يېقىندا ، دۆلىتىمىزنىڭ داڭلىق گۇمپا شاھى جاۋ ۋېنجو ئايالى جاڭ دەنلۇنى ئېلىپ فرانسىيە پارىژغا ساياھەتكە باردى. ئىككىيلەن ئىككى ھەپتە ۋاقىتنىڭ ئىچىدە مىكرو بىلوگ ئارقىلىق پارىژ ساياھىتىدىكى سۈرەتلىرىنى كۆپچىلىككە سۇندى. بۇ سۈرەتلەرنى كۆرگەن مودا ساھەسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر خاتا ھالدا ئۇلار مۇقاۋا سۈرەتكە چۈشۈۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ قالغان. ئەمەلىيەتتە ئىككىيلەننىڭ ئاددىي-ساددا ۋاقىتلىرىدىن باشقا يەنە مودا ئېقىمنى قوغلىشىدىغان مۇنداق ۋاقىتلىرىمۇ بار ئىكەن.