ئاپتونۇم رايونىمىز 7194نەپەر مەمۇر قوبۇل قىلىدۇ
"جوڭخۇا خەلق جومھورىيتى مەمۇرلار قانۇنى"،"شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ مەمۇرلارنى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخا )" نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، ئاپتونۇم رايونلۇق تەشكىلات بۆلۈمى ، ئاپتونۇم رايونلۇق ئەمگەك -ئىجدىمائى كاپالەت نازارىتى جەمىيەتتىن ئاشكارا 7194 نەپەر مەمۇر قوبۇل قىلىدۇ . بۇ قېتىم قوبۇل قىلىندىغان ئورۇنلار ئاساسلىقى ۋىلايەت ئوبلاسىت ، ناھىيە شەھەر ، يېزا-بازارلاردىكى مەمۇرلۇق قانۇنى بويىچە باشقۇرۇلىدىغان ئورۇنلار .
قوبۇل قىلىش دائېرىسى
1. شىنجاڭ نوپۇسىدىكى ، شىنجاڭدا توغۇلۇپ ئۆسكەن (قىسمەن ئورۇنلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىنى ئەسكەرتىشتىن كۆرگەيسىز) ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ھەمدە پۈتكۈزۈش ئالدىدا تۇرۋاتقانلار .
2. پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئالى مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئىچكىردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئالى مەكتەپ ئوقوغۇچىللىرى .
3.ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشقان ئاساسى قاتلامغا مۇلازىمەت قىلغۇچىلار . غەربى رايون پىدائىللىرى ۋە "ئۈچنى يۆلەپ بىردە يار يۈلەك بولغۇچىلار" قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
4.ئاپتونۇم رايون تاللاپ ئاساسى قاتلامغا ئەۋەتكەن كادىرلارنىڭ جۆرىللىرى .
5. شىنجاڭ نوپۇسىدىكى خادىملارنىڭ جۆرە پەرزەنىتلىرى .
ئىمتىھان تەپسىلى ئورۇنلاشتۇرىشى تۆۋەندىكىچە :
2011-يىللىق شىنجاڭ مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرىشى
|
قوبۇل قىلىدىغان ئادەم سانى:7194
|
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى :2011-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى
|
تىزىملىتىش ۋاقتى:4-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 10:00دىن 4-ئاينىڭ 16-كۈنى 18:30غىچە
|
توردا پۇل تاپشۇرۇش ۋاقتى: بىكىتىلىۋاتىدۇ
|
ئىمتىھانغا قاتنىنىش كىنىشكىسىنى چۈشۈرۋېلىش ۋاقتى:بىكىتىلىۋاتىدۇ
|
يۈزتۇرانە ئىمتىھان ۋاقتى 7-ئاينىىڭ 18-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە
|
يېزىقچە ئىمتىھان ۋاقتى:5-ئاينىڭ 7-8-كۈنى
|
نەتىجە سۈرۈشتۈرۈش ۋاقتى: بېكىتىلىۋاتىدۇ
|