چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1456 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • yadikar ئۈلۈشكۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەرھۇم مويدىن سايىتنىڭ ئاخىرەتلىكى ئاسان بولغاي!

  • eleyas ئۈلۈشكۈن 16:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    نىمىنى بەكرەك ياقتۇرساڭ ،شۇنەرسە  سىنىڭ ئ‍ىمتاھانىڭدۇر. جالالىددىن رۇمى…

  • huxhuy ئۈلۈشكۈن 00:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz تۈنۈگۈن 23:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

كۆرۈش: 488|ئىنكاس: 0

لۇشۈن مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان يادىكارلىقلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
لۇشۈن مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان شىنجاڭنىڭ مەدەنىي يادىكارلىقلىرى

قۇربان ۋەلى


بۇ يىل5-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي پەن ساسەسىدىن بىر قانچە كىشى دالىيەن شەھىرىدكى لۇشۈن مۇزېيىغا كېلىپ،بۇ يەردە ساقلىنىۋاتقان شىنجاڭنىڭ مەدەنىي يادىكارلىقلىرىنى كۆرۈپ چىقتۇق.بۇ يەردە يېزىق تارىخىغا ۋە مەتبەئەچىلىك تارىخىغا دائىر تېخى تەتقىق قىلىنمىغان بىرمۇنچە قىممەتلىك ماتېرىياللارنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدۇق.بۇ يېڭىلىقلاردىن كىتابخانلارنى خەۋەرلەندۈرۈش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى يازدىم.

داگۇگۇاڭرۈي ئېكىسپىدىتسىيىسى ۋە لۇشۈن مۇزېيى

1902-1914-يىللاردا ياپونىيە شىنجاڭ رايونىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئۈچۈن داگۇ گۇاڭرۈې باشچىلىقىدا ئۈچ قېتىم ئېكىسپىدىتسىيە تەشكىللەپ،شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تارىخ،جۇغرافىيە،مەدەنىيەت، سەنئەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى قىممەتلىك مىللىي مەدەنىي مىراسلىرىمىزدىن بىر قانچە مىڭ پارچە ماتېرىيال توپلىغان.بۇ ئون نەچچە يىلنىڭ ئالدى-كەينىدە لۇشۈن رايونىنىڭ ۋەزىيىتى مۇنداق بولغاندى:

1898-يىلى چارروسىيە جاھانگېرلىكى لۇشۈن رايونىنى ئىجارىگە ئېلىۋېلىپ،ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي پورتىغا ئايلاندۇرىدۇ.1904-يىلى ياپون جاھانگېرلىكى لۇشۈن پورتىغا ھۇجۇم قىلىپ،بۇ پورتنى چارروسسىيىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىن تارتىۋالىدۇ ۋە 1917-يىلى بۇ پورتتا"لۇشۈن مۇزېيى"قۇرىدۇ.

لۇشۈن مۇزېيىدىكى يولداشلرنىڭ تونۇشتۇرىشىچە:"داگۇاڭرۈي باشچىلىقىدىكى ئۈچ قېتىملىق ئېكىسپىدىتسىيە جەريانىدا شىنجاڭدىن توپلانغان مىللىي مەدەنىي مىراسلىرىمىزنىڭ بىر قىسىمى30-يىللاردا ياپون ئىشغالىيىتىدىكى"لۇشۈن مۇزېيى"غا سېتىپ بېرىلگەن(يەنە بىر قىسىمى جەنۇبىي چاۋشىيەننىڭ خەنچېن مۇزېيىغا سېتىپ بېرىلگەن،يەنە بىر قىسىمى ياپونيىگە ئېلىپ كېتىلگەن)ئىكەن.

1945-يىلى سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى شەرقىي شىمالنى ئازات قىلغاندىن كېيىن،لۇشۈن مۇزېيىمۇ سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ باشقۇرىشىدا بولغان.1950-يىل2-ئاينىڭ14-كۈنىدىن باشلاپ،لۇشۈن رايونى جوڭخۇاخەلق جومھۇرىيىتى بىلەن سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ئورتاق  باشقۇرىشىدا بولغان.1955-يىل 5-ئايدىن باشلاپ پۈتۈنلەي جوڭگونىڭ باشقۇرىشىغا ئۆتكۈزىۋېلىنغان.

دېمەك،ياپون ئېكىسپىدىتسىيىچىلىرى شىنجاڭدىن قىدىرىپ ئېلىپ كەتكەن قىممەتلىك مەدەنىي مىراسلىرىمىز70 نەچچە يىلدىن بۇيان يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەن دەۋر ئۆزگىرىشلىرى جەريانىدا ھەر تەرەپكە چېچىلىپ كەتكەن.لۇشۈن مۇزېيىغا ئۆتكۈزىۋېلىنغانلارنىڭمۇ"تەلىيى ئوڭغا تارتقان"لىرى ھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ قالغان.ھازىر لۇشۈن مۇزېيى كۆرگەزمە زالىدا"تۇرپاندىن تېپىلغان مەدەنىي يادىكارلىقلار بۆلۈمى"ناملىق مەخسۇس بىر بۆلۈم ئېچىلىپتۇ.بۇ بۆلۈمدە ئالتە مومىيا ۋە بىر مۇنچە ساپال قاچىلار،قونچاقلار،ھەيكەللەر،يارماقلار كۆرگەزمە قىلىنماقتا.

مىلادىⅥئەسىردىكى ئۇيغۇر يېزىقى

لۇشۈن مۇزېيىنىڭ"تۇرپاندىن تېپىلغان مەدەنىي يادىكارلىقلار"بۆلۈمىدە كۆرگەزمىگە قويۇلغان"1.344" نومۇرلۇق ئەر مومىيا ئۆزىنىڭ باشىلاردىن پەرقلىنىدىغان ئالاھىدىكلىرى بىلەن كىشىنىڭ دېققىتىنى جەلىپ قىلىدۇ.بۇ مومىيانىڭ ئۈستىگە پۈتۈنلەي يىرىك بۆز(ياۋا كەندىر چىگىسىدىن ئىگىرلەنگەن يىپ ئارلاشتۇرۇلغان بولىشى مۇمكىن)ئورالغان.ئۇنىڭ ئۈستىگە بوشما يەڭلىك كەڭ بۆز تون كىيگۈزۈلگەن،بېلىگە بۆزدىن تىكىلگەن بەلباغ باغلانغان.پۇشقىقى بوغما بۆز ئىشتان كىيگۈزۈلگەن.ئىككى پۇتىمۇ بۆزدىن تىكىلگەن بوغقۇچقا چېتىپ قويۇلغان.سول پۇتىغا ئورالغان يىرىك بۆزگە قارا سىياھ بىلەن"بىر چان"(كىتابتا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى قەلەم بىلەن يېزىلغان.كومپيۇتېرغا يېزىشقا ئىمكان بولمىدى.) دېگەن قەدىمكى ئۇيغۇرچە خەت يېزىلغان.

"چان"دېگەن خەنزۇچە"جاڭ"(丈)،يەنى ئون گەز دېگەن سۆز بىلەن ئوخشاش بولىشى مۇمكىن.

لۇشۈن مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان مەدەنىي يادىكارلىقلار ئىچىدە بۇ بۆلۈمدە كۆرگەزمە قىلىنىۋاتقان ئالتە مومىيا بىلەن بىللە ئېلىپ كېلىنگەن يەنە ئالتە قەبرە خاتىرىسى(قەبرە تېشى)بار. بىراق ھازىر قايسى قەبرە تېشى قايسى مومىيانىڭ ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق خاتىرە يوق.بۇ ئالتە پارچە قەبرە خاتىرىسىدە ئېيتىلغان يىلنامىلەردىن قارىغاندا بۇ ئالتە مومىيا مىلادى564-،569-،580-،590-،610-،634-

يىللاردا ۋاپات بولغان كىشىلەر ئىكەن.بۇ يىللار تۇرپان ئويمانلىقىدا كىيۈ جەمەتى.① ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ئىدىقۇت خاقانلىقى دەۋرى ئىدى.

خاتىرە تاشلارنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا،تۆت مومىيا ئايال،ئىككى مومىيا ئەر ئىدى.بۇ كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئالتە مومىيانىڭ جىنىس پەرقى بىلەن ئوخشاش.بۇ يەردە تىلغا ئېلىۋاتقان"1.344"نومۇرلۇق مومىيا كيۈ بايار خانلىق تەختىدە ئولتۇرىۋاتقان زاماندىكى"يەنخېنىڭ4-يىلى"(مىلادى610-يىلى)ۋاپات بولغان كيۈ فامىلىلىك ئەر كىشى بولىشى ئېھتىمالغا يېقىن.بۇ ماتېرىيال ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ خان جەمەتى بولۇپ تۇرغان كيۈ فامىلىلىكلەرنىڭ ئېتنوگىرافىيىسىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي،بەلكى مىلادىⅥئەسىردە ئاللىقاچان ئۇيغۇر يېزىقى قوللىنىلىۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ماددىي پاكىت بىلەن ئىسپاتلايدۇ.

مىلادىⅤ-Ⅵئەسىرلەردىكى مەتبەئە ماتېرىياللىرى

لۇشۈن مۇزېيىدا قەدىمكى شىنجاڭ يېزىقلىرىدا يېزىلغان300 پارچىدىن ئارتۇق كىتابنىڭ ساق ۋە كەمتۈك ۋاراقلىرى رەتلىنىپ،ئەينەكنىڭ قېتىغا ئېلىنىپ ساقلانماقتا ئىكەن.بۇنىڭ ئىچىدە سانسكرىت،توخرى،ساك،بىراھمى،تۈرك،ئۇيغۇر تۈبۈت،مانى يېزىقلىرىدا يېزىلغان ئەسەرلەر بار.بۇنىڭدىن باشقا يەنە تېخى رەتلەنمىگەن ئالتە بولاق ھەرخىل يېزىقتىكى قەدىمكى ئەسەرلەرنىڭ ئۇششاق پارچىلىرىمۇ ئۆز پېتى ساقلانماقتا.يېڭىدىن رەتلەپ،نومۇر قويۇپ،ئەينەكنىڭ قېىغا ئېلىپ كۆزگەزمە قىلىش ياكى نەشىر قىلدۇرۇش ئۈچۈن تەييارلاپ قويۇلغان يەنە بىر قىسىم يىپەك رەخت ۋە قەغەزگە سىزىلغان ياكى مەتبەئەدە بېسىلغان ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرىدىكى ۋە ئۇنىڭدىن بىر-ئىككى ئەسر بۇرۇنقى قىممەتلىك گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىمۇ بار ئىكەن.

ھەممىگە مەلۇمكى،جوڭگو قەدىمكى تۆت چوڭ كەشپىيات بىلەن دۇنياغا مەشھۇردۇر.بۇ تۆت چوڭ كەشپىياتنىڭ بىرى مەتبەئە ئىدى.مەتبەئەنىڭ باشلىنىشى توغرىسىدا سۆزلەنگەندە،سوڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن بى شېڭ ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ 1041-1048-يىللاردا تىزما خەت(مىخ مەتبەئەنىڭ باشلىنىشى)تېخنىكىسىنى كەشپ قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ.شۇنداقلا ئۇنىڭدىن بۇرۇن تاڭ سۇلالىسى دەرۋىدە جىڭگۇەننىڭ10-يىلى(مىلادى636-يىلى)ياغاچقا ئويۇپ قەغەزگە بېسىلغان"خوتۇن-قىزلار رىسالىسى"دېگەن كىتابمۇ تىلغا ئېلىنىدۇ.دېمەك،ئويما مەتبەئە ئوتتۇرا جوڭگو رايونىدا مىلادى Ⅶئەسردىلا قوللىنىلغاندى.بىز لۇشۈن مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان مەدەنىي مىراسلىرىمىزنى كۆزدىن كەچۈرگەندە،شۇ زامانلاردا، يەنى مىلادىⅦئەسردە ئوتتۇرا جوڭگو رايونىدا ئويما مەتبەئە قوللىنىلغان زامانلاردا،شىنجاڭدىمۇ ئاللىقاچان تېكستلەرنى ياغاچقا ئويىۋېلىپ ئاندىن قەغەزگە بېسىپ چىققان ياكى ھەرپلەرنى ۋە كۆپ ئۇچىرايدىغان ھەرپ تۈركۈملىرىنى تامغا ئويىۋېلىپ،ئاندىن قايسىسى لازىم بولسا شۇنى قول بىلەن قەغەزگە بېسىپ ئىشلەپ چىقىلغان كىتابلارنىڭ بولغانلىقىغا دائىر پاكتلارنى كۆردۇق.(بۇنداق ماتېرىياللار داگۇ گۇاڭرۈينىڭ"غەربىي دىيار خاتىرىسى"دېگەن يېرىك ئەسىرىدىمۇ تىلغا ئېلىنغان.ماتېىرياللارنىڭ فوتو نۇسخىسىمۇ قوشۇپ بېرىلگەن.)ئەڭ مۇھىمۇ شۇكى،ئۇنىڭدىن بۇرۇن،مىلادىⅤئەسردە تۇرپاندا ئويما ۋە تامغا مەتبەئەدە بېسىلغان بۇددىزىم رەسملىرىمۇ بۇ مۇزېيىدا ساقلانماقتا.بۇلار شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.بۇ ماتېرىياللار قىزىققۇچىلارنىڭ تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىشىنى كۈتىدۇ.

ئىزاھ:①"مايتىرىسىمىت"نىڭ توخرى تىلىدىغان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان قۇمۇل نۇسخىسىنى كۆچۈرگۈزگەن ۋە ئۆز تىلى بىلەن كىرىش سۆز يازغۇزغان كىشىنىڭ ئىسىمى"كىيۇ تاشكەن"بولۇپ،ئۇ ئۇيغۇر ئىدى.قەدىمدە تۇرپاندا قوللىنىلغان فامىلىلەرگە دائىر تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا"كىيۇ"فامىلىلىكلەر جەنۇبىي ھونلارنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.

(بۇ ماقالىنىڭ دەسلەپكى ئورگىنالى"شىنجاڭ گېزىتى"نىڭ1984-يىل7-ئاينىڭ26-كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان.)

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلىقى،تۇققاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلىقى.

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-26 12:32 , Processed in 0.186664 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش