-
2010-09-25
تۇخۇمنىڭ شىپالىق رولى - [※ يەككە دورىلار]
تۇخۇمنىڭ شىپالىق رولى
1.توخۇ تۇخۇمىنىڭ ئېقى ئۆپكىنى سىلىقلاپ كاناينى ياخشىلايدۇ، گال ئاغرىقىنى داۋالاپ ئاۋازنى زىل ياڭراق قىلىدۇ.
2.بالىلارنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ قالغاندا تۇخۇ تۇخۇمىنىڭ شاكىلىنى قورۇپ ،سارغايتىپ ،ئىزىپ دولانە بىلەن قاينىتىپ يىدۈرسە بالىلارنىڭ ئىشتىھاسى ئېچىلىپ تاماق تاللىمايدىغان بولىدۇ.
3.بەدەن كۆيۈپ قالسا توخۇ تۇخۇمىنىڭ ئىچكى پەردىسى بىلەن تاڭسا 3-5كۈنگىچە ساقىيىدۇ.
4.بەدەن مۇسكۇلى ئاغرىش ،ئىششىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە توخۇ تۇخۇمىنىڭ سېرىقىنى سۈرتۈپ بەرسە دەرھال شىپا بولىدۇ .
5.توخۇ تۇخۇمىنىڭ سېرىقىنى قۇرۇتۇپ ماي چىقىرىپ ئىستىمال قىلسا قان تولۇقلايدۇ، زەھەرنى ھەيدەيدۇ ، تولغاقنى پەسەيتىدۇ ، ھۆل تەمرەتكىگە ،ئۈششۈك تەككەن يەرگە سۈرۈپ بەرسە ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ.
6. توخۇ تۇخۇمى –يۈزىگە سەپكۈن چۈشكەن كىشىلەر ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى دورا، توخۇ تۇخۇمىنى ئەينەك بوتۇلكىغا چېقىپ ئۇنىڭغا ئاچچىقسۇ قۇيۇپ ،بىر ھەپتە سوغۇق ساقلاپ قۇشۇق بىلەن ئارلاشتۇرۇپ ئىچىۋەتسە سەپكۈن يوقايدۇ .
7. توخۇ تۇخۇمى –مېڭىنى قۇۋۋەتلەپ ، ئەقىلنى كۈچەيتىدۇ، ئارتىرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، قېرىشنى كىچىكتۈرىدۇ ،توخۇ تۇخۇمىنىڭ راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار، جىگەرنى ئاسرايدۇ، مۇۋاپىق ئىستىمال قىلىپ تۇرغاندا جىگەر ھۈجەيرىلىرىنىڭ قايتا ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ،زەخمىلەنگەن جىگەر توقۇلمىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش رولىغا ئىگە.
8. توخۇ تۇخۇمىنى داۋاملىق مۇۋاپىق ئىستىمال قىلغاندا يۇخۇم تەركىۋىدىكى ئۇزۇقلۇق ماددىلارنىڭ تەسىرىدە ئادەم ئۈمۈدۋار ،مۇلايىم، سەزگۈر بولىدۇ.
9. توخۇ تۇخۇمىدىن 10تالنى ياخشى ئاچچىقسۇغا 7كۈن چىلاپ 7-كۈنىدىن باشلاپ 3 ۋاخ بىر تالدىن يەپ بەرسە سۆگەلنى داۋالاشتا ئالاھىدە ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ .