چاڭچېڭ تورى لاڭفاڭ10-يانۋار
تېلېگراممىسى:مۇخبىر لىيۇ جېنشەن،لى شىنلىڭ خەۋەر قىلدۇ:لاڭفاڭدىكى قىز
ستۇدېنت لىيۇX مەلۇم تورخانىدا تورغا چىقىپ «تۈنىگەن» چاغدا،ئۇنىڭغا ئۆزى
بىلەن بىر تورخانىدا تورغا چىقىپ ئولتۇرغان جاۋX نىڭ كۆزى چۈشۈپ قېلىپ
تەشەببۇسكارلىق بىلەن گەپ قىلىپ،قىزچاقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئالداپ ئېرىشىۋالغاندىن كېيىن ،قىزچاققا پىچاق بىلەن تەھدىت سېلىپ بۇلاڭچىلىق باسقۇنچىلىق
قىلدى.گۇاڭياڭ ج.خ شۆبە ئىدارىسىدكى ساقچىلار ئىنچىكىلك بىلەن رازېۋېتكا
قىلىش ئارقىلىق ،8-يانۋار سەھەردە ،تىيەنجىندىكى مەلۇم ئۇنىۋېرسېتىتتا ئېغىر ئۇيقىدا ياتقان جاۋX نى قولغا چۈشۈردى.
7-يانۋار سەسەر سائەت 5:30 ئەتراپىدا ،لىيۇX گۇاڭياڭ
رايونى ج.خ ئىدارىسىغا كېلىپ ،ئۆزىنىڭ پىيادىلەر كوچىسىدكى بىر تورخانىدا
تورغا چىقىۋاتقاندا ،شۇ تورخانىدا تورغا چىقىۋاتقان بىر ئەر تەرىپىدىن
پىچاق بىلەن تەھدىت سېلىنىپ باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى ،كېيىن يەنە
بانكىغا بىللە بېرىپ 400يۈەن نەق پۇل ئېلىشقا مەجبۇر بولغانلىقى ،يېنىدىكى
تېلفوننىمۇ ئۇ گۇماندارنىڭ بۇلاپ ئېلىۋالغانلىقى توغرىسدا دېلو مەلۇم قىلدى. دېلو مەلۇماتىدىن خەۋەردار بولغاندىن كېيىن ، گۇاڭياڭ
رايونى ج.خ ئىدارىسى پارتىيە ياچېيكىسى بۇ ئىشقا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت
بەردى،جىنايى ئىشلار رازېۋېتكا چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى جاڭ فۇچېڭ
باشچىلىقىدا 5-ئوتتۇرا ئەترەت،4-ئوتتۇرا ئەترەت،ئاخبارات ئوتتۇرا ئەترىتى قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى دەرھال قۇرۇلۇپ،دېلونى پاش قىلىش خىزمىتى باشلىنىپ كەتتى.
زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ تەمىنلىگەن يىپ ئۇچى بويىچە،دېلو بىجىرگۈچى ساقچىلار تورخانىغا
ئورنىتىلغان سىن ئېلىش ئاپىراتىغا خاتىرلەنگەن سۈرەتلەرگە ئاساسەن،جىنايەت
گۇماندارىنىڭ تەقى-تۇرقى ئالاھىدىلىكىنى جەزىملەشتۈردى. گۇماندارنىڭ
تورخانىدىكى سىن ئېلىش ئاپىراتىغا خاتىرلەنگەن كىملىك گۇۋاھنامىسىنى يېنىدىن چىقىرىپ كۆرسەتكەندىكى بىپەرۋاسىز ھالىتىدىن ،مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسىدىكى ساقچىلار جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئۆزىنىڭ كىملىك گۇۋاھنامىسىنى ئىشلەتكەنلىكىنى جەزىم قىلغاندىن كېيىن ،مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى،بىرىنچىدىن شەھەرلىك ج.خ ئىدارىسىنىڭ تور نازارەت قىلىش ئىشخانىسىنىڭ ياردىمىدە ،جىنايەت گۇماندارىنىڭ تورغا چىقىش خاتىرىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەكشۈرۈپ چىقىش؛ئىككىنچىدىن ئۇچۇر سۇپىسىدىن پايدىلنىپ ئۇنىڭ پائالىيەت ئىزىغا ھۆكۈم قىلىش؛ئۈچىنچىدىن نوپۇس يۆتكەش ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەت لايھىيەسىنى بېكىتتى.
نەچچە كېچە-كۈندۈزلۈك خىزمەت قىلىش ئارقىلىق ،مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسىدىكى ساقچىلار لاڭفاڭ شەھىرى رايونىدىكى جاۋX نىڭ گۇمانلىق
ئىكەنلىگىنى ،يەنى 2007-يىلى نوپۇسىنى تىيەنجىن شەھرىگە يۆتكەپ
كەلگەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتى.ساقچىلار ئىنتېرنېت تورىدىكى QQ دا قالدۇرغان
سۆزلىشىش خاتىرسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ،جاۋX نىڭ ئوقۇغۇچى
ئىكەنلىگى،ئىنتېرنېت تورىدىكى ئالاقە ئېلىپ باردىغان كىشىلەر قاتارىدىكى
كۆپلىگەن ساۋاقداشلىرىنىڭ لاڭفاڭ شەھىرى رايونىدا تۇردىغانلىقىنى
بايقىدى.ساقچىلار جاۋX نىڭ مەلۇم بىر
ساۋاقدىشىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن ،جىنايەت گۇماندارى جاۋ X نىڭ تىيەنجىن
شەھىرىدىكى مەلۇم مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلىقى،يېڭى يىل مەزگىلىدە لاڭفاڭغا
ساۋاقداشلىرىنى ئىزدەپ كەلگەنلىكىنى ،7-يانۋار چۈشتىن كېيىن لاڭفاڭدىن
ئايرىلىپ مەكتەپكە قايتىپ كەتكەنلىكىدەك ئەھۋاللارغا ئېرىشىتى .ساقچىلار
يۇقىردەك يىپ ئۇچىغا ئېرىشكەندىن كېيىن ،جىنايى ئىشلار 5-ئوتتۇرا
ئەترىتىنىڭ باشلىقى لى مىڭ مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىدىدىكى ساقچىلارنى
باشلاپ،7-يانۋار سائەت 21:00دە كېچىلەپ تىيەنجىندىكى مەلۇم مەكتەپكە يېتىپ
بېرىپ ،شۇ جايدىكى ساقچى تەرەپ ھەم مەكتەپ ئامانلىق ساقلاش بۆلۈمىنىڭ
ماسلىششى بىلەن 8-يانۋار سەھەردە ياتاقىدا قاتتىق ئۇيقىغا غەرىق بولغان
جاۋX نى قولغا چۈشۈردى.
سوراق قىلىش ئارقىلىق ،جىنايەت گۇماندارى جاۋX،7-يانۋار سەھەردىكى سادىر قىلغان جىنايى پاكىتنى تاپشۇردى.نۆۋەتتە جاۋX جىنايى ئىشلار بويىچە رىجىمغا ئېلىندى.