باش بەت / ساقلايمەن

مەڭگۈلۈك ھەسرەت (3)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-9 06:28 | ئاپتور: نالە | مەنبە: تارىم ژورنىلى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

ئىچىم ئاچچىققا توشۇپ كەتتى، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم پۇشايمان ئازابىدا ئۆرتىنىپ، يۈرىكىم ئەلەم ئامبۇرىدا قىسىلىۋاتقاندەك مۇجۇلۇپلا تۇرىدۇ. مېڭەم قۇپقۇرۇق ، ئازغان ئادەمگە ئوخشاش ھەممىگە ھاڭۋېقىپلا يۈرىمەن . باشقىلارغا چىش يىرىپ ئىختىيارەن گەپ قىلىپ باقمىغىلىمۇ نەچچە ۋاقىت بولدىكىن ؟
بۈگۈن ئۇنىڭ بىر پارچە خېتى قولۇمغا تەگدى. ئىختىيارسىز پۈكۈلگەن ئالقانلىرىم ئارىسىدا مىجىلىپ جۇلۇقى چىقىۋاتقان بۇ نومۇسسىز خەت نەچچە كۈنلەردىن بېرى تىنىپ بوغۇلۇپ قالغان ، تۇنجۇقۇپ ئۆلەيلا دەپ قالغان غەزەپ - نەپرەتلىرىمنى بىر يولىلا قۇترىتىۋەتتى. چىشلىرىم كىرىشىپ ، ئۆزۈمنى باسالماي قالدىم . بۇ ۋاپاسىز خائىننىڭ خېتىنى جەھلىم بىلەن ئىككىگە بۆلدۈم. ئۇنى تىتما- تىتما قىلىۋەتكۈم كەلدى، دەسسەپ چەيلىگۈم كېلەتتى. بىراق تېنى ئىككىگە بۆلۈنگەن بۇ ئېتىبارسىز قەغەزگە قاراپ يەنە توختاپ قالدىم. خەيىر ، بۇنىمۇ كۆرۈپ باقاي . يەنە قانداق ئويۇنلىرىڭ باركىن ؟ بەلكىم سىنىڭ ماھىيىتىڭنى، نەيرەڭۋازلىقىڭنى ماڭا يەنە بىر قېتىم ئاشكارلاپ بېرەر.

<.... ئاۋۋال سىزدىن كەچۈرۈم سورىۋالاي، مېنى ئەپۇ قېلىڭ سۈبھى ! خېتىڭىزگە ۋاقتىدا جاۋاپ قايتۇرالمىدىم. چۈنكى كونا ئاشقازان ئاغرىقى مېنى بۇ يىلمۇ ساق بىر ئاي بالنىستتا ياتقۇزدى ... سىزنى بىر مىنۇتمۇ سېغىنماي ، ئەسلىمەي ئۆتكىنىم يوق. ماڭا ئىشىنىڭ جېنىم ، مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن ! ئۆزىڭىزگە قانداق ئىشەنسىڭىز ماڭىمۇ شۇنداق ئىشىنىڭ ، پات ئارىدا دىدار كۆرىشىدىغان بولدۇق . مەن بۇ يىل قىشلىق كانىكۇلدا ئۆيگە قايتىش نىيىتىگە كېلىۋاتىمەن، سىزنى قانچىلىك كۆرگۈم كەلگىنىنى شۇ چاغدا دەيمەن.
خەيىر ، مېنىڭ يامانلىغاق ، سۆيۈملۇك مەشۇقۇم ! سىزنى باغرىمغا بېسىپ : 
                                                                                                                                             خال >

ئىختىيارسىز كۈلۈپ تاشلىدىم ، دەسلەپتە بۇ ئويۇن ماڭا راستىنلا تولىمۇ كۈلكىلىك تۇيۇلۇپ كەتتى . مۇبادا بۇ خەت بىرەر ھەپتە ئىلگىرى كەلگەن بولسا ، بەلكىم كۆزلىرىمگە سۈرتۈپ شادلانغان ، ئاغرىق ياتقىنىغا ئىچىم ئاغرىپ ياش تۆككەنمۇ بولاتتىم ( بۇنىسى ئىنىق ئىدى ) ئەمما ھازىر بۇ مەن ئۈچۈن ئەھمىيەتسىز ، كېرەكسىز قۇرۇق قەغەز ، خالاس . بىر ھەپتە ئاغرىپ ياتقىنىڭدا ھېلىقى سەۋدايىنىڭ بېشىڭدا پەرۋانە بولۇپ كۈتكەنلىرىنى ئاڭلىغانمەن . لىكىن بۇ ئەمدىلىكتە سېنىڭ ئاغزىڭدا بىر ئايغا ئۇزىراپ ، چۈشكۈن مۇھەببەتنىڭ چاكىنا كۆرۈنۈشلىرىگە پەرۋانە بولۇپ يۈرگەن چاغلىرىڭ كېسەل كارۋىتىدا مېنى ئەسلەپ ئۆتكەنگە ئايلىنىپتۇ . ھۇ ساختىپەز ! مېنى كەچۈرۈڭمىش تېخى، بىلىپ قوي ، سىنى ئۆلسەممۇ كەچۈرمەيمەن . مەن باشقىلارنىڭ ھەر قانداق ئەيىبىنى ئەپۇ قىلالىساممۇ، لىكىن ساداقەتسىزلىكىڭنى ، مۇھەببەتكە - دۇنيادىكى ئەڭ بۈيۈك ، ئەڭ نازۇك ھېسىياتقا قىلغان خىيانىتىڭنى كەچۈرەلمەيمەن . سەن ئەمدى مەن ئۈچۈن ئەبەدىي تىرىك مۇردا، ۋىجدانسىز..... خىيانەتچى !
مەن ئۇششاقلانغان بىر سىقىم قەغەز پارچىسىنى دېرىزدىن پەسكە قارىتىپ ئۇچۇردۇم . ئۇلار قاراڭغۇ ھاۋا بوشلۇقىدا قار توزىغان ئۇچقۇنلىرىدەك لەيلەپ ئاستا -ئاستا پەسكە چۈشۈپ كۆزۈمدىن غايىپ بولدى.
مۇشۇ كۈنلەردە ئۆزۈمنى خىلى تۇتۇۋالدىم . بىر چاغلاردىكى بالىلارچە قىلىقلىرىم ، ساددا يەڭگىلتەكلىكىمدىن ئەسەرمۇ يوق . چۈش كۆرۈپ ئويغانغاندەك ، بىراقلا ئون ياش چوڭىيىپ ئەقلىمگە توشقاندەك ئەتىراپىمغا باشقىچە نەزەر بىلەن سوغۇققان ، ئىھتىياتچان قارايدىغان بولۇپ قالدىم . بەزىدە ئۆز- ئۆزەمگە ئىشەنمەي قالىمەن . ماڭا ئەقىل ھەم ئىدىراكنى بەرگەن ئۇستازىمغا رەھمەت ئېتقۇم كېلىدۇ ، ئىشقىلىپ مەن ھازىر قايغۇرماسلىقنى ، پەرۋاسىز بولۇشنى ئۆگۈنىۋالدىم . نەپرەت ۋە بىزارلىق ئۇنتۇشنىڭ دورىسىكەن. تەقىبلەنگەن خىيالىم ئازادلىققا چىقىۋاتىدۇ . مەن چوقۇم ئۇنى قەلبىمدىن ، چۈشلىرىمدىن ، پۈتۈن تۇرمۇشىمدىن قوغلاپ چىقىرىمەن .....

12 -يانۋار ( يەكشەنبە)
خىلى كۇنلەر بولدى خاتىرە يازمىدىم .نېمە يېزىشنىمۇ بىلمەيمەن .قولۇمغا نەچچە رەت قەلەم ئالدىم . لېكىن نېمىنى يازاي ؟
سىتۇدېنتلىق دەۋرىمىزدىكى ئۇنتۇلغۇسىز پىراكتىكا مەزگىلى ئۆتۇپ كەتتى.سۆيگەن كەسپىمنىڭ ۋاقىتلىق ئەھلى بولدۇم. ئوماق ئوقۇغۇچىلىرىم ، شەرەپلىك مۇنبىرىم بار بولدى . دەرس ئۆتتۇم، تەربىيە بەردىم ،ئۇلار بىلەن بىللە ئوينىدىم . ئەمگەك قىلدىم . پۇتۇن زېھنىم بىلەن ئۇلارغا بېرىلدىم . ئۇلارمۇ مېنى ياقتۇرۇپ قالدى . بوش ۋاقىت بولسىلا مېنى ئىزلەيدۇ ، ئۆزلىرى بىلەن كۆپىرەك بىللە بولۇشۇمنى ئۆتۇنىدۇ . مەنمۇ ئامال بار شۇ سۈيۈملۈك قوزىلىرىم ئارىسىدا شۇلارنىڭ يېشىدىكى غەمسىز چاغلىرىمدىكىدەك ياشاشنى ئىستەيمەن ، ئۇلارغا قاراپ كۆڭلۇمگە تەسەللىي تاپىمەن . ئۇلار مېنى سۈبھى مۇئەللىم ، مۇئەللىم! دەپ چاقىرغاندا قەلبىم سۈيۈنۇپ ،بۆلەكچە روھلىنىپ كېتىمەن . كەسپىمگە بولغان ھەۋىسىم ۋە ھورمىتىم ھەسسىلەپ ئاشىدۇ.ئىشقىلىپ كۇنلىرىم ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمغا قارىغاندا كۆڭۇللۇك ئۆتتى. بىراق بەزىدە يەنە ئورۇنسىز ئىشلارنىمۇ قىلىپ قويۇپ كۆڭلۈمگە پاراكەنىچىلىكلەرنىمۇ تېپىۋالدىم.
ئالدىنقى كۇنى سەھەردىلا كەيپىم بۇزۇلۇپ قوپۇپتىمەن . قىزلارنىڭ ھەممىسى شېرىن ئۇيقۇدا . ئورنۇمدىن تۇرۇپ مەكتەپ ئىچىنى ئايلىنىپ چېقتىم . ئانچە- مۇنچە ھەركەتمۇ قىلدىم. ياتاققا قايتىپ كىرىپ كارۋاتقا چىقتقمدە--دە باش تەرپىمدە تۇرغان ئۇنئالغۇغا ھېلىقى لېنتىنى سېلىپ بوش ئاۋازدا قۇيۇپ قويدۇم . يېنىك ئىزگۈ ئاھاڭ ئاستا -ئاستا ياتاقنى لەززىگە سالدى.
ياندىكى كارۋاتتىكى ياتاقدىشىم تۇيۇقسىزلا جالۋاقلاپلا كەتتى؛
--ۋاي -ۋۇي ، نېمە بولدى ساڭا ؟ ئادەمنى ئۇخلاتماي قاق سەھەردە ئۇ بىر نىمەڭنى قويۇۋېلىپ......
--- كۈن چۇش بولاي دېگەندىمۇ نەدىكى ئەتىگەنكەن ئۇ ؟
- خويمۇ بىزار قىلدىغۇ ئادەمنى ، ----ئۇ غۇدۇرىغانچە بېشىنى يوتقانغا پۈركىۋالدى .
--چۈشى بۇزۇلۇپتۇ-دە بۇنىڭ ، -- يەنە بىرەيلەن غۇدۇرىدى. بۇ گەپلەر ماڭا شۈنچىلىك قاتتىق ھار كەلدىكى ، يۇرۇگىمگە يېڭنە سانجىلغاندەك بۇلۇپ ،نۇمۇس ۋە ئازاپتىن جالاقلاپ تىتىرەپ كەتتىم. ئۇنئالغۇنى جەھلىم بىلەن ئۆچۇرۇپ لېنتىنى چىقاردىم-دە ئوچۇق تۇرغان دېرىزىدىن پىرقىرتىپ تاشلىۋەتتىم.

19-يانۋار (يەكشەنبە )
مەكتەپكە قايتىپ كېلىپ ئوقۇش باشلىغىلىمۇ بىر ئاي بولۇپ قالدى . ساۋاقداشلار شۇنچىلىك روھلۇق، ،جىددىي ، ئايرىلىش چاغلىرى يېقىنلاپ قالغانچە بۆلەكچە ئىجىل ، بىراق مەن...... ئۆزۈمگە ھەيرانمەن ، نىمانچە غەلىتە مەخلۇقتۇرمەن. شۇنچە نۇرغۇن ئادەم ، قايناق مۇھىت ئىچىدە ياشاپ تۇرۇپمۇ نەدىن كەلگەن ياۋايىلىق ، جىمىغۇرلۇق بۇ ؟ قاچانغىچە تەنھا يۈرۈكۈمنى تىڭشاپ ، قەلبىم ئىچىدىلا ياشاپ ئۆتىمەنكىن ؟ ياق مەن تەنھالىقنىڭ ئۆمۈرلۈك ئەسىرى ئەمەس < سەن ئۆتمۈشنى ئۇنۇتمىساڭ ، كەلگۈسى سېنى چۆرۈپ تاشلايدۇ > ماڭا ھاياتلىق ، شادلىق يەن ە...... يەنە مۇھەببەت كىرەك بولدىغۇ ئاخىرى ! ھېلىمۇ تالاي كۈن -تۈن ، تالاي ياش تۆكتۈم ، بوغۇلدۇم زارلىدىم، مەن دۇنياغا ئازاپ ، بەخىتسىزلىكنىڭ ئاچچىق تەمىنى تېتىش ئۈچۈنلا تۆرەلگەنمۇ ؟ مەن ئۇ نامەرد ئۈچۈن ئاز ئازاپ تارتتىممۇ ؟ نومۇسۇم كېلىدۇ شۇ ئەخمىقانە ئۆتمۈشۈمگە ، خەير ، ئۆتكەنگە سالىۋات ! ئەمدى باشقىچە بىر ئادەم بولىمەن. بىرىگە رازىلىق بېرىشىم كېرەك. پامىر ياكى ئەركىن ، قايسىلا بولسا بولىۋېرىدۇ . ھەر ئىككىسىلا ياخشى يىگىتلەر ھەم مېنى ياخشى كۆرىدۇ . ماڭا بۇنىڭدىن ئارتۇق تاللاپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق ، كېيىن ...... كېيىنچە ياقتۇرۇپ قالارمەن، لېكىن شۇنىسى چوقۇم . مەيلى ئۇ كىم بولسۇن ، مەن جەزمەن ئۇنى بەخىتلىك قىلالايمەن.

9- مارت ( يەكشەنبە )
بۈگۈن ياتاقتىكى قىزلارنى ساۋاقدىشىمىز زۇلپىيە ئۆيىگە تەكلىپ قىلغانىدى. يەكشەنبە كۈنلىرى كۈن چۈش بولاي دېگۈچە ئۇخلاپ ، تاماققىمۇ ئۈلگۈرەلمەيدىغان قىزلار ئەتىگەندىلا ئورنىدىن تۇرۇشۇپ ، تەييارلىق قىلىشقا كىرىشتى.
مەن قۇش بالىسىدەك بېشىمنى يوتقاندىن بوينۇمنى چىقىرىپ ، ئۇلارنىڭ ياتاق ئىچىدە يۈگۈرۈپ بىر- بىرىگە سوقۇلۇشلىرىغا ، ئالدىرىپ گىرىم قىلىپ ياسىنىشلىرىغا قاراپ كۆزلىرىمنى يېرىم يۇمۇپ ياتاتتىم.
- ۋاي تېخىچە ياتىدىغۇ ماۋۇ ، تېز بول !
- بۈگۈن مېنىڭ ئازراق ئىشىم بار ئىدى ، سىلەر چىقىپ كېلىڭلار .
- پۈتۈشۈپ قويۇپتىكەنسىلەر- دە، ئېيىتقىنا بۈگۈن ئەركىن سىېنى قەيەردە ئويناتماقچى ؟
- بەك ئامەتلىك جۇمۇ ، ئاداش سەن ! دائىم يىگىتلەرنىڭ سەر خىللىرىنى تاللاپ كەلتۈرىۋالىسەن.
- ئاپىلىرىمىز بىزنىمۇ ياساپراق تۇغۇۋالغان بولسىچۇ ..........
مەن كۈلۈپلا قويۇپ گەپ- سۆز قىلماي يېتىۋەردىم. بوپتۇ ، ھازىرچە شۈنداق چۈشىنىپ تۇرغىنىڭلار ياخشى .
ئۇلار ماڭا بەخت تىلەپ ، ۋىچىرلاشقىنىچە چىقىپ كېتىشتى. ياتاق جىمىدى ، مەن ئالدىرىماي ئورنۇمدىن تۇرۇپ، كۆڭۈل قويۇپ گىرىم قىلدىم . بۈگۈنكى يەكشەنبە مېنىڭ ئىگىدارچىلىقىمدا ، قىزلارنىمۇ يولغا سالدىم . ئەمدى ھەممە ئىشىمنى كۆڭۈلدىكىدەك ئورۇنلاشتۇرشۇم كېرەك!
ئالدىراقسان قىزلارنىڭ رەتسىز ئورۇن - كۆرپىلىرىنى تۈزەپ ، ياتاقنى تازىلاپ پاك- پاكىز قىلىۋەتتىم، ئۈنئالغۇنى بوش قويۇپ قويدۇم. قىپقىزىل يىپەك پەردىنى چۈشۈرىۋىدىم، ياتاق ئىچى تېخىمۇ يېقىملىق، رومانتىك تۈسكە كىردى . ئاندىن پىلانىم بويىچە قولۇمغا قەلەم ئالدىم .
<ھۆرمەتلىك ئەركىن، ياخشىمۇسىز ؟
ئارىمىز شۇنچە يېقىن تۇرۇپمۇ سىزگە خەت يازغىنىمغا ھەيران بولۇۋاتقانسىز؟ شۇ تاپتا مېنىڭ قانچىلىك قىيىن ئەھۋالدا ئىكەنلىكىمنى چۈشىنىشىڭىزنى سورايمەن !
ئەركىن ! بىز تونۇشقاندىن بۇيان بىر- بىرىمىزگە دوستانە، سەمىمي مۇئامىلە قىلىشىپ ئۆتكەنىدۇق . شۇ چاغلار نىمە دېگەن كۆڭۈللۈك ئىدى-ھە ؟ يىقىنقى بىر ئايدىن بېرىمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتىۋاتىمىز. بىراق نېمىشقىدۇر ھەر ئىككىمىزگە بىئەپ ، ئۆزىمىزنى ئەركىن ، بىمالال تۇتالمايۋاتىمىز. بولۇپمۇ مەن قىيىن ئەھۋالدا قېلىۋاتىمەن. سىزدىن خۇش بولاي ئەركىن ، مەندىن رەنجىمەڭ ! ئەگەر مېنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرسىڭىز مېنىڭ بۇ جاھىللىقىمنى كەچۈرۈڭ.

مەن قايتا-قايتا ئويلىنىپ ئاخىرى مۇشۇ قارارغا كەلدىم . سىز ماڭا قولىڭىزدىن كېلىدىغانلىكى ھەممە ياخشىلىقنى قىلىۋاتىسىز. مەن سىزدىن ئېرىشكەن ھۆرمەت ، چوڭقۇر مۇھەببەتنى بەلكىم يەنە بىر ئادەمدىن كۆرەلمەسلىكىم مۇمكىن. لېكىن............ لېكىن سىزمۇ كۆرۈپ تۇرۇپسىز . مەن ھەر ئىككىمىزنى قىيناپ قويۇۋاتىمەن. ئېچىلاي دەيمەن ، كۈلەي دەيمەن، ئۆزۈمنى زورلاپ كۈچىنىپ تۇرۇپ خۇشال كۆرۈنۈشكە تىرىشىمەن. بىراق ھامان يۈرىكىم سىقىلىپ بىئاراملىقتىن قۇتۇلالمايۋاتىمەن. بۇنداق چاغلاردا سىزنىڭ ئازابلىنىۋاتقانلىقىڭىزنى كۆرۈپ ، سىزگە ئاسىي خىياللىرىمدىن ، سىزگە ساداقەتسىز روھىمدىن خىجىل بولىمەن.
سىزنىڭ " ھازىرچە كېرەك يوق ، سىز مېنى چوقۇم ياخشى كۆرۈپ قالىسىز، ئاخىرى قايىل قىلىمەن " دېگەن سۆزىڭىزدىن ئۈمىدلىنىپ، شۇنداق بولسىكەن دەپ تىلەپ يۈرىمەن. تەۋەككۈلچىلىكنىڭ مۇھەببەتنىڭ ئورنىنى باسالمايدىغانلىقىنى تولۇق تونۇپ يۈرگەن مۇشۇ كۈنلەردە سىزگە يۈز كېلەلمەي قانچىلىك پۇچىلىنىۋاتقانلىقىمنى بىر ئۆزۈم بىلىمەن . مېنى چۈشىنىڭ ئەركىن ! مېنى كەچۈرۈڭ ! مەن سىزنى ئالداپ قويۇشتىن ، قەلبىمنى بىرەلمەسلىكىمدىن ،قورقۇپ شۇنداق قىلىۋاتىمەن. سىز چوقۇم شۇ چىرايىڭىز، شۇ ئېسىل خسلىتىڭىز بىلەن مەندىن نەچچە باراۋەر يۇقىرى قىزلارنى كەلتۈرەلەيسىز . مەندىن بەخىتلىك ئۆتىسىز........... >

خەتنى داۋاملاشتۇرالمىدىم . قەلەمنى تاشلاپ قويۇپ لېۋىمنى چىشلىگەنچە تورۇسقا تىكىلىپ ياتىمەن . ئىچىمدە مىڭ خىل زىددىيەت، مىڭ خىل خىيال . ئۈمىد ، چۈشكۈنلۈك ، ئازاپ ، پەرۋاسىزلىق ......... بۈگۈن يەكشەنبە -ھە ؟ توۋا ، مەن تەنھالىققا نېمانچە ھېرىس ؟ مەن نىمىشقا باشقىلاردەك كۆڭلۈمنى ئاۋۇندۇرۇشنى ، ئۆز-ئۆزۈمنى خۇش قىلىپ ، غەمدىن خالاس بولۇشنى ئىستىمەيمەن؟ بەزى قىزلار يىگىتلىرى كۆڭلىگە ياقمىسا ھايالشىمايلا ئالماشتۇرالايدۇ، شەنبە -يەكشەنبىنى قانغۇدەك ئويناپ -كۈلۈپ ئۆتكۈزىدۇ . مەن نىمىشقا قىلالمايمەن. بۇنچە قىينىلىمەن ؟ زادى ئازاب مېنى قوغلىشىۋاتامدۇ ياكى مەن ئازابنىمۇ ؟ ئۇ نېمىسى بىلەن شۇنچە غالىپ، ھۆكۈمران بولىۋالىدۇ ؟ ئۇ زادى مېنىڭ ياخشى كۆرۈشۈمگە ، ئويلاپ ئولتۇرۇشىمغا ئەرزىمدۇ ؟
بىلمەيمەن ، ھىچنەرسىنى ئەسلىيەلمەيمەن ... پەقەت سېغىنىمەن ، مۇڭلىنىمەن ، يىغلايمەن ...... مەندىن قانچە يىراقلاشقانسېرى كۆڭلۈم ئۇنى شۇنچە ئىستەيدۇ ، زارىقىدۇ ، شۇنچە سۆيىدۇ ، ھېلىمۇ بەش يىل بوپتۇ .
بەش يىل ... ئۈنسىز، ئۈمىدسىز ئۆتكەن بەش يىل! توۋا ، نىمانچە تەلۋە كۆڭۈل بۇ ؟ مەن بۇ ئاچچىق ئازاپتىن قاچان ، زادى قاچان خالاس بولارمەن؟
ئەلەملىك ئۆتمۈشلەرگە ئوبدانلا خاتىمە بېرىلىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە يەنە تۇرۇپلا كېسىلىم تۇتتى . ئۆزۈممۇ چۈشەنمەيدىغان غەلىتە ئاچچىق ئەسلىمىلەر ئىچ-ئىچىمدىن چۇۋۇلۇپ، يۈرىكىم ئېغىپ كېتىۋاتىدۇ. بۈگۈن ئۇنىڭ تويى ئەمەستۇ ؟ !


مەڭگۈلۈك ھەسرەت باشقا تېمىلار
مەڭگۈلۈك ھەسرەت (1)مەڭگۈلۈك ھەسرەت (2)مەڭگۈلۈك ھەسرەت (3)مەڭگۈلۈك ھەسرەت (4)