چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1456 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • yadikar ئۈلۈشكۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەرھۇم مويدىن سايىتنىڭ ئاخىرەتلىكى ئاسان بولغاي!

  • eleyas ئۈلۈشكۈن 16:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    نىمىنى بەكرەك ياقتۇرساڭ ،شۇنەرسە  سىنىڭ ئ‍ىمتاھانىڭدۇر. جالالىددىن رۇمى…

  • huxhuy ئۈلۈشكۈن 00:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz تۈنۈگۈن 23:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

كۆرۈش: 510|ئىنكاس: 0

ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى

ئەدەبىي ئەسەرلەر ①شەكىل②مەزموندىن تۈزىلىدۇ.
ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ شەكىلى①تۈر ۋە ژانىر②كومپوزۇتسىيە③تىل④ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى قاتارلىق تەركىبلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئەدەبىي ئەسەرلەر شەكىلىگە ئاساسەن ①شېئىر②ئىپىك ئەسەرلەر③تىياتىر سەنئىتى④كىنو سىناريىسى⑤نەسر ⑥مەدداھلىق-ئەلنەغمە ئەدەبىياتى قاتارلىق تۈر ۋە ژانىرغا بۆلۈنىدۇ.

1. شېئىر تۈزۈلۈش شەكىلىگە ئاساسەن ①چاچما شېئىرلار ②نەسىرى شېئىرلار ③ۋەزىنلىك شېئىرلار دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
ۋەزىنلىك شېئىرلار مىسرا تۈزۈلۈشى ۋە قاپىيە شەكىلىگە ئاساسەن(1)مەسنەۋى(2)غەزەل (3)مۇسەللەس (4)مۇرەببە  (5)مۇخەممەس (6)مۇسەددەس(7)مۇسەببە (8)مۇسەممەن(9)مۇتەسسە(10)تەرجى بەنت (11)مۇستەمزات (12)مۇۋەششەھ (13)مۇساۋىيات تەرەپەيىن (14)مۇھتەمىلات(تۇيق) (15)رۇبائىي(16) مۇئەمما (17)قىتئە(پارچىلار) (18)فەرد …قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ.
ۋەزىنلىك شېئىرلار ۋەزىنىگە ئاساسەن①ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلار ②بارماق ۋەزىنلىك شېئىرلار دېگەن ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلارنىڭ (1)پەئۇل (2)پەئۇلۇن(3)مەپائىيلۇن (4)مەپەئىلۇن (5)مەپئۇل(6)مەپئۇلۇن
(7)پائىلۇن (8)پائىلاتۇن(9)مۇستەپئىلۇن(10)پەئىلاتۇن (11)پەئىلۇن(12)مۇستەپئىلاتۇن(13)مۇستەپئىلاتۇن (14)مۇپتەئىلۇن……قاتارلىق ئوتتۇزدىن ئارتۇق ۋەزىن تۈرلىرى بار.
ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلارنىڭ يەنە(1)رەمەل بەھرى(2)رەجەز بەھرى(3)ھەزەج بەھرى(4)مۇتەقارىپ بەھرى (5)مۇسنەرىھ بەھرى(6) تەۋىل بەھرى (7) مەدىد بەھرى (8) بەست بەھرى (9) ۋافىر بەھرى (10) كامىل بەھرى (11) سەرئى بەھرى (12) مۇقتەزەپ بەھرى (13) مۇجتەس بەھرى (14) مۇزارى بەھرى (15) جەدىد بەھرى (16) مۇشاقىل بەھرى (17) قەرىپ بەھرى (18) خەفىف بەھرى (19) مۇتىدارىك بەھرى…قاتارلىق بەھىرلىرى بار.
بارماق ۋەزىنلىك شېئىرلار بوغۇم سانىغا ئاساسەن ①ئارىلاش بۇغۇملۇق شېئىرلار ②تەڭ بۇغۇملۇق شېئىرلار دېگەن ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
شېئىر مەزمونىغا ئاساسەن ①لىرىك شېئىر②ئىپىك شېئىر دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
لىرىك شېئىر ھېسىيات ۋە خاراكتېرىگە ئاساسەن① سىياسىي لىرىكا② ئىنتىم لىرىكا ③پراژ لىرىكىسى ④قەسىدە ⑤مەرسىيە ⑥مۇھاببەت لىرىكىسى ⑦ھەجىۋىي لىرىكا ⑧قوشاق…قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ.
ئىپىك شېئىر ئىپادىلەش شەكىلىگە ئاساسەن قىسسە، ئېيتىشىش، ئىپوس، داستان، باللادا، مەسەل، قەھىرمانلار قوشاقلىرى، سىيوژىتلىق شېئىر…قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ.

2. ئىپىك ئەسەرلەر دەۋر جەھەتتىن① بۇرۇنقى زامان ئىپىك ئەسەرلىرى ②ھازىرقى زامان ئىپىك ئەسەرلىرى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ھەجىم جەھەتتىن ①ھېكايە ②پوۋېست ③رومان دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
ھېكايىنى ھەجىمىگە ئاساسەن①ھېكايە ②مىكرو ھېكايە… دېگەن تۈرلەرگە، مەزمونىغا ئاساسەن ①ھېكايە ②ھەجۋى ھېكايە③ تارىخىي ھېكايە…قاتارلىق تۈرلەرگە ئايرىشقا بولىدۇ.
پوۋېستنىمۇ مەزمونىغا  ئاساسەن① پوۋېست②تارىخىي پوۋېست③بىئوگىرافىك پوۋېست… قاتارلىق تۈرلەرگە ئايرىشقا بولىدۇ.
روماننى مەزمونى ۋە شەكىلىگە ئاساسەن ①رومان② قىسسە③تارىخىي قىسسە④تارىخىي رومان⑤تارىخىي تېمىدىكى رومان ⑥بىيوگىرافىك رومان⑦پەلسەپىۋىي رومان⑧يۇمۇرىستىك رومان⑨پانتازىيەلىك رومان⑩تىرلوگىيە،شېئىرىي رومان،… قاتارلىق تۈرلەرگە ئايرىشقا بولىدۇ.

3. تىياتىر سەنئىتى مەزمونىغا ئاساسەن ①كومېدىيە ②تراگېدىيە ③تراگىك كومېدىيە دېگەن تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.ئىپادىلەش ئۇسۇلىغا ئاساسەن ① درامما ②ئوپېرا ③ئۇسۇللۇق درامما ④ناخشا-ئۇسۇللۇق درامما ⑤گاچچا درامما ⑥شېئىرىي درامما ⑦ئىپزوت ⑧ئىتوت…قاتارلىق تۈرلەرگە ئايرىشقا بولىدۇ.

4. كىنو سېناريىسى تەرەققىيات دەۋىرىگە ئاساسەن① دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئاۋازسىز ھۆججەتلىك فىلىملەر ② 1920-يىللاردىكى ئاۋازسىز كىنولار ③ 1930-يىللاردىكى ئاۋازلىق كىنولار 1950④-يىللاردىكى رەڭلىك كنولار ⑤ھازىرقى زامان تېلېۋىزىيە تىياتېرلىرى ۋە كارتون فىلىم…قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.

5. نەسىر ئىپادىلەش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ①لىرىك نەسر ②مۇھاكىمىلىك نەسر ③ئىپىك نەسر دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
مۇھاكىمىك نەسر ①ئەدەبىي خاتىرە ②فىليەتون ③ئەبجەش خاتىرە…قاتارلىقلارغا بۆلبنىدۇ.
ئىپىك نەسر ①تەزكىرە ئەدەبىياتى ②ئەدەبىي ئاخبارات③ ساياھەت خاتىرىسى…قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ.

6. مەدداھلىق-ئەلنەغمە ئەدەبىياتى ①مەدداھلىق تۈرى ②ئەدەبىي چاقچاق ③راۋاب قوشىقى ④ئېيتىشىش ۋە لەپەر ⑤بىيىت ئېيتىش تۈرى…قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ.

Ⅱكومپوزىتسىيە ①ئابزاس ②قاتلام ③بۆلەك④ قىسىم⑤ توپلام قاتارلىقلاردىن تۈزۈلىدۇ.
Ⅲتىل ①پىرسۇناژ تىلى ②ئاپتور تىلى قاتارلىق ئىككى قىسىمدىن تۈزۈلىدۇ.
پىرسۇناژ تىلى ①دىئالوگ ②مونولوگنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئاپتور تىلى  ①1-شەخس تىلى② 2-شەخس تىلى ③3-شەخس تىلىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل بولىدۇ
Ⅳئىپادىلەش ئۇسۇللىرى ①تەسۋىر②بايان ③مۇھاكىمە ④لىرىكا⑤چۈشەندۈرۈش قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.
تەسۋىر ①پىرسۇناژ تەسۋىرى ②مۇھىت تەسۋىرى ۋە③ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
پىرسۇناژ تەسۋىرى ①قىياپەت تەسۋىرى ②ھەرىكەت تەسۋىرى ③تىل تەسۋىرى(دىئالوگ ۋە مونولوگ) ④پىسخىك تەسۋىر قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.
ئىستىلىستىلىق ۋاستىلەرنىڭ ①ئوخشىتىش ②سۈپەتلەش ③جانلاندۇرۇش ④سېلىشتۇرۇش⑤مۇبالىغە ⑥تەكرارلاش⑦رىتورىك خىتاب⑧سىلىقلاش ⑨كىنايە…قاتارلىق تۈرلىرى بار.
باياننىڭ ①ئوڭ بايان② تەتۈر بايان ③قىستۇرما بايان④ تەڭداش بايان  قاتارلىق تۈرلىرى بار.

ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ مەزمونى ①تېما②باش تېما③پىرسۇناژ④شارائىت⑤سىيۇژىت⑥سىيۇژىتقا تەۋە بولمىغان بۆلەك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
Ⅰتېما تاللاش دائىرسىگە ئاساسەن ①يېزا تېمىسى②شەھەر تېمىسى③سانائەت تېمىسى④زىيالىيلار تېمىسى⑤بالىلار تېمىسى⑥ئاياللار تېمىسى⑦مائارىپ تېمىسى⑧ئۇرۇش تېمىسى⑨سودا-سېتىق تېمىسى….قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ.
Ⅱباش تېما مەزمونىغا ئاساسەن ئاساسىي باش تېما ۋە قوشۇمچە باش تېمىدىن ئىككى تەركىبنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
Ⅲپىرسۇناژ ①تىپىك پىرسۇناژ ②قوشۇمچە پىرسۇناژ ۋە ①ئىجابىي پىرسۇناژ ②سەلبىي پىرسۇناژ دېگەن تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.
Ⅳشارائىت ①تىپىك شارائىت ②تىپىك بولمىغان شارائىت ۋە ①تەبئىي شارائىت ②ئىجتىمائىي شارائىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
Ⅴسىيۇژىت ①تۈگۈن ②راۋاج③ كولمناتسىيە ④يېشىم قاتارلىق بۆلەكلەردىن تۈزۈلىدۇ.
Ⅵسىيۇژىتقا تەۋە بولمىغان بۆلەك ①مۇقەددىمە②خاتىمەدىن ئىبارەت.
مەنبە: شىنجاڭ يازغۇچىلىرى

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئاتقا مىنىپ خوش-خوش دېگۈچە،ئېشەككە مىنىپ پوش-پوش دېگەن تۈزۈك.

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-26 12:39 , Processed in 0.187054 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش