سەھىپە ئارخىپى: ئالما دېتالى

Appleمەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن سەرخىل دېتاللار

ئايفون ئۈچۈن تەكشىلىكتىكى رەسىمگە بوشلۇق ئۈنۈم قوشۇش دېتالى (ۋاقىتلىقلا ھەقسىز!!!)

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

يازما تېمىسىدىنلا چۈشىنىپ بولدۇڭلار ھەقىچان.

ئايتۇنىزدا ۋاقىتلىق ھەقسىز بولغانلىقتىن، تورداشلارنىڭ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ قاچىلىۋېلىشنى ئۈمۈد قىلىمەن.

ئۇنداقتا مەنمۇ كۆپ سۆزلىمىدىم ئەمسە…

چۈشۈرۈش ئادرېسى

http://dl.dbank.com/c0hv3wszxc

http://itunes.apple.com/cn/app/relievos/id429120513?mt=8#

دېتالنى ئشىلىتىش ئۇسۇلى ۋە ئۈنۈمى.

Close[SWF] - http://player.youku.com/player.php/sid/XMjY5MjkyNTk2/v.swf

iphone ئارقىلىق كومپيۇتېرنى يىراقتىن كونتىروللاش

تۆۋەندە مەن تونۇشتۇرماقچى بولغان بۇ دېتالنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەندىكى دىتال بىلەن ئوخشاش.

Close[SWF] - iphone上相当棒的远程控制电脑的软件

بۇ ئىقتىدار iTeleportConnect دىگەن دىتال بىلەن ئىشقا ئاشىدۇ. كومپيۇتېرغا بۇ دىتالنىڭ PC  نۇسخىسىنى قاچىلاپ ئۆزىمىزنىڭ Gmail ھىساب نۇمۇرىمىز بىلەن كىرىمىز.

ئاندىن بۇ دىتالنىڭ iphone,ipad,ipod نۇسخىسىنى  ماس ئۈسكىنىگە قاچىلاپ ئاندىن ئۆزىمىزنىڭ Gmail ھىساب نۇمۇرىمىز بىلەن كىرسەكلا بولىدۇ. iphone,ipad,ipod  نۇسخىسىدا شۇ قىسمى توردىكى مۇشۇ دىتال قاچىلانغان ھەم قوزغىتىلغان كومپيۇتېرلار كۆرۈنىدۇ.

بىز شۇ يەردىن ئۆزىمىز تاللاپ بىر كومپيۇتىرغا كىرسەكلا كومپيۇتېرنى قوزغىتىشتىن باشقا ھەممە مەشغۇلاتنى قىلىشقا بولىدۇ. خۇددى باشقا سەزمە ئىكراندا كومپيۇتېر باشقۇرغاندەقلا ئۈنۈمگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.

ئۈنۈم رەسىمى تۆۋەندىكىچە.

كومپيۇتېر نۇسخىسىنى چۈشۈرۈڭ        http://dl.dbank.com/c0kksbv0io

iphone،ipod,ipad لەر گە ماس نۇسخىسنى چۈشۈرۈڭ (تۈرمىدىن قاچقىنى بولىشى كىرەك) http://dl.dbank.com/c0hannue2o

”ئالما“ مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن نادىر كىتاب

ئېنگىلىز تىلى ئۆگىنىپ باققانلار ئۈچۈن يېڭى ئۇقۇم ئېنگىلىز   تىلى دەرسلىكى ناتۇنۇش ئەمەس.
گەرچە يېقىندىن بۇيان ھەرخىل تۈردىكى ئېنگىلىز تىلى ئۆگىنىش ماتېرىياللىرى چىقىپ تۇرغان بولسىمۇ، مۇتەخەسىسلەرنىڭ باھاسىدا، يەنىلا بۇ دەرسلىك يېڭى ئۈگەنگۈچىلەرگە نىسبەتەن ئەڭ سېستىمىلىق ۋە ئەڭ قوللىنىشچان دەرسلىك پروگىراممىسى دەپ قارىلىپ كەلدى.
تىرىشچان تورداشلارغا ئەس قېتىپ قالسا دەپ بۇ دەرسلىك كىتابنى يوللاپ قويدۇم.
بۇ ئى.كىتاب ھۆججىتى شەكلىدە بولۇپ، بىز بىلىدىغان پ.د.ف شەكىلدىكى كىتابقا قارىغاندا ئايفون ۋە  ئايپەد  لەردە بەت ئۆرىلىش ئۈنۈمى بەكلا كۆركەم.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ”ئالما“ ڭىزدا بۇ خىلدىكى شەكىلدىكى كىتابلارنىڭ خەت شەكلى ۋە خەت چوڭ-كىچىكلىكىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىپ كۆرەلەيسىز.
ھەتتا ئۆگىنىش داۋامىدا خالىغان قۇرلارنى رەڭلىك قەلەم بىلەن بوياپ بەلگە  سېلىپ قويالايسىز. ئۈنۈمى ئەمەلىيەتكە بەكلا يېقىن.
قېنى ئەمسە ئۆگەنگۈچىلەر تۈزۈت قىلمايلى!

بىرىنچى قىسىم

http://dl.dbank.com/c0d6og4hl9

ئىكىنچى قىسىم

http://dl.dbank.com/c0bq668laa

ئۈچنىچى قىسىم

http://dl.dbank.com/c0emp2uwcg

تۆتىنچى قىسىم

http://dl.dbank.com/c0l41ye7ct

 

«ئالما»چىلارغا سوۋغات__ دەھشەت خاتىرە

 

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم دوستلار !!

 مەن بۈگۈن خالاستان بىلوگىغا تۇنجى يازما يېزىشىم ، بۇنىڭدا  ئالدى بىلەن نەزەرى قېرىندىشىمىزنىڭ مۇشۇنداق ياخشى ئىشلارنى قىلىۋانقانلىقىغا رەھمەت ئيتىمەن.

بىزدە ئۆيگە مېھمان كەلسە قۇرۇق كەلمەيدىغان ئادەت بار. ھېچ بولمىسا كىچىك بالىلارغا بولسىمۇ كەمپۈت دىگەندەك نەرسىلەرنى بىرىدۇ.. ھا ھا .

جىق سۆزلەپ قويدۇم ھە . داۋاملىق ئوقۇش

iPhoneغا 3Dبەت ئۆرۈش ئۈنۈمى قوشۇش

ئالما مەھسۇلاتى (ipod touch, ipad,iphone) ئىشلىتىپ باققانلارغا مەلۇملۇق،  iOS نىڭ بەت ئۆرۈش ئۈنۈمى ناھايتى تۈز، تەبىئيلا. بۇنداق بولغاندا بىر قەدەر ئاددىي تۇيغۇ بىرىپ قويىدۇ.

بۈگۈن مەن تونۇشتۇرىددىغان دېتال ئارقىلىق ئالما غا بەت ئالمىشى ئۈنۈمى ھاسىل قىلىپ 3 ئۆلچەملىك ئالمىشىش لاھىيەسى چىقارغىلى بولىدۇ.

دېتال كۆرەنمە رەسىمى

ئۈنۈم رەسىمى

بۇنىڭدىن سېرىت يەنە 10 نەچچە خىل ئىكران ئالمىشىش(سىنبەلگە كىچىكلەش، ئالمىشىش، ئىكران يۇقىردىن تۆۋەنگە سىيرىلىش…) ئۈنۈمى بار. بۇ دېتالنىڭ تەڭشەش بېتى 设置 دىگەن ئىتىدار رايۇنىغا قوشۇلىدۇ. شۇ يەردىن تەڭشەشكە بولىدۇ.

بۇ يۇمشاق دېتالنى cydiaغا barrel دەپ ئىزدەپ كىرگۈزۈپ قاچىلىسىڭىزلا بولىدۇ.  cydiaئىشلىتىش دەرسلىكى خالاستان بىلوگىدا بار.../928.html

iPhone ئۈچۈن ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لوغەت

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم…

بۈگۈن ئۆزۈم ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان  ھەقسىز  iPhone لۇغىتىنى تونۇشتۇراي…

بۇ لۇغەتنىڭ ئىسمى

《欧路词典》

بۇ لۇغەت itunes دا ھەقسىز تارقىتىلغان بولۇپ، سىز مەيلى تۈرمىدىن قاچۇرۇڭ ياكى قاچۇرماڭ بۇ ھەقسىز دېتالنىڭ خەنزۇچە – ئۇيغۇرچە تەرجىمە ئىقتىدارىدىن پايدىلىنالايسىز…

خەنزۇچە ماتىرىياللاردىن پايدىلانغان ۋاقتىمىزدا ياكى بىزنىڭ خەنزۇچە ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغان تاغىلىرىمىز ئىشلەتسە ئىنتايىن قولايلىق دەپ ئويلايمەن.

چۈنكى سىز خالىغان خەنزۇچە خەتنى iPhone نىڭ ئۆزى تەمىنلىگەن قوليازما بويىچە خەنزۇچە خەت كىرگۈزۈش كۇنۇپكا تاختىسىدىن(بەك كالامپاي تەرجىمە قىلىپ قويدۇم手写输入 ) پايدىلىنىپ يېزىپ كىرگۈزسىڭىز ۋە بۇ لۇغەتدىن پايدىلىنىپ ئىزدىسىڭىز، بۇخەنزۇچە خەتنىڭ پىنيىن ئوقۇلىشى، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى، ئېنگىلىزچە تەرجىمىسى، ئەرەبچە تەرجىمىسى،ياپونچە تەرجىمىسى، روسچە تەرجىمىسى… ئىشقىلىپ نىمىگە تەرجىمە قىلىمەن دېسىڭىز چىقىش مۇمكىن.يەنە كېلىپ بۇنىڭ ھەممىسى توردىن ئۈزۈك ھالەتدە بولىدۇ.

ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بولسا، بۇلۇغەتنىڭ سىزنىڭ بۇ لۇغەتدىن ئىزدىگەن سۆزلۈكلەرنى تەكرارلاش ئىقتىدارى سىزنى خېلى ماختالغان ئېلىكتىر ئەسۋابلىرىدىن بىھاجەت قىلىپ قويىشى مۇمكىن…

لۇغەتنى itunes دىن چۈشۈرۈش ئادرېسى

http://itunes.apple.com/cn/app/id367278030?mt=8

سىز بۇ لۇغەتنى چۈشۈرگەن بىلەنلا ھەممە تىلغا تەرجىمە قىلغىلى بولمايدۇ.

سىز بۇ لۇغەتنى itunes دىن چۈشۈرۈپ iPhone  گە ئورنىتىپ بولغاندىن كېيىن، ئورگان تور بېكىتى تەمىنلىگەن eudic ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ itunes دىكى ئۆزىڭىزنىڭ iPhone دىكى  شۇ لۇغەتنىڭ ھۆججەت يۈكلەش رايونىغا قاچىلايسىزلا بولىدۇ. ئورگان تور بېتى بۇ ھۆججەتلەرنىڭ ھەممسىىنى ھەقسىز تارقاتقان ئىكەن.

ئورگان تور بېكىتىدىن «ئانا تىلىم خەنزۇچە – ئۇيغۇرچە لۇغەت» قىستۇرما ھۆججىتنى چۈشۈرۈش ئادرېسى

http://www.godic.net/extra_eudb/Anatilim_Chinese_Uyghur.eudic

باشقا تىللارنىڭ ھۆججىتىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى

http://www.francochinois.com/Product/dictionary_resource.aspx

ئىزاھات: 欧路词典نىڭ يېشىۋىتىلگەن نەشرىنى itools ئارقىلىق قاچىلاپ، ئاندىن يۇقارقى لۇغەت بولىقىنى چۈشۈرۈپ، لۇغەتنىڭ قاچىلاش مۇندەرىجىسىنى iTools ئارقىلىق ئېچىپ، لۇغەت ئامبىرىنى documents دىگەن مۇندەرىجە ئىچىگە قويۇپ قويسىڭىزلا بولىدۇ. باشقا لۇغەت ئامبارلىرىمۇ شۇنداق.

iphone ئۈچۈن ھەقسىز سىن بىرتەرەپ قىلىش دېتالى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار. بۈگۈن خالاستان بلوگىغا تۇنجى يازمام سۈپىتىدە بىر ھەقسىز ئەمما ئىقتىدارى ئېسىل دېتال تونۇشتۇراي. مەن تونۇشتۇرماقچى بولغان دېتالنىڭ ئېنگىلىزچە ئىسمى
splice – video editor
splice - video editor
بۇ دېتال ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ ئالمىسىدىكى سۈرەتلەرنى مۇزىكا قوشۇپ قىسقا فىلىم قىلىپ چىقالايسىز. ئۈنۈمى مەشغۇلات قىلىش ئۇسۇلى كومپيۇتېردىكى بىرقىسىم سېستىمىلارنىڭ ئۈنۈمىدىن قېلىشمايدۇ.
سىزنىڭ يەنە ستىۋ جوبس نى خاپا قىلىپ،ئۇنىڭ بەش دوللارلىق  ئاي موۋى دېتالىنى ئوغۇرلۇقچە ئىشلىتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ.
پاكىز ۋە ھەقسىز دېتال كىمنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلمايدۇ دەيسىز.
ئەلۋەتتە كۆپرەك ئىقتىدارىنى سىناپ باقماقچى بولىسڭىز 2 دوللارلىق ھەقلىق نۇسخىسىمۇ بار ئىكەن.
چۈشۈرۈش ئادرىسى :
http://itunes.apple.com/us/app/splice-video-editor-free/id409838725?mt=8
ئەسكەرتىش: بۇ دېتال پەقەت تۆتىنچى ئەۋلاد ئايفون ۋە ئايتاچلاردىلا ئىشلىشى مۇمكىن. باشقا ئەۋلاد ئالمىلاردا سىناپ بېقىشقا ئىمكانىيەت بولمىدى.

ئەگەر تورداشلار ئۆزلىرى ئىشلىتىۋاتقان ھەقسىز ھەم قوللىنىشچان دېتاللارنىڭ نامىنى قالدۇرۇپ قويسا ھەممىمىز ئورتاق پايدىلانساق تېخىمۇ ئېسىل بولاتتى…

iphoneئۈچۈن ئەڭ ياخشى يول باشلىغۇچ

ھازىر سەپەر-ساياھەتتە بىز ئەڭ ئېھتيىجالىق نەرسە دەل يول باشلاش ئۈسكىنىلىرى بولۇپ قالدى. ئالما (ipodtouch,iphonempad) لەر ئۆز ئىچىدىلا يول باشلاش ئىقتىدارى بار GoogleMaps تەمىنلىگەن بولۇپ ئىقتىدارى ھەقىقەتەن ياخشى. لىكىن ئۇ خەرىتىنىڭ تورسىز مۇھىتتا خەرىتە كۆرسىتىش ئىقتىدارى يوق. شۇڭا GPRS ئېچىلمىغان ياكى ئىقىمى ئاز تورداشلارنىڭ ياخشى تاللىشى بولالمايدۇ.

تۆۋەندە مەن تورسىز مۇھىتتىمۇ ئورۇن كۆرسىتىپ، يول باشلاپ بىرەلەيدىغان ياخشى دېتال Autonavi Navigation高德导航 نى تونۇشتۇراي. بۇ دېتال ھازىر appstore دا  10دوللاردىن سېتىلىۋاتىدۇ.

 

مەن تەمىنلىگىنىم يېشىۋىتىلگەن نۇسخىسى بولۇپ ئىقتىدارى ئوخشاش. ipod,ipadلەردە GPSئىقتىدارى يوق شۇڭا ئورۇن بېكىتىشتە پەقەت wifi تەمىنلىگەن ئورۇننى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا يول باشلىغۇچ قىلىشقا تازا ماس كەلمەيدۇ، لىكىن wifi بار شارائىتتا يەنە ھاجەتتىن چىقىدۇ.

ئۇنداقتا ئاۋۋال مۇنۇ ئادىرىسىتىن Autonavi Navigation高德导航 نى چۈشۈرگەچ تۇرۇڭ. بولاقلارنىڭ ھەممىنى چۈشۈرۈپ خالىغان بىرىنى يەشسىڭىزلا ipa فورماتىدىكى بىر دېتالغا ئىرشىشىز. چۈشۈرۈش ئادىرسى:     http://dl.dbank.com/c0fxi1eexj#

بۇ يول باشلىغۇچنىڭ ئالاھىدىلىكى:iphone قا قاچىلىغاندا ھىچقانداق ئېقىم سەرپ قىلمايلا ئورۇن بىكىتىپ ۋە يول باشلاپ بىرەلەيدۇ. مۇناسىۋەتلىك يەر ناملىرىنى ۋە يۆنىلىشىنى ئاۋازلىق ئەسكەرتىپ بىرەلەيدۇ. سۈرەت تەكشۈرۈش پونكىتى ۋە ساقچى پونكىتلىرىدىن خەۋەر بىرەلەيدۇ. سۈرىتى تېز، ئىقتىدارى بىر قەدەر مۇكەممەل. ئۈسكىنىگە بىسىمى ئاز. سۈرەتلىرى بىر قەدەر ئېنىق. مەنمۇ ئادەتتە بۇ يول باشلىغۇچنى ئىشلتىمەن.

بۇنى قاچىلاش ئۈچۈن ئۈسكىنە چوقۇم تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان بولىشى كىرەك(ياكى بولمىسا ئۈسكىنى تۈرمىدىن قاچۇرماي 10 دوللارغا سېىتىۋالسىڭىزمۇ ئوخشاش. شۇنداقلا ئىتقسادى كۈچى بار تورداشلارنىڭ ھەقلىقىنى سېتىۋىلىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.) تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكىنى خالاستان بىلوگى يىڭىدىن تەسىس قىلغان «تۈرمىدىن قاچۇرۇش» دىگەن سەھىپىدىن كۆرۈڭ.

يۇقارقى دېتالنى ئۈسكىنىگە itools ياكى itunes ئارقىلىق قاچىلىڭىسىڭىزلا تامام.(مۇناسىۋەتلىك دەرسلىكىنىڭ ھەممىسى خالاستان بىلوگىدا بار).

تەلەپ تەقدىم قائىدىسى بويىچە تۆۋەندە ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئازراق تونۇشتۇراي. قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن بەت يۈزى رەسمىي قوزغىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۈسكىنە توردا بولسىمۇ ياكى تورسىز بولسىمۇ بولىۋىرىدۇ.

قوزغىتىپ 1 مىنۇت ئىچىدە ئاپتوماتىك ھالدا بىزنىڭ ئورنىمىزنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. ئوڭ تەرەپ يۇقارقى بەلگىنى بېسىش ئارقىلىق 3 ئۆلچەملىك ۋە ئادەتتىكى كۆرۈنۈش شەكلىگە ئۆزگىرەيدۇ.

خەرىتىنى سۈرۈپ ئۆزىمىزگە يىقىن يولغا چىقىش ئورنىغا ئەكەلگەندىن كىيىن سول تەرەپتە كۆرۈنگەن 收藏夹,设起点,设终点,回车位 دىگەن تاللاشلار ئارقىلىق ساقلاش، باشلىنىش ئورنىنى بەلگىلەش، ئاخىرلىشىش ئورنىنى بەلگىلەش ۋە ئەسلى ئورنىمىزغا قايتىش قاتارلىقلارنى بەلگىلەشكە بولىدۇ. ئاندىن 我的目的地 دىگەن يەرگە بارىدىغان يەرنى كىرگۈزىمىز ياكى خەرىتىدىن كۆرسىتىپ بىرىمىز.

تەرتىپ بويىچە نىشان يەرنى كۆرسىتىپ بىرىمىز ياكى كىرگۈزىمىز.

يۇقارقى تاللاشلار ئارقىلىق دائىرنى كىچىكلىتىپ ئىزدەش سۈرىتىنى ئاشۇردۇق.

بۇ يەردە 设起点  نى بېسىپ مەزىلنى تاللايمىز.

مەنزىلنى بىكىتىپ بولدۇق. ئەمدى خىيالىي ھالدا ئاساسى ماڭىدىغان يوللارنى بىر كۆرۈپ باقىمىز.

تۆۋەندىكى رەسىمىدىكى 预计到达

دىگەننى باسساق بىزنىڭ ھازىرقى سۈرئىتىمىزنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.

ئاندىن 显示实时路况 دىگەن تاللاش ئارقىلىق نۆۋەتتكى قاتناش ئەھۋالىنى بىلەلەيمىز.

iPhoneئۈچۈن يەنە بىر ياخشى قورال

تېمدىن سېرىت خەۋەر: بوشلۇق تەمىنلىگۈچى كالامپايلارنىڭ كاشىلىسى بىلەن تور بەت بۈگۈن 4 سائەتتىن ئارتۇق توختاپ كەتتى. كەڭ زىيارەتچىلەردىن ئەپۇ سورايمەن.

ئالدىنقى قېتىم خالاستان بىلوگى دوستلارغا بىر قورال تەۋسىيە قىلغان_iTools دىگەن بۇ دېتال ھەقىقەتەن قولاي بولۇپ نۇرغۇن دوستلارنىڭ قوللىشىغا ئىرىشكەن.iTools دىگەن ھالقىلىق سۆز ئارقىلىق بىلوگىمدىن ئېزدىڭىسز بۇ ھەقتىكى يازمىلاردىن بىر نەچچىنى كۆرەلەيسىز.

لىكىن ئۇنىڭ iPhone نۇسخىسى بولمىغاچ پەقەت كومپيۇتېردىلا مەشغۇلات قىلىشقا بولاتتى. بۈگۈن تونۇشتۇرىدىغان بۇ دېتالنىڭ كومپيۇتېر نۇسخىسى يەنە بۇرۇنقى itools  جىق پەرقلەنمەيدۇ.لىكىن بۇنىڭ iPhone نۇسخىسى ناھايتى قولايكەن.دېتال يىڭىلاش، قايتا قاچىلاش، wifi دا تۇرۇپلا ھەرخىل ھەقسىز دېتاللارنى قاچىلاش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى ئوڭايلا قىلىشىقا بولىدىكەن. شۇڭا دوستلارنىڭ ئىشلىتىپ بېقىشى ئۈچۈن بۇ تېمىنى سۇندۇم.

دېتالنىڭ مۇبارەك نامى 同步助手 بولۇپ يىقىندا چۈشۈرۈش تەمىنلىگەن. مەن سىناپ باقتىم.كومپيۇتېر نۇسخىسى تازا قولاي بىلىنمىدى. ئەمما ئالما نۇسخىسى بولۇپ قويىدىكەن. يىڭى ئۈگەنگۈچىلەرگە ئاسانكەن.

دېتالنىڭ كومپيۇتېر نۇسخىسىنىڭ كۆرۈنمەيۈزى :

دېتالنىڭ ئالما غا قاچىلايدىغان نۇسخىسىنىڭ كۆرۈنۈشى :

ئالما نۇسخسىىنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرسى :http://dl.dbank.com/c0kglmfgwo

كومپيۇتېر نۇسخىسنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرسى :http://dl.dbank.com/c0ky2ybpa1

iPhoneدا ھەرقانداق ھۆججەتنى قويالايسىز

i جەمەتىدىكى ئۈسكىنىلەر (iPhone,ipad,ipod)نىڭ باھاسى ھەقىقەتەن قىممەت. نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ  ئىسىتىمال سەۋىيىمىزدىن ئىشىپ كەتكەن. نەچچە يىل جاپا تارتىپ پۇل يۇغلاپ ئالغان نەرسىمىزدە خالىغان فورماتتىكى ھۆججەتنى قويالماي قىينىلىۋاتقانلىرىمىزمۇ نۇرغۇن. چۈنكى ئالما شىركىتى بىخەتەرلىكنى ۋە ئابروينى كۆزدە تۇتۇپ بەزى خىلى ئومۇملاشقان ئىقتىدارلارنىمۇ ئۈسكىنىگە  سىڭدۈرمىگەن. مەسىلەن يۇقىرى ئىنىقلىقتىكى كىنو كۆرۈش، WMV,WMA,RMB,…. دىگەندەك فورماتلارنى كۆرۈش دىگەندەك.

تۆۋەندكى باسقۇچلار ئارقىلىق ئالمىڭىزدا ھەرقانداق ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز. قىممەت پۇللۇق نەرسىنىڭ ئىشلىتىش دائىرسىنى كىڭەيتىپ ھىسسىي تەڭپۇڭلۇققا ئىرىشەلەيسىز. باسقۇچلار تۆۋەندىكىدەك:

1. ئۈسكىنىڭىز چوقۇم تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان بولسۇن. بولمىسا تۆۋەندىكى دىتاللارنى قاچىلىيالمايسىز. دەرسلىك: ../897.html

2. IPA يامىقىنى ئۇرۇڭ. بولمىسا يېشىۋىتىلگەن يۇمشاق دېتاللار قاچىلانمايدۇ. دەرسلىك:../1054.html

3.بىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ ياخشى يۇمشاق دېتال ۋە ھۆججەت باشقۇرۇش قۇرالىمىزنى چۈشۈرۈڭ: ../1124.html

4. مۇناىسۋەتلىك IPA فورماتىدىكى يۇمشاق دىتاللارنى چۈشۈرۈڭ.

سىن-ئاۋاز قويۇشتىكى ئەڭ ياخشى تاللاش Oplyerنى چۈشۈرۈڭ: http://dl.dbank.com/c05hocmcjl

ئىشخانا ھۆججەتلىرى ۋە ئوقۇشلۇق PDF,كۆرۈشتىكى بىرىنچى دېتال  goodreader نى چۈشۈرۈڭ : http://dl.dbank.com/c0djrttyis

يۇقارقى باسقۇچلار كۆپىنچە ھاللاردا تامام بولغان بولىدۇ. ئەمدى دەرسلىكىمىزنىڭ مېغىزىغا كىلىمىز.

3- باسقۇچتا چۈشۈرگەن يۇمشاق دىتالنى قوزغىتىپ بارلىق مۇندەرىجىلەرنى بىر قاتار كۆرۈپ چىقىپ تونۇشۇڭ. ئاندىن تۆۋەندىكى رەسىم كۆرسىتىلگەندەك باسقۇچ ئارقىلىق چۈشۈرگەن يۇمشاق دېتالنى قاچىلاڭ.

تولۇق قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن 应用程序 ئىچىدىكى  设备程序نىڭ ئىچدە قاچىلاپ بولغان يۇمشاق دىتاللار بار. مەسىلەن يۇقاردا چۈشۈرگەن ھەممىباب  كۆپ ۋاستە قويغۇچ oPlayer ۋە ئەڭ ئالقىشقا ئىرىشكەن ھۆججەت(مۇتلەق كۆپ قىسىم ھۆججەتنى ئوقۇيالايدۇ) كۆرۈش دىتالى  Goodreader قاتارلىقلار.

كىيىنكى قەدەمدە رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك باسقۇچلار ئارقىلىق PDF,JPG,PNG,JIF,WORD,EXLS,PPT,…… دىگەندەك فورماتتىكى ھۆججەتلەرنى goodreader نىڭ documents دىگەن مۇندەرىجىسىگە قويۇمىز.

RMVB,RM,AVI,MKV,WMA,WMV,OVI,………. قاتارلىق سىن -ئاۋاز ھۆججەتلىرىنى Oplyer نىڭ ئاستىدىكى documents نىڭ ئىچىگە تاشلايمىز.

شۇنىڭ بىلەن ئىش تامام. ئۈسكىنىدىن Oplyer نى ئاچساقلا يۇقاردا قاچىلىغان سىن-ئاۋازلار كۆرۈنىدۇ، goodreader نىڭ ئۇسۇلىمۇ ئوخشاش. يۇقارقى ئىككى دىتالدىمۇ ئوقۇتالمىغان ھۆججەت بولسا خالاستان بىلوگى يەنە ھەل قىلىشقا تەييار.