ئۆزى
شاڭخەيلىك تۇرۇپ ، ئەكسىچە ھىندونېزىيە شاھ جەمەتىدىن دەۋالغان ، ھەمدە
باشقىلارنى يۈز مىليارد ئون مىليون يۈەن ئامانەتنى تالوننى ئويدۇرۇپ
چىقىرىشقا كۆرسەتمە بەرگەن .
يېقىندا
، جاۋابكار ۋاڭ چىلوڭ بىرىنچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەپىدىن ئالدامچىلىق
جىنايىتىنى سادىر قىلغان دەپ ئۈچ يىللىق ئاخىرقى سوت ھۆكۈمى چىقىرىلغان .
سودىگەر
لى ** نىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىچە ، ۋاڭ چىڭلوڭ ئۆزنى ھىندونېزىيىنىڭ پادىشاھ
جەمەت ئەزاسى ، ياۋروپادىكى ئۈچ چوڭ فوندنىڭ پايچىكى ، نۇرغۇن مەبلەغنى
باشقۇرىمەن دەۋالغان . ۋاڭ چىلوڭ يەنە ئۈچ پارچە جەمئىي يۈز مىليارد ئون
مىليون يۈەن ئامانەتنى تالوننى كۆرسىتىپ ، ئۆزنىڭ تۇلۇق بۇلغان مالىيە
كۈچىنى ئىسپاتلىغان .
يەنە
بىر گۇۋاھچىنىڭ ئېيتىشىچە ، ۋاڭ چىلوڭ يۈز مىليارد ئون مىليون يۈەن
ئامانەت تالوننى ئېلىپ ، ئۆزنى بانكىغا بېرىپ كاپىتال ئىناۋەت ئىسپاتى
بېجىرىپ بېرىشكە ياردەملىشىشنى ، ئىشنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئۆزىگە
100مىليون يۈەن ھەق بېرىشكە ۋەدە بەرگەنلىكىنى ، لېكىن 2010-يىلى 5-ئاينىڭ
31-كۈنى ، ئۇ ۋاڭ چىلوڭغا ھەمراھ بولۇپ سودا سانائەت بانكىسىغا كاپىتال
ئىناۋەت ئىسپاتى ئېلىشقا كەلگەندە ، ساقچىلارنىڭمۇ كەلگەنلىكىنى ، ھەمدە
پۇل ئامانەت چېكىنىڭ ساختىلىقىنى دېگەن .
ۋاڭ
چىلوڭ ئەيىبلەنگەندىن كىيىن ئۆزنى ئاقلاپ ، ئۈچ پارچە ئامانەت چېكىنى
ئۆزنىڭ باشقا شېرىكى بىلەن بېجىرگەنلىكىنى ، ئۆزنىڭ چەكنىڭ راستلىقىغا
ئىشىنىدىغانلىقىنى ، شۇڭا بانكىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ باقمىغانلىقىنى ئېيتقان .
سوت
مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە ، 2008-يىلىدىن 2010-يىلغىچە بۇلغان
ئارىلىقتا ، ۋاڭ چىلوڭ ئۆزنى پادىشاھ جەمئىيەتنىڭ ئەزاسى دەۋېلىپ ،
يالغاندىن ئويدۇرۇلغان باش بانكا ھېسابات بۆلمىنىڭ ھۆججىتىنى ئىشلىتىپ ،
جەمەتنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى بانكىدا نۇرغۇن ئامېرىكا دوللىرى ۋە خەلق پۇلى
ئامانىتىنى بارلىقىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ ، باشقىلارنى يۈز مىليارد ئون
مىليون يۈەن ئامانەتنى تالوننى ئويدۇرۇپ چىقىرىشقا كۆرسەتمە بەرگەن .
ئۇندىن
باشقا ، سوت مەھكىمىسى يەنە تەكشۈرۈپ ، 2008-يىلى 12-ئايدىن
2009-يىلى3-ئايغىچە ، ۋاڭ چىلوڭ خان جەمەتنىڭ نۇرغۇن مەبلىغى بار ، مەبلەغ
سېلىشىڭغا ياردەم بېرىمەن ، لېكىن مەبلەغنى بانكا توڭلىتىۋەتكەن ،
توڭلىتىشنى بىكار قىلىشقا مەبلەغ كېتىدۇ دەپ شاۋ ** نىڭ 10مىڭ يۈەن پۇلىنى
ئالداپ ئېلىۋالغانلىقىنى ئېنىقلىغان