مەڭگۈلۈك ھەسرەت (2)
- كۈنى جاۋاب تېلېگرامما كەلدى.
- ئۇ بۈگۈن يولغا چىقىپتۇ ، سۈبھى . ئايروپىلان سائەت بىر يېرىمدا كېلىدىكەن . ماشىنا بىلەن ناھىيىگە ئۈچ سائەتتە كېلىدۇ . مەن شۇ چاققا ئۈلگۈرۈپ ئۇنىڭ ئالدىغا باراي.
مەن ئۇنىڭ مۇشۇ جاۋابنى كۈتۈپ قانچىلىق بىتاقەت بولىۋاتقانلىقىنى بىلەتتىم. ئۇ كۆزۈمگە باشقىچە روھلىنىپ قالغاندەك كۆرۈندى.
- ئېسىڭدە بولسۇن، نادىيە، بۇ ئىشلارنى پۈتۈنلەي ئۆزۈڭ ئورۇنلاشتۇرغان بول .
- ھە، بىلىمەن.
بېكەتكە كېلىپلا ئۆزۈمنىڭ چوڭ بىر ئىشنى چالا قىلغانلىقىمنى بىلدىم. ئۇياقنىڭ بىرەر پارچە سۈرىتىنىمۇ كۆرۈپ باقمىغان تۇرسام. قانداق قىلارمەن ؟ بۈگۈن يەكشەنبە بولغاچقا، شەھەرگە كىرىپ چىقىۋاتقان يولۇچىلارنىڭ كۆپلىگىدىن بېكەت ئادەتتىكىدىنمۇ بەك مالىماتاڭ ئىدى. بىر سائەتكە يېقىن ساقلىدىم ، كەچ كىرىپ قېلىۋاتقان بولسىمۇ، تەپتى كەتمىگەن تومۇز ئىسسىق جېنىمغا تەگكىلى تۇردى، ئەستا ! سۈبھىمۇزە ...... شۇ ئەسنادا سىرتتىن چاڭ كۆتۈرۈپ بىر ئاپتوبۇس كىرىپ كەلدى. ئورنۇمدىن قوزغالماستىن ئاپتوبۇستىن چۈشۈۋاتقانلارغا سىنچى كۆزلىرىم بىلەن بىر- بىرلەپ قاراپ چىقتىم...... ھىچقايسىسى ئەمەس . ھەي ، ياق ، ئەنە . چوقۇم شۇ ! پارقىراق ئاياق، قارا كۆك شىم ، ئاپپاق كۆڭلەڭ ئۈستىگە گالاستۈك تاقاپ، ئەپچىلگىنە سومكا كۆتۈرىۋالغان قامەتلىك گەۋدە . تۇرقىدىن ھېچ بىر يول يۈرگەندەك، توپا - چاڭغا يولۇققاندەك ئەمەس ، ئۇنىڭدىن ئەركەكلەرگە خاس جۇشقۇنلۇقمۇ، مۇلايىم نازۇكلۇقمۇ يېغىپ تۇرۇپتۇ . نېمىشقىدۇر ئۆزەمنى ئىنتايىن چارىسىز قالغاندەك ھېس قىلدىم. ئۇنىڭدىكى ئاجايىپ جەلىپ قىلىش كۈچىنى راستىنلا ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايىتتىم. دەماللىققا گاڭگىرىپ ، ئۇنىڭ ئالدىمغىلا توختاپ قالغىنىنى سەزمەپتىمەن.
- كەچۈرسىز ، دوختۇرخانىغا قايسى يول بىلەن بارىدۇ ؟
ئۇنىڭ ئاۋازىدىمۇ ئاجايىپ بىر سېھرىي كۈچ بار ئىدى . ھەققىڭ باركەن ، سۈبھى، ئۇنى ياخشى كۆرمەي مۇمكىنمۇ ؟ دېگۈم كەلدى .
- سىز خالۋەرمۇ ؟- دېدىم مەن .
- ھەئە ، سىز.......
- مەن بىلەن يۈرۈڭ- مەن شۇنداق دەپلا ئالدىغا چۈشۈپ قالدىم . قەلبىمدىكى نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئورناپ كەتكەن ئاچچىق ، بۇ قېتىمقى تاساددىپىي گاڭگىراشتىن غالىپ كېلىۋاتاتتى . سەكراتتا ياتقان سۈبھى زادىلا كۆز ئالدىمدىن كەتمەيتتى.
- سىز نادىيەكەنسىز- دە ؟ماڭا تېلېگراممىنى سىز سالغانمۇ ؟- ئۇ ماڭا يېتىشۋالماقچى بولۇپ ، قەدىمىنى تېزلەتكەنچە سورىدى .
- ھىم - ئۈزۈك ھەم سوغۇق جاۋاب ئۇنى ئۇجۇقتۇردى بولغاي ، قەدىمى ئەسلىدىكى سۈرئەتكە چۈشۈپ قالدى، ئۇ بەلكىم كۆڭلىدە ھەممىنى چۈشەنگەندۇ ، قوپاللىقىمنىڭ سەۋەبىنى ئۆزى بىلىدۇ، سۈبھىدەك ئېسىل قىزنى ۋەيران قىلغان نامەردكە بۇمۇ ئاز تېخى ! شۇنىڭدىن كېيىن ئىككىمىز زۇۋان سۈرمىدۇق.
مەن ئۇنىڭ ئارقامدىن كېلىۋىتىپ بىر قانچە قېتىم ئېغىر خۇرسىنغىنىنى ئاڭلىدىم. كىم بىلىدۇ قىلىۋاتقانلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ قاقباشنىڭ خۇپسەنلىكلرىمۇ تېخى .
بىز سۈبھىنىڭ كارۋىتى يېنىغا كەلگەندە ئۇ يېڭىلا ئۇيقۇغا كەتكەنىكەن. بىچارە دوستۇم تەلمۈرۈپ زارىققان كۆزلىرىنى شۇنچە كۈنلەردىن بېرى تۇنجى قېتىم ئارمانسىز، خاتىرجەم يۇمۇۋاتسا كېرەك . مەن ئۇنىڭ ئۇيقۇسىنى بىمەھەل بۇزۇشنى خالىماي ، قانداق قىلىمىز ؟ دېگەندەك ياندىكى بۇرادىرىمگە قارىدىم . ئۇمۇ مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىنى چۈشەندى بولغاي:
- ئويغاتمايلى،- دېدى ئاۋازى ئارانلا ئاڭلانغۇدەك ئاۋازدا،- ئۇ.... ئۇ نېمە كېسەلكەن، دوختۇر نىمە دېدى؟---كارىدوردا بىر پەس جىم تۇرغاندىن كېيىن سورىدى ئۇ يىغلامسىرىغان ھالدا.
- يۈرۈڭ ، ئاشخانىغا كىرىپ كەچلىك تاماق يېگەچ پاراڭلىشايلى، سىزگە كۆرسىتىدىغان مۇھىم نەرسە بار ،- دېدىم مەن ئۇنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرمەيلا.
- تاماق يېگۈم يوق ، مۇشۇ يەردە كۆرسەم بولمامدۇ ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ، سۈ بھى ئويغىنىپ قالسا ... ئۇ ياتاق تەرەپكە ئايانچلىق كۆزلىرى بىلەن قىيالمىغاندەك قاراپ قويدى.
- ياق ، بۇ يەر بولمايدۇ، يۈرۈڭ .
بىز ئاستىنقى قەۋەتتىكى كۈتۈش ئۆيىگە كىردۇق . ئۆي خالى ئىدى . مەن چەت- چۆرلىرى كۆيۈپ سارغىيىپ كەتكەن ھېلىقى پۇچۇق خاتىرىنى ئۇنۇڭغا سۇندۇم.
ئۇ ماڭا لەپپىدە بىر قارىدى-دە، ئالدىراپ خاتىرە بېتىنى ئاچتى . مەن ئۇنىڭ ئارقىسىدا تۇراتتىم. بەلكىم بۇ خاتىرە ئۇنىڭغىلا خاس
، ئۇنىڭغىلا ئاتاپ يىزىلغاندۇ . مېنىڭ ئوقۇشۇم يولسىزلىقتۇر. بىراق مەن ئوقۇماي تۇرالمايتتىم . خەتلەر بىردىنلا كۆزۈمگە تەگسىز مۇڭ، چىدىغۇسىز ئازاپ ئۆرتىگەن بىر جۈپ ئاھۇ كۆزلەردىن دۇمىلاۋاتقان ياش ئۈنچىلىرىدەك ، خاتىرىنىڭ سارغايغان ، تىتىرەپ تۇرغان بەتلىرى دەل شۇ سىياقتا تولغىنىپ ياتقان بىچارە سۈبھىدەك كۆرۈنۈپ كەتتى.
خاتىرىنىڭ باشتىكى بىر قانچە بېتى ئاساسەن كۆيۈپ تۈگىگەنىدى . قالغان بەتلەرگە مۇنداق كەچمىشلار يېزىلغاندى:
< 24- ئۆكتەبىر ( چارشەنبە)
ئۇنىڭدىن خەت كەلمىگىنىگە بۈگۈن توپتوغرا ئىككى ئاي بولدى. ئىنتىزارلىق ئىچىدە خەت كۈتۈپ ئۆتكۈزگەن بۇ كۇنلەرنىڭ ھەر بىرىگە قانچىلىك كۈچلۈك سېغىنىش ، قانچىلىق ئېغىر ئىزتىرىپ سىڭگەنلىكىنى ئۆزۈممۇ ئېيتىپ بىرەلمەيمەن . ئىچىمدە چىدىغۇسىز بىر سىقىلىش، نەپىسىم بوغۇلۇپ ئۆپكەم ئۆرۈلۈپلا تۇرىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۇ باشقا بىرىنى تېپىۋالمىغاندۇ؟ دېگەن گۇمان كاللامغا كىرىۋىلىپ ، ئىچىم تىتىلداپ، ھە دېسىلا ئورۇنسىز چېچىلىدىغان بولۇپ قالدىم. تۇرۇپلا يەنىلا ئۆز-ئۆزۈمنى ئەيىپلەيمەن < نىمە ئانچە قىلىمەن ، بەرىبىر ئاز كۈندىن كېيىن ، تەتىلدە كۆرىشىمىزغۇ ، يەنە كېلىپ ئۇ ماڭا سىز ئۆزىڭىزگە قانداق ئىشەنسىڭىز، ماڭىمۇ شۇنداق ئىشىنشىڭىز كېرەك > دەپ تالاي قېتىم ئېيتقان ، ئەجەپمۇ گۇمانخوردە مەن!
ئەتىگەندىن بىرى كۆڭلۈم يېرىم ، يىغلىغۇملا كېلىپ تۇرىدۇ . چۈشتىن ئاۋالقى دەرىسلەرنىمۇ تولىمۇ تەسلىكتە ئاخىرلاشتۇردۇم . چۈشتە ھېچنىمە يېگۈم كەلمەي تۇرسىمۇ ، ياتاقتىكى قىزلارنىڭ زورى بىلەن ئازراق نەرسە يېگەن بولدۇم--دە ، كارۋىتىمغا چىقىپ بېشىمنى مەھكەم پۈركىگەنچە يېتىۋالدىم. ئازابلىق بىر تۇيغۇ يۈرىكىمنى مۇجۇپ ھالىمنى تېخىمۇ خارابلاشتۇرۋەتتى. قىزلار مۇزاكىرىگە چىقىپ كېتىپ ياتاق خالىي قالغاندا ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ، كىچىك ئۈنئالغۇغا ئۇ بەرگەن لېنتىنى سالدىم . مەن ئۇنى ئۇ قالدۇرغان ھەم مەن ئەڭ ياقتۇردىغان بىردىنبىر يالدامىسى. ئۇنى ئاڭلىسام ئاڭلىغۇم كىلىدۇ. ئۇ بارا - بارا دائىملىق ھەمراھىمغا ، ئۇنىڭ جانلىق سىماسىغا ئايلىنىپ قالدى. خۇشال بولغان چاغلىرىمدا ، مۇڭلىنىپ يىغا تۇتقان مىنۇتلاردا ئۇنى كۆرگەندەك ، ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك ھېسياتقا كەلتۈرىدىغان بۇ ئىزگۈ ئاھاڭدا ئۆزۈمنى بەزلەيمەن. ئۇ نىمىشقا خەت يازمايدىغاندۇ ؟ ماڭا رەھىم قىل خۇدا . ئۇنى ھەم بىزنىڭ مۇھەببىتىمىزنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلا.
21- نويابىر (جۈمە)
مانا يەنە بىر ئاي ئۆتۈپ كەتتى . پەقەتلا بەرداشلىق بىرەلمەي قېلىۋاتىمەن. يۈرۈكۈم بىر پاراكەندىچىلىكنى تۇيۇپ تۇرىدۇ . نەچچە كۈندىن بىرى ئۆزۈمنى تەكرارغا زورلاپ نېرۋىلىرىم ھارغىنلىقتىن ئېسىلىپ قالدى. قاپاقلىرىم ئىششىق ، قەدەملىرىمنى ئېغىر سۆرەپ ئەمدىلا سىنىپقا كىرىپ كېلىشىمگە كىمدۇر بىرى قولۇمغا بىر كونۋېرىتنى تۇتقۇزۇپ قويدى ، يۈرىكىم ئەنسىز دۈپۈلدەپ، خەت تۇتقان قوللىرىم تىترەپ كەتتى. خەت ئىمزاسىز بولۇپ پۇچۇركىسىمۇ ناتونۇش ئىدى. كۆڭلۈم ئۇيۇپ خېلىغىچە ئەسلىمگە كېلەلمىدىم . بۇ كونۋىرىت ئاللىقانداق شۇملۇقنىڭ بىشارىتىدەك ئىچىمنى ئاچچىق قىلىۋەتكەن پۈتكۈل تۈگۈن ئۇنىڭ ئىچىدە يېيىلىپ ياتقاندەك بىلىنىپ كەتتى.
- ئەجەپ تاتىرىپ كەتتىڭغۇ، سۈبھى ؟ كىمدىن كەپتۇ ؟- يىنىمدا ئولتۇردىغان دوستۇم مېنى يىنىك تۈرتۈپ قولۇمدىكى خەتكە بويۇندىدى . مەن شۇ چاغدىلا ئىسىمگە كىلىپ. خەتنى تېزلىك بىلەن سومكامغا سېلىۋەتتىم . چۈنكى ئۇنى ئېچىشتىن قورقىۋاتاتتىم. يەنە كېلىپ كېيىنكى سائەتتە ئىمتىھان بار. ئۆزۈمنى رۇسلاپ قولۇمغا قەلەمنى ئالدىم. بىراق كۆزلىرىم تورلىشىپ، كۆرىۋاتقىنىم دەرىسلىك ئەمەس، دەل كۆڭلۈمدە كېچىۋاتقان قالايمىغان ، ئەنسىز خىياللارنىڭ تىزمىسىدەك تۇيۇلۇپ گاراڭ ھالەتتە بىر چاغلارغىچە ئولتۇردۇم. ئاخىرى قولۇمنى سومكامغا سالدىم . تۇيۇقسىز چېلىنغان قوڭغۇراق ئاۋازىدىن دىڭڭىدە چۆچۈپ، ئىختىيارسىز ئىشىككە قارىدىم. كومىسيىلەر قوللىرىدا سۇئال كۆتۈرگىنىچە كىرىپ كېلىۋاتاتتى. سۇئاللارغا نېمە دەپ جاۋاب بەرگىنىمنى بىلمەيمەن، بىشىمنى كۆتۈرمەي ، توختىماي يىزىپ بارماقلىرىم تالغاندا بىراق توختىدىم.
بىرىنچى بولۇپ قەغەز تاپشۇردۇم . قولۇمدا مىڭ پاتمان ئېغىرلىقتىكى كونۋىرىت سىقىمداغلىق تۇراتتى. ئىشىكتىن چىقىپلا ئۇنى ئاچتىم.
ئاھ ! پۈتۈن بىنا چۆرگىلەپ بېشىمغا يىقىلىۋاتقاندەك تۇيۇلۇۋاتىدۇ. قۇلاق تۈۋىمدە ھەرە غوڭۇلدىغاندەك يېقىمسىز بىر سادا ئاڭلانغاندەك بولدى:
< ... بىز توي قىلىشقا پۈتۈشتۇق. مەن سىزگە يۈز كېلەلمەيمەن. ئالدىڭىزدا تولىمۇ خىجىلمەن . بىراق ماڭىمۇ ئامال يوق . بىزنى كەچۈرۈڭ >
ياتاققا قانداق كىرگىنىمنى بىلمەيمەن. كارۋاتقا ئۆزەمنى ئېتىپ پۈتۈن بىنانى بېشىمغا كىيگۈدەك قاتتىق يىغلاپ كېتىپتىمەن . شۇ تۇرقىدا ئېلىشىپ قالغان ئادەمگىلا ئوخشىدىم . ئاھ ! رەھىمسىز تەقدىر، ئاخىرى خاراپ قىلدىڭغۇ مېنى ! مېنىڭ شۇنچە يىلدىن بۇيانقى ئەقىدە ، ئىشەنچىم مۇشۇ جاۋاب ئۈچۈنمىدى؟!
ئالدىنقى ئاخشىمى بىر چۈش كۆرگەن ئىدىم . چۈشۈمدە " ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى قەيسەردىن < خالۋەر ئۆلۈپ كەتتى > دەپ خەت كەپتۇدەك . يەنە تۇرۇپ ئۇنى بىر كېسەل دېگۈدەكمەن . ئۆزۈمنى يەرگە ئېتىپ بوغۇلۇپ يىغلىغانىىدىم " مانا بۈگۈن راستىنلا يىغلاۋاتىمەن . ئۇ ئۆلدى . مېنىڭ قەلبىمدىكى ئۇ ئىنسان راستىنلا مەڭگۈگە كۆز يۇمدى . ئەي خۇدا ، ماڭا مەدەت قىل ، ئۇنى مەندىن بىسوراق يىراق ئېلىپ كەت، ئىككىنچى كۆرسەتمە !