-
2010-10-07
سەن بار - [※ تەرمىلەر]
سەن بار
(«سەن يوق»ناملىق شېئىرنىڭ ئىلھامى بىلەن)
ئەمەتجان قۇربان
جاپانى مەن تولا تارتتىم،راھەت سۈرگەندىلا سەن بار،
ئەلەم تارتسام يۇلۇقمايسەن،لىكىن كۈلگەندىلا سەن بار.
ئىشىمغا سەن نىشان-بەلگە،ئېقىن سۇباشلىسام چۆلگە،
جەزىرە-چۆلدە مەن تەشنا،گۈزەل گۈلشەندىلا سەن بار.
تومۇزدا ئاغدۇرۇپ يەرنى،ئېتىزغا مەن ئۇرۇق سالسام،
بۇلۇپ خاماندا پەش ئالتۇن ھۇسۇل بەرگەندىلا سەن بار.
قىشى-يازى بېقىپ پاقلان يىمەككە بوردىسام ھەرئان،
قالار ئالدىمدا ئۇستىخان،ھامان لوق گۆشتىلا سەن بار.
خېمىرنى بولدۇرۇپ ئەيلەپ تونۇرغا ناننى مەن ياقسام،
قۇرۇق تەڭلەڭگە خون-خونلاپ توقاچ كىرگەندىلاسەن بار.
رەقىبنىڭ قەستىدىن توۋا،زەھەر ئوتلاپتىمەن بىر چاغ،
مانا پۇرسەتتە شەربەتنى سۈزۈپ ئىچكەندىلا سەن بار.
قاقاس چۆللەردە باغ ئەيلەپ،قاراڭنى كۆرمىدىم ھەرگىز،
بېغىمدىن شىرنىلىك مېۋە ئۈزۈپ يىگەندىلا سەن بار.
دېمەككى مەن جاپا تارتسام يېنىمدا سەن دەقىقە يوق،
ھاياتتىن خوشلىشىپ ئاخىر پېقىر ئۆلگەندىلا سەن بار.
«كروران»دىن ئېلىندى.