇنداق مودا ۋاقىتلىرىمۇ بولىدىكەن
گۇمپا شاھىنىڭ مۇ...
ئاننان ئالاھىدە ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى
ئاننان ئالاھىدە ...
دىڭ نىڭ رېپىرنىڭ جازا ھۆكۈمىگە قايىل بولماي كۆز يېشى قىلدى
دىڭ نىڭ رېپىرنىڭ...
ئامېرىكا كوچىسىدىكى «ساقال ئېلىش مەلھىمى جېڭى»
ئامېرىكا كوچىسى...
8-ئاينىڭ 1-كۈنى شۋېيتسارىيەدە دۆلەت بايرىمى تەنتەنىلىك ئېلىپ بېرىلدى
8-ئاينىڭ 1-كۈنى شۋ...
ئارافاتنىڭ ئايالى: دەۋا دۆلەت ياكى شەخسكە قارىتىلمىغان
ئارافاتنىڭ ئايا...
مۇبارەككە چىقارغان ھۆكۈمگە قارىتا نارازىلىق ئەرزى سۇنۇلدى
مۇبارەككە چىقار...
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
مۇھەببەت ئىزھار قىلىپ سەتلىشىپ قالغان ئايال چولپ...
گۇمپا شاھىنىڭ مۇنداق مودا ۋاقىتلىرىمۇ بولىدىكەن
چولپان موۋېنۋېي لوندوندا شەرق گۈزەللىرىگە خاس لا...
بېكخام بىلەن شاھزادە ۋېليام بىللە توپ مۇسابىقىسى...
ياش چولپان جاستېن بېيبېر مۇقاۋا سۈرەتكە چۈشتى
ئەنجىلىنانىڭ بولغۇسى ئېرى پېتنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى تا...
يېڭىدىن تاللانغان گۈزەللىكتە تەڭداشسىز ساھىبجام...
چولپان كەيت ھادسوننىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولغان ئېلان...
ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى ئەڭ تەنناز چولپانلار
پۇل تېپىشقا ئەڭ ماھىر داڭلىق چولپانلارنى بىلەمسى...
داڭلىق سەنئەتكار فەن چاڭجاڭنىڭ قىزى توي قىلدى
ئېما ۋوتسۇن قالايمىقان كىيىنگەن ھالدا لوندون كوچ...
مۇھەببەت مۇناسىۋىتى ئاشكارىلانغان ئىككى داڭلىق ...
ئەڭ گۈزەل ئۇيغۇر چولپانلىرىمىز
چولپان جوۋشۈن بىر ھوللىۋود فىلىمىدە ئۈچ رولغا چى...
تور بېكەت ھەققىدە  |   مۇلازىمەتلەر  |  سەھىپىلىرىمىز  |  ئېلان بېرىڭ  |  ئالاقىلىشىڭ  |  ھەمكارلىشىڭ  |  بېكەت خەرىتىسى  |  پىكىر بېرىڭ  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  | 百度影音
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ خۇشخۇي تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ..
تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ، ناخشا- مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ!
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى
huxhuy.cn ©2011 E-Mail:elyar28@vip.qq.com 粤ICP备11034588号 QQ:354249503
ئالاقە تېلىفون : 13899842526