مەڭگۈلۈك ھەسرەت (4)
15- مارت ( دۈشەنبە )
توۋا ، يۈرىكىم خۇددى ئۇنىڭ كۆكرەك قەپىزىدە سوقۇۋاتقاندەك، قەلبىمنى ئۇنىڭكى بىلەن چىرماپ تېڭىۋەتكەندەك نېمانچە سەگەك ؟ راستىنلا باغرىم تۇيغانىكەن. راستىنلا ئۇنىڭ تويى بوپتۇ، توي!
شۇ تاپتا پىراكتىكىدىن قايتىپ ، كانكۇلغا كەلگەن ۋاقتىمدا يۈز بەرگەن< يىزىشنى خالىمىغان ھەم پېتىنالمىغانىدىم > بىر ئىش ئېسىمگە كىلىپ قالدى.
مەن مەكتەپكە ماڭغان ساۋاقداشلىرىمدىن ئايرىلىپ ، ئائىلەمگە بارىدىغان بىكەتتە ماشىنىدىن چۈشۈپ قالدىم. ئۇلار دېرىزىدىن باش- قوللىرىنى چىقىرىپ پۇلاڭلاتقىنچە كېتىپ قېلىشتى. كۇن قايرىلغان چاغ، كوچا ئاپتۇبۇسلىرىمۇ، كىرا ھارۋىلىرىمۇ، كۆرۈنمەيىتتى. ئەستا ! قانداق كىتەرمەن؟ قورقۇپ تۆت ئەتراپىمغا قاراشقا ئەنسىز قاراپ قويدۇم، شۇ ئەسنادا كۆزلىرىم تۇيۇقسىز مەندىن ئون مېتىرچە يىراقلىقتا چېكىتتەك تىكىلىپ تۇرغان بىر جۈپ كۆزدە قېتىپ قالدى. خاتا كۆرمەيۋاتقاندىمەن ؟ ئۇ نەدىن پەيدا بولدى؟
- ياخشىمۇسىز؟
-ياخشىمۇسىز ؟
يۈرىكىمنىڭ شۇنچە تېز سوقۇپ، ئۆزۈمنى قولۇمغا ئالالماي تۇرۇۋاتقىنىمغا قارىماي ئاۋازىم پەقەتلا تىترىمىدى . غەزەپتىن مەڭزىلىرىممۇ ئوت ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ. لىكىن ھېسياتىمنى زورىغا بېسىپ نېرۋىلىرىمنى ئاستا-ئاستا ئورنىغا چۈشۈرۋالدىم. ئۇنىڭ ئالدىدا ھەرگىز چاندۇرماسلىقىم كېرەك. ھازىر ئۇنىڭغا تېگىشلىك ئەڭ مۇۋاپىق جاۋاپ ----- پەرۋاسىزلىق . شۇلا مېنىڭ غورۇرىمنى ساقلاپ قالالايدۇ.
ئۇ ئالدىمدا كۆزلىرىمگە تىكىلگىنچە كۈلۈپلا تۇرىدۇ . يەنىلا شۇ سېھىرلىك ئالدامچى كۈلكە، شۇ نۇرلۇق، ھاياسىز كۆزلەر ، ئۇ نىمە دىگەن ئۇيالماس - ھە!
چىرايىدا ئازراقمۇ خىجىللىق ، يۈز كېلەلمەسلىك ئىپادىسى يوق . باشقىلارغا تالاي قېتىم سۈبھىنى ياخشى كۆرىمەن ، لېكىن ئۇنىڭغا يۈز كېلەلمەيمەن دېگىنىنى ئاڭلىغان . بىراق......بەلكىم ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش ئارتىسلىق قىلىۋاتقاندۇ ياكى شۇ ئوۋچى كۆزلىرى بىلەن مېنى ئازدۇرماقچىدۇر ....
- ھەقىقەتەنمۇ قالتىس ئۇچرىشىش بولدى ، ئەمدى يەنە ئىككى -ئۈچ كۈن كېچىكىپ ماڭىدىغان بولدۇم-دە،--دېدى ئۇ سۆز ئاخىرىدا مۇغەمبەرلەرچە كۈلۈپ.
مەن ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەنىدىم ، لىكىن پەقەتلا گەپ قىلغۇم كەلمدى . قېشىمنى يەڭگىل ئۇچۇرۇپ ، پىسەنت قىلمىغاندەك ئۇنىڭغا لەپپىدە قاراپ قويدۇم-دە، بۇرۇلۇپلا ماڭدىم.
-سومكىنى ۋېلىسپىتكە ئارتىۋالامسىز ؟
-رەھمەت، ئېغىر ئەمەس .
مەن بېشىمنى تىك تۇتۇپ، ئالدىمغا قاراپ مېڭىۋەردىم. ئۇنىڭدىن تېزراق يىراق كېتىشنى ، چىرايىغا قارىماسلىقىنى خالايتتىم . ئۇ مېنى تۇنجى كۆرىۋاتقاندەك ياكى كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيۋاتقاندەك پات- پات چىرايىمغا قاراپ قوياتتى.
ئارقامدىن كېلىۋاتقان ئاتنىڭ تۇياق ئاۋازى بىلەن يەڭگىل قوڭغۇراق ساداسىنى ئاڭلاپ ئورنۇمدا توختىدىم.
- سۈبھى ئەتە بىر كۆرۈشەيلى بولامدۇ!؟--دېدى ئۇ جىددىيلىشىپ.
- مېنىڭچە زۆرۈريىتى يوق .
- ئۇنداق دېمەڭ ، سۈبھى . نېمىلا بولسۇن بىز بىر ئوبدانراق بىر پاراڭلىشايلى .
-بەرىبىر ، ياخشىسى ، ۋاقتىدا كېتىۋېلىڭ، خۇش !
- سۈبھى !
مەن يەڭدىم . ئاخىرى مۇشۇ زۆرۈرىيىتى قالمىغان ، كېچىككەن پۇرسەتتە بولسىمۇ ئۇنىڭ ئالدىدا غالىپ كەلدىم، سېھىرلىك كۆزلىرىگە ئالدانمىدىم ، ئېرىپ يۇمشىمىدىم. ئەكسىچە ئۇ ھەيرانلىق ھەم خورلۇقتىن نېمە قىلارىنى بىلمەي قېلىۋىدى ، مەن بۇنىڭدىن ھۇزۇرلاندىم . دىمىسىمۇ مەن تارتقان خورلۇقلار ئالدىدا بۇ قانچىلىك گەپتى ؟
مەن ئاخىرى سېنىمۇ، ئۆزۈمنىمۇ يەڭدىم. سېنىڭ خىيالىي ئارزۇلىرىڭنى ، ئۆزۈمنىڭ تەلۋە ھېسياتىمنى يەڭدىم . توغرا ، مۇھەببەتكە ئەرزىمىگەن ئادەم نەپرەتكىمۇ ئەرزىمەسلىكى كېرەك.
مەن ھازىر ئۇنى ئەڭ يامان گەپلەر بىلەن نەچچە كۈن تىللىۋالغاندىنمۇ ئارتۇق پۇخادىن چىقتىم . ئۇ ئەمدى ماڭا ئىككىنچى بۇ توغرىسىدا گەپ قىلماس بولىدۇ.
لېكىن مەن يەڭگىل ئويلاپتىمەن ، شۇ ئىش بولۇپ ئۈچىنچى كۇنى كۈتمىگەن يەردىن ئۇ بىر پارچە خەت كىرگۈزۈپتۇ . خەت قىسقىلا يېزىلغان ئىدى:
( سالام، سۈبھى !
ماڭا قىلغان مۇئامىلىڭىز كۆڭلۈمدىن چىقمىغۇدەك زەربە بولغانىدى ، شۇنداقتىمۇ چىشىمنى چىشلەپ بۇ خەتنى يېزىۋاتىمەن . بۇ ئاخىرقى ئىلتىماسىم--- مەن سىز بىلەن قەتئىي كۆرۈشۈشۈم كېرەك. ئەگەر يەنە چۈشەندۈرىشىمنى خالىمىسىڭىز ، مەن ئامالسىز شۈ ئارزۇيىڭىز ، گۇمانىڭىز بويىچە ئىش كۆرۈشكە مەجبۇر بولىمەن ، بىراق ئېسىڭىزدە بولسۇن ، مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن)
ئىختىيارسىز خەتنى سىقىمدىغىنىمچە ئولتۇرۇپ قالدىم . بىر يەرلىرىم تارتىشقاندەك قىلاتتى ، ياق ! كۆرۈشەلمەيمەن . سېنىڭ بۇ سۆزلىرىڭ مېنى ئەمدى ئالدىيالمايدۇ . قولۇمغا قەلەم ئالدىم .
( سالام سىزگە !
مېنى كەچۈرۈڭ ئىلتىماسىڭىزنى قوبۇل قىلالمايمەن . چۈشەنسىڭىز، بىز يۈرۈشتىن بۇرۇن ئىلگىرىكى تارىخىڭىزنى تىلغا ئالماي ئۆتكۈزىۋەتكىنىمنىڭ ئۆزىلا سىز ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ كەچۈرۈم ئىدى. لېكىن سىز بۇنى بىلمىدىڭىز . مەن ناھايىتى كۆپ ئويلىنىپ مۇشۇ قارارغا كەلدىم . بىز جىمجىتلا ئايرىلىپ كېتەيلى . گەپ تەگەشسەك ھەر ئىككىمىزگە ، بولۇپمۇ سىزگە ياخشى ئەمەس . مەن سىزنى ئوبدان چۈشىنىمەن . سىز ئەيىپنى قەتئى بوينىڭىزغا ئالمايسىز . مېنى ياخشى كۆرگىنىڭىز قىسمەن راستتۇ، لېكىن سىز ھەر قانداق قىزنى ماڭا ئوخشاشلا ياخشى كۆرەلەيسىز . شۇڭا مېنى تېز ئۇنتۇپ كېتەلەيدىغانلىقىڭىزغا ، مەنچىلىك ئازاپلانمايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنمەن.
مەن سىزنى شۇنچىلىك ئەقىدەم ، ئىشقىم بىلەن سۆيگەن ئىكەنمەن ، سىزدىنمۇ ھىچ بولمىسا سەمىمىيلىك تەلەپ قىلىشقا ھەققىم بار . لېكىن گۈل بىرىپ گۈل ئالالمىدىم. خەير ، بۇمۇ تەقدىر ، مەن يەنىلا سىزگە بەخىت تىلەيمەن . بىراق ئېغىر كەلسىمۇ ئېيتاي ، مېنىڭ يېشىم قۇرىماي تۇرۇپ سىزگە بەخت نىسىپ بولمايدىغاندەك ، سىزنى ئاخىرى مېنىڭ قىساسىم تۇتىدىغاندەك قىلىدۇ ، خۇش !
سۈبھى)
بىز مانا شۇنداق ئايرىلغانىدۇق . ئۇ ھەقىقەتەنمۇ مەن ئويلىغاندەك توي قىپتۇ .
11- ئاۋغۇسىت ( چارشەنبە )
ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئائىلىگە قايتىپ كەلگىلىمۇ بىر ئايدىن ئاشتى . تۆت يىللىق ستۇدېنتلىق ھايات ، تاتلىقلىقىدىن ئاچچىقى كۆپ مۇساپىر لىق كۈنلەرمۇ ئاخىرلاشتى . مۆكۈشمەك ئويناپ باغلارنىڭ بۇلۇڭىغا ئولتۇرۋالىدىغان ، گېتار چېلىپ ، ناخشا توۋلاپ ئۇخلىيالمايۋاتقان بالىلىققىمۇ خاتىمە بىرىلدى.
مۇشۇ بىر نەچچە ئايدىن بېرى ، ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىمتىھانى ھەم خىزمەت تەقسىماتىنىڭ غېمى بىلەن ئوبدانلا جۈدەپ قالدىم. ئەمما روھىي جەھەتتىن ئۆزۈمنى بۇرۇنقىغا قارىغاندا يەڭگىل سېزىۋاتىمەن .
تۈنۈگۈن ئۇنىڭ يېقىن دوستى--ساۋاقدىشىمىز قەيسەر ئۆيىگە دوستلارنى چاقىرغانىكەن . كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولغان قىزلار بىلەن پۇخادىن چىققۇچە مۇڭدىشىپتۇق .
تونۇش سورۇن ، تونۇش چىرايلار ، دوستانە كۈلكە - چاقچاقلار ، كۆڭلۈم كۆتۈرۈلۈپلا قالدى . ئىلگىرىمۇ مۇشۇ ئۆيدە ، مۇشۇ دوستلار قانچە قېتىم بىللە ئولتۇرغان . لېكىن ئۇ چاغدا ئۇ يېنىمدا بار ئىدى.
تونۇش سورۇن ، تونۇش مەنزىرە ،
تونۇش سىما كۆرۈنمەس بىراق .
غېرىپ سەزدىم ئۆزۈمنى تەنھا ،
دىلىم سۇنۇق ، ھېسلار قاغجىراق .
ئىشىنىمەن ، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ . خىزمەتكە چۈشسەم ، جەمئىيەتكە قوشۇلسام يېڭى دوستلىرىم ، يېڭىچە مۇھىتىم بولىدۇ . تۇرمۇشىمغا يېڭى- يېڭى مەنىلەر قوشۇلىدۇ . ھەممە ، ھەممىسى قايتىدىن باشلىنىدۇ.
23- سېنتەبىر ( جۈمە )
قۇربان ھېيىتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنلىرى.
خىزمەت تەقسىماتىم بىر تەرەپ بولماي ئىچ پۇشۇقىدىن ھېچ ئىش قىلغۇم كەلمەس بولۇپ قالدىم.
ئۆيدە ئۆزۈم يالغۇز ئولتۇراتتىم . بىر نەچچە دوستلىرىم كىرىپ كەلدى . ئۇنىمىغىنىمغا قويماي، ھېيتلىشىمىز دەپ زورلاپ ئىلىپ ماڭدى. بىز بىر نەچچە ئۆينى ھېيتلاپ ئىلھاملارنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە ئولتۇرۇپ قالدۇق.
- ھە... ئاغىنىلەر ، بۈگۈن تازا ئوبدان يىغىلىپتۇق ، ھاردۇقمۇ يەتتى . ئەمدىلا بىزنىڭكىدىلا كەچلەيلى ، قانداق ؟-- دېدى ئىھام ساھىبخانلىق سالاھىيىتى بىلەن.
- ياخشى گەپ .
-ھەي ، ئەتىگەندىن بىرى ئارىمىزدا غەيرەت يوق ، ئاۋۋال شۇنى تېپىۋالمامدۇق ؟
- ئۇنداق بولسا يۈرۈڭلار ، بىرىپ شۇنىلا يىقىتايلى.
مېنىڭ ئەمدى كەيپىم ئۇچۇپ ، ئۆيگە قايتىشتىن باشقىغا رايىم قالمىغانىدى. ھېچكىمگە تۇيدۇرماي قاچماقچى بولۇۋاتاتتىم . لېكىن ئۇلار مېنى تاشلايدىغاندەك ئەمەس.
-مىجەزىڭ يوقمۇ سۈبھى ؟
مەن ئۇلارغا يىقىنلاشقاندا ماھىنۇر ئىتتىك ئالدىمغا كېلىپ چېرايىمغا سىنچىلاپ قاراپ كەتتى.
-ھەئە ئۆيگە كېتەيمىكىن دەيمەن .
- خالۋەر ئارىمىزدىن يۈتكەندىن بېرى ، سېنىڭ مىجەزىڭ يوقاپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى ، بىزدىن بۇنداق قاچما ، سۈبھى .
ئىلھامنىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ قىلغان چاقچىقى جان- جىنىمدىن ئۆتۈپ كەتتى.
يەنە سەۋەپ كۆرسىتىشنىڭ ئورنى قالمىدى ، خالمىساممۇ باراي ، بۇنداق چېقىۋىلىشلارغا چىدىغۇچىلىكىم يوق. ماھىنۇر ئەمدى قولتۇقلىۋالدى.
-ئۇ كەپتىكەن ، ئاڭلىدىڭمۇ؟--ئۇزۇن جىملىقتىن كېيىن ئاستا سورىدى ئۇ.
مەن بېشىمنى ھالسىز لىڭشىتىپ قويدۇم.
-تۈنۈگۈن كەچ ئۇچىرىغاندى. بۈگۈن قايىتماقچىكەن.
-كېتىپتىما؟!--ئىڭرىغاندەك چىققان ئاۋازىمدىن چۆچۈپ كەتتىم. ئۇمۇ سەزدى بولغاي، لەپپىدە قارىۋىدى، قىزىرىپ كەتتىم- كەتسە كەتمەمدۇ .
-تېزراق ماڭايلى، ئۇلار بىزنى ساقلاپ قاپتۇ،-- ماھىنۇر مېنى تۇرتتى.
باشقىلار ئىشىك ئالدىدا بىزگە قاراپ تۇرغانىكەن . . غەيرەت ئۇلار بىلەن كۆرۈشىۋېتىپتۇ .
-كېلىڭ سۈبھى ، سىزنىمۇ كۆرگىلى بولىدىكەن - ھە ؟--دېدى ئۇ ئىتتىك ئالدىمغا كېلىپ ،--سىزنى ئىزدىمىگەن يەر قالمىدى . ئۇ سىزنى ساقلاپ ئولتۇرغىلى نەۋاق.
يۈرىكىم ئاغزىمغا تىقىلدى ، كۆزلىرىمدىكى شادلىقنى مەغرۇر كۈلكەم بىلەن يوشۇردۇم، ئۆيگە كىردۇق. ئۇ ئۇدۇلدىكى دىۋانىدا ئىشىككە قاراپ ئولتۇرغانىكەن ، كۆزلىرىمىز ئۇچىرىشىشى بىلەن تېنىم جۇغۇلداپ كەتتى ، ئولتۇرۇپ بىر ھازاغىچە ئۇنىڭ ماڭا مىقتەك قادىلىپ قاراۋاتقانلىقىنى سېزىپ ئولتۇردۇم .
- سېنى بۈگۈن ماڭىدىكەن دەپ ئاڭلىۋىدۇققۇ؟-- پاراڭنىڭ تېمىسى ئۇنىڭغا يۆتكەلدى، لېكىن نېمە دەپ جاۋاب بەرگەنلىكى قۇلۇقۇمغا كىرمىدى.
-قاچان كەلگەنتىڭىز؟--سورىدىم ئۇنىڭدىن پەرۋاسىز ھالەتتە. توۋا ئاۋازىممۇ بۆلەكچە يېقىملىق، ھەمملا يېرىمدىن كۈلكە---غالىپ كۈلكە يېغىپ تۇرىدۇ.
- بىر ھەپتە بولدى،-- ئۇ جاۋاپ بەرگەچ يېنىمغا كەلدى --ئۆزگىرىپ كېتىپسىز- دېدى ئۇ خۇرسىنغاندەك قىلىپ.
- سىزمۇ ئۆزگىرىپسىز--مەن ئۇنۇڭغا كۆزۈمنى قىسىپ تاتلىققىنە كۈلۈپ قويدۇم . ئۆزۈممۇ ھەيران . مېنىڭ ھېچقاچان بۇنداق ھۈنەرلىرىم يوق ئىدى. شۇ تاپتا ئەسلىدىكى سوغۇققان ، تەمكىن سۈبھىگە ئوخشىماي قىلىۋاتاتتىم. ئۇ مېنىڭ يۈرىكىمنى ئوۋلىماقچى بولغاندەك ، گىتارنى قولغا ئېلىپ < ئۇنۇتما > دېگەن ناخشىنى ئېتىشقا باشلىدى .ئۇ ئىلگىرىمۇ دائىم مۇشۇ ناخشىنى ئېيتاتتى، مەن بولسام ئۆزۈمنى مەغرۇر ، پەرۋاسىز تۇتۇپ ئولتۇرىۋەردىم. قىززىق ئۇنى كۆرمىسەم زارىقىمەن ،كۆرسەملا قاتىمەن. بۇ زادى نىمە ئىش. ئۇنىڭغا ئەڭ مۇۋاپىق ياخشى جاۋاپ مەنسىتمەسلىك، سۈكۈت........