«جىياڭنەن شەھەر گېزىتى» خەۋىرى:
جېجىياڭ ئۆلكىسىنىڭ جىيەندې ناھىيسىدىكى ماۋ فەمىللىك بىر ئەر ئۇزۇن
چاچ قويۇپ،بەدىنىگە ئەتىر چېچىپ،ئايال كىشى سىياقىدا ياسىنىپ راۋشەن
ناھىيسىدە KTVدا مېھمانلارغا ھەمرا بولۇپ ناخشا ئېيتىپ يۈرگەن.ئۇنىڭغا ا«
ئاشىق » بولغىلى يېرىم ئايدىن ئاشقان «ئوغۇل دوستى» ئۇنىڭ سالاھىيتىنى
بىلگەندىن كېيىن ،ئۇنى يولدا قوغلاپ يۈرۈپ ئۇرۇپ، گەندە ئازگىلىغا
چۈشۈرۋەتكەن.
ماۋX بۇ يىل 27ياشتا بولۇپ،ئۇ توساتتىن چاچنى مۆرىسىگىچە
قويۇپ،ئايالچە ياسىنىپ كېچىلىك بەزمىخانىلارغا بېرىپ مېھمانلارغا ھەمرا
بولۇپ ناخشا ئېيتىدىغان خېنىم بولۇش غەلىتە خىيالنى ئويلاپ چىققان.ھەم
يېرىم ئاينىڭ ئالدىدا راۋشەن ناھىيسىدىكى بىر KTV غا ئىشلەشكە
كەلگەن.ئىشقا چۈشكەن بىرىنچى كۈنىلا ئۇنىڭغا بىر ئەرنىڭ كۆزى چۈشۈپ،شۇندىن
باشلاپ بۇ ئەر KTV غا كېلىپ ئۇنى قوغلاشقان.
27-دېكابىر ئاخشىمى،ئۇ ئەر يەنە ماۋX نى ئىزدەپ كېلىپ،بىللە ناخشا
ئېيتقان،28-دېكابىر سەھەردە ئۇ ئەر كەيىپلىكتە ماۋX نىڭ بەدىننى
سىيلاشتۇرۇپ،نەتىجىدە ماۋX نىڭ ئەر كىشى ئىكەنلىكىنى بايقىغان ھەم
سەگەكلىشىپ ئاچچىقىغا پايلىماي ماۋX نى قوغلاپ ئۇرغان،بۇنىڭ بىلەن ماۋX
ئۆزىنىڭ تۇرالغۇسىغا قېچىپ بېرىۋالغان ھەم سەھەر سائەت 3:00كىچە يوشۇرنۇپ
قېچىپ قۇتۇلۇشنىڭ كويىغا چۈشكەن.ئۇ ئەر ماۋX نىڭ ئۆيىنىڭ سىرتىدا داۋاملىق
ھالدا ساقلاپ تۇرغان بولۇپ،ماۋX ئۆيدىن چىقىشىغىلا ئۇنى يەنە قوغلاپ
ئۇرغان.ماۋX ئالاقزادىلىكتە شۈرى بازىرىدىكى بىر دېھقاننىڭ ئۆيىگە
يوشۇرنىۋالماقچى بولغاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن گەندە ئازگىلىغا چۈشۈپ
كەتكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۆي ئىگىسى ساقچىغا مەلۇم
قىلغان.
ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشىچە،ماۋX بۇنىڭدىن ئىلگىرى راۋشىيەن ناھىيىسىدىكى
بىر تورخانىدا بىر ئەر بىلەن تونۇشۇپ قالغان بولۇپ،ئۇ ئەر دائىم ئۇنى ئىشقا
ئاپىرىپ-ئەكىلىپ قويغان،ئۇ ئەر ئەڭ ئاخىردا مېھمانخانىدا ماۋX نىڭ ئەر
كىشى ئىكەنلىكىنى بايقىغاندىن كېيىن ئازابلىنىپ يىغلاپ كەتكەن.
28-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن،راۋشەن ناھىيىسىدىكى ساقچى دائىرىلىرى ماۋX ئۆيىگە
يولغا سېلىپ قويغان.