چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1456 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • yadikar ئۈلۈشكۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەرھۇم مويدىن سايىتنىڭ ئاخىرەتلىكى ئاسان بولغاي!

  • eleyas ئۈلۈشكۈن 16:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    نىمىنى بەكرەك ياقتۇرساڭ ،شۇنەرسە  سىنىڭ ئ‍ىمتاھانىڭدۇر. جالالىددىن رۇمى…

  • huxhuy ئۈلۈشكۈن 00:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz تۈنۈگۈن 23:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

كۆرۈش: 589|ئىنكاس: 0

مۇھەممەد ئوغۇز ھەمرا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مىللەتسۆيەر زىيالى -مەرھۇم مۇھەممەد ئوغۇز ھەمرا


مەرھۇم مىللەتسۆيەر زىيالى - مۇھەممەد ئوغۇز ھەمرانىڭ تەرجىمھالى (1908 - 1977 )
موللا مۇھەممەت ئوغۇز ھەمرا 1908-يىلى قەشقەر كوناشەھەر ناھىيىسنىڭ تاشمىلىق يېزىسىدا ،
ھەمرا تۇردى ئائىلسىدە دۇنياغا كەلگەن .ئۇ 1925-يىلغىچە ئائىلە تەربىيسى ۋە تاشمىلىق يېزىسىدىكى جورى باي دىگەن كىشىنىڭ دىنىي مەكتىپىدە ،قەشقەر شەھرىدىكى چاسا خانلىق مەدىرىسىدە ئوقوغان .1925-يىلى سودا كارۋانلىرى بىلەن بىرگە ھىندىستانغا بارغان . 1935-يىلغىچە ھىندىستاننىڭ يىڭى دىھلى شەھىردىكى دارىلفۇنۇندا،ۋە  شۇ جايدىكى،، يۇيانى،،دورىخانسىدا تىببىي ئىلىم ئۆگىنىش،دورا ياساش ئىشلىرىنى ئۆگەنگەن .1935-يىلدىن كىيىن،دېڭىز ئارقىلىق ئىچكىر ئۆلكىلەرگەبېرىپ،نەنجىڭ،شاڭخەي،چۇڭچىڭ،لەنجۇ قاتارلىق جايلاردا ،بىلىم ئاشۇرۇش ،دورىگەرلىك ،دوختۇرلۇق،ئوقۇتقۇچىلىق
،تەتقىقات قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللانغان .موللا مۇھەممەت ئوغۇز ھەمرا چەتئەللەردە،ئىچكىر ئۆلكىلەردە ،ئىلىم ئۆگىنىش،جاھاننى كۈزىتىش جەريانىدا،ۋەتەننىڭ خاراپ،مىللەتنىڭ نادان،قالاق ھالەتتە،خەلىقنىڭ زۇلۇم ئاستىدا تۇرۋاتقانلىقىغا قاتتىق ئېچىنغان ۋە ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش كىرەكلىكىنى چۇڭقۇر ھىس قىلغان .1947-يىلى ئىچكىر ئۆلكىدىن شىنجاڭغا قايتىپ كىلىپ،خەلىقچىللىقنى يولغا قۇيۇش،مىللەتلەر تەڭ باراۋەرلىكتە ياشاش،زۇلۇمنى يوقۇتۇش،يولىدا ئەمەلىي ھەركەتلەرنى
ئېلىپ بارغان.ئۇ بىر خاتىرسىدە ،، ئۇلۇغ، شان- شەۋكەتلىك مىللىتىمىزنىڭ ئەركىنىلىكىنى،مىللىي
ھوقۇق -باراۋەرلىكىنى تەلەپ قىلدىم،مىللەتنىڭ سىياسىي،ئىقتىسادىي،مائارىپتىكى تەڭلىك
-تەرەققىياتى ئۈستىدە ئىزدەندىم،ئاندىن قولۇمغا قەلەم ئېلىپ،مىللەتنى ئويغۇتۇش ئۈچۈن يېزىشقا
كىرىشتىم ،، دەپ يېزىپ قالدۇرغان .ئۇ مىللەتنى ئويغۇتۇش،مىللىي تىلنى،مىللىي تاۋارلارنى سۆيۈش قاتارلىق ئەمەلىي ھەركەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان .
1948-يىلى ئۈرۈمچىدە نۇرغۇنلىغان ئىقتسادنى سەرپ قىلىپ،يەرلىكتە ئىشلەنگەن
ماتا،چەكمەن،بەقسەم،شايى،ئەتلەس يەرلىك ماللارنى تۆگىلەرگە ئارتىپ،ناغرا،سۇنايلارنى چېلىپ ،
مىللى سانا’ئەتنى راۋاجىلاندۇرۇش،مىللىي تاۋارلارنى سېتىۋىلىش بيىچە نامايىش قىلىپ ،
چەت ئەل ماللىرىغا بايقۇت قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان .ئۇنىڭ بۇ ھەركىتى ئۈرۈمچىنى زىل-زىلگە سالغان ھەم بۇ توغۇرلۇق ماقالىلەر يېزىلغان .ئۇ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ياخشىلاش توغىرسىدا پىلان-پىروگىراممىلارنى تۈزۈپ ،تەكلىپ -پىكىرلەرنى يېزىپ،ھۆكۈمەتكە سۇنغان ھەم خەلىققە ئېلان قىلغان .ئۇ يەنە ئاممىۋى سورۇنلاردا،مىللەتنى سۆيۈش، مىللىي تىلنى سۆيۈش ،زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش توغۇرلۇق نۇتۇق سۆزلىگەن ۋە گىزىت ژۇرناللاردا ماقالە-شېئىرلارنى ئېلان قىلغان .موللا مۇھەممەت ئوغۇز ھەمرا، بىر مىللەتپەرۋەر بۇلۇپلا قالماسىتىن يەنە كامالەتكە يەتكەن دوختۇر
ھەم تارىخچى تىلچىدۇر .ئۇ ئەرەپ،پارىس،ئوردو،تۈرك،خەنزۇ،مۇڭغۇل،تىبەت تىللىرىنى پىششىق ئىگەللىگەن .ئەرەپ،پارىس،ئوردو يېزىقىدىكى كۆپلىگەن تىببىي كىتاپلارنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە
قىلغان .ئۇ << تىببىي گۈلدەستە >>،<<ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ئەھۋالى>>،<< ئىپتىدائىي دۇنيا
تارىخى>>،<< جۇڭگو شىنجاڭ تارىخى >>،<< قەشقەر تارىخى >>،<< ئىلى تارىخى >>،  قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان .شىنجاڭ ئازاد بولغاندىن كىيىن ،يۇرتى تاشمىلىققا  قايتىپ كەلگەن ۋە ئۆزىنىڭ بىلىمىنى كۆرسەتكۈچە ،تۈرلۈك تۈمەن پىشكەللىككە دۇچ كەلگەن .ئاتا-ئانىسى باي بولغاچقا ،، پومچىك ،،قالپىقى ۋە باشقا قالپاقلارنى ئۈستى-ئۈستىلەپ كىيىپ،كىيىنكى ئۆمىرى ئازاپ-ئوقۇبەت ئىچىدە ئۆتكەن .كىشىلەر بىلەن كۈرۈشۈش،سۆزلىشىش مەنئى قىلىنغان .شۇنداق بولسىمۇ ،ئۆزىگە بىرىلگەن كىچىككىنە بىر ئېغىز ئۆيدە،خام خىشتىن ئۈستەل ياساپ،پۇرسەت تاپسىلا شېئىر ۋە ئەسلىمىلەرنى يازغان .ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا ،، ھەسرەت ،، نامىلىق شېرىنى يېزىپ ،پۈتۈن ھاياتىدىكى
ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشلىرىنى خۇلاسىلىگەن .ھەسرەت ناملىق شېئىردىن پارچىلار

بىلىم ئالدىم چەت ئەلدە، كۆپ ئەجرىم تۆكۈپ،
ئۇلۇغ ۋەتەن ،خەلقىمنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ .
يۇرىتنى سېغىنىپ قايتىپ كەلدىم ئۈمىدتە ،
بىراق ئارمان بولدى پايمال ،شارائىت كۈتۈپ .
ئويلىسام ،ئەلدىن يىراقلاپ ،كىمگە مەن يېقىن بولدۇم ،
بولمىدى ئەركىم ئەسلا ،دىكتاتۇرغا يېقىن بولدۇم .
ۋادىرىخ! ھەسرەت چىكىپ غەمگە مۇپتىلا بولدۇم ،
نېپى يوق قۇرۇق دەريا،سۈيى يوق ئېقىن بولدۇم .
....................................
كېسلىم ئېغىرلاشتى ،كېتەر بولدۇم گورۇستانغا ،
تەلمۈردۈم دىيارىمغا،چىمەنزار- گۈلىستانغا .
كاج پەلەك نابۇت قىلدى ،ئەجەلنىڭ ئەلچىسى كەلدى ،
قالدۇراي ئەرزىمنى مەن ،قادىر ئىگەم -سۇلتانىغا .

1977-يىلى 5-ئايدا بولغۇسى ئىھتىماللقلارنى كۆزلەپ ئۆزى ئالدىن-ئالا ئۆزىنىڭ ئېڭىكىنى
قۇشۇپ ،پۇتىنى چېتىپ،بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقان .ئەتىسى ئىشقا سۈيلەپ كەلگەنلەر ئۇنىڭ ئەشۇ ھالەتتە ياتقان جەسىدىنى كۆرۈپ داڭ قىتىپ قالغان.،، مەدەنيەت ئىنقىلاۋى ،، مەزگىلىدە شائىرنىڭ ئۆيى ئاختۇرۇلۇپ ،كۆپلىگەن كىتاپلىرى،ئەسەرلىرى ئىسيانچىلار تەرپىدىن كۆيدۈرۋىتىلگەن .
يەنە بىر قىسم ئەسەرلىرى باشقىلار تەرپىدىن ئېلىپ كىتىلگەن بۇلۇپ، ھازىر بار يوقلۇقى نامەلۇم .
موللا مۇھەممەد ئوغۇز ھەمرا شېئىرلىرىدىن ؛

كىرەك
                                             
ۋەتەن بىلەن مىللەت كىرەك ،بۇ سۆزنى چىن ئاڭلاش كىرەك ،
قەھىرىمانلىق خىسلەتكە باي ئەنئەنىنى ساقلاش كىرەك .
مىللەت غېمى باشقا چۈشتى ،چوڭقۇر ئويلا بۇنى بىلگىل ،
ئەلنىڭ ئارزۇ - ئۈمىدىنى كۈرەش بىلەن ئاقلاش كىرەك .
مىللەت ئىشى پارلاق بەخىت ،بارچە ئىشتىن يۈكسەك ئىشتۇر،
ئۆز كۈنىنى ئويلىغانلار بەختى قارا ئابدال كىشىدۇر .
دۇنيادا ھۆر ياشاش ئۈچۈن نىمە كىرەك ،بىلمەك كىرەك ،
ئوقۇپ،بىلىپ ئىلىم -پەننى ،دائىما چىلىشىش كىرەك .
ئۇقماق بۇلۇپ قانداق ئوقۇش ،قانداق بىلىش لازىم دېسەڭ ،
كۈرەش قىلىپ ،ئىجاد قىلىپ،كەشپىياتلار چىقىرىش كىرەك .

بۇ شېئىر 1948-يىلى شىنجاڭ گېزىتىگە بىسىلغان .
مەنبە؛ قەشقەر ئەدەبىياتى ژۇرنىلى 1986-يىل 6- سان

http://bbs.misranim.com/thread-142256-1-1.html

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ھەقىقەت نوپۇزنىڭ ئەمەس،ۋاقىتنىڭ بالىسىدۇر(.برېھت)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-26 12:42 , Processed in 0.225099 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش