چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1456 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • yadikar 3 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    مەرھۇم مويدىن سايىتنىڭ ئاخىرەتلىكى ئاسان بولغاي!

  • eleyas 3 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    نىمىنى بەكرەك ياقتۇرساڭ ،شۇنەرسە  سىنىڭ ئ‍ىمتاھانىڭدۇر. جالالىددىن رۇمى…

  • huxhuy 3 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz ئۈلۈشكۈن 23:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

كۆرۈش: 610|ئىنكاس: 0

ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى

ئاقسۇ دېگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسى «ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان سۈزۈك سۇ» دېگەندىن ئىبارەت. ئاقسۇ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي كىرۋىكىگە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، شەرقتە بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن خوشنا، غەربتە قىرغىزىستان، قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ، جەنۇبتا خوتەن، قەشقەر ۋىلايەتلىرى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن خوشنا، شىمالدا تەڭرىتاغ ئارقىلىق ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. ۋىلايەتنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 131 مىڭ 300 كۇۋادىرات كىلومېتىر، چېگرا لىنيەسىنىڭ ئۇزۇنلىقى 235 كىلومېتىر كېلىدۇ، تەۋەلىكىدە ئاقسۇ شەھرى، كۇچا ناھىيەسى، شايار ناھىيەسى، توقسۇ ناھىيەسى، باي ناھىيەسى، ئونسۇ ناھىيەسى، ئاۋات ناھىيەسى، ئۈچتۇرپان ناھىيەسى، كەلپىن ناھىيەسىدىن ئىبارەت 8 ناھىيە، 1 شەھەر، 85 يېزا (بازار)، 42 دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدانى بار، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ يېزا ئىگىلىك 1-دىۋىزىيە ئارال شەھرى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق 16 تۈەن، مەيدان ۋىلايەت چېگرىسى ئىچىگە جايلاشقان، ئومۇمىي نوپۇسى 2 مىليۇن 641 مىڭ (ئارال شەھرىنىڭ 237 مىڭ 300 نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، 36 مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە: يەرلىكنىڭ 2 مىليۇن 404 مىڭ، ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسى ٪82.1 نى ئىگىلەيدۇ، تارىختا غەربىي يۇرتتىكى قەدىمىي كۈسەن، قۇم دىيارى دۆلىتى بولغان، «قەدىمىي يىپەك يولى»دىكى مۇھىم بازار بولۇپ، «چېگرىدىكى بوستانلىق»، «مېۋە-چىۋە ماكانى»، «ناخشا-ئۇسسۇل ماكانى»دېگەن گۈزەل نامى بار. ئاقسۇنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ئۆزگىچە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ جەنۇب-شىمالى ۋە شەرق-غەربنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم بوغۇم، ئېلىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى قورغان بولۇپ، رايون ئورنى، جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى ئىنتايىن گەۋدىلىك، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبىغىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، ھەتتا ياۋرۇپاغا تۇتىشىدىغان خەلقئارا ئىقتىساد-سودا يولى تەدرىجى شەكىللىنىدۇ، قاتناش تۈگۈنلىك ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سەپلىك ئورنى تېخىمۇ گەۋدىلىنىدۇ.

ناھىيە شەھەرلەرنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى
ئاقسۇ شەھرى: ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 18 مىڭ 183.61 كۇۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ، تەۋەلىكىدە 4 يېزا، 2 بازار، 1 مەيدان بار، ئومۇمىي نوپۇسى 496 مىڭ 200، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 252 مىڭ 700 بولۇپ، ٪50.93 نى ئىگىلەيدۇ. خەنزۇلار 235 مىڭ بولۇپ، ٪47.36نى ئىگىلەيدۇ. تېرىلغۇ كۆلىمى 2 مىليون 532 مىڭ 800 مو بولۇپ، ئاساسلىق تېرىلىدىغان زىرائەتلەردىن بۇغداي، كېۋەز، قوناق، شال، قىزىلچا بار، دۆلەتنىڭ مۇھىم تاۋار ئاشلىق، تاۋار پاختا بازىسى، چىلان، قەغەز ياڭاق، قىزىل فۇشى ئالمىسى، ئۈرۈك، نەشپۈت، ئۈزۈم، قوغۇن قاتارلىق ئۆزگىچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۆلەت ئىچى-سىرتىدا نامى بار بولۇپ، داڭلىق مېۋە-چىۋە ماكانى. قېزىلما بايلىقتىن مەملىكىتىمىز بويىچە بىردىن-بىر پولئوكسمېتىلېن ئىشلەپچىقىرىش ئەۋزەللىكىگە ئىگە، يەنە فوسفور، ھاكتاش، بازالىت، گەج، كۋارتسلىق شېغىل، ساپال خام ئەشياسى، سماپ، بارىت، تۇپراق ئاليومىن ئوكسد، كۆمۈر قاتارلىقلار بار. ئاقسۇ شەھرى ۋە ئەتراپتىكى ناھىيەلەرنىڭ ساياھەت بايلىقى مول بولۇپ، چېگرا ئىچىدە دۇنيا بويىچە 2-چوڭ قۇملۇق تەكلىماكان قۇملۇقى، كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئىپتىدائىي توغراقلىق، جۇڭگو بويىچە ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى_تارىم دەرياسى، تەڭرىتاغنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسى_تۆمۈر چوققىسى، دۇنيا گىئولوگىيەسىدىكى سىرلىق مەنزىرە_تەڭرىتاغ جىلغىسى، يارداڭلىق تاغ بۇلاق ۋە ئورمان بىلەن تولغان سىرلىق ئورمان باغچىسى، قوي-كالا يايلاپ يۈرىدىغان ئوتلاق، ئېگىز تاغ كۆلىمى بار. ئۇزۇن تارىخقا ئىگە كۈسەن، دولان مەدەنىيىتى بولۇپلا قالماستىن، قويۇق جەنۇبىي شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەت ئۆرپ-ئادىتىمۇ بار بولۇپ، «ناخشا-ئۇسسۇل ماكانى» دەپ ئاتالغان. 2011-يىلى يەرلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 9 مىليارد 789 مىليۇن يۈەن، يەرلىك مالىيەنىڭ ئادەتتىكى خامچوت كىرىمى 1 مىليارد 100 مىليۇن يۈەن، شەھەر، بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 16 مىڭ
400 يۈەن، دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 8509 يۈەن، 3 كەسىپنىڭ قۇرۇلما نىسبىتى 15:28:57.كۇچا ناھىيەسى: كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 14 مىڭ 600 كۇۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ، تەۋەلىكىدە 8 بازار، 6 يېزا، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى 6 دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدانى ۋە 4 كوچا باشقارمىسى بار. ئومۇمىي نوپۇسى 469 مىڭ 300، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 411 مىڭ 500 بولۇپ، ٪87.68 نى ئىگىلەيدۇ؛ خەنزۇلار 54 مىڭ 700 بولۇپ، ٪11.66 نى ئىگىلەيدۇ. ناھىيەنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمى 977 مىڭ 700مو بولۇپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم تاۋار ئاشلىق، تاۋار پاختا، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، شۇنداقلا داڭلىق مېۋە-چىۋە ماكانى بولغاچقا، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن «جۇڭگونىڭ كىشمىش ئۈرۈك ماكانى» دەپ نام بېرىلگەن. نېفىت، تەبئىي گاز بايلىقى مول بولۇپ، تارىم نېفىت، تەبئىي گاز ئېچىشتىكى ئاساسلىق جەڭگاھ، دۆلەتنىڭ «غەربىنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش، قۇرۇلۇشىدىكى گاز مەنبەسى. دۆلەتنىڭ غەربىنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈشتىكى «بىر چوڭ، ئوتتۇرا» گازلىق كۇچا ۋە ئەتراپىدىكى 3 كىلومېتىردىن 60 كىلومېتىرغىچە كېلىدىغان دائىرىگە جايلاشقان. كۆمۈر ۋە باشقا قېزىلما زاپىسى مول بولۇپ، ئاپتونوم رايون بېكىتكەن 5 چوڭ كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر كوكۇسلاشتۇرۇش، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى بازىسىنىڭ بىرى. ئېلېكتىر بايلىقى مول بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر بازىسى ۋە ئېلېكتىر تۈگۈنى ساياھەت بايلىقى مول ۋە ئۆزگىچە بولۇپ، شىنجاڭدىكى تۆت چوڭ ساياھەت ناھىيە، شەھرىنىڭ بىرى ۋە «بەش رايون، ئۈچ لىنيە»لىك ئالتۇن ساياھەت رايونىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. 2011-يىلى يەرلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 9مىليارد 937 مىليۇن يۈەنگە (نېفىتلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، يەرلىك مالىيەنىڭ ئادەتتىكى خامچوت كىرىمى 2 مىليارد 620 مىليۇن يۈەنگە، شەھەر، بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 15 مىڭ 690 يۈەنگە، دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 6454 يۈەنگە يەتتى، 3 كەسىپنىڭ قۇرۇلما نىسبىتى 16:58:25 كە تەڭشەلدى.
شايار ناھىيەسى: شايار ناھىيەسىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 32 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ، تەۋەلىكىدە 6 يېزا، 4 بازار، 3 دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدانى، بىر باشقۇرۇش كومىتېتى بار، ئومۇمىي نوپۇسى 258 مىڭ 600، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 214 مىڭ 700 بولۇپ، ٪83.02 نى ئىگىلەيدۇ، خەنزۇلار 41مىڭ 200 بولۇپ، ٪15.93 ئىگىلەيدۇ. ناھىيەنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمى 849 مىڭ 800 مو بولۇپ، دۆلەتنىڭ سۈپەتلىك تاۋار پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ سۈپەتلىك تاۋار ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، جۇڭگودىكى تۇنجى 100 مىليۇن توننا دەرىجىلىك پۈتۈن قۇملۇق نېفىتلىكى بولغان خادا دۆڭ 4-نېفىتلىكى شايار ناھىيەسى چېگرىسى ئىچىدە بولۇپ، نېفىتلىكىنىڭ ناھىيەدىكى يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 2 مىليۇن 600 مىڭ توننىدىن يۇقىرى. تارىخىي ئادىمىيەت بايلىقى ئۆزگىچە بولۇپ، مەدەنىيىتى پارلاق ۋە ئۇزۇن، يىپەك يولىدىكى مۇھىم بازار، قەدىمكى كۈسەن دۆلىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. 2011-يىلى يەرلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 3 مىليارد 213 مىليۇن يۈەن، يەرلىك مالىيەنىڭ ئادەتتىكى خامچوت كىرىمى 708 مىليۇن يۈەن، شەھەر، بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 16018 يۈەن، دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 7734 يۈەن، 3 كەسىپنىڭ قۇرۇلما نىسبىتى 36:22:42.
توقسۇ ناھىيەسى: توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 5817.83 كۇۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ، تەۋەلىكىدە 6 يېزا، 2 بازار، بىر دۆلەت دېھقانچىلىق مەيدانى بار، ئومۇمىي نوپۇسى 169 مىڭ 600، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 158 مىڭ 500 بولۇپ، ٪93.4 نى ئىگىلەيدۇ، خەنزۇلار 10 مىڭ 600 بولۇپ، ٪6.2 نى ئىگىلەيدۇ. ناھىيەنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمى 849 مىڭ 800 مو بولۇپ، دۆلەتنىڭ سۈپەتلىك تاۋار پاختا بازىسى، يىلىغا مىليون دەن سۈپەتلىك ساپ پاختا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈرگەن؛ چېگرا ئىچىدە ئېنىقلانغان تەبئىي گاز زاپىسى 195 مىليارد 50 مىليۇن كۇپ مېتىر، يېڭى مەھەللە گازلىقىنىڭ يىللىق تەبئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 2 مىليارد 500 مىليۇن كۇپ مېتىر بولۇپ، «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش»تىكى ئاساسلىق گازلىقىنىڭ بىرى. توقسۇنىڭ تارىخى، مەدەنىيەت، ساياھەت بايلىقى مول بولۇپ، قەدىمكى «كۈسەن دۆلىتى»دىكى ئاۋات رايون، «خەن، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى مۇھىم بازار»، «كۈسەن قەدىمى دىيارى»، دېگەندەك گۈزەل ناملىرى بار. 2011-يىلى يەرلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2 مىليارد 67 مىليۇن، يەرلىك مالىيەنىڭ ئادەتتىكى خامچوت كىرىمى 419 مىليۇن يۈەن، شەھەر، بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 15 مىڭ 230 يۈەن، دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 7270 يۈەن (دېھقانچىلىق مەيدانىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، 3كەسىپنىڭ قۇرۇلما نىسبىتى 43:19:29.

باي ناھىيەسى: باي باھىيەسىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 15 مىڭ 600 كۇۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ، تەۋەلىكىدە 4 بازار، 10 يېزا، 5 دۆلەت دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدانى، بىر ئۇرۇقچىلىق مەيدانى ۋە بىر دېھقانچىلىق تەجرىبە پونكىتى بار، ئومۇمىي نوپۇسى 230 مىڭ 900، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 201 مىڭ 100 بولۇپ، ٪87.09 نى ئىگىلەيدۇ، خەنزۇلار 27 مىڭ 600 بولۇپ، ٪11.95 نى ئىگىلەيدۇ. ناھىيەنىڭ تېرىلغۇ، ئورمانلىق، ئوتلاق، سۇ يۇزى كۆلىمى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1 مىليۇن 50 مىڭ مو، 2 مىليۇن 130 مىڭ مو، 13 مىليۇن 950 مىڭ مو، 1 مىليۇن 480 مىڭ مو، چېگرا ئىچىدىكى 5 چوڭ دەريانىڭ يىللىق ئېقىن مىقدارى 2 مىليار745 مىليۇن كۇپ مېتىر، يەر ئاستى سۇ بايلىقى 1 مىليارد 380 مىليۇن كۇپ مېتىر، مەملىكەت بويىچە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئىلغار ناھىيە، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم ئاشلىق بازىسى، مايلقدان ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، قوناق ئۇرۇقى يېتىشتۈرۈش بازىسى ۋە مېرنۇس ئىنچكە يۇڭلۇق قوي ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇپ، «جۇڭگونىڭ قىچا ماكانى»، «جۇڭگونىڭ ئىنچكە يۇڭلۇق قوي ماكانى»دېگەندەك گۈزەل نامى بار. نېفىت، تەبئىي گاز زاپىسى ئىنتايىن مول بولۇپ، ئېنىقلانغان تەبئىي گاز زاپىسى 384 مىليارد 700 مىليۇن كۇپ مېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە قارا 2-گازلىقىنىڭ زاپىسى 284 مىليارد كۇپ مېتىر. كۆمۈرنىڭ ئېھتىمال زاپىسى 5 مىليارد 500 مىليۇن توننا بولۇپ، «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆمۈر ماكانى» دېگەن نامى بار. نىئوبىي، تانتال، زىركونى قاتارلىق كەم ئۇچرايدىغان مېتال زاپىسى مەملىكىتىمىز بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. باي ناھىيەسىنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى ئۇزۇن، ساياھەت بايلىقى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، قاراباغ، قېيىردىن ئىبارەت 2 خەلقئارا ئوۋچىلىق مەيدانى، قىزىل سۇ ئامبىرى، تېرەك ئارشىڭى، تاللىق ئورمان باغچىسى، ياقائېرىق يارداڭلىق تاغ قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى بار، ئېلىمىزدىكى 4 چوڭ تاش ئېلىمىزنىڭ بىرى بولغان قىزىل مىڭ ئۆيى ۋە ليۇپىڭئونىڭ قوۋۇق ساقلاش خارابىسى چېگرا ئىچىگە جايلاشقان. 2011-يىلى يەرلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 3 مىليارد 509 مىليۇن يۈەن، يەرلىك مالىيەنىڭ ئادەتتىكى خامچوت كىرىمى 756 مىليون يۈەن، شەھەر، بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى15 مىڭ يۈەن، دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 6091 يۈەن، 3 كەسىپنىڭ قۇرۇلما نىسبىتى 21:51:28.
ئونسۇ ناھىيەسى: ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 14 مىڭ 202 كۇۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ، تەۋەلىكىدە 5 يېزا، 5 بازار، 12 دېقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدانى بار. ئومۇمىي نوپۇسى 245 مىڭ 700، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار ٪76 نى، خەنزۇلار ٪22 نى ئىگىلەيدۇ. باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ٪2 نى ئىگىلەيدۇ. ناھىيەنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمى 1 مىليۇن 180 مىڭ 700 مو بولۇپ، يېرىم دېھقانچىلىق ، يېرىم چارۋىچىلىق چېگرا ناھىيەسى. چېگرا ئىچىدە قار-مۇزلۇق بەلباغدىن 197 سى بولۇپ، سۇ زاپىسى 158 مىليارد 202 مىليۇن كۇپ مېتىر، چوڭ-كىچىك دەريا-ئۆستەڭ 43، يىللىق ئېقىن مىقدارى 9 مىليارد 640 مىڭ يەر ئاستى سۈيى زاپىسى 1 مىليارد 618 مىليۇن كۇپ مېتىر. ھازىر ئېنىقلىنىپ ئېچىپ پايدىلانغىلى بولىدىغان كان تۈرى 29 دىن ئارتۇق، كۆمۈر زاپىسى 1 مىليارد توننىدىن يۇقىرى، تاش تۇز زاپىسى 40 مىليارد توننىدىن ئارتۇق، گىرانت زاپىسى 5 مىليۇن كۇپ مېتىردىن ئارتۇق. مۆلچەردىكى نېفىت گىئولوگىيەلىك زاپىسى 94 مىليۇن 690 مىڭ توننا، تەبئىي گاز زاپىسى 144 مىليارد 500 مىليۇن كۇپ مېتىر. ئونسۇ ناھىيەسى قەدىمدە قۇم دىيارى قەدىمىي دۆلىتى دەپ ئاتالغان، ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى كۆپ بولۇپلا قالماستىن، تەبىئەت مەنزىرسىمۇ سىرلىق ۋە چىرايلىق. چېگرا ئىچىدە داڭلىق تەڭرىتاغ سىرلىق ئورمان باغچىسى، تۆمۈر چوققا تەبئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون، ئونسۇ چوڭ جىلغىسى، قەدىمكى قەبرە، كۆكيار ئورمان باغچىسى، تەڭرىتاغ ئورمان باغچىسى، ئېنقىلاۋى ئۆستەڭ ۋە شېخىل سۇ ئىنشائات تۈگۈنى قاتارلىق ئۆزگىچە ساياھەت بايلىقى بار. 2011-يىلى يەرلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2 مىليارد 994 مىليۇن يۈەن، يەرلىك مالىيەنىڭ ئادەتتىكى خامچوت كىرىمى 229 مىليۇن يۈەن، شەھەر، بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 16482 يۈەن، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 7183 يۈەن، 3 كەسىپنىڭ قۇرۇلما نىسبىتى 47:22:31.
ئاۋات ناھىيەسى: ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 13 مىڭ 233 كۇۋادىرات كېلومېتىر بولۇپ، تەۋەلىكىدە 5 يېزا، 3 بازار، پاي تۈزۈمىدىكى 3 دېھقانچىلىق كارخانىسى ۋە بىر چارۋىچىلىق مەيدانى، بىر ئورمانچىلىق مەيدانى بار، ئومۇمىي نوپۇسى 252 مىڭ 700، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 204 مىڭ 400 بولۇپ، ٪80.89 نى ئىگىلەيدۇ، خەنزۇلار 46 مىڭ 200 بولۇپ، ٪18.28 نى ئىگىلەيدۇ. ناھىيەنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمى 1 مىليۇن 190 مىڭ 500 مو بولۇپ، قېزىلما بايلىق كەمچىل، تاغمۇ، كانمۇ، نېفىتمۇ، تەبئىي گازمۇ يوق، ئەمما نۇر، ئىسسىقلىق بايلىقى مول بولۇپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ مۇھىم ئاشلىق، پاختا ۋە باغ-ئورمانچىلىق بازىسى. ئاۋات دولان مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسىنىڭ بىرى، دولان مەدەنىيىتى بۇ تۇپراقتا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد تەرەققىي قىلىپ كەلدى، دولان مۇقامى، دولان ئۇسسۇلى، دولان دېھقان رەسىملىرى، مۇسسەللەس قاتارلىقلار كۆپ خىل مەدەنىيەتنىڭ تەسىرى ۋە يۇغۇرۇلۇش بىلەن ئۆزگىچە بەدئىي سېھرى كۈچىنى نامايەن قىلىپ كەلمەكتە. 2011-يىل يەرلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2 مىليارد 734 مىليۇن يۈەن، يەرلىك مالىيەنىڭ ئادەتتىكى خامچوت كىرىمى 91 مىليۇن يۈەن، شەھەر، بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 15 مىڭ 530 يۈەن، دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرا ساپ كىرىمى 8201 يۈەن، 3 كەسىپنىڭ قۇرۇلما نىسبىتى 46:15:39.
ئۈچتۇرپان ناھىيەسى: ئۈچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 9082 كۇۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ، تەۋەلىكىدە 8 ناھىيە، 1 بازار بار، ئومۇمىي نوپۇسى 217 مىڭ 500، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 197 مىڭ 700 بولۇپ، ٪90.9 نى ئىگىلەيدۇ، خەنزۇلار 12 مىڭ 472 بولۇپ، ٪5.70 نى ئىگىلەيدۇ. ناھىيەنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمى 697 مىڭ 100 مو بولۇپ، يېشىل، زىيانسىز بېدە، بۇغداي، گۈرۈچ، قوناق، سېرىق پۇرچاق، نۇقۇت، قارا بۇغداي، زىغىر، قىچا، پاختا، قىزىلچا قاتارلىقلار كۆپ چىقىدۇ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق بازىسى ناھىيەسى، نوقۇت بازىسى ناھىيەسى، بولۇپمۇ دەريا ۋادىسىدىكى ساقلىقنى ساقلاش، دورىلىق ۋە ئېكولوگىيەلىك قىممەتكە ئىگە ياۋا جىغاننىڭ سۈپىتى ياخشى، ئېچىش يوشۇرۇن كۈچى زور بولۇپ، «جۇڭگو جىغان ماكانى» دەپ نام بېرىلگەن. چېگرا ئىچىدە قوغۇشۇن، سىنىك، ۋانادىي، سۈرمە، ئالتۇن، ئاليومىن توپىسى قاتارلىق كۆپ خىل رەڭلىك مېتال ۋە گەج، ساپال توپىسى، ھاك تاش قاتارلىق قېزىلما بايلىقلار بار. 2011-يىلى يەرلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1 مىليارد 526 مىليۇن يۈەن، يەرلىك مالىيەنىڭ ئادەتتىكى خامچوت كىرىمى 6500 يۈەن، شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 14 مىڭ 500 يۈەن، دېقان، چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 4007 يۈەن، 3 كەسىپنىڭ قۇرۇلما نىسبىتى 39:13:84.

كەلپىن ناھىيەسى: كەلپىن ناھىيەسىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى8709.65 كۇۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ، تەۋەلىكىدە 4 يېزا، 1 بازار بار، ئومۇمىي نوپۇسى 44 مىڭ 300، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار ٪96.89 نى، خەنزۇلار ٪2.95 نى ئىگىلەيدۇ. ناھىيە بويىچە دېھقانچىلىققا ماس كېلىدىغان يەر 1 مىليۇن 500 مىڭ مو، چارۋىچىلىققا ماس كېلىدىغان كۆلەم 3 مىليۇن مو، ئورمانچىلىققا ماس كېلىدىغان كۆلەم 1 مىليۇن مو، يەنە ٪95 يەر ئېچىلىشنى كۈتۈپ تۇرماقتا. گۈڭگۈرت، مىس، گەج، كىرستال قاتارلىق 18 خىل قېزىلما بايلىق بار. كەلپىن ناھىيەسى قەدىمكى «يىپەك يولى» ئۆتىدىغان جاي بولۇپ، تارىخى ئۇزۇن، 13 جايدا قەدىمكى خاراب بولۇپ، كۆپىنچىسى خەن، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى خارابىيلار، بۇنىڭ ئىچىدە چىلان تۇراسى، چىلان قەدىمىي شەھرى قاتارلىق 6 خارابە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنىغا كىرگۈزۈلگەن. 2011-يىلى يەرلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 524 مىليۇن يۈەن، يەرلىك مالىيەنىڭ ئادەتتىكى خامچوت كىرىمى 23 مىليۇن يۈەن، شەھەر، بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 14 مىڭ 350 يۈەن، دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 3831 يۈەن، 3 كەسىپنىڭ قۇرۇلما نىسبىتى 27:21:52

مەنبە:ئاقسۇ ھۆكۈمەت تورى

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

زالىمنى يەر بىلەن تەڭ كۆر(موللا بىلال نازىمى)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-27 04:49 , Processed in 0.193374 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش