چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1456 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • yadikar ئۈلۈشكۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەرھۇم مويدىن سايىتنىڭ ئاخىرەتلىكى ئاسان بولغاي!

  • eleyas ئۈلۈشكۈن 16:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    نىمىنى بەكرەك ياقتۇرساڭ ،شۇنەرسە  سىنىڭ ئ‍ىمتاھانىڭدۇر. جالالىددىن رۇمى…

  • huxhuy ئۈلۈشكۈن 00:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz تۈنۈگۈن 23:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

كۆرۈش: 625|ئىنكاس: 0

قازاقچە«تارىخى رەشىدىي»نىڭ كىرىش سۆزى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قازاقچە «تارىخى رەشىدىي»نىڭ كىرىش سۆزى
ئەبدۇسەتتار دەربىسئەلى (قازاقىستان)
تىلتېكىن يۈسۈف ئىگەمبەردى تەرجىمىسى


    «تاڭ ئېتىشقا باشلىدى، كەشمىرىيلەر بارگاھىدا قازا قىلغان موغۇلىستانلىق ياتىدۇ، دېيىشىپ ئولاشتى. خاجە ھاجى كېلىپ كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ مىرزا ھەيدەر ئىكەنلىكىنى بىلدى. مىرزا بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۆزىگە تىكىلىپ، تەمتىرەپ تۇرغان ساتقىننىڭ يۈزىگە قارىدى ـــ دە، ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلدى…»
— مۇھەممەد قاسىم فىرىشتە (16–ئەسىر)
1999 –يىلى كۈزدە، قازاق تارىخىنىڭ ئاتىسى دەپ ئاتالغان، دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىدا ئۆزگىچە ئورنى بار ئۇلۇغ ئالىم، كۆزگە كۆرۈنگەن دۆلەت ۋە جامائەت ئەربابى، شائىر، داھىي مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر دوغلاتىينىڭ تەۋەللۇتىغا 500 يىل تولدى. ياد كۈنلىرى(خاتىرە كۈنلىرى) ب د ت پەن-تېخنىكا ۋە مائارىپ تەشكىلاتىنىڭ پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلغۇچە ھەرخىل تەبرىكلەشنىڭ كۈنتەرتىپىكە كىرگۈزۈلگەن. كامالەتلىك مۇتەپەككۇر، ئەدىب، تارىخچى ئالىمنى بۈگۈنگىچە جامائەتچىلىك ئانچە بىلىپ كەتمەيتتى. پەقەت 1996–يىلى ئەمىر تۆمۈرنىڭ 660–يىللىقى خاتىرىلەنگەندە، ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىملىرى بۇ بۈيۈك ناماياندىنىڭ «تارىخى رەشىدىي» ئاتلىق ئەسىرىنى رۇس تىلىغا تەرجىمىلەپ تارقاتقاندىن كېيىن، ئالىمنىڭ مىراسىغا قىزىقىش رەسمىي باشلاندى. جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ مەتبۇئاتلىرىدا ئۇ ھەقتە ماقالىلەر ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى. تاراز ئۇنىۋېرسىتېتى بىر نەچچە خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇردى ھەمدە شۇ مائارىپ ئورنىغا مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر دوغلاتىي نامىنى بەردى. ياۋرۇپا جامائەتچىلىكى مىرزا ھەيدەرنىڭ ئەسىرى بىلەن بۇندىن 100 يىل مۇقەددەم تونۇشقان بولۇپ، ئىنگىلىز سەيياھلىرى مىرزا ھەيدەرنىڭ پارسچە شۇ ناملىق ئەمگىكىنى ھىندىستاندىن تېپىپ، تەرجىمىلەپ 1895 ۋە 1898–يىللىرى لوندۇندا ئىككى قېتىم نەشر قىلغان. شۇ تەرجىمە نەشرى مىرزا ھەيدەر ئەسىرىنىڭ جاھانغا تارىلىشىغا كەڭ يول ئاچقان. ئالىمنىڭ مىراسى توغرىلىق سابىق س س س ر جۇمھۇرىيەتلىرى ئىچىدىكى قازاقىستاندىمۇ خېلى كۆپ ئىزدىنىشلەر بولغان. ھوسۇلدار زىيالىي ئەلكېي مەرغۇلان 1941-يىلى «ئەدەبىيات ۋە سەنئەت» (ھازىرقى «يۇلتۇز») ژۇرنىلىدا بۇ داڭلىق تالانت ئىگىسى توغرىلىق «قازاقنىڭ تۇنجى تارىخچىسى»① ناملىق مەخسۇس ماقالە يېزىپ خەلقىمىز تارىخىنىڭ تولىمۇ تېرەنلىكىنى قەيت قىلغان.
ئۇلۇغ ئالىم ئىزىدىن
         مىرزا ھەيدەر دوغلاتىي 16–ئەسىرنىڭ پەرزەنتى. ئۇ بۈگۈنكى قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك قاتارلىق تۈركىي خەلقلەر ئەمدىلا مىللەت بولۇپ ئۇيۇشۇپ تارىخ سەھنىسىگە كۆتۈرۈلۈشكە باشلىغان ۋاقىتتا ياشىدى. بۇ جوجىخاننىڭ غەربىي سىبىرىيەنى ماكان قىلغان كىچىك ئوغلى شەيبان ۋە شەيبانىيلار ئوتتۇرا ئاسىيا، ئافغانىستان ھەم خۇراساننىمۇ قولىدا تۇتقان، تېمۇرىيلەردىن ماۋەرائۇننەھرنى تارتىۋالماقچى بولغان، فېئوداللارنىڭ ئۇرۇش ئوتى ھەممە يەرگە تۇتۇشۇپ جاھاننى مالىمانچىلىق قاپلىغان يىللار ئىدى. شۇڭا كېلەچەكتىكى ئالىمنىڭ ئۆمرىنىڭ كۆپ ۋاقتى دەسلەپتە ئوتتۇرا ئاسىيا، ئۇنىڭدىن كېيىن سىبىرىيەنىڭ جەنۇبىدىن قاراقۇرۇم تاغلىرىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگىچە، كەشمىردىن گەنسۇغىچە بولغان كەڭ زېمىندا، يەنە ئافغانىستان، تېبەت، بەدەخشان ھەم ھىندىستاندا ئۆتتى. ئۇ كۆپىنچە ئات ئۈستىدە، ھەربىي يۈرۈشلەردە يۈرسىمۇ شۇ دەۋردىكى ئىلىم–پەن تىلى بولغان پارس تىلىدا «تارىخى رەشىدىي» ئاتلىق، مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ 15— 16-ئەسىرلەردىكى تارىخى، ئېتنىك مەنبەسى، جۇغراپىيەسى، ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدىكى بىلىگلەر خاتىرىلەنگەن كاتتا ئەسەرنى قالدۇردى. بۇ ئەسەردە ماۋەرائۇننەھردىكى چاغاتايلار قۇرغان مەملىكەتنىڭ 16–ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يىمىرىلىپ ئىككىگە بۆلۈنگەنلىكى، موغۇلىستاننىڭ شەرقىي بۆلىكىدە دوغلات تائىپەسىنىڭ كۈچى بىلەن مۇستەقىل نېگىزلىك مەملىكەت ئورنىتىلغانلىقى ۋە باشقا كۆپلىگەن تارىخىي ۋەقەلەر بايان قىلىنىدۇ.
موغۇلىستان ـــ ھازىرقى قازاقىستاننىڭ شەرقى ۋە شەرقى شىمالى بىلەن قىرغىزىستان دائىرىسىدە مەۋجۇت بولغان مەملىكەت. ئالىمنىڭ ئابا–ئەجدادلىرى شۇ مەملىكەت بېشىدا تۇرغان بەلگىلىك تەسىرى بار تۆرىلەر ئىدى. ئۇلار موغۇلىستان تەختىگە بىر نەچچە خاننى ئولتۇرغۇزۇپ، شۇ چاغدىكى قۇشبېگى دەرىجىسىدىكى چوڭ لاۋازىملاردىن بولغان. ئۇلارنىڭ مەملىكەتكە كۆرسەتكەن تۆھپىسىنى تارتۇقلاش ئۈچۈن چاغاتايخان 13–ئەسىردە كېلەچەكتىكى ئالىمنىڭ ئابا–ئەجدادلىرىغا ماڭلايسۈيەر دەپ ئاتالغان شۇ چاغدىكى كاشغەرىيەنى سۇيۇرغال قىلغان ئىدى.
        دېمىسىمۇ، 15-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا، كېلەچەكتىكى ئالىمنىڭ دادىسى ئۆزىدىن تەخت تالاشقان نەۋرە ئىنىسى ئەبۇبەكرى دوغلاتىينىڭ زورلۇقى تۈپەيلىدىن، كاشغەرىيەدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا كېتىشكە مەجبۇر بولغان. بۇنداق ئەھۋالدا ئالىمنىڭ دادىسى مۇھەممەد ھۈسەيىن 1492 — 1493-يىللار چامىسىدا موغۇلىستان ئەمرى يۇنۇسخاننىڭ (1415–1481) ئۈچىنچى قىزى خۇبنىگار خانىمغا ئۆيلەنگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن 1499-يىلى مىرزا ھەيدەر تۇغۇلغان. خۇبنىگار خانىمنىڭ ئاچىسى قۇتلۇقنىگار خانىم ئەمىر تېمۇرنىڭ نەۋرىلىرىدىن بىرى بولغان ئۆمەر شەيخ (1455-1494) بىلەن تۇرمۇش قۇرغان. ئۇلاردىن داڭلىق مۇتەپەككۇر، شائىر، داھىي مۇھەممەد زەھىرىددىن بابۇر (1438-1530) تۇغۇلغان. بۇ زات مىرزا ھەيدەر بىلەن ھەمشىرىلەرنىڭ بالىلىرى ھېسابلىنىدۇ.
      كېلەچەكتىكى تالانت ئىگىسى دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن كېيىن تەقدىرنىڭ ئازابىنى كۆپ تارتىدۇ. بىر يېرىم، ئىككىگە تولغاندا ئانىسى ۋاپات بولىدۇ. دەل مۇشۇ چاغدا شەيبانىيغا تەۋە ئۆزبېكلەر ئوتتۇرا ئاسياغا كۆپلەپ كىرىپ 1500–يىلى بۇخارا بىلەن سەمەرقەنتنى، 1503-يىلى خارەزىمنى، 1507–يىلى ھىرات بىلەن ئاستراباتنى ۋە قورغاننى بېسىۋالىدۇ.
ئۆز-ئارا تەخت تالىشىپ، جەڭگى-جىدەل قىلىشىۋاتقان تېمۇرىيلەر شەيبانىيلارغا كۈچلۈك قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدۇ. ئۇرۇشا-ئۇرۇشا بابۇر كابۇلغا كېتىدۇ. ئالىمنىڭ دادىسى مۇھەممەد ھۈسەين باسقۇنچىلاردىن جېنىنى قاچۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. لېكىن شەيبانىيلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىپ، يېشى ئەمىدىلا قىرىققا تولغان 1508–يىلى ھىراتتا قەتلى قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يېتىم قالغان مىرزا ھەيدەر بىر نەچچە يىل ھاممىسىنىڭ ئوغلى بابۇرنىڭ ھوزۇرىدا تۇرىدۇ. بۇرۇن ئالىمنى پەقەت ئاكا–ئۇكا پەرزەنت دەپلا بىلگەن ئىكەنمىز. «تارىخى رەشىدىي»نى ئوقۇپ، ئۇنىڭ ئابدۇللاھ بىلەن مۇھەممەدشاھ ئاتلىق ئىنىلىرى ۋە باشقا ھەمشىرىلىرى بولغانلىقىنى بايقىدۇق.
1512–يىلى بۇخارا چۆرىسىدە شەيبانىيلار سەۋەبىدىن تەختى يىمىرىلىپ كابۇلغا قايتىۋاتقان بابۇردىن مىرزا ھەيدەرنى يۇنۇسخاننىڭ نەۋرىسى ئەبۇسەئىدخان بىلەن ئالىمنىڭ نەۋرە ئاكىسى سەئىد مۇھەممەد سوراپ ئېلىپ بېقىۋالىدۇ. سەئىدخان بۇرۇنقى ئابا-ئەجدادىنىڭ ئەنئەنىسى بىلەن مىرزا ھەيدەرنىڭ ئانىسى ھەبىبە سۇلتان خانىشقا ئۆيلىنىپ، ئۇنىڭغا قېرىندىشىنى بېرىپ ئۇنى خان ئەۋلادىغا كۈيەۋ، يەنى كۆرەگان قىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن كېلەچەكتىكى ئالىم مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان دەپ ئاتىلىدىغان بولىدۇ.
4151–يىلى سەئىدخان كاشغەرنى ئەبۇبەكرى دوغلاتىيدىن تارتىۋېلىپ ھاكىمىيەت ئورنىتىپ، ياركەنت شەھىرىنى ئاستانە قىلىدۇ. شۇ يەردە مىرزا ھەيدەر 18 يىلدەك تۇرىدۇ، شۇ يەردە ئوقۇيدۇ ۋە قورامىغا يېتىدۇ. كاشغەرىيەنىڭ چوڭ لاۋازىمىدىن بولىدۇ. بەزىدە خان بىلەن، بەزىدە چوڭ ۋە كىچىك خانزادىلەردىن ئابدۇرەشىد ھەم ئىسكەندەر بىلەن بىرگە يۈرۈش قىلىدۇ. 1524–1525–يىللىرى ھازىرقى قىرغىزىستاننىڭ شەرقىي شىمالىغا، 1528–1527–يىللىرى كافىرىستانغا (ئافغانىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئۆلكە)، 1529-1530–يىللىرى بەدەخشانغا، 1532-1533-يىلى بالجىستان، بالۇر ھەم كەشمىرلەرگە ھەربىي يۈرۈش قىلىدۇ.
1533-يىلى 4-ئايدا تېبەتكە ھەربىي يۈرۈش قىلغان سەئىدخان قايتار يولدا قازا قىلىدۇ. خانلىق تەختنىڭ ئابدۇرەشىد (1510-1570) كە مىراس قېلىشى بىلەن ئابدۇرەشىدخان «مەملىكەت تىزگىنىنى مەندىن تارتىۋالىدۇ» دېگەن خۇدۈك بىلەن سەئىد مۇھەممەد مىرزىنى ئوچۇقتىن ئوچۇق ئۆلتۈرىدۇ. ھەربىي يۈرۈشتە بولۇۋېتىپ ئەنە شۇنداق خەۋەرنى ئېشىتكەن مىرزا ھەيدەر ئۆز ھاياتىغا كېلىدىغان خەتەرنى سېزىپ ياركەنتكە قايىتمايدۇ. «تارىخى رەشىدىي»دە ئۇنىڭ ئابدۇرەشىدخانغا يازغان، شۇ ئىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر شېئىرى بېرىلگەن. شېئىرىدا تۆھمەت بىلەن گۇناھكار قىلىنغانلىقىنى يازىدۇ:
ئەسلىسى                                           يەشمىسى
ئەي دىلبەرى بىۋەفاكى، باغلادىڭ ئەھد ماڭا،       ئەي بىۋاپا دىلكىشىم! بەردىڭ ۋەدە ماڭا،
    ئول ئەھد نەتىجەسى ئىكەن جەۋرۇ جەفا؟           ئۇ ۋەدەڭنىڭ مېۋىسى ئىكەن زۇلۇم ۋە جاپا ؟
ئەي دىلبەرىم ،ئايتقىل ماڭا بەھرى خۇدا؟          ئەي دىلكىشىم، يۈز ئۆرۈشۈڭ خەيرخاھلىقمۇ؟
ئول ئەھد قايان كەتتى، قايان قالدى ۋەفا؟        ئۇ ۋەدەڭ نەگە كەتتى، نەدە قالدى ۋاپا؟

مىرزا ھەيدەر بىر ئاز ۋاقىت تېبەت، بالجىستان ۋە لاداختا، كېيىن بەدەخشان بىلەن كابۇلدا ياشاپ، ئاخىرى 1536-يىلى ھىندىستاندىكى بابۇرنىڭ پەرزەنتلىرى كامران بىلەن ھۇمايۇننى پاناھ تارتىپ يولغا چىقىدۇ.
بىزدە ئېلان قىلىنغان ماقالىلەر (قازاقىستاندا ئېلان قىلىنغان ماقالىلەر-ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلغۇچىدىن) دە كۆپ قېتىم ئالىمنىڭ مەۋقەسىدىن چىقىش قىلىنىپ 1540–يىلىغىچىلىك بولغان ئۆمرى ھەققىدىلا سۆز بولدى. ئالىم ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆمرىنى قانداق ئۆتكۈزدى؟ ئۇ قەيەردە، قايسى يىلى، قانداق قازا قىلدى؟ قەبرەگاھى نەدە؟ دېگەن سوئاللارغا جاۋاب تېپىلماي كەلدى…. شۇ مەسىلىلەرنى تېخىمۇ ئېنىق قىلىش ئۈچۈن بىز 1994-يىلى كاشغەرىيەدە بولۇپ، كاشغەر، يېڭىھېسار، ياركەنت… قاتارلىق شەھەرلەرنى ئارىلاپ چىقتۇق. يەرلىك خەلقلەرنىڭ مىرزا ھەيدەرنى ئۇنۇتماي قەدىرلەپ، ياركەنت شەھىرىنىڭ بىر مەھەللىسى بىلەن شەھەردىكى باغنىمۇ ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتاپ ياشاۋاتقانلىقىنىڭ شاھىدى بولۇپ رازىمەنلىككە چۆمدۇق. كاشغەرلىك ئىلىم ئەھلى بىلەن زىيالىيلارنىڭ بەزىلىرى كەمالەت ئىگىسى ھىندىستاندا قازا قىلغاندىن كېيىن ئابدۇرەشىدخاننىڭ پەرمانى بىلەن ياركەنتكە كەلتۈرۈلۈپ يەرلىككە قويۇلغان، دەپ ھېسابلايدىكەن. بىراق، ياركەنتتىن مىرزا ھەيدەر دوغلاتىينىڭ قەبرەگاھى تېپىلمىدى.
          ئارىدا بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن پاكىستانغا بېرىشنىڭ ۋاقىت–سائىتى كەلدى. شۇنىڭ بىلەن مىرزا ھەيدەر بىر نەچچە يىل ياشىغان لاھۇر شەھىرىدە زىيارەتتە بولۇپ، ئالىم تۇرغان تارىخىي يەرلەر بىلەن تونۇشتۇق. بۇنىڭ ھەننىۋاسى سۆزسىزلا ئۇلۇغ ئالىم قەبرەگاھىنى ئىستەش ئويىمىزغا قانات بېرىپ، مەقسىتىمىزگە يېقىنلىشىۋاتقانلىقىمىزنى بىلدۈرەتتى. مەسىلىنىڭ ھەممىسى ئەمدى كەشمىرگە تىرەلدى. شۇ يەرگە بارمىساق مەقسىتىمىزنىڭ ئىشقا ئاشمايدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن 1998-يىلى 12-ئايدا رىيادتىن بومباي ئارقىلىق دېھلىگە ئاتلاندۇق.
ئەسسالام كەشمىر!
    كەشمىردە مەقسىتىمىزگە يېتىمىز. چۈنكى بۇ ئۆلكىدە مىرزا ھەيدەر دەسلەپكى قېتىم، يەنى 1532-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدىن 5-ئايغىچە بولغان. 1532-يىلنىڭ كۆكلەم مەزگىلىدە سەئىدخان ھازىرقى پاكىستان بىلەن ھىندىستاننىڭ شەرقىي جەنۇبى، شەرقىدىكى بالجىستان بىلەن لاداخ ئايمىقىغا ھەربىي يۈرۈشكە ھازىرلىق كۆرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كاشغەرىيلەردىن ئەبۇبەكىر دوغلاتىي شۇ ۋاقىتتىلا تېبەتنى ئىسلاملاشتۇرىمىز!! دەپ بۇ يەرلەرگە ئاندا-ساندا ھەربىي يۈرۈشكە چىقىپ ياركەنتكە قايتىدۇ. 1532-يىلى 7–ئايدا ئەمىر مىرزا ھەيدەرنى ئىككىنچى ئوغلى ئىسكەندەر بىلەن شۇ ياققا ئاتلاندۇرۇپ، ئۆزى خىللانغان قوشۇنلىرى بىلەن خوتەن ئارقىلىق كىچىك تېبەتنىڭ شەرقىگە يۈزلىنىدۇ. مىرزا ھەيدەر 8–ئاينىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدە تاغلىق يەرگە يېتىپ، شۇيەردىكى چوڭ قامالغا تۇغ تىككەندىن كېيىن، توققۇزىنچى، ئونىنچى ئايلاردا لاداخ رايونىنىڭ مەركىزى مارىيول (ھازىرقى لەخ) غا كېلىپ ئات بېشىنى نىشانغا قارىتىدۇ. بۇ چاغدا قار يېغىپ، كۈن سوۋۇشقا باشلايدۇ. ئاتلارغا ئوزۇق ھەم ئۆزلىرىگىمۇ قىشلاش ئۈچۈن قولايلىق يەر ئىزدىگەن بولسىمۇ لازىمەتلەر تاغلىق ئۆلكىدىن تېپىلمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن مىرزا ھەيدەر قىشنىڭ سوغۇقى بوشاش بىلەنلا كەشمىرگە بېرىش ئويىنى ئىزھار قىلىدۇ. ئۇ پىكىرنى سەئىدخانمۇ مۇۋاپىق كۆرۈپ مىرزا ھەيدەر بىلەن ئىسكەندەرنى تۆت مىڭ قوشۇنى بىلەن كەشمىرگە ئاتلىنىشقا رۇخسەت قىلىدۇ.
           شۇ قېتىمدا بالىجىستان جامائىتىنىمۇ تىز پۈكتۈرۈپ، تاغلىقلاردىنمۇ لەشكەر ئالىدۇ. ئۇلاردىن يەنە يول باشلىغۇچى تەيىنلەپ شۇ يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە كەشمىرنىڭ شەرقى شىمالىدىكى روجى (ھازىرقى روجىلا) داۋانىغا يېتىدۇ. مىرزا ھەيدەرنىڭ سەرۋازلىرىغا قاراقچى كەشمىرىيلەر قارشىلىق كۆرسىتەلمەي شەرمەندىلەرچە قاچىدۇ. تەجرىبىلىك لەشكەر باشى مىرزا ھەيدەر شۇنداق قىلىپ كەشمىرگە ئاياغ باسىدۇ. كېيىنكى يىلنىڭ كۆكلەم مەزگىلىگە يېقىن شۇ ئۆلكىنىڭ شىمالىي ۋە شەرقى جەنۇبىغا يۈزلىنىپ بىر ئاز يېرىنى بېسىۋالىدۇ. مىرزا ھەيدەر 1533–يىلىنىڭ 9–ئېيىدا قايتىش ئالدىدا كەشمىر ئەسكەرلىرىنى تېخىمۇ زور پارچىلاپ تاشلايدۇ. بىراق سەركەردىلەردىن مىرزا ئەلى تاغايى بۇ ياش رەھبەرنىڭ غەلىبىلىرىدىن قىزغىنىپ بۆلگۈنچىلىك چىقىرىش مۇناسىۋىتى بىلەن مىرزا ھەيدەر كەشمىرىيلەر بىلەن ئامالسىز كېلىشىم تۈزۈشكە مەجبۇر بولىدۇ.
    شۇ چاغلاردىكى كەشمىر پادشاھىنىڭ ئېتى مۇھەممەدشاھ (1529–1534-يىللىرى پادشاھلىقتا تۇرغان) ئىدى، ــ دەپ يازىدۇ مىرزا ھەيدەر «تارىخى رەشىدىي» دە. ئۇ يەنە «سەردارلىرىدىن مەلىك ئەلى قولىمىزدا ئۆلگەن ئىدى. ئۇنىڭ تۆۋەنىدىكىلەردىن مەلىك ئابدال ماكرى، كاجىچەك، لاھۇرىي، ماھىرىي ۋە زەنگىچەك قاتارلىقلار بار ئىدى. پېقىر سۈلھى سۆزىنى ئارىغا سالدىم، ئۇلار بىجانىدىللىق بىلەن مىننەتدار بولدى، ھەتتا ئىشەنمەي قېلىشتى. ئۇلار:‹ مۇنداق گۈزەل ۋە لاتاپەتلىك مەملىكەتنى ئېلىپ بولۇپ يەنە تاشلاپ كېتىش ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ئىشى ئەمەس›دەپ ئويلايتتى» دەپ يازىدۇ.
    شۇنىڭ بىلەن، كەشمىردە سەئىدخاننىڭ نامى بىلەن خۇتبە ئوقۇلۇپ، تىللا زەرب قىلىنىپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە مال–دۇنيا يىغىلىپ، ئىسكەندەر سۇلتانغا مۇھەممەدشاھ قىزلىرىنىڭ بىرى ئېلىپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئۇلار ياركەنتكە قايتىپ كېلىشىدۇ.
         كەشمىر مىرزا ھەيدەر دوغلاتىيغا بەكمۇ ياقىدۇ. «تارىخى رەشىدىي» دە مىرزا ھەيدەر دوغلاتىي ئۇنىڭ تارىخى، تەبىئىتى بىلەن دەريا، كۆللىرى؛ خەلقى بىلەن ئۆرپ–ئادىتى، دىن مەسىلىلىرىگە «بۇ كىتابنىڭ مۇئەللىپى مىرزا ھەيدەرنىڭ كەشمىرگە بارغانلىقى ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار ۋەقەلەرنىڭ بايانى»، «كەشمىرنىڭ ئەھۋالى ۋە سۈپەتلىرى»، «كەشمىرنىڭ كاتتا ئاجايىباتلىرىنىڭ بايانى»، «كەشمىرنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىكى ۋە كەشمىردە ئۆتكەن [مۇسۇلمان] پادشاھلارنىڭ قىسقىچە ئەھۋالىنىڭ بايانى»، «كەشمىرىيلەر مەزھىپىنىڭ بايانى»، «كەشمىردىن يانغانلىقىمىزنىڭ زىكرى ۋە شۇ كۈنلەردە بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەرنىڭ بايانى» دېگەن تەقرىبلەردىكى يەتتە، سەككىز مەزمۇن بېغىشلانغان.
كەشمىر زېمىنى مىرزا ھەيدەرنىڭ تەسۋىرىچە مۇنداق: «ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى يۈز كۇرۇھ (تەخمىنەن ئىككى كىلومېتر، قازاقچە نەشرىدە 200چاقىرىم) قا يېقىنلىشىدۇ. يەنى ئوتتۇز فەرسەڭ كېلىدۇ، كەڭلىكى  بەزى يەرلىرى يىگىرمە كۇرۇھ (20 چاقىرىمچە)» قا يېتىدىغانلىقىنى تەسۋىرلەپ كېلىپ «سۇ بىلەن سۇغۇرىلىدىغان يەر، يامغۇر سۇيى بىلەن زىرائەت قىلىنىدىغان يەر، باغ–ئوتاغلار، تۈپتۈز مەيدانلار» دەپ يەرلىرىنىڭ تۆت خىلغا بۆلىنىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىنەپشە ۋە باشقا گۈللەر بىلەن قاپلانغانلىقىنى يازىدۇ. «بۇ يەرلەردە ھۆللۈك زىيادە بولغانلىقتىن، زىرائەت ياخشى بولمايدۇ. [چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش مۇمكىن ئەمەس ـــ ‹تارىخى رەشىدىي›نىڭ قازاقچە نەشرىدىكى جۈملە]. شۇڭا، يەرلەر بىكار قالىدۇ. شۇنداقتىمۇ بۇ يەرلەر كەشمىرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى تەشكىل قىلىدۇ» دەپ يازىدۇ ئۇلۇغ ئالىم.  شۇ ئۆلكە تەبىئىتىنىڭ ھەرخىل، ھەرياڭلىغلىقى، قىشمۇ-ياز ئاب-ھاۋاسىنىڭ مۆتىدىللىكى، ياز كۈنلىرى ھاۋاسىنىڭ بەكمۇ يېقىملىقى، ھېچقانداق چاغدا يەلپۈگۈچكە ئېھتىياج چۈشمەيدىغانلىقى، ھەرقانچە كۆپ قار ياغسىمۇ جۇۋا كىيىشكە ئېھتىياج بولمايدىغانلىقى ھەمدە يازدا كەشمىرنىڭ يېشىللىققا پۈركۈنۈپ، سالقىنغا ئورىلىدىغانلىقىنى ئۆز ئەسىرىدە سۆيۈنچ بىلەن تەسۋىرلىگەن.
         كەشمىر ئاستانىسى توغرىلىق ئۇ قەلىمىنى يورغىلىتىپ «شەھەرلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپلىرىدا ئالىي ئىمارەت كۆپ. ئۇلارغا قارىغاي ياغاچلىرى ئىشلىتىپتۇ، كۆپىنچە ئىمارەتلىرى كۆپ قەۋەتلىك بولۇپ، ھەر قەۋىتى نەچچە ئۆي، نەچچە ھۇجرا ۋە ئايۋاندۇر. يەنە مۇنار، ھويلا ۋە يېڭىچە كۆركەم  ئۆيلەر بار، بۇلارنى بايان قىلىشقا قانچە تىرىشساممۇ، بۇنىڭغا ئىمكانىيىتىم يەتمەيدۇ. بازار رەستىلىرى ۋە قەلئە-كوچىلارغا پۈتۈنلەي سىلىقلانغان تاش ياتقۇزۇلغان. كەشمىرنىڭ بازارلىرى باشقا شەھەر ۋە قەلئەلەرنىڭ بازارلىرىغا ئوخشىمايدۇ. بازار رەستىلىرىدە ھەر تۈرلۈك دۇكان، توقۇلما تاۋارلار ۋە ئۇششاق-چۈششەك تاۋار دۇكانلىرىدىن باشقا دۇكان يوق. ھەر بىر كاسىپ ياكى ھۈنەرۋەن ئۆز ئىشلىرىنى ئۆز ئۆيىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا ئىشلەيدۇ. [نان بازار كۆركىنىڭ بىر بۆلىكى بولۇپ سانىلىدۇ ـــ بۇ جۈملە قازاقچە تەرجىمىسىدە بار]. بۇ يەرنىڭ رەسم–قائىدىسىدە باققاللار، ئەتتارلار، ئىچىملىك ساتقۇچىلار ۋە باشقا تۈرلۈك يېمەكلىكنى ساتىدىغانلارنىڭ دۇكانلىرى يوق. شەھەر خەلقىنىڭ كۆپلۈكى جەھەتتە بۇ ئەتراپتىكى شەھەرلەرگە، چوڭ شەھەرلەرگىمۇ تەڭلىشەلەيدۇ. مېۋە تۈرلىرىدىن نەشپۈت، شاتۇت، گىلاس، ئامۇت قاتارلىقلاردىن باشقا مېۋىلەرنىڭ ھەممىسى بار. بولۇپمۇ ئالما ناھايىتى ئوخشايدۇ. باشقا مېۋە–چېۋىلەرمۇ شۇ قەدەر كۆپكى، بارلىق ئېھتىياجنى قاندۇرالايدۇ. ئاجايىب ئەھۋاللاردىن بىرى شۇكى، كەشمىردە ئۈجمە كۆپ، ئۇنىڭ يوپۇرمىقىنى يىپەك ئېلىشقا ئىشلىتىدۇ. لېكىن مېۋىسىنى يەيدىغان ئادەت يوق. [ئۇنى يېيىش ئەيىپ سانىلىدۇ. باشقا مېۋىلەر شۇ قەدەر كۆپكى، پىشقان ۋاقتىدا ئۇنى ئېلىپ–سېتىش ئادەتتە كەم ئۇچرايدۇ] بۇ يەردە مېۋىدىن بېغى بارلار بىلەن بېغى يوقلار ئوخشاش پايدىلىنىدۇ. چۈنكى، [باغلار تام بىلەن قورشالمىغان] ھەر كىشى مېۋىسىنى يېسە توسىدىغان ئادەت يوق» دەپ يازىدۇ.
         مىرزاھەيدەر كەشمىرنىڭ تەبىئىتى ۋە بۇ ياقتا ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىش تارىخى ھەققىدە بىر نەچچە مەلۇمات بەرگەن. «بىلمەك كېرەككى، ـــ دەپ يازىدۇ ئۇ، ـــ كەشمىر يېقىنقى زاماندا ئىسلام دىنىغا كىرگەنىكەن. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ھەممىسى ھىندىلارنىڭ بىراھمىي دىنىدا ئىكەن. سۇلتان شەمسىددىن دېگەن دەرۋىش سۈپەت كىشى ئۇ يەرگە كەلگەن. ئۇ ۋاقىتلاردا كەشمىردە بىر ئايال ھۆكۈمدار پادىشاھ بولۇۋاتقان ئىكەن. [سۇلتان شەمسىددىن بۇ مەلىكە (پادىشاھ) گە خىزمەت قىلىشقا باشلاپتۇ. بىر مۇددەت ئۆتكەندىن كېيىن مەلىكىدە سۇلتان شەمسىددىننىڭ نىكاھىغا ئۆتۈش رىغبىتى پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭ ئەھدى-ئەمرىگە كىرىپتۇ. بۇ ئىش بولغاندىن كېيىن سۇلتان شەمسىددىن پۈتكۈل كەشمىرنى ئۆز ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا كىرگۈزۈپتۇ». كەشمىرنى شەمسىددىندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى ئالاۋىدىن (1342- 1354)، ئۇنىڭدىن كېيىن ئالاۋىدىننىڭ ئوغلى قۇتبىددىن (1373- 1389) ھۆكۈمرانلىق ئاستىغا ئالىدۇ. شۇ ئىشقا ئوخشاشلا كەشمىرگە سەئىدئەلى ھەمەدانىي، دېگەن نام بىلەن مەلۇم بولغان ئەمىر كەبىر ئەسسانىي (1314- 1384) كېلىدۇ... (شۇنداق قىلىپ شەرىئەت بويىچە) كېيىن تەختكە ئولتۇرغان قۇتبىدىننىڭ ئوغلى سۇلتان ئىسكەندەر (1389- 1413) كەشمىردىكى پۈتكۈل ئوردا–قەسىرلەرنىڭ ھەممىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ ئىسلام دىنىنى تارقاتقان. تەخت زەينۇلئابىددىنگە تەگگەندىن كېيىن، ئۇ [كەشمىردە] 50 يىل (1420-1470) پادىشاھلىق قىلغان. زەينۇلئابىددىن كەشمىرنى ئاۋاتلاشتۇرۇشقا تىرىشتى ھەم مەيلى دىنسىز، مەيلى مۇسۇلمان بولسۇن جاھاننىڭ بارلىق تائىپەسىگە كەڭچىللىك بىلەن قارىدى. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن كەشمىر زامانىمىزغىچە  مۇشۇ ھالىتىدەك جايغا ئايلاندى. كەشمىردە مېتال، ياغاچ، سۆڭەك قاتارلىق نەرسىلەرگە نەقىش ئويىدىغان نەققاشلار، تاش ئويمىكارلار، زەرگەرلەر بىلەن باشقا قول ھۈنەرۋەنلەر كۆپ. ماۋەرائۇننەھرنىڭ بۇخارا بىلەن سەمەرقەنتتىن باشقا بارلىق ۋىلايەتلىرىدىمۇ بۇنداق قول ھۈنەرۋەنلەر ئۇچرىمايدۇ.»
  زەينۇلئابىددىندىن كېيىن كەشمىردە بەرىكەت قېچىپ باش–باشتاق ھۆكۈمدارلار زامانى باشلىنىدۇ. پادشاھنىڭ ئەۋلادىنىڭ ئورۇن–مەرتىۋىسىنى ئېتىراپ قىلماي ھوقۇقدارلار ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ئۆز خاھىشى بويىچە يۈرگۈزىدۇ. مىرزا ھەيدەر 1533-يىلى كەشمىرگە كەلگەندە خەلق شۇنداق قالايمىقان يىللارنى بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقان ئىدى. ئۇلارنىڭ بۈيۈك، ئالپ شەخسلەرگە «بۇنداق گۈزەل ۋە لاتاپەتلىك  مەملىكەتنى ئېلىپ بولۇپ يەنە تاشلاپ كېتىش ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ئىشى ئەمەس» دەپ گۇماندا بولۇشىنىڭ ئۆزىمۇ شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. مىرزاھەيدەر 1533-يىلى بۇ ئۆلىكىگە «ئەسسالام! كەشمىر» دەپ كېلىپ، كېيىن قىيماي كەتكىنى بىلەن، ئارىدىن يەتتە يىل ئۆتكەندىن كېيىن شۇ يەرگە قايتا ئورۇنلىشىپ، ئۇنى قان تۆكمەي تىنچ يول بىلەن قايتا ئالغان.  مانا بىز شۇ ۋىلايەتكە ئۇلۇغ ئالىمنىڭ ئىزلىرىنى ئىزدەپ يولىغا چىقتۇق.
بىر ئۈمىد، بىر خۇدۈك
ئىندىرا گەندى نامىدىكى دېھلى ئايرودۇرومىدا بىزنى قازاقىستاننىڭ ھىندىستاندىكى تۇنجى ئەلچىخانىسىنىڭ ئىككىنچى كاتىبى مۇرسالنەبى قوياقبايېۋ ئاتلىق ئىنىمىز قارشى ئالدى.
ئەلچىخانىدىن بىزنى قارشى ئالغانلار سەپەر مەقسىتىمىز توغرىسىدا خەۋەردار بولغىنى بىلەن ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن «يولىمىز بولمىغان غايىۋى ۋىلايەتكە قانداق بارماقچىسىز؟ ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئارىسىدا، جاممۇ بىلەن كەشمىر شىتاتىغا مۇناسىۋەتلىك مۇنازىرە ۋە تالاش-تارتىش توختاۋسىز يالىنجاۋاتىدۇ، ئىككى مەملىكەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت چىگىشلىشىپ، ھەر ئىككى تەرەپ يۇشۇرۇن ھەرىكەتلىنىۋاتىدۇ، ھىندىستانمۇ ئۇ يەرگە بىر مىليوندەك ئەسكىرىنى يىغىپتۇ. ئاللى قانداق بىر ۋەقە بولسا قانداق قىلارسىز؟..» دېگەن خىيالنى بايقاش قىيىن ئەمەس ئىدى. ھەقراست، كەشمىر ھىندىستاندىن بۆلۈنۈشكە ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. ئاۋۇ ھىندىستان بۇ ئۆلكىدىن ھېچقاچان ئايرىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇ يەردە زور سانلىق ئەسكەرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇۋاتىدۇ. ھەر كۈنى كىشىلەرنىڭ ئۆلۈۋاتقانلىقىمۇ ھەممىگە ئايان. بىراق، مىرزا ھەيدەر قەبرەگاھىنى تېپىش يولىدا بۇنداق قىيىن مەسىلىلەرنىڭ بىزگە توسالغۇ بولالمايدىغانلىقىنى بايقىغان سەپەرداشلىرىمىز ئەلچىلىك نامى بىلەن ھىندىستاننىڭ بىر نەچچە مۇناسىۋەتلىك مەھكىمىلىرىگە مەكتۇب تەييارلاپ ياردەمگە چاقىردى. مۇرسالنەبى ئىككىمىز ئاۋۋال دېھلىدىكى جاممۇ بىلەن كەشمىرنىڭ باشقۇرۇش ئورنىغا باردۇق، ئۇنىڭ دىرېكتورى ۋەز ھۈسەيىن چوئۇدرى دېگەن ئەزىمەت ئىكەن. ئىللىق قوبۇل قىلدى. ئۆزىمۇ شۇ كەشمىر ۋىلايىتىدىن بولۇپ چىقتى. ئۆتۈنۈشلىرىمىزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن سرىناگارغا تېلېفون بېرىپ، ئاللىقانداق كىشىلەرگە ئۆز ئۆتۈنۈشىنى بىلدۈردى.
    ـــ سىزلەرنى سرىناگار ئايرودرومىدا كەشمىرىي دوستلار كۈتۈۋالىدۇ. قولدىن كېلىدىغان ياردىمىنى ئايىمايدۇ، ـــ دېدى. ئۇنىڭدىن كېيىن «كەشمىر سارىيى» ناملىق جاممۇ بىلەن كەشمىر ئۆلكىسىنىڭ ھىندىستاندىكى دائىمىي ھەم ۋاكالەتلىك ئىش بېجىرىش ئورنىغا باردۇق. ئۇ يەرنىڭ رەھبىرى س.س.ساخنىي ئەپەندىمۇ ئىلتىماسىمىزنى زېھىن قويۇپ ئاڭلاپ، كەشمىر ئۇنىۋېرسىتېتىغا تېلېفون بەردى.
      ـــ سېرىناگارغا بارغاندىن كېيىن ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تارىخ فاكۇلىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئابدۇلقەييۇم رەفىقىي ئەپەندىگە يولۇقۇڭلار. ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىنىڭ مۇتەخەسىسى. سىزلەرگە ياردەم بېرىشكە ماقۇل بولدى، ـــ دېدى. ئۇ كىشىنىڭ تۇرارجايى، خىزمىتى، تېلېفون نومۇرلىرىنى يېزىۋالدۇق. ھىندىستاننىڭ تارىخ ئىلىملىرى ھەققىدىكى ئىلمىي كېڭەشنىڭ شۇ نۆۋەتلىك ۋەزىپىدىكى كاتىپى، پروفېسسورى ت.ق.ۋېنكاتاسۇبرامانىيان كەشمىر سەپىرىنىڭ مەقسىتىگە قىزىققاندىن كېيىن دوكتور قاسىم ئەھمەد ئىسىملىك يىگىتنى چاقىردى. بىراق، ئۇ «سرىناگاردىن گۇمانىم بار، چۈنكى ئۇ يەردە قەبرىگە يېزىق يېزىلمايدۇ. بەلكىم بۇرۇن بار بولغىنى بىلەن ھازىر ئۆچۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن» دەپ كۆڭلىمىزدە گۇمان پەيدا قىلدى. تىنچلىقنى ت.ق.ۋېنكاتاسۇبرامانىيان ئەپەندى بۇزدى:
ـــ بېرىشقا بەلنى مەھكەم باغلىغان ئىكەنسىز، يول بولسۇن، ئىمكانىيەت تېپىلىپ قالار. مەنمۇ پروفېسسور ئابدۇلقەييۇم رەفىقىي ئەپەندىگە:‹ياردەملىشىڭ›دەپ ئىلتىماس قىلىمەن. ئۇ مەقسەت ئورۇندىلىپ قالسا، قايتىش يولىڭىزدا بىزگە قازاق ئەدەبىياتى بىلەن مەدەنىيىتى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەپ بېرەمسىز؟ ماقۇل بولسىڭىز، لېكسىيەگە دېھلىدىكى ئالىي مائارىپ ئورۇنلىرىدىن بىر قانچە مۇتەخەسىسلەرنى چاقىرغان بولار ئىدىم، ـــ دېدى. مەن ۋەدە قىلدىم.
  ھىندىستان ئاستانەسىدىكى شۇنداق تەييارلىقتىن كېيىن بىر ئۈمىد، بىر خۇدۈك بىلەن دېھلىدىن سرىناگارنى نىشانلاپ كەشمىرگە يولغا چىقتۇق. ئوڭ تەرەپتە چوققىسى ئاپئاق قارغا ئورالغان قېرى ھىمالايا قول پۇلاڭلاتماقتا. ئۇزاق ئۆتمەي ھىندىستان بىلەن كەشمىرنى بۆلۈپ تۇرغان پىرپەندجال تاغلىرىنىڭ كۈنگەي تەرىپىدىكى جاممۇ شەھىرىگە كېلىپ قوندۇق. ئايرودروم بىناسىنىڭ ئۆگزىسىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئىككى چوڭ پىلىموت قويۇلۇپتۇ. پىلىموت يېنىدا قاراۋۇللۇقتا ئەسكەرلەر تۇرۇپتۇ. ئايرودرومنىڭ ھەممە يېرىدە كىشىلەرنىڭ سانىدىن قاراۋۇل، سولداتلار كۆپرەكتەك قىلاتتى. بىراق جاممۇمۇ دېھلىدىكىدەك ئىللىق ئىكەن. دەرەخلەرنىڭ ياپراقلىرى ھېلىمۇ رەڭگىنى ئۆزگەرتمەپتۇ. جاممۇدا بىر سائەتتەك قىدىردۇق. شەھەرنىڭ غەربىي جەنۇبىدا قول سوزغۇدەك يەردە پاكىستان چېگراسى بار. ئۇنىڭ تۆۋەن تەرىپىدە لاھۇر ياتىدۇ.
        ئۇزاق ئۆتمەي جاممۇمۇ ئارقىدا قالدى. بىر-بىرىگە ئۇلاشقان پىرپەندجال تاغلىرى ئۈزۈلىدىغاندەك ئەمەس. ئۇ يەردىمۇ قار يىغىپتۇ، تاغ باغرىنىڭ ھەر يەر، ھەر يېرىدە قىشلاقلار ئۇچراپ تۇرىدۇ. تاغلارنىڭ بەزى جايلىرى ئوتتۇرىسىغىچە دەرەخلىك بولۇپ ئالاتاۋىمىزنى ئەسكە سالىدۇ. بىر ئازدىن كېيىن تۆۋەنلەشكە باشلىدۇق. تۇماندىن باشقا ھېچنىمە كۆرىنىدىغاندەك ئەمەس. ئەمدى ئايروپىلان چاقلىرى يەرگە تېگىپ تاراسلىغان ئاۋاز چىقتى –دە، ئىنگىلىز، ھىندى، ئەرەب ھەرپلىرى بىلەن سرىناگار دېگەن خەت يېزىلغان ئايروپورت ئىمارىتىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى. ھاۋا جاممۇدىكىدىن بۇ يەردە سالقىن ئىكەن. ئىچىگە كىرىپلا ئىلگىرىلەپ مېڭىۋېرىپتۇق. ئارقىمىزدىن بىر چاغدا بىرسى يۈگۈرۈپ كېلىپتۇ.
ـــ ئەپەندى، ئەپەندى، توختاڭ، توختاڭ،- دېدى.
    ـــ نېمە بولدى؟ ـــ دېدىم ھاڭ–تاڭ قېلىپ.
ـــ ماۋۇ قەغەز بىلەن تونۇشۇڭ.
ـــ بۇ نېمە ئىدى؟
  ـــ كەشمىرگە كەلگەن چەتئەللىكلەر تولدۇرىدىغان جەدۋەل. ئۆتكەن يىلى سىلەرگە ئوخشاش كەلگەن چەتئەللىك يوقاپ كەتتى. ھېلىمۇ ئىزدەۋاتىمىز. شۇڭا جەدۋەلنى تەپسىلىي ئوقۇپ جاۋابىنى دەل تولدۇرۇڭ. جەدۋەلگە نام-شەرىپىمىز، قايسى مەملىكەت، قايسى يەردىن كەلگىنىمىزدىن باشقا، قەيەردە توختايدىغانلىقىمىزنى، بۇ يەردە تونۇشلىرىمىزنىڭ بار–يوقلۇقىنى ئىسپاتلايدىغان سوئاللار تۇرۇپتۇ. شۇ مەھەلدە ئۆزىنى مۇھەممەد ئىسكەندەر دەپ تونۇشتۇرغان ئوتتۇز ياشلار چامىسىدىكى قارامتۇل يىگىت كېلىپ سالاملاشتى. ئۇ دېھلىدىن قىلىنغان ئۆتۈنۈشلىرىمىزگە مۇناسىۋەتلىك يىگىت بولۇپ، بىزنى كۈتۈۋېلىپ بىللە ئېلىپ ماڭماقچى ئىكەن.
تونۇشلۇق بەرگەندىن كېيىن چاققانغىنە ماشىنىغا ئولتۇرۇپ 14 چاقىرىمدەك يىراقلىقتىكى كەشمىر ئاستانەسىنى كۆزلەپ ماڭدۇق. بىراق ئەۋۋىلىدە سرىناگار بىلەن ئۇنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ، ئارىلاپ چىقىشنى مۇۋاپىق كۆردۈق.
سرىناگار ـــ كەشمىر ئۆلكىسىنىڭ شەرقىدە ئىكەن. بۇ يەردە قىشۇ-ياز كۆپكۆك تۇرىدىغان كىپارس (قارغاينىڭ بىر تۈرى) شەرقىي جەنۇبىدىكى چوڭ تۆپىلىكتە كۆپ ئىكەن. تۆپىلىكنىڭ ئېتىكىدىن چوققىسىغىچە قېلىن ئورمان، كەشمىرنىڭ مەركىزىي شەھىرىمۇ يېشىل بەلۋاغقا ئورالغان، ئۇ ھىمالايا بۇلاقلىرىدىن ئوخچۇپ چىققان دەريا بولۇپ جېلامنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئورۇنلاشقان. مىرزا ھەيدەر زامانىدا سرىناگار كىچىككىنە قەسەبە بولغىنى بىلەن ھازىر جەنۇبقا كېڭىيىپتۇ.
كەشمىر ئاستانىسىنىڭ شەرقىدە گۈزەل مەنزىرىلىك دالى كۆلى بار ئىكەن. ئۇ يەردە بىرنەچچە قېيىقچىلار سۇ يۈزىنى قاپلاپ ئۆسكەن نىلۇفەر گۈلىنى ئوتاش بىلەن ئاۋارە بولۇشۇۋاتاتتى. سۇ يۈزىنى تېز–تېز تازىلاپ تۇرسىمۇ، كۆلنى لەشلەر چىرماپ تۇنجۇقتۇرۇشقا باشلايدىكەن.
تاغ ئېتىگىدىكى «شامالباغ» بىلەن «نىشاتباغ»نى سرىناگارنىڭ كۆكرىكى دېسىمۇ بولغۇدەك. ئۇنىڭدىكى ھەرخىل دەرەخلەرنىڭ بەزىلىرىگە 200-300 يىل بولۇپتۇ. مەزكۇر باغلارنى پەقەت شەھەر جامائىتىلا ئەمەس، شۇ يەرگە بارغان ساياھەتچىلەرمۇ كۆرمەي كەتمەيدىغاندەك كۆرىنىدۇ. تاغ ئېتىكىدىن كۆلگىچە قاتارى سوزۇلغان فوشانلارمۇ باغقا كۆرك بېرىپ تۇرىدىكەن.
كۆلنىڭ جەنۇبى جىيەكلىرىگە يېقىن يەرلەرگە مېھمانخانىلارغا بېرىپ كېلىدىغان چوڭ-كىچىك قېيىقلار باغلانغان. ساياھەتچىلەرنى قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارغا «Washington»، «New York»، «Miami»، «Newroial»، «San-Francisko» دېگەندەك تۈرلۈك نام ۋە تەرتىپ سانى قويۇلۇپ بېزەلگەنىكەن.
شەھەردە تارىخىي يادىكارلىقلارمۇ ئاز ئەمەس بولۇپ، دەل كۆلنىڭ غەربىي جىيىكىدە «ھەرزەتبال» ناملىق كۆزنى چاقنىتىدىغان قۇببىلىك ئىمارەت بار ئىكەن. «بۇ يەردە مۇھەممەد پەيغەمبەرىمىزنىڭ‹مۇيى مۇبارەك›ى ساقلانغان» دېگەن گەپمۇ بار ئىكەن. شۇنداقتىمۇ شەھەرنىڭ ھەر يېرىدىن كەشمىرگە ئىسلام دىنىنى تارقاتقان سەئىدئەلى ھەمەدانىي (1314-1384) قاتارلىق تارىخىي نامايەندىلەرنىڭ مەدەنىيەت يادكارلىقىنىمۇ ئۇچرىتىشقا بولىدىكەن.
سرىناگار ئۆيلىرىنىڭ كۆپچىلىكى ئىككى، ئۈچ قەۋەتلىك سارايلار ئىكەن. ئاندا–ساندا تۆت، بەش قەۋەتلىك سارايلارمۇ ئۇچرايدىكەن. قەدىمكى شەھەرنى قاپ بەلدىن بۆلگەن جېلامنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىغا پۈتۈنلەي ۋە قىسمەن ئورۇنلاشقان ئىكەن. ھەتتا تار كوچىلاردىمۇ كىچىك ماشىنىلار بىلەن بىرگە قەۋەتلىك بىنالار ۋە ماتورلاشقان قاتناش قۇراللىرى يوق. ئات ھارۋىلار كۆپ ئۇچراپ تۇردىكەن. كوچىلارغا ئاسفالىت ياتقۇزۇلغىنى بىلەن ماشىنا ماڭسىلا، پىيادىلەر چاڭ–توزان ئارىسىدا قالىدىكەن. كوچىلارنىڭ ئىككى چېتىدە مىرزا ھەيدەر تەسۋىرلەپ بەرگەندەك چوڭ–كىچىك دۇكانلار بولۇپ، ئۇلار بۇ كونا شەھەرگە رەت–رەت تىزىلىپ جايلاشقان. بەزىلىرىنىڭ دېرىزىلىرىدىن ئىمام ھۇمەينىينىڭ پورتېرتلىرىنىمۇ كۆردۇق.
شەھەرگە جېلامدىن ئۇلانغان قاناللارمۇ كۆپ. سرىناگار گاھىدا ھىندىستاننىڭ ۋېنتسىيەسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پاسكىنا بولسىمۇ كۆپىنچە قاناللارنىڭ قىرغاقلىرىدا مىھمانسارايلارغا چۆرگىلىتىپ قېيىقلار باغلىنىپ تۇرىدۇ. بىر قاتار ئۆيلەردىن تۈتۈن چىقىپ تۇرغان ئىكەن. بۇ يەردىمۇ يېقىن ۋە ئوتتۇرا شەرق خەلقلىرىدىكىدەك مەركەزلەشتۈرۈلگەن ئىسسىنىش سىستېمىلىرى يوق. شۇڭا شەھەرلىكلەر تۈن سوۋىغان ھامانلا بىر ۋاقىتلاردا بىز «بۇرجۇيكا» دەپ ئاتايدىغان تۆمۈر مەشلەردىن پايدىلىنىدۇ.
مەركەزنىڭ سرىناگاردا تۇرۇشلۇق مېھمانخانىسىغا كېلىپ ئورۇنلاشتۇق. بۆلمە سالقىن، بىر ئازدىن كېيىن نۆۋەتچى خادىم چاققانغىنە ئېلېكتىرلىق ئىللىتىش ئەسۋابلىرىنى ئېلىپ كىردى. مېھمانخانا بوش، پۈتكۈل بىر قەۋەتتە نۆۋەتچى خادىمدىن باشقا ھېچكىم يوق. بۇرۇن بۇ يەرگە ساياھەتچىلەر كۆپ كېلىدىكەن. كېيىنكى يىللاردا مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بارغانسېرى ئازىيىپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر قىش بولغانلىقىمۇ بىر سەۋەب بولسا كېرەك. سائەت ئۈچ چامىسىدا كەشمىر ئۇنىۋېرسىتېتىگە بېرىپ پروفېسسور ئابدۇلقەييۇم رەفىقىي ئەپەندىگە يولۇقماق بولدۇق. چۈنكى سەپەر مۇددىتى ئۈچ كۈن ئىدى. شۇ سەۋەبتىن مۇمكىنچىلىكىمىزچە تېزرەك مىرزا ھەيدەر قەبرەگاھىنى تېپىشمىز كېرەك ئىدى.
كەشمىر ئۇنىۋېرسىتېتى دالى كۆلىنىڭ غەرب تەرىپىدىكى ئۆزگىچە ئايرىم بىر شەھەرچىدە ئىكەن. كىرىش ئىشىكىدە قاراۋۇلمۇ كۆزىتىپ تۇرىدىكەن. بۇ يەردە قەيت قىلىشقا تېگىشلىكى سرىناگارنىڭ بارلىق كوچىسىنىڭ ھەربىر 40~50 مېتىر يېرىدە قاراۋۇل، سولداتلار بار ئىكەن. ھىندىستاننىڭ كەشمىردە زور مىقداردا ئەسكەر تەيىنلەپ تۇرغانلىقى راست بولۇپ چىقتى. كەشمىردە ھەرىكەت قىلىۋاتقان كۈچلەر شۇ چاغدا يۈرەكلىك ھەرىكەتتە بولمىغىنى بىلەن بىزگە ئەل ئىچى تىنچسىز كۆرۈندى. كۆزگە چېلىقمىغىنى بىلەن خەلق ئىچىدە ئەتە–ئۆگۈن بىرەر ۋەقە يۈز بېرىدۇ، دېگەن تەشۋىش ۋە ئەنسىرەش باردەك قىلىدۇ.
تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ ئىككى قەۋەتلىك قورۇسىغا كىرىپ ياكى چىقىپ تۇرغان ھېچكىم يوق. ئوقۇغۇچىلار دەرستىن چۈشۈپ كەتكەچكىمىكىن دەھلىزدىمۇ ھېچكىمنى ئۇچرىتالمىدۇق. شۇنچە ئالدىراپ بارساقمۇ ئابدۇلقەييۇم رەفىقىي ئۆيىگە كېتىپ قالغان ئىكەن. شۇنداق بولسىمۇ ئۆيىگە تېلېفون بېرىپ شۇ يەردە ئۇچرىشىشقا ۋەدىلەشتۇق.
پروفېسسور ناماز ئوقۇۋاتقان ئىكەن. بىر ئازدىن كېيىن بىز ئولتۇرغان خانىگە قاڭشارلىق، ئېگىز بويلۇق كىشى كىردى. بىز بىلەن كونا تونۇشنى كۆرگەندەك، ئارقا–ئارقىدىن تىنچ-ئامانلىق سورىدى.
ئابدۇلقەييۇم رەفىقىي ئەپەندىگە سەپىرىمىزنىڭ مەقسىتى ھەققىدە پروفېسسور ت.ق .ۋېنكاتاسۇبرامانىيان بىلەن «كەشمىر سارىيى»نىڭ دىرېكتورى ت.ك.ساخنىي ئەپەندىلەر ياخشى چۈشەندۈرۈشلەرنى بەرگەن بولسا كېرەك. بىراقلا پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق.
ـــ بۈگۈنگىچە قازاقىستان ئالىملىرىدىن مىرزا ھەيدەر دوغلاتىينى ئىستىگەن ياكى سورىغان كىشىنى ئۇچراتمىغان ئىدىم. ئەمدى سىلەر مۇستەقىل خەلق، شۇڭا تارىختىكى كىشىلىرىڭلارغا مۇراجىئەت قىلىپ، ئۈمىد بارلىرىنى ئىزدىشىڭلارنىڭ ئۆزى مۇۋاپىق، ـــ دېدى ئۇ.
ئابدۇلقەييۇم رەفىقىي كەشمىر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پېشقەدەم ئۇستازلىرىنىڭ بىرى. ئۇ كېلەچەكتىكى تارىخچىلارغا مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرى تارىخىدىن دەرس بېرىدىكەن. دەرسىدە مىرزا ھەيدەرنىڭ «تارىخى رەشىدىي»گىمۇ كۆپ سۆيىنىدىغانلىقىنى ئېيتىدىكەن. 1933-يىلى دېھلىدا چىققان «كەشمىردىكى سۇفىزم» ناملىق كىتابنىڭ بىر نەچچە بېتىدە ئۇلۇغ ئالىمنىڭ ئاتاقلىق ئەمگىكىگە مۇراجىئەتمۇ قىلىپتۇ.
پروفېسسور بىلەن پاراڭ ئارىسىدا مىرزا ھەيدەر ئۆمرىنىڭ كەشمىردىكى قىسمى ھەققىدە مەلۇماتلارنىڭ ناھايىتى ئازلىقىنى، كۆزگە كۆرۈنگەن مەملىكەت تۆھپىكارى بولغان مىرزا ھەيدەرنىڭ قانداق قازا قىلغانلىقى، قەبرەگاھنىڭ نەدىلىكىنىڭ قازاقىستان جامائەتچىلىكىگە ھازىرغىچە نامەلۇملۇقى ھەققىدە توختىلىپ كېلىپ، ئوتتۇرا ئەسىردىكى بەزىبىر خاتىرىلەردىن تالانتلىق ئالىمنىڭ سرىناگاردىكى «مەزارى سالاتىن» دە يەرلىككە قويۇلغانلىقى توغرىلىق ۋەقەلەرنى ئوقۇغانلىقىمنى گەپ ئارىسىغا قاتتىم. پروفېسسور بىر ئازدىن كېيىن:
ـــ سىز ھىندى تارىخچىلىرىنى دەۋاتىسىزغۇ؟!، شۇنداق ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدە شۇنداق دېرەكلەرنىڭ بارلىقى راست. بىراق ھەيدەرنىڭ ئۆمرى بىلەن ئەسەرلىرى ھەققىدىلا سۆز قىلىدىغان ھەمدە بىۋاسىتە شۇنىڭغىلا بېغىشلانغان ئەمگەكلەر سىزلەردە كۆپ، بىزدە ناھايىتى ئاز. سۆز ھۈنىرىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى جاۋاھىراتچىلىرى مىرزا ھەيدەر توغرىسىدا ھىندىستاننىڭ ئۇلۇغ پادىشاھلىرىدىن بابۇر، ھۇمايۇن، ئەكبەر، جەھانگىر، شاھجەھانلار  بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەرلىرىدىلا توختالغان. چۈنكى كەشمىر ھىندىستاندەك ئالپ مەملىكەتنىڭ بىر ئۆلكىسى. دەپ كەلسەك، مىرزاھەيدەر ئۇنىڭدىكى بۈيۈك بىر ناماياندە. ئۇنىڭ سرىناگاردا ياشاپ، شۇ يەردە قازا قىلغانلىقى «مەزارى سالاتىن»دا يەرلىككە قويۇلغانلىقى ئۈچۈن، ئاتايىن كەلگەن ئىكەنسىز، ئەتە چۈشتە دەرستىن چۈشۈپ باشلاپ باراي، ـــ دېدى ۋە يەنە
ـــ «مەزارى سالاتىن»غا بۇندىن بەش يىل بۇرۇن بىر نۆۋەت بارغان ئىدىم. ئاخىرىدا ئۆلكىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىق، ئارخېئولوگىيە ھەم مۇزېي باشقۇرۇش ئورنىغا ئالىمنىڭ قەبرەگاھىنى ئاسراش كېرەكلىكى ھەققىدە ئەسكەرتىشلەرنى بەردىم. ئىشىمنىڭ جىقلىقىدىن ئۇ يەرگە يەنە بىر قېتىم بېرىشنىڭ نۆۋىتى يەنە بىر كەلمەي قالغىنىنى دېمەمسىلەر! نېمە بولدىكىن؟ دەپ بىز ئاز ئويلىنىپ قالدى. ئويلانغانلىقىنىڭ سەۋەبى بار، چۈنكى بىز مازارنى تەئمىرلەشكىمۇ؟؟.. دېھلىدىكى مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى ئاڭلىغان ئىدۇق.
ھوسۇللۇق يىللار
مىرزا ھەيدەرنىڭ كەشمىردە ئۆتكۈزگەن يىللىرى توغرىسىدىكى دېرەكلەرنى ئاساسەن ھىندى تارىخچىلىرىنىڭ ئەمگىكىدە ئۇچرىتىمىز. شۇلارنىڭ بىرى-فىرىشتە دېگەن نام بىلەن كۆپرەك مەلۇم بولۇۋاتقان مۇھەممەد قاسىم ھىندۇشاھ ئاسترابادىي (1522- 1624). ئۇنىڭ ھىندىستان تارىخىغا بېغىشلانغان «گۈلشەنى ئىبراھىمىي» دېگەن ئەسىرى ئادەتتە «تارىخى فىرىشتە» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەسەرنىڭ «كەشمىر ھۆكۈمدارلىرى» ئاتلىق ئونىنچى بابىدا مىرزا ھەيدەرنىڭ ئۆمرى بىلەن خىزمىتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن.
بىراق ئۇ تارىخچىمۇ مىرزا ھەيدەرنى بۈيۈك بابۇرىيلەر خانىدانلىقىنىڭ تارىخى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەسۋىرلىگەن. فىرىشتە: «ھۇمايۇن بىلەن پۇشتۇ نەسەبلىك پادىشاھ شېرشاھ (1472-1545) نىڭ 1540–يىلنىڭ 5-ئېيىدا ھىندىستاننىڭ ھۆكۈمدارلىقى ئۈچۈن گانگا ساھىلىدىكى ھەل قىلغۇچ ئېلىشىشتا مىرزا ھەيدەرنىڭ ھۇمايۇننىڭ قېشىدا بولغانلىقى ھەققىدە توختالغان. بىراق ئېلىشىشتا ھۇمايۇن مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ. چېكىنە–چېكىنە ئۇلار لاھۇرغا كېلىدۇ ۋە نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى مەسلىھەتلىشىدۇ. مىرزا ھەيدەر كەشمىرنى ئىگىلىۋېلىشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. چۈنكى پادشاھ زەينۇلئابىددىن ئەۋلادلىرىنىڭ ھۆكۈمدارلىقتىن ئايرىلغان يەرلىك چاك بىلەن ماكرى ئەۋلادى 1533-يىلىدىن كېيىن تەخت ئۈچۈن ئۆزئارا قىرغىنچىلىق قىلىشىۋاتقان ئىدى. بىر قېتىمدا ھۆكۈمرانلىق شىئەلەرنىڭ قولىغا تېگىش بىلەن ئۇلار سۈنئىي مەزھەبدىكى ئابدال ماكرى بىلەن زەنگى چاكنى خەلقتىن ئايرىۋېتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇلار 1537–يىلدىن باشلاپ لاھۇردىكى مىرزا ھەيدەرگە بىردە مەكتۇب، بىردە ئەلچى ئەۋەتىپ كەشمىرگە دەۋەت قىلىدۇ. ئۇلۇغ ئالىم مىرزا ھەيدەر ئۇ يەرگە بېرىپ كەشمىر تەختىگە ئولتۇرۇشقا ھۇمايۇننى دەۋەت قىلىدۇ. بىراق ھۇمايۇن كەشمىرگە ئۆزى بارماي مىرزاھەيدەرگە ئاز ھەم كەم لەشكىرىي كۈچ بېرىپ كەشمىرگە ئاتلىنىشقا رۇخسەت قىلىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن مىرزا ھەيدەر 400 كىشى بىلەن (ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يولدا قېچىپ كېتىدۇ) كەشمىر ھاكىمى شىئە مەزھىپىدىكى ھاجى چاكنىڭ ساقلاۋاتقان يېرىدىن چىقماي، پىرپەندجال تېغىدىكى پەنچ داۋىنىنىڭ تار چاتقاللىقىدىن ئامان-ئېسەن ئۆتۈپ 1540–يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى كەشمىرگە ئاياغ باسىدۇ ـــ دە، ئۇ يەرنى بىر ئوقمۇ ئاتماي ئۆزىگە قارىتىدۇ. ئۇ يەنە ئابدال ماكرى بىلەن زەنگى چاكنى ئۆزىگە بىر–بىرلەپ ئىتتىپاقداش قىلىدۇ.
ھاجى چاك كەشمىر تىزگىنى ۋە تەختىنىڭ مىرزا ھەيدەرنىڭ قولىغا تەگگەنلىكىگە قارشى ئىدى. شۇ سەۋەبتىن ئۇ شېرشاھدىن ياردەم سورايدۇ. شۇنىڭ بىلەن شېرشاھ بەرگەن ئىككى پىل، بىرنەچچە مىڭ ياياق ۋە بەش مىڭ ئاتلىق ئەسكەرنى مىرزا ھەيدەرنىڭ 300 سەرۋازى 1541-يىلنىڭ 1-ئاۋغۇست كۈنى تېرە–پېرەن قىلىۋىتىدۇ. ئۇلۇغ ئالىم مىرزا ھەيدەر بولسا سۇلتان زەينۇلئابىددىننىڭ ئەۋلادى نەزىك (نادىر) شاھنى تەختكە ئولتۇرغۇزۇپ كەشمىرنى  شۇنىڭ نامى بىلەن سورايدۇ.» («تارىخى رەشىدى»،قازاقچە نەشرى، 1-توم 603-606-، 2-توم 488-بەتلەر)
فىرىشتە بۇ كۆزگە كۆرۈنگەن تۆھپىكارنىڭ ئاشۇنداق جەڭلىرى ھەققىدە كۆپرەك يازغان. ئۇ مىرزا ھەيدەرنىڭ 1541-يىلىدىكى داۋالغۇشتىن كېيىن 1544-يىلىمۇ يەنە بىر بۆلگۈنچىلىكنى باستۇرۇشقا توغرا كەلگەنلىكىنى ئەسكە ئالىدۇ.
ئەل ئىچىدىكى تىنچسىزلىق ياكى ئۆزگە سەۋەبلەر يۈز بېرىش بىلەن مىرزا ھەيدەر 1544-يىلى سرىناگاردىن 30–35 چاقىرىم يەردىكى ئىنداركوت (ئاندراكوت) قامالىغا بېرىپ جايلىشىدۇ. شۇ يىلى زەنگى چاك ئەمىرنىڭ ئۆزىدىن گۇمانلىنىۋاتقانلىقىنى بايقاپ بەنجىدىكى ھاجى چاك قېشىغا قېچىپ كېتىدۇ. بېرىپلا بالىسى بەھرام چاكنى زور قوشۇن بىلەن سرىناگارغا ئاتلاندۇرىدۇ. ھەر نېمە دېگەن بىلەن مىرزا ھەيدەرنىڭ ئىككى سانغۇنى ئۇنىڭ چۇۋالچاق ئەسكەرلىرىنى ئاسانلا سۈر-توقاي قىلىپ تارمار قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ يۈرگەندە 1545–يىلى ھاجى چاك بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى مۇھەممەد چاك بەزگەك كېسىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتىدۇ. شۇ يىلى قارانىيەت شېرشاھمۇ كۆز يۇمىدۇ. 1547–يىلى مىرزا ھەيدەر ئەسكەرلىرى بىلەن بولغان ئورۇشتا زەنگى چاك بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى غازىخان قازا قىلىدۇ. دۈشمەنلىرىنىڭ ئۇرۇش سەھنىسىدىن ئايرىلىشى دوغلاتىينىڭ كەشمىردىكى ھەربىي ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەشكە پايدىلىق بولىدۇ.
فىرىشتەنىڭ يېزىشىدا 1547–يىلى كاشغەرىيەدىكى ئابدۇرەشىدخاننىڭ كەشمىرگە ئەلچى ئەۋەتىپ مىرزا ھەيدەرگە دوستانە قولىنى سۇنغانلىقىنى ئېيتىشنى ئۇنۇتمىغان. كەشمىر زىيالىيلىرىنى ئەگەشتۈرگەن، مەرد، كەچۈرۈملۈك بۇ ئەزىمەت ئەلچىلەر ئۆمىكىنى بىر كۈنچە ئۇزاق يەردىن كۈتۈۋېلىپ، ئىززەت ۋە ھۆرمىتىنى بىلدۈرىدۇ.
1549-يىلى ئۇ مەملىكىتىنىڭ چېگراسىنى كۈچەيتىش ھەم كېڭەيتىش مەقسىتى بىلەن بىر ۋاقىتلاردا سەئىدخان بىلەن ھەربىي يۈرۈشتە بولغان چوڭ ھەم كىچىك تېبەت، ھەمدە كۆپلىگەن بۆلگۈنچىلەرنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلانغان كەشمىرنىڭ قىيپاچ جەنۇبىي تەرىپى راجائۇرى بىلەن پاكلى ۋىلايەتلىرىگە ھەربىي يۈرۈشكە چىقىپ ئۇلارنى ئۆز مەملىكىتىگە قوشىدۇ. بۇ ۋىلايەتنىڭ ھاكىملىرىنى ئېتىپ تاشلاپ، ئەڭ ئىشەنچىلىك شېرىكلىرىنى تەيىنلەيدۇ. (قازاقچە «تارىخى رەشىدىي» 2-توم 488-بەت)
فىرىشتە يەنە تۆۋەندىكىدەك بىر قاتار ئەھمىيەتلىك ۋەقەنىمۇ ھېكايە قىلىپ بېرىدۇ. 1545-يىلى شېرشاھ قازا قىلغاندىن كېيىن شاھلىق تەختى بالىسى ئىسلامشاھقا تېگىدۇ. بىراق ئۇنىڭغا پەنجاپلىق نىيازىي تائىپەسى قارشى چىقىدۇ. زىددىيەت كەسكىنلىشىپ، ئاخىرى ئۇرۇش–جېدەلگە ئايلىنىدۇ. ئىسلامشاھدىن پۈتۈنلەي يېڭىلگەن نىيازىيلارنىڭ ھەيبەتخانى پەنجىدىكى چاكلاردىن پاناھلىق تىلەيدۇ. ئۇلارنى مىرزا ھەيدەر تەرەپكە ھەيدەپ يولغا سېلىۋېتىپ ئۆز نەپسىگە چوغ تارتماقچى بولغان چاكلار ھەيبەتخاننى قۇچاق ئېچىپ قارشى ئالىدۇ.
ھەقىقەتەنمۇ نىيازىيلارنى بىر قېتىمدىلا پارچىلاشقا بەل باغلىغان ئىسلامشاھ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن پىرپەندجالدىكى راجائۇرىگىچە قوغلاپ كېلىدۇ. چاكلارنىڭ مېھماندوستلۇقىدىن گۇمانلانغان مىرزا ھەيدەرمۇ «نىيازىيلار كەشمىرگە چېكىنمىسۇن!» دەپ ئۇلارنىڭ مۇھىم يولىنى كېسىپ تاشلايدۇ. ئافغانلار شۇنداق قىلىپ ئىككى ئوتنىڭ ئارىسىدا قالىدۇ. ھەيبەتخان ئاخىرىدا ئىسلامشاھقا ئوغلىنى «تۇرغاق» قىلىپ «بىتىم» تۈزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مىرزا ھەيدەر بىلەنمۇ تىنچلىق كېلىشىمىگە قول قويىدۇ. چاكلارنىڭ ھارام ئويلىرى شۇنىڭ بىلەن ئەمەلگە ئاشماي قالىدۇ (قازاقچە «تارىخى رەشىدىي» 2-توم 48-بەت).
فىرىشتە شۇنداق يېزىپ ئۆز ئەمگىكىدە مىرزا ھەيدەرنىڭ جەڭلىرىگە كۆپرەك ئورۇن بەرسە، ھىندىلارنىڭ ئەبۇلفازىل ئىبن مۇبارەك ئەللامە (1551–1602) ئاتلىق يەنە بىر تارىخچىسى «تارىخى ئەكبەر شاھ»، يەنە بىر نامى «ئەكبەرنامە» ئاتلىق ئەسىرىنىڭ «مىرزا ھەيدەر ھەققىدە مەلۇمات» دېگەن 31-بابىدا تالانتلىق قوماندان مىرزا ھەيدەرنىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرى ۋە بۆلۈنمە كۈچلەرگە قارشى كۈرەشلىرىدىن باشقا، كەشمىر ئۆلكىسىنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقانلىقى، مەملىكەتكە ئون بارمىقىدىن ھۈنەرنىڭ ھەسىلى تامىدىغان چېۋەرلەرنى كۆپلەپ يىغقانلىقى ھەققىدە توختىلىدۇ. «ئۇنىڭ بايراقدارلىقىدا ـــ دەپ يازىدۇ ئەللامە، ـــ مۇسىيقا ئىشلىرىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلدى، تۈرلۈك مۇسىيقا ئەسۋابى ياسالدى»
كەشمىرنى ئېلىپ كۆڭلى ئارامىغا چۈشكەن مىرزا ھەيدەر كۆپتىن بېرى خىيال قىلىپ يۈرگەن «تارىخى رەشىدىي» ئاتلىق ئىلمىي ئەمگىكىنى يېزىشقا كىرىشىدۇ. «تارىخى رەشىدىي» ناملىق ئەسەر «ئىككى دەپتەر»گە بۆلىنىدۇ. ئاۋۋال «ئىككىنچى دەپتەر» (ئۆمۈر بايانى)نى يېزىشتىن باشلايدۇ. چۈنكى بۇرۇن ھەم كېيىن تارىخىي ئەسەر يېزىپ كۆرمىگەنلىكتىن ئىلمىي ئەمگىكىنى ئۆزى كۆرۈپ باشتىن كەچۈرگەن، ئاڭلىغان ھەمدە يادىدا ساقلانغان ۋەقەلەرنى بايان قىلىش بىلەن باشلايدۇ. ئەسەردىكى دۇنياغا كىرىشمەستىن بۇرۇن ھەمشىرىلەرنىڭ بالىلىرى قاتارىدىكى بابۇرنىڭ «بابۇرنامە»سىنى قايتا-قايتا ئوقۇپ، نەچچە رەت تەپەككۇر ئەلگىكىدىن ئۆتكۈزىدۇ. كۆرگەنلىرى ھەم يىغىنچاقلىغانلىرى بىلەن سېلىشتۇرىدۇ. ۋەقەلەرنى تاللاشقا، ئىلغاشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ.
ئالىم شۇنداق قىلىپ «ئىككىنچى دەپتەر» نى 1541-يىلى باشلاپ 1543-يىلنىڭ 4- 5-ئايلىرىدا ئاياغلاشتۇرىدۇ. ئەسلىمە قىسمىغا ئاخىرلىشىش چېكىتى ئۇرۇلغاندىن كېيىن، شۇ قىسمىدا يېزىش ئۇنتۇلغان تەرەپلىرىنى تولۇقلاپ، پىششىقلايدۇ ـــ دە، ئارىسىغا بەش-ئالتە ئايلىق ۋەقەنى قوشۇپ 1544–1546-يىللىرى «بىرىنچى دەپتەر»ىنى پۈتكۈزىدۇ.
«ئىككىنچى دەپتەر»دىكى ئەھمىيەتلىك تارىخىي ۋەقەلەرنى تەسۋىرلەشتە ئۇلارنىڭ ئۇچۇر–دېرەكلىك ئالاھىدىلىكىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاتامەلىك ئالائىددىن مۇھەممەد جۇۋەينىي (1225–1283) نىڭ «تارىخى جاھانكۇشاي»، ئەمىر تۆمۈرنىڭ يىلنامىچىسى، جەلىبكار تارىخچى شەرەفىددىن ئەلى يەزدىي (1454- يىل) نىڭ «زەفەرنامە» سىگە مۇراجىئەت قىلىدۇ.
مىرزا ھەيدەر ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئۆز ئەسەرلىرىنى تۈركىي تىلدىمۇ يازغان لۇتفىي (1466-؟)، ئەلىشىر نەۋايى (1441-1501)، ئۇلۇغبەگ (1449-1394)، ھۈسەين جالائىرىي (16- ئەسىر) گە ئوخشاش داڭدار سۆز جاۋاھىراتچىلىرىدىن باشقا، ئوبۇلقاسىم فىردەۋسىي (932-1020)، ھافىز شىرازىي (1389-؟)، ئابدۇرەھمان جامىي (1492-1414) قاتارلىق پارس كلاسسىك ئەدىبلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنىمۇ ياخشى بىلەتتى. شۇلارنىڭ بەزىلىرىنى ئۆزىگە ئۇستاز تۇتقان. ئۆزىمۇ شېئىر يازالايدىدىغان بولۇپ 1530–يىلى بەدەخشاندىكى «قەلئەيى زەفەر»نى قورشاپ بىرنەچچە ئاي ياتقاندا «جاھاننامە» داستانىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى قەغەزگە چۈشۈرۈپ، ئاخىرقى بەتلىرىنى 1533-يىلى 9–ئايدا دەل شۇ سرىناگاردا تاماملىغان. «تارىخى رەشىدىي»دەك قىيىن ئەسەرنى يېزىشتا ئەنە شۇنداق يىزىقچىلىق تەجرىبىسىنىڭ ياردىمى كۆپ تېگىدۇ.
ئەكبەردىن كېيىن ھىندىستانغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان جەھانگىر ھەققىدە بايان بېرىدىغان «تۈزۈكى جەھانگىر» ئاتلىق ئەمگەكتىمۇ مىرزا ھەيدەرگە مۇناسىۋەتلىك مەلۇمات تاپىمىز. ئەسەردە بۇ داڭدار ئالىمنىڭ كەشمىرىيلەرنىڭ مەدەنىيەت ساھەسىدە ياراتقان مۇۋەپپەقىيەتلىرى تەشۋىق قىلىنىپ ماختالغان. «كەشمىرگە ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغاندا ـــ دەپ يىزىلغان بۇ ئەسەردە ـــ بۇ ئۆلكىدە كۆپلىگەن ھۈنەرۋەن ئۇستىلار ياشىغانىدى. ئۇلار مۇسىيقا ساھەسىدە كۆپ نەتىجىلەرنى ياراتتى. ئۇلارنىڭ ليۇتنا (مۇزىكا ئەسۋابى) لىرى، سىمبال (مۇزىكا ئەسۋابى) لىرى، ئارفالىرى (ئۇزۇنچاق، چەكمە مۇزىكا ئەسۋابى)، سۇنايلىرى شۇ چاغدا كۆپ كىشىگە تونۇشلۇق ئىدى. بۇرۇن كەشمىرىيلەردە ليۇتنانىڭ بىرلا تۈرى بولغان. ئەمدى ئۇلار ھىندى مۇزىكىلىرىنىڭ ئۈلگىلىرىگە ئوخشىتىپ كەشمىرىيلەر تىلىدا خور ئېيتىدىغان بولدى. كەشمىرىيلەر ئىگە بولغان مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئۈچۈن مىرزا ھەيدەرگە سۆزسىز كۆپ قەرزدار.»
ئوتتۇرا ئەسىردىكى مۇھەممەدئەئزەم بىلەن مەۋلەۋى ھەسەن دېگەن تارىخىچىلارمۇ مىرزا ھەيدەرنى يۈكسەك باھالاپ ئۇنىڭ بۇ ئۆلكىگە ئىسسىق مۇنچا بىلەن پەنجىرىلىك دېرىزىلەرنى، كەشمىرىيلەر «ناراخ لۇل» (كەشمىرىيلەر تىلىدا «ناراخ-ئوت،لۇل–داشقازان») دەپ ئاتىغان گۈرۈچ قۇرۇتىدىغان قۇرۇلمىلارنىمۇ كىرگۈزگەنلىكىنى ئېيتقان.
بۇ ئىشلار توغرىسىدا ھىندى تارىخىچىلىرىدىنمۇ بۇ ئۇلۇغ تۆھپىكار ھەققىدە توختالماي، ئۇ توغرىسىدا سۆز قىلماي ئۆتكەنلەر ئاز. شۇلارنىڭ بىرى ـــ ز.ك.پارمۇ. ئۇ كىشىمۇ ئۆزىنىڭ بەلگىلىك تەسىردىكى ئەمگىكىدە مىرزا ھەيدەرگە بېغىشلىغان بابنى يېزىۋېتىپ، ـــ كۆزگە كۆرۈنگەن تۆھپىكار كەشمىرنى باشقۇرغان يىللىرى بۇ ئەلنىڭ باشقۇرۇش ئۈگىلىرىنى ئىسلاھات قىلدى. يېڭى شەھەرلەرنى سالدۇرۇپ موغۇلىستان مەدەنىيىتىنىڭ ئامىللىرىنى كىرگۈزدى. كەشمىرگە تۆت تەرەپتىن مۇسەۋۋىرلەر بىلەن ھۈنەرۋەنلەرنى يىغدى. ئۇلارنىڭ ئۆز ھۈنەرلىرى بىلەن كەسپىنى كەشمىرىيلەرگە تونۇتۇشقا مۇمكىنچىلىك بەردى. ئۆزىمۇ بۇ ئەلنىڭ ھەربىي ھازىرلىقلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن كۆپ ئەمگەك سىڭدۈردى، ـــ دەپ يازىدۇ. ئۇ مىرزا ھەيدەرنى پەقەت ماختاپلا قالماي، يەنە ئۇنى گۇناھكار قىلىشقىمۇ ئۇرۇنغان. ز.ك.پارمۇ: «ئۇ بىر مەملىكەتتە بىر دىنلىق سىياسەت يۈرگۈزدى. مىرزا ھەيدەر سۈننىي مەزھەپ ئىتىقادى چىڭ كىشى ئىدى. ئەھلى سۈننەتتە ئەمەسلەرنى ياخشى كۆرمەيتتى. بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن كەشمىرىيلەرنىڭ سۈننىي، شىئە، نۇربەخش، سۇپى، شامانىي ھەم بۇتقا تېۋىنىش قاتارلىق دىنىي مەزھەپگە بۆلىنىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى. مىرزا ھەيدەر دىنسىزلارنىڭ ھەممىسىدىن قۇتۇلۇشقا تىرىشتى. ئۇلارغا ئۆچمەنلىك بىلەن قارىدى. 1548–يىلى ئۇ زادىبالدىكى مىرشەمسىددىن ئىراقىينىڭ گۈمبىزىنى خورلىدى. 1549–1550–يىلى ئۇنىڭ بالىسى شەيخ دانىيار ۋە باشقا بەلگىلىك ساندىكى شىئەلەر بىلەن نۇربەخشىيلەرنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرىدى. شۇنىڭدىن كېيىن بىدئەتچىلىككە چوقۇنغۇچىلارنى ئۇ ئاياۋسىز قىرىپ يوقاتتى» دەپ يېزىپ، بېشىنى باشلاپ، ئاخىرىنى چىقارماي، مەسىلىنىڭ ماھىيىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ.
«كەشمىرىيلەر ئىسلام دىنىنىڭ ھەنەفىي فىقھەسىنى تۇتقانلار ئىدى» دەپ يازىدۇ مىرزا ھەيدەرنىڭ ئۆزى «تارىخى رەشىدىي»دە. نادىر سۇلتاننىڭ (1527–1529، 1540– 1541،1551-1552) دادىسى فەتھشاھ توغرىسىدا (1497،1489،1499) يازغاندا «ئىراق زېمىنىنىڭ تالىش دېگەن يېرىدىن شەمىس ئاتلىق بىر كىشى كېلىپ ئۆزىنى‹نۇر بەخشىي›دەپ ئاتاپتۇ. ئۆزىنىڭ بۇزۇق مەزھىپىنى ئاشكارە تارقىتىپ، ئۇنى‹نۇربەخشىي مەزھىپى›دەپ ئاتاپتۇ. كۇپپارلىق ۋە خۇداسىزلىقنى تەرغىپ قىلىپتۇ. [كىشىلەرنىڭ قارغىشىغا قالغان بۇ خۇدا ئۇرغۇر ئوچۇقتىن-ئوچۇق ئىمانسىزلىق بىلەن تۈرلۈك كاپىرلىقنى تەشۋىق قىلىپ، ۋەز-تەبلىغ ئېيتىپ، قاراپايىم خەلق ئارىسىدا سۈننىي ھەمدە شىئەلەرنىڭمۇ ھېچقايسىسىنىڭ ئىلمىگە ماس كەلمەيدىغان ـــ قازاقچە تەرجىمىسىدىكى جۈملە] ‹فىقھ ئەۋھەت›ناملىق كىتابنى ئاشكارە تارقىتىپتۇ.»
نۇربەخشىيە ـــ ئىسلام دىنىنىڭ شىئە مەزھىپىگە مەنسۇپ سۇپىلىق گورۇھى. ئۇنىڭ ئاساسىنى ئىراندا تۇغۇلغان بەھرەيىنلىك سەييد مۇھەممەد بىننى مۇھەممەد نۇربەخشىي (1329-1464) دېگەن كىشى تۇرغۇزغان. شىئەلىكنى تەرغىب قىلىۋاتقان ئۇ شەيخ ئەلى ئەلھەممەدانىينى بۇ يەرگە ئادىللىق ئورنىتىش ئۈچۈن كەلگەن ئىمام مەھدىينىمۇ خەلىفە دەپ ئېلان قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئەمىر تۆمۈرگە قارشى ۋەز-تەبلىغ بىلەن شىئەچىلىكنى ياقىلايدىغان پەند–نەسىھەتى ئاۋۋەل ئەزەربەيجان بىلەن ئىراندا كەڭ ئېتەك يايىدۇ. بىراق ئەمىر تۆمۈرنىڭ ئوغلى شاھرۇخ (1405-1447) نۇربەخشىيلەرنى قاتتىق ئۇچۇغدىغان. شۇ ئىشتىن كېيىن نۇربەخشىيلەرنىڭ پىرى مىرشەمسىددىن كەشمىرگە قېچىپ كېلىدۇ. ئىسلام دىنىنى يېڭىلا قوبۇل قىلغان، بۇ دىننىڭ ئۇجۇر–بۇجۇرلىرىنى بىلىپ كەتمەيدىغان يەرلىك ھاكىم ئۇنى  ئوبدان قارشى ئالىدۇ، يەرمۇ بۆلۈپ بېرىدۇ. مىرشەمسىدىننىڭ ۋەز–تەبلىغىغە ئىلىنىپ، مەھلىيا بولۇپ كېتىشكەن كەشمىرىيلەر سۈننەتنى قويۇپ نۇربەخشىيلەر سۇلۇكىگە كىرىشكە باشلايدۇ. ئۇلار بارغانسېرى چوڭقۇرلاۋاتقاندا مىرزا ھەيدەر ھىندىستاننىڭ مۇسۇلمان ئالىملىرىغا ھېلىقى كىتابنى ئەۋەتىپ رەسمىي پىكىر سورايدۇ. ئۇلار ئۇنى ئوقۇپ، بايقالغان مەسىلىلەرنى تەپەككۇر ئەلگىكىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن كىتاب مۇئەللىپىنىڭ ساختا ئىلىمگە تايانغانلىقىنى، «قۇرئان كەرىم» بىلەن ئومۇمغا تارالغان سۈننىيگە، ھەم جامائەتنىڭ ئورتاق پىكىرىگە قارشىلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىتاب مۇئەللىپىنىڭ كافىرانە ئادىشىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، (شۇ سەۋەبتىن) ھوقۇقدار كىشىلەرگە ئۇ كىتابنى يوقىتىش، تارقىلىشىنى توسۇشنىڭ ۋاجىپلىقىنى، ئۇنداق ساختا ئىلىمنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش ھەم ئاڭا يول بەرمەسلىكنىڭ ۋاجىپلىقىنى، ھېلىقى كىتابنىڭ مەستانىلىرى بىلەن شۇ كىتابنىڭ ساھىبلىرىغا قارشى چىقىشنىڭ ئىسلام دىنىگە ۋاجىپلىقىنى جىكىلەيدۇ. ئۇ «ئەگەر بۇ كىتابقا ئەمەل قىلىشتىن ۋە بۇ مەزھەپكە بولغان ئىخلاسىدىن يانمىسا، قەتل سىياسىتى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ خاتالىقنى تۈگىتىش، ئۇلارنىڭ بىدئەتچىلىكىدىن مۇسۇلمانلارنى خالاس قىلىش ۋاجىپتۇر.!» دېگەن پەتىۋانى چىقىرىدۇ. بولۇپمۇ «دىننىڭ نۇسرەت تېپىشى، كۈچىيىشى، توغرا يولنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى ئۈچۈن ئۇلار توۋا قىلىپ بۇ باتىل مەزھەپتىن يانسا، ئۇلار ھەزرىتى ئەبۇ ھەنىفە (ئاللاھ ئۇنڭدىن رازى بولغاي) نىڭ مەزھەپلىرىگە ئەمەل قىلىپ مۇشۇ مەزھەپكە كىرىشكە بۇيرۇلسۇن!» دېگەن پەتىۋانى تارقىتىدۇ.
ھىندىستان مۇسۇلمان ئالىملىرىدىن ئاشۇنداق رەسمىي پەتىۋا ئالغان مىرزا ھەيدەرنىڭ ئۇنى ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىمۇ ئېنىق. لېكىن ز.ك.پارمۇ بۇ ھەقتە ئېغىز ئاچمايدۇ.
مىرزا ھەيدەر «تارىخى رەشىدىي»دە كەشمىرىيلەرنىڭ دىنىي خىلاپكارلىقتىن باشقا قىلىقلىرى ھەققىدىمۇ توختالغان: «ھازىر ـــ دەپ يازىدۇ ئۇ، ـــ كەشمىردە سوپى بولغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دىنسىزلىققا مايىل بولماقتا. ئۇلارنىڭ ھارام بىلەن ھالالدىن ھېچ خەۋىرى يوق. پەقەت كەم ئۇخلاش بىلەن كەم غىزالىنىشنىلا تەقۋادارلىق ۋە ئىخلاسمەنلىك دەپ ئاتاۋاتىدۇ. ھەر قانداق نەرسە تاپسا ھېچ نومۇس قىلماستىن، ھېيىقماستىنلا ئېلىۋېرىدۇ. ھالال قايسى، ھارام قايسى؟ بۇنى پەرق ئەتمەيدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئوخشاش دەپ قارايدۇ. ئۇلار ھەممىسى ئاچ كۆزلۈك بىلەن ۋەخپە–ئەۋقاب مۈلۈكلىرىنى شەرىئەتكە مۇناسىۋەتسىز ھالدا سەرپ قىلىش ئۈچۈن قول سوزۇپ تىرمىشىدۇ. ئۇلارنىڭ دائىم چۈش كۆرۈش، تەبىر ئېيتىش، ‹بۇ يىل ئانداق بولىدۇ›، ‹مۇنداق ھادىسە كۆرۈلىدۇ› دەپ كارامەت ئىزھار قىلىش، كەلگۈسىدە بولغۇسى غايىپ ئەھۋاللاردىن خەۋەر بېرىش قاتارلىقلاردىن ئۆزگە ئىش يوق. ئۇلار بىر–بىرلىرىگە سەجدە قىلىشىدۇ. بۇنچىۋالا رەسۋالىق بىلەن يەنە چىللىگە كىرىپ ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشىدۇ. ئىلىمنى ۋە ئىلىم ئەھلىنى ناھايىتى يامان كۆرۈشىدۇ. [ئۇلارغا يامان كۆز بىلەن قارايدۇ] شەرىئەتنى تەرىقەتتىن ئايرىۋېتىدۇ. بۇنداق مۇلھىد (دىنسىز) مەزھەپنى كىشى ھېچ يەردە كۆرمىگەن بولغىيتى؟. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ئۇنىڭ شەرەپلىك ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ ھەققى-ھۆرمىتى تۈپەيلىدىن، پاك ۋە ئۇلۇغ ئاللاھتائالا  ئىسلام ئەھلىنى بۇنداق ئاپەتلەردىن ۋە بالا–قازادىن ئۆزىنىڭ ئىسمەت پاناھىنىڭ مۇھاپىزىتى بىلەن ئامان ساقلىغاي، ھەممە مۆئمىنلەرنى شەرىئەتنىڭ توغرا يولىدا ماڭغىلى نېسىپ قىلغاي.
تەڭرىگە تەشەككۈرلەر بولسۇنكى، ھازىر كەشمىردە بۇ باتىل مەزھەپ ئىشىنى ھېچ كىشى ئاشكارە قىلالمايدۇ. ھەممەيلەن ئۇنى مۇتلەق ئىنكار قىلىشىدۇ ۋە ئۆزلىرىنى ئەھلى سۈننەتگە تەۋە قىلىپ كۆرسىتىشىدۇ. پەقىر مۇھەممەد ھەيدەرنىڭ شىددىتىم ۋە سىياسىتىم ئۇلارغا ئايان ۋە ئاشكارىدۇركى، ھەر كىشىدە ئەگەر ئۇ مەزھەپنىڭ ئىزناسى زەررىچە ئاشكارە بولۇپ قالسا، ئۇنىڭغا قەتلىدىن باشقا مۇئامىلە قىلمايمەن. خۇدايىتائالانىڭ تەۋپىق–ھىدايەت ئاتا قىلىشى ۋە پەقىرنىڭ تىرىشچانلىقىم بىلەن بۇ بەختسىزلىك ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئاستا–ئاستا كۆتۈرۈلسە، دېگەن ئۈمىددەمەن.
……
كۈنگە تېۋىنىدىغان بىر توپ كۇپپارلار بار ئىكەن. ئۇلارنى ‹شەماسىن› دەپ ئاتايدىكەن. ئۇلارنىڭ مەزھىپى مۇنداق ئىكەن: ئۇلار ‹قۇياشنىڭ نۇرانىلىكى ئېتىقادىمىزنىڭ ساپلىقى تۈپەيلىدىندۇر. ئەگەر ئەقىدىمىزدىن ساپلىق كۆتۈرۈلۈپ كەتسە، قۇياشنىڭ نۇرانىلىكى قالمايدۇ. ئەگەر قۇياشنىڭ نۇرانىلىكى قالمىسا، بىزنىڭمۇ نۇرانە ۋۇجۇدىمىز قالمايدۇ. ئۇ بىز بىلەن مەۋجۇت. بىز ئۇنىڭ بىلەن مەۋجۇتتۇرمىز. بىزسىز ئۇنىڭ ۋۇجۇدى يوق. ئۇنىڭسىزمۇ بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىز يوقتۇر. قۇياش ئاشكارا تۇرغان ۋاقىتتا ھەممە ئەھۋالىمىز ئۇنىڭغا روشەن ۋە ئاياندۇر. شۇڭا، بۇنداق چاغدا تەقۋادارلىق ۋە ياخشىلىقتىن باشقا ئىشنى قىلغىلى بولمايدۇ. كېچە بولغان ۋاقىتتا قۇياش بىزنى كۆرەلمەيدۇ ۋە ھېچقانداق ئەھۋالىمىزنى بىلەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ كېچىدىكى ئەھۋاللاردىن خەۋەردار ئەمەس. شۇڭا كېچىسى ھەر قانداق ئىش قىلسا، ھېچ گۇناھ ياكى ۋابال بولمايدۇ›دېيىشىدۇ. بۇ تائىپەنىڭ ئېتىنى ‹شەماسىن› دەپ ئاتايدۇ».
ئاشۇنداق دىنىي بىبەرىكەتلىك ۋە بىدئەتچىلىكنىڭ كەشمىر جامائىتىنى ئازدۇرماسلىقى، ئاممىنى ئىككى تەيىن قىلماسلىقى ئۈچۈن ھەم ھىندىستان مۇسۇلمان باشچىلىرىنىڭ قارارىغا ماس ھالدا مىرزا ھەيدەر ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە «نۇربەخشىي»لەر بىلەن باشقا كافىرلارغىمۇ توساق قويغان. كېرىكىدە ئۇلارغا جازامۇ بەرگەن.
ئەلۋەتتە، شىئەلەر بىلەن ئۇنى قوللىغان چاك ئەۋلادىنىڭ مەنسەپخۇمار رەھبەرلىرى بۇنىڭغا نارازى بولۇپ ئاچچىقلىرىنى ئىچىگە يۇتۇپ قولايلىق پۇرسەتتە مىرزا ھەيدەرنى قانداق ئۆلتۈرۈشنى ئويلاشقانلىرىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك.
بىر قىزىقى، ئەبۇل فازىل ئەللامەنىڭمۇ مىرزا ھەيدەرگە ئاۋۋال يۇقىرى باھا بېرىپ ئاخىرىدا ئۇنى «ھۇمايۇنغا ھالاللىقنى تونۇتمىدى» دەپ ئىنكار قىلغىنى تاڭ قالارلىق مىسال. ئۇ «شۇنداق غەلىبىگە قارىماي كەشمىر ھۆكۈمىتىنىڭ ئادىتى بويىچە نەزىكشاھ نامىدىن خۇتبە ئوقۇتۇپ پۇل زەرب قىلدۇرۇپ بەرگەنلىكى مىرزا ھەيدەرنىڭ ئاساسلىق ھەم ئەڭ خەتەرلىك خاتالىقلىرىنىڭ بىرى بولدى. مىرزاھەيدەر ئۇلۇغ مەرتىۋىلىك جاھانبانىگە (ھۇمايۇنغا) مەرتىۋىلىكلەرنىڭ نامىدىن پۇل زەرب قىلدۇرۇشى، مەسجىدىنىڭ  تورۇس، پېشايۋانلىرىمۇ شۇنىڭ نامىدىن بېزىلىشى كېرەك ئىدى» ـــ دېدى. بىراق ئاخىرىدا: «مىرزا ھەيدەر مۇمكىنچىلىك، قولايلىق پۇرسەتنى كۈتكەندۇ؟ لېكىن ھۇمايۇنغا ئىخلاسسىزلىقىنى بىلدۈرگەن ئەمەس. بىراق ھۇمايۇن كابۇلنى ئالغاندىن كېيىن خۇتبەنى ئاتالمىش شۇ ئەمىر نامىدىن ئوقۇتتى» دەپ يازىدۇ.
ھىندى تارىخچىسىنىڭ بۇ پىكىرىگە قوشۇلۇش قىيىن. چۈنكى مىرزا ھەيدەر كەشمىر پەتھىسىدە يەڭگىنى بىلەن، شېرشاھدىن يېڭىلىپ ئىراندىن ياردەم سوراپ سەرسان بولۇپ يۈرگەن يىراقتىكى ھۇمايۇننى قانداقچە كەشمىر پادشاھى دەپ ئېلان قىلىپ ئۇنىڭ نامىدا پۇل زەرب قىلدۇرىدۇ. بىراق ھۇمايۇن 1545-يىلى ئىران شاھى تەھماسىپ (1524-1576) نىڭ ياردىمى بىلەن بۆلگۈنچى ھەمكارى كامراندىن پەقەت كابۇل بىلەن قەندىھارنىلا ئېلىپ ھىندىستاندىن تېخى يىراقتا بولسىمۇ، مىرزا ھەيدەر ھۇمايۇن نامىدا بىردىن تەڭگە زەرب قىلدۇرۇپ خۇتبە ئوقۇتۇشقا باشلىغان. «تارىخى رەشىدىي»نىڭ لوندۇن نەشرگە يېزىلغان كىرىش سۆزدە شەرقشۇناس ن.ئەلىياس دەل شۇ مەسىلىگە بەكمۇ كۆڭۈل بۆلگەن. «مىرزاھەيدەر، ـــ دەپ يازىدۇ ئۇ، ـــ ئۆزىنىڭ غەمگۈزارىغا ئەھمىيەتلىك جاينى چۈشەندۈرۈش ھەم ئۇنى كەشمىرگە چاقىرىش ئۈچۈن ھۇمايۇن تۇرغان يەرگە ئەلچى ئەۋەتىدۇ. ھۇمايۇنغا يازغان مەكتۇبلىرىدا ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا ھالال يول تۇتقانلىقنى، ئۇنى ياقتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنى كەشمىرگە چاقىرىدۇ.»
ئۆزى تۇغ تىككەن ئەلنىڭ ھۇمايۇنغا پۇختا تىرەك بولالايدىغانلىقىنى، ئەمىرنىڭ شۇ يەردىن ھىندىستاننى قايتا بويسۇندۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ئەسكەر ئەۋەتەلەيدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن كېچىكتۈرمەي ئىشقا كىرىشىش كېرەكلىكىنى ئېيتقان… ھۇمايۇننىڭ ھۆرمىتىگە دەل شۇ چاغدا مىرزا ھەيدەر خۇتبە ئوقۇتۇپ تەڭگە قۇيدۇرغان… بۇنىڭغا كەشمىردە قۇيۇلۇپ، زامانىمىزغا يەتكەن تەڭگىلەر تايماس دەلىل بولالايدۇ. بىرتانىيە مۇزېيىدا ھۇمايۇننىڭ نامى يېزىلغان 952 (1545)-، 953 (1546)- دېگەن يىل كۆرستىلگەن كۈمۈش تىيىن ساقلانماقتا. ج.روجېرس ئەپەندى بىرسى 950 (1543)، يەنە بىرسى 953 (1546)- يىلى كەشمىردە زەرب قىلىنىپ ھۇمايۇننىڭ نامى يېزىلغان يەنە ئىككى دانە تىيىننى تەسۋىرلەپ يازىدۇ. بىراق ئىككىنچى تىيىن يۈزىدە «ھ »،«ا» دېگەن ئىككى ھەرپ ساقلانغان.  ج.روجېرىس ئۇنى ھەيدەر مىرزا نامىنىڭ دەسلەپكى ئىككى ھەرپى بولۇشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلىگەن. ۋاقتى ئېنىقلانغان بۇ تىيىنلار مىرزا ھەيدەرنىڭ كەشمىرنىڭ كۈچلۈك ھۆكۈمدارى بولۇپ تۇرۇپمۇ ھۇمايۇننى ئۆزىنىڭ ئەمرى دەپ ھۆرمەت قىلغانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
كەشمىرنىڭ ئۆلكىلىك تارىخىي مۇزېيىدىكى مىرزا ھەيدەر ھۆكۈمدارلىق قىلغان يىللىرى ھۇمايۇن بىلەن نەزىك (نادىر) شاھ نامىدىن سوقۇلغان بىرسى دۈگىلەك، يەنە بىرسى تۆت بۈرجەكلىك كىچىككىنە ئىككى تىيىننى بىزمۇ كۆردۇق.
ئەمما ھۇمايۇن مىرزا ھەيدەر ئارقا تىرەك بولغان ھىندىستانغا 1555-يىلى، يەنى ئۇلۇغ ئالىم قازا قىلىپ تۆت يىلدىن كېيىن ئورۇنلىشالىدى. لېكىن بىر يىل پادىشاھلىقتا تۇرغان ھۇمايۇن 1556–يىلى دېھلىدا تاش پەلەمپەيدىن يىقىلىپ قازا قىلدى. تەختكە ئۇنىڭدىن كېيىن ھىندىستاننى 50 يىل باشقۇرغان ئاتاقلىق ئەكبەر شاھ (1537-1604) ئولتۇردى.
بۆلگۈنچىلىك، ساتقىنلىق، قازا
شۇنىڭ بىلەن خەتەرلىك 1551-يىلىمۇ كەلدى. مىرزا ھەيدەرنىڭ دىنىي سىياسىتىگە بولغان نارازىلىقلاردىن پايدىلانغان چاك ئەۋلادىنىڭ شىئەچى رەھبەرلىرى مىرزا ھەيدەرنىڭ لاداخ بىلەن بالىجىستان، پاكلى بىلەن رادجائۇرى ھەربىي يۈرۈشلىرىدە: «موغۇلىستانلىقلارغا قارىغاندان كەشمىر قوشۇنلىرى كۆپرەك چىقىمغا ئۇچرىدى. كەشمىر ھاكىملىرىنىڭ كۆپچىلىكى كەشمىرىيلەر ئەمەس موغۇلىستانلىقلار»، ـــ دېگەندەك كوچا پاراڭلىرىنى پەيدا قىلىپ، ئۆسەك سۆز تارقىتىپ، تۆھمەتخورلۇق ئوتىنى لاۋۇلدىتىدۇ. بۇ قېتىم مىرزا ھەيدەر، بولۇپمۇ كەشمىر ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبى بولغان يىراق بخىربال (يەنە بىر نامى بخىمبار)  ۋىلايىتىگە قارا باھادىرنى ھاكىم قىلىپ تەيىنلىگەندە ئۇجۇقۇپ قالغىلى تاس قالىدۇ.
قارا باھادىر كىم ئىدى؟ بۇ مەسىلىگە زېھىن قويۇپ ئۆتسەك! ئەبۇلفازىل ئەللامە: «قارا باھادىر مىرزا مەھمۇدنىڭ بالىسى. شۇ سەۋەبتىن ئۇ مىرزا ھەيدەرنىڭ نەۋرە ئىنىسى بولىدۇ» دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە «تارىخى رەشىدىي» دە مىرزا ھەيدەرنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى ئىچىدە مىرزا مەھمۇد ئىسىملىك كىشىنى ئۇچراتمىدۇق. تەتۈرىسىچە ئۇنىڭدا مەھمۇد مىرزىنىڭ نامى ئاتىلىدۇ. ھەم ئۇنى مىرزا ھەيدەرنىڭ ئۆز دادىسى مۇھەممەد ھۈسەيننىڭ ئىنىسى سەيىد مۇھەممەدنىڭ بالىسى دەپ يازىدۇ. مەھمۇد مىرزا 1534–يىلى ئالىم مىرزا ھەيدەرنىڭ زانىسكار ھەربىي يۈرۈشىدە قايغۇلۇق قازاغا ئۇچرىغان. قارا باھادىر شۇ مەھمۇد مىرزىنىڭ بالىسى بولۇپ ئۇنى بىھىربالغا ھاكىم قىلىپ تەيىنلەشنىڭ ئەھمىيىتى بار. سەۋەبى بىھىربال پىرنەندجال تېغىنىڭ كۈنگەي تەرىپىدىكى كەشمىرنىڭ ھەممىگە پايدىلىق بىر تېغى ئىدى. قارا باھادىرنى شۇ يەرگە ئەۋەتىش، مىرزاھەيدەرنىڭ مەملىكىتىنىڭ بولۇپمۇ جەنۇبىي چېگراسىنىڭ مۇقىم بولغانلىقىنى ئويلىغانلىقىدا گۇمان يوق.
شۇنىڭ بىلەن چاكلار بۆلگۈنچىلىك چىقىرىدۇ. ئەبۇلفازىل ئەللامە مىرزا ھەيدەرنى «كەشمىرنىڭ مەنىۋى، مەدەنىي ھاياتىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، تۈرلەندۈرۈپ بېيتتى، ـــ دېگىنى بىلەن، ـــ سالامەتلىكىنى ئۇنتۇپ ئۆز ھەۋىسى، قىزىقىشى بىلەن ياشىدى، قولىدىن پاراسەت بىلەن ئەقىلنىڭ تىزگىنىنى چىقىرىپ قويدى…. ئىلگىرى كەشمىرىيلەرنىڭ ئالداش، ئازدۇرۇش ۋە توپىلاڭلىرىنى چېۋەرلىك ھەم دانىشمەنلىك بىلەن يېڭىپ كەلگەن مىرزا، بۇ قېتىم ئۇلار قۇرغان تورغا ئويلىمايلا چۈشۈپ قالدى. چاكلار تۈرلۈك قۇۋلۇق، شۇملۇق ھەم ھەربىي ھىيلە بىلەن مىرزا ھەيدەرنىڭ ئەسكەرلىرىنى پارچىلاپ تاشلىدى. ئىشەنچلىك كىشىلىرىنى تەرەپ–تەرەپكە تارقىتىۋەتتى. ئەسكەرلىرىنىڭ بىر بۆلىكىنى تېبەتكە، يەنە بىر بۆلىكىنى پاكلىغا، ئۈچىنچى بۆلىكىنى رادجائۇرىغا ئاتلاندۇردى. ئىدىرىنا ۋە ئابدال ماكرىنىڭ ئوغلى ھۈسەين ماكرى بولسا مىرزا ھەيدەرنىڭ ئىش باشقۇرۇشىدا بولۇۋاتقان كەشمىرىيلەردىن خاجە ھاجىنى ئۆزلىرى تەرەپكە تارتىۋالدى. ئۇلار شۇنداق قىلىپ ئۆز تەرىپىگە مىرزا ھەيدەر ئەسكىرىنىڭ كۆپ قىسىمىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن ئەمدى مىرزىغا قارشى خاجە ھاجىنىڭ ئۆزى ئاتلاندى. شىئە مەزھىبىدىكى غازىخان، مەلىك دەۋلەت چاكمۇ شۇلارغا قوشۇلدى. خىراپۇرا بىلەن سرىناگار ئارىسىدىكى خانپۇرا دېگەن يەردە تۇرۇپ مىرزىغا ھۇجۇم قىلىدۇ. مىرزا خاجە ھاجىدىن ئۇلار تۇتقۇن قىلغان يېقىن تۇغقىنى قارا باھادىرنى بوشىتىش توغرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمنىڭ ئىجراسى ئۈستىدە تۇيۇقسىز كەمال دۇبىنىڭ قولىدا قازا قىلدى. بىراق بەزىلەر ئۇنى ئۆز مۇلازىملىرىنىڭ بىرى ساداق بىلەن مەخپىي ئېتىپ ئۆلتۈرگەن دەپ ئېيتىدۇ» دەپ يازىدۇ.
مىرزا ھەيدەرنىڭ قازا قىلىش سەۋەبى توغرىلىق تېخىمۇ تولۇقراق ئۇچۇر-دېرەكلەرنى فىرىشتە بايان قىلىدۇ. ئۇنىڭ قەيتىچە ۋەقە مۇنداق بولغان: قارا باھادىرنى بخىربال ۋىلايىتىگە ھاكىم قىلىپ تەيىنلىگەندە كەشمىرىيلەردىن ئىدىرىنا، نەزىك شاھ، خاجە ھاجى ۋە باشقىلار نارازىلىق بىلدۈرىدۇ، پارامۇلاغا كېلىپ توپىلاڭ چىقىرىدۇ. موغۇلىستانلىقلار توپىلاڭ ھەققىدە مىرزا ھەيدەرگە خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، مىرزا ھەيدەر دەسلەپتە بۇنىڭغا ئانچە ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيدۇ.
رامىزان ئېيىنىڭ 27-كۈنى ئىنداركوت قامالىدا قاتتىق ئوت يىلىنجايدۇ. قارا باھادىر مىرزا ھەيدەرگە مەخسۇس كىشى ئەۋەتىپ، ئۇ يەردىكى ئۆز ئۆيلىرىنىڭ كۆيۈپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلىپ، ئەھۋالغا قارىتا تەدبىر سورايدۇ.
ئاچچىقلانغان مىرزا ھەيدەر بىخىربالغا كېتىپ كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي قارا باھادىرنىڭ باشقۇرۇشى بىلەن موغۇلىستانلىقلار ھەم يەرلىك كەشمىرىيلەردىن تەركىب تاپقان ئەسكەر ئەۋەتىدۇ. يولدا موغۇلىستانلىقلاردىن بۆلۈنۈپ كەتكەن كەشمىرىيلەر تاغ ئېشىشىغىلا ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ، موغۇلىستانلىقلارنىڭ 80 گە يېقىن مۇھىم ھەم غوللۇق ئادىمىنى قىرىپ تاشلايدۇ. مۇھەممەد نەزىر دوغلاتىي بىلەن قارا باھادىرنى تۇتقۇن قىلىدۇ. ئەسكەرلەرنىڭ ئامان قالغان قىسمى قايتىپ سرىناگارغا ئورۇنلىشىدۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن مىرزا ھەيدەر ئامالسىز بارلىق شەھەر قول ھۈنەرۋەنلىرىنىمۇ لەشكەر بولۇشقا چاقىرىدۇ. ھاپىلا-شاپىلا يىغىلغان، مەشىقلەندۈرۈلمىگەن بۇ ئادەملەر بىلەنلا ئۇ توپىلاڭچىلارنىڭ يولىنى كېسىپ تاشلاشقا تەييارلىق قىلىدۇ. شىئەچى چاكلار بىر–بىردىن ئاستانەگە يېقىنلاپ ئاخىرىدا خانپۇراغا يىغىلىدۇ. مىرزا ھەيدەر سرىناگار ئەتراپىدىكى خالىدگورا تۈزلەڭلىكىنى تاللايدۇ.
فىرىشتە: «مىرزا ھەيدەر خامپۇرادىكى پۇتىقىنىڭ ئاستىغا 22 ئاتلىق ئادەم يوشۇرۇنالايدىغان چوڭ سەمبى دەرىخىنىڭ تۈۋىگە مەھكەم يوشۇرۇنۇپ، دۈشمەنگە كېچىدە ھۇجۇم قىلماق بولدى، ئۇ كىشى ئاۋۋال ئىنىسى ئابدۇرەھماننى سەلتەنەتىنىڭ قانۇنىي مىراسخورى قىلىپ تەيىن قىلىدۇ. شۇندىن كېيىن توپىلاڭچىلارنىڭ ھازىرقى تەشكىللىگۈچىسى، ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى خىزمەتكارى بولغان خاجە ھاجىنىڭ ئۆيىگە يۈرۈپ كېتىدۇ. تۈكمۇ كۆرۈنمەيدىغان قاپقاراڭغۇ تۈن ئىدى. كېيىن مىرزا ھەيدەرنىڭ مۇلازىمى شاھنەزەر ساداقنى كەڭ تارتىپ ئوقنى ئۈزۈپ ئاتقىنىدا مىرزا ھەيدەرنىڭ ‹خاتالاشتىڭ، بۇ مەنغۇ!؟› دېگەن تونۇش ئاۋازى قۇلىقىمغا ئاڭلاندى. ئاخىرىدا ئاتقان ئوقنىڭ دەلمۇ-دەل مىرزا ھەيدەرگە تەگكەنلىكىنى سەزدىم،»- دەيدۇ.
‹قاتىلنىڭ ئوقى شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ بېلىگە تەگكەن›دېگەن گەپمۇ، ‹مىرزا ھەيدەرنى كەمال كۇكا قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈردى›دېگەن مۆلچەرمۇ بار. بىراق ئۇنىڭ يۈرىكى ئەتراپىدىن ئوق ئىزىدىن باشقا جاراھەت بايقالمايدۇ. دەپ كەلگەندە بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەتلا ھەر تۈرلۈك مۆلچەرلەشتۇر.
تاڭ ئېتىشقا باشلىدى، كەشمىرىيلەر بارگاھدا قازا قىلغان موغۇلىستانلىق ياتىدۇ، دېيىشىپ ئولاشتى. خاجە ھاجى كېلىپ كۆرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ مىرزا ھەيدەر ئىكەنلىكىنى بىلدى. مىرزا بېشىنى كۆتۈرۈپ، [ئۆزىگە تىكىلىپ، تەمتىرەپ تۇرغان ساتقىننىڭ يۈزىگە] قارىدى ـــ دە، ئاخىرقى تىنىقىدىن قالدى. شۇندىن كېيىن موغۇلىستانلىقلار ئىنداركوتقا قاچتى. كەشمىرىيلەر مىرزا ھەيدەرنى يەرلىكىگە قويغاندىن كېيىن موغۇلىستانلىقلارنى قوغلاپ چىقىرىشقا باشلىدى. ئۇلار ئىنداركوت قامالىغا بېرىپ تىقىلدى. ئۈچ كۈن كۈنبويى كەشمىرىيلەر بىلەن ئېتىشتى. تۆتىنچى كۈنى مۇھەممەد رۇمىي زەمبىرەكنى مىس تەڭگە، تىيىنلار بىلەن ئوقلاپ دۈشمەنلەرگە ئېتىشقا باشلىدى. تەڭگە، تىيىن تەگگەنلەرنىڭ ھەممىسى يەر چىشلەشتى. ئاخىرىدا مىرزا ھەيدەرنىڭ ئايالى خانىمئاي بىلەن سىڭلىسى خانچە موغۇلىستانلىقلارغا: «مىرزا ئەمدى يوق. كەشمىرىيلەر بىلەن بىتىملەشسەك دۇرۇس بولار ئىدى»، ـــ دېگەندىن كېيىن موغۇلىستانلىقلار ئۇ گەپنى مۇۋاپىق كۆرۈپ ئەمىرخان بىناكارنى بىتىم تۈزۈشكە ئەۋەتتى.
كەشمىرىيلەر كېلىشىۋېلىپ «‹موغۇلىستانلىقلارنى پاتقۇزمايمىز!›دەپ ئەند ئىچىشكەنلىرى ھەققىدە تىلخەت بېرىشتى. شۇندىن كېيىن قامال قوۋۇقى ئېچىلغاندا ئۇلار مىرزا ھەيدەرنىڭ خەزىنىسىگە يوپۇرۇلۇپ كىرىشىپ بۇلاشقا باشلىدى. ئادەملەر قولغا چىققانلىكى نەرسىلەرنى بۇلاپ-تالاپ ئېلىپ كەتتى. مىرزا ھەيدەرنىڭ ئائىلىسى سرىناگارغا مانيۇجانىڭ قارمىقىغا ئەۋەتىلدى. كەشمىر سەرۋازلىرى كەشمىرنى ئۆز-ئارا بۆلۈشۈۋالدى»، ـــ دېدى.
شۇنداق قىلىپ، بىر دۆۋە ئەرزىمەس ئادەملەر يوپۇرۇلۇپ يۈرۈشۈپ ئەڭ ئاخىرى ئۇنى غۇلاتقاندىن كېيىن كۆڭلى تىنىشتى. ئۇلۇغ ئالىم شۇنداق ھەسرەتتە دۇنيادىن كەتتى.
كەشمىر تارىخچىسى ك.م.سۇفىينىڭ يازمىشىغا كۆرە، لاۋۇلداپ يانغان توپىلاڭ ئوتى «پەقەت مىرزا ھەيدەرنىلا ئەمەس، مىرزا ھەيدەرگە سادىق بولغان ئەڭ ئىشەنچلىك ھەمنەپەس دوستلىرى، يەنى ئەينى دەۋردە كىچىك تېبەت، پاكلى، ماڭلى ھەم كىشتۋار ۋىلايەتلىرىگىچە غەلىبە ئوتىنى يىلىجىتقان تەجرىبىلىك سەرۋازلاردىن موللا قاسىم، موللاباقى، موللا ئابدۇللاھ سەمەرقەندىي، مۇھەممەدنەزەر (دوغلاتىي) ھەم نەۋرە ئىنىسى يۈسۈف مىرزا (دوغلاتىي) لارنىمۇ يۈتۈپ كەتتى».
قايسى خانپۇرا؟
«تارىخى رەشىدىي»نىڭ لوندۇن نەشردىكى كىرىش سۆزىدە ن.ئەلىياس: «مىرزا ھەيدەرنىڭ قازا قىلغان يېرى بارامۇلادىن يىراق بولمىغان جېلام ساھىلدا» دەپ يازغان. شۇ سەۋەبتىن مەن ئەتىسى بارامۇلا بىلەن خانپۇراغا بارغاندا «ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر ئارماندا كۆز يۇمغان يەر تېپىلىپ قالسا گۈل قويايلى!» دېگەن قارارغا كەلدىم.
بارامۇلا بىلەن خانپۇرا سرىناگارنىڭ غەربىدىن 55 چاقىرىمدەك يېراقلىقتا ئىكەن. مانا سرىناگارمۇ ئارقىمىزدا قالدى. قاش قارىيىشى بىلەن شەھەرگە ئالدىراۋاتقان ماشىنىلار ۋە ئات، ئېشەك ھارۋىلىرىنىڭ سانى يوق. بەزىدە ئۇلار يول بەرمەيدۇ.
يولنىڭ ئىككى قاسنىقى تۈلكىباسنىڭ (قازاقىستاندىكى يەر نامى ـــ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچىدىن) باغلىرىغا ئوخشايىتتى. ئەگەر ھازىر كۆكلەم ياكى ياز بولسا ئىدى، كەشمىرنىڭ مىرزا ھەيدەر تەسۋىرلىگەن كۆركەم كۆرۈنۈشنىڭ گۇۋاھچىسى بولار ئىدۇق. لېكىن ھازىر قىش، ئوت–چۆپلەرگە قىراۋ چۈشۈپتۇ. بىراق قۇياش يەنىلا يەرنى ئىللىق ئىسسىتىپ تۇرىدۇ.
يول بويى قاراۋۇل، سولداتلار بار. ئاندا–ساندا ئۇچرايدىغان كۆندىلەڭ قانال كۆۋرۈكلىرىنىڭ كىرىش ھەم چىقىش يولىدا كۆزەتچى بار.
كۆزلىگەن مەنزىلگە يېتىشىمىز بىلەن، سول تەرەپتىن دۆڭ-دۆۋە يەرلەر كۆرۈنۈشكە باشلىدى. ئوڭ ياقتا بوش تۇرغىنى بىر قىسمى ھەيدەلگەن ئېتىزلىقلار ئىكەن. بىر نەچچە دېھقان ئۆكۈز قوشۇپ كۆكلەمدىكى تېرىقچىلىققا تەييارلانغان يەرلەرنى ھەيدەۋاتقان ئىكەن، بەلكىم شال تېرىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان بولسا كېرەك.
ئۇنى–بۇنى دېيىشكىچە پاتتان ئارقىدا قالدى. سرىناگاردىن چىققاندىن بېرى غەربىي جەنۇبنى نىشانلاپ مېڭىۋاتقان بىز ئەمدى بىردىنلا شەرقىي جەنۇبقا ماڭدۇق. باغ-ۋارانلارنىڭ ئاخىرى چىقىدىغاندەك ئەمەس. سىناگارنىڭ بېرىسىدىكى باغلار تېخىمۇ كۆركەملىشىپ ماڭماقتا ئىدى.
بارامۇلا پاتتاندىن چوڭ ئىكەن. كوچا بويى تىزىلغان دۇكان بار. بىراق دۇكانلاردىن بىر نېمە سېتىۋېلىۋاتقان ھېچكىم كۆرۈنمەيدۇ. چۈنكى كىشىلەرنىڭ كۆپى ئىشسىز ئىكەن. ئىشسىزلىق ھىندىستاننىڭ چوڭ، قىيىن مەسىلىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، كەشمىرگىمۇ تەسىرىنى كۆرسەتكەن ئىكەن.
بارامۇلادىن ئۆتۈشىمىزگىلا يولنىڭ قاسنىقىدىكى «خانپۇرا» دېگەن يېزىق كۆزىمىزگە چېلىقتى. خانپۇرا بولسا بارامۇلا بىلەن ئۇلىشىپ تۇرىدىكەن.
يىزا ئۆيلىرىنىڭ زور كۆپچىلىكى بىر نەچچە قەۋەتلىك بىنالار ئىكەن. ئاشۇنداق ئۆيلەرنى سېلىش بۇلاردا ئەنئەنىگە ئايلانغان بولۇپ، سرىناگاردىكى ئۆيلەرگە ئوخشاپ قالىدىكەن.  ئۆيلەرنىڭ بىزەك ۋە زىننەتلىرىمۇ ئاجايىپ نەپىس ۋە كۆركەم ئىكەن.
يېزا چېتىدىكى سايدا جېلام دەرياسى ئېقىپ تۇرىدۇ. دەريانىڭ ئۇ قېتى ئېگىز تۆپىلىك بولۇپ، 1551-يىلنىڭ كۈزىدە قاتتىق جەڭ بولغان. لېكىن ئۇ مەزگىللەردە خەلق ھازىرقىدەك كۆپ ئەمەس ئىدى.
خانپۇرادا مۇھەممەد ئىسكەندەرنىڭ يېزنەسى بىلەن ئاپىسى تۇراتتى. كېلىشىمىز ھەققىدە ئالدىنئالا خەۋەرلەندۈرۈلگەن بولسا كېرەك. بىزنى كىچىككىنە نەۋرىسىنى كۆتەرگەن مۇھەممەد ئەكرەمىي ئىسىملىك كىشى قارشى ئالدى. ئۆي ئىچىگە كىرىپ ئىككىنچى قەۋەتكە چىقتۇق. ئۆي ئىگىسى مېھماندوستلۇقنى بىلدۈرۈپ پاي–پېتەك بولۇۋاتاتتى.
بىنا ۋە ئۆيلەر سىرتتىن قوپال كۆرۈنگەن بىلەن، ئۆي ئىچى رەتلىك ھەمدە سالقىن ئىكەن. مۇھەممەد ئەكرەمىي بىر ئازدىن كېيىن سېۋەتچاقلارنى ئەكىلىپ بىر–بىرلەپ قولىمىزغا ئۇزاتتى. سېۋەتچاقلارنىڭ ئىچىدە خۇمرا، خۇمرا ئىچىدە كۈل بار، ئۇنىڭ ئارىسىغا چوغ سېلىنىپتۇ. خۇمرا خىشتىن ياسالغان ئىكەن (بۇ مەنقەل دەپ ئاتىلىدۇ-ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچىدىن). شۇڭا سېۋەتچاقلارمۇ كۆيۈپ كەتمەيدىكەن ھەم چوغمۇ ئۆزىنىڭ ھارارىتىنى ساقلايدىكەن. سرىناگار كوچىلىرىدا سېۋەتچاق تۇتۇپ كېتىۋاتقان كىشىلەرنى كۆپ كۆرگەن ئىدۇق، سەۋەبىنى ئەمدى چۈشەندۇق. كەشمىرىيلەرنىڭ ئۆيلىرىگە قىشتا ئوت يېقىلمايدىغانلىقتىن سېۋەتچاقتىكى خۇمرا ئىللىق، يېقىشلىق سېزىلىدىكەن. سېۋەتچاق ئاياغ تەرەپكە قويۇلۇپ ئۈستىگە يۇپقا كۆرپە يېپىلدى. ئەجەب راھەت! ئىسسىپ قالدۇق.
بىر ئازدىن كېيىن يىگىرمە بەش ياشلاردىكى كېلىنچەك سالام بېرىپ كىردى. بۇ مۇھەممەد ئەكرەمىينىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتە بىيولوگىيە بىلەن زوئولوگىيەدىن دەرس بېرىدىغان قىزى ئىكەن. ھېلىقى كىچىككىنە بالا بۇ كېلىنچەكنىڭ بالىسى بولۇپ چىقتى.
- ئىسمىڭ نېمە؟ دېدىم مەن بالىنى ئۆزۈمگە تارتىپ.
- فەھىمى ئافتاب، ئىسمىنى دادىسى كىتابقا قاراپ قويغان، بۇ يىل ئۈچكە تولىدۇ، ـــ دېدى كېلىنچەك تەبەسسۇم بىلەن.
ئۇنىڭدىن كېيىن پاراڭ قازاقىستان تەرەپكە ئاغدى. مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆزىگە ئۆزى خوجا خەلق بولغاندىن كېيىن، مانا مۇشۇنداق بۇرۇن ئۆتكەن ئۇلۇغ ئەجدادلىرىمىزنى ئىزدەپ كەشمىرگە كەلگىنىمىز پارىڭىمىزنىڭ قايمىقى بولدى.
ئۇلارنىڭ قازاقىستان ھەققىدە ئومۇمىي خەۋىرى بار. قازاقىستاننىڭ مۇسۇلمانلار مەملىكىتى ئىكەنلىكىنى بىلىشىدۇ. بىراق كۆپىنچىسى بىر قاتار ئەرەب ئەللىرى ۋە باشقا بەزى مەملىكەت خەلقلىرىگە ئوخشاش قازاقىستاننى باشقا ‹… سىتان›لار بىلەن ئارىلاشتۇرىۋېتىدۇ ياكى ھېلىمۇ رۇسىيە تەۋەسىدە دەپ ئويلايدۇ.
خۇدا خالىسا كەشمىرمۇ مۇستەقىل بولىدۇ، ـــ دېدى كېلىنچەك. بۇ چاغدا ئېسىمگە تاجاۋۇزچىلارنىڭ قولچوماقچىلىرىغا 1986-يىلى كۆكرەك كىرىپ قارشى تۇرغان باتۇر قېرىنداشلىرىمىز چۈشتى.
بىر ئازدىن كېيىن ئۇ تېلېۋىزورنى ئاچتى. پاكىستان قانىلىدا ناخشا–ئۇسسۇل بېرىلىۋاتقان ئىكەن. سەنئەتچىلەرنىڭ سەھنىدە ئولتۇرۇپلا ماھارەت كۆرسىتىۋاتقانلىقى كۆرۈندى.
ـــ چۈشىنىۋاتامسىلەر؟ ـــ دېدىم ساھىبخانغا.
ـــ ئەلۋەتتە، ـــ دېدى ئۇ، بۇ بۈيۈك بابۇرنىڭ غەزەللىرىگە بەستەلەنگەن ئاھاڭدا.
ئاھاڭ چەكمە سازلىق بولغىنى بىلەن مۇڭلۇق ئىكەن. خۇددى كەشمىرىيلەرنىڭ يۈرەك يارىسى بىلەن جۆر بولۇۋاتقانقاندەك تۇيۇلدى.
كەشمىر پاكىستانغا قوشنا ھەم دېھلىدىن ھىندى تىلىدىكى خەۋەرلەرنى كۆرەلەيدۇ. شۇڭا كىشىلەرنىڭ كۆپچىلىكى دۇنيادا بولۇۋاتقان ۋەقەلەردىن خەۋەردار.
كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىغا ئاساسلانغاندا، جاممۇ بىلەن كەشمىر ئۆلكىسىدە 1996-يىلىدىكى ئىستاتىستىكا بويىچە 5-8 مىليونچە، سرىناگاردا 750 مىڭ كىشى ياشايدىكەن. ۋىلايەتلەردە كەشمىرىي، ئوردۇ ھەم خەلقئارالىق تىل سۈپىتىدە ئىنگلىز تىلىمۇ قوللىنىلىدۇ.
پاراڭ قىزىسۇن دەپ سرىناگارغا كېلىش سەۋەبىمنى ئېيتتىم.
ـــ بىر ئالىم بوۋىمىز 1540–1551-يىللىرى كەشمىردە پادىشاھ بولۇپ، ئاخىرىدا مۇشۇ خانپۇرا ئەتراپىدا قازا قىلغان ئىكەن.
ـــ ئۇ كىم؟
ـــ مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر ئىبن مىرزا مۇھەممەد ھۈسەين دوغلاتىي.
ـــ بىلىمىز، بىلىمىز، ـــ دېدى مۇھەممەد ئەكرەمىي. ئۇ كىشىنىڭ مۇشۇ ئۆلكىدە پادشاھ بولغانلىقى راست. پادشاھ بولغانلار ئىچىدە مىرزا ھەيدەرنىڭ ئورنى ئالاھىدىرەك، ئۇ كىشى كەشمىرنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشقان. كۆپ يەردە كىتابخانا ئاچقان. ئۆيلەرنى بېزەش، زىننەتلەشنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇرغان. بولۇپمۇ كەشمىر بالىلىرىنىڭ پۈتۈنلەي مەكتەپكە بېرىشىنى قائىدە قىلىۋەتكەن. مىرزا ھەيدەر بىزگە ئوتتۇرا ئاسىيادىن «قەھۋە چاي» ئەكىلىپ دەملەپ ئىچىشنى ئۆگەتكەن②.
شۇ قېتىم كەشمىرىيلەر بىلەن بولغان سۆھبەتلەردىن، بولۇپمۇ مۇھەممەد ئەكرەمىيدەك قاراپايىم كىشىلەرنىڭمۇ شۇ كەمگىچە ئۆزىنىڭ پاراسەتلىك ھەم بىلىملىك رەھبىرى مىرزا ھەيدەرنى ئۇنۇتماي قەدىرلەپ تۇرغىنىدىن، ئۇلۇغ ئالىم مىرزا ھەيدەر ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا پايدىلىق سۆز، مەنپەئەتلىك ئىش ۋە ياخشى ئىز قالدۇرغان ئىكەن، دەپ سۆيۈندۇق ھەم رازى بولدۇق.
پاراڭغا مۇھەممەد ئىسكەندەر گەپ قاتتى.
ـــ شۇ مىرزا ھەيدەر خانپۇرادا بىر ساتقىننىڭ قولىدا قازا قىلغان ئىكەن. بۇ قازاقىستانلىق مېھماننىڭ شۇ يەرنى ئېنىقلىغۇسى كېلىۋاتقان ئوخشايدۇ، ـــ دېدى.
ـــ ئۇنىڭ بۇ يەردە ئۆلتۈرۈلۈشى مۇمكىن ئەمەس، باشقا يەر بولۇشى مۇمكىن. بىزنىڭ قىشلاقتىكىلەر ئەزەلدىن مۆمىن كىشىلەر ھەم مېھماندوست، ـــ دېدى ئوڭايسىزلىنىپ مۇھەممەد ئەكرەمىي. شۇنىڭدىن كېيىن بىردەم تىم-تاسلىق پەيدا بولدى.
ـــ تىم-تاسلىقنى ھېلىقى مۇئەللىمە بۇزدى.
ـــ دەل بىزنىڭ خانپۇرا ئىكەنلىكى ئېنىقمۇ؟ باشقا يەر بولۇپ قالمىسۇن يەنە؟
ـــ باشقا يەر دېگەن قانداق گەپ؟ ـــ دېدىم چۈشەنمەي.
ـــ كەشمىردە خانپۇرا دەپ ئۈچ يەر بار. شۇنىڭ قايسىسى؟ دېمەكچى مەن.
ھەممىمىز ئويلىنىپ قالدۇق. كېلىنچەكنىڭ سوئالى ئورۇنلۇق. ئۇ يەرلەرنىمۇ ئېنىقلاش كېرەك- دە، ئۆزۈم ئېلىپ كەلگەن ماتېرىياللار بىلەن يەنە پەرقلەندۈرۈشكە تىرىشتىم.
ـــ ياق، مىرزا ھەيدەرنى خانپۇرا خەلقى ئەمەس، ئۇنىڭ ئىشەنچىلىك مۇلازىمى ئاتقان، ـــ دېدىم.
ـــ بەلكىم شۇنداقتۇر، ـــ دېدى كېلىنچەك خۇشاللىق بىلەن.
بىر ئازدىن كېيىن ئۇ مۈرىسىگە لوڭگا ئېسىپ، قولىغا ئاپتوۋا تۇتۇپ قايتىپ كەلدى. تاماق تەييار بولۇپتۇ، قولىمىزنى يۇيدۇرۇپ داستىخان سالماقچى بولۇۋاتاتتى.
ـــ بىزدىمۇ سىزلەردىكىدەك تاماق ئالدىدا قولغا سۇ قۇيۇلىدۇ، ئاندىن داستىخان سېلىنىدۇ. سۇ قۇيۇلۇشىغا مېھمان فاتىھە ئوقۇيدۇ، ـــ دېدىم.
ـــ شۇنداق، بۇ يەردە يەنە بىر ئاز تۇرسىڭىز ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆرپ–ئادەتلىرىنىڭ ئىزناسىنىڭ تالايلىرىنى بايقايسىز، ـــ دېدى مۇھەممەد ئەكرەمىي.
بىر ئازدىن كېيىن چاي ئېلىپ كېلىندى.
ـــ كەشمىر چېيى ئىچەمسىز؟ ـــ دېدى ساھىبخان.
مەن ماقۇل بولدۇم.
دەسلەپتە چاي بىزنىڭ سۈت قاتقان چېيىمىزدەك كۆرۈندى. چاي يۈزىدە ياغ لەيلەپ تۇراتتى، ئىچكەنسېرى ئاچچىق تېتىيدىكەن. قەدىمكى تۇزلۇق سۇنىڭ ئۆزى. رەنجىمىسۇن دەپ بىر پىيالىنى ئاران ئىچىپ تۈگەتتىم. شۇنىڭدىن كېيىن:
ـــ ئەمدى «قەھۋە چاي» نى كۆرگىلى بولارمۇ؟ ـــ دېدىم. كېلىنچەك كەشمىرگە مىرزا ھەيدەر بىلەن كەلگەن چاينى دەملەپ ئېلىپ كەلدى. ئۇ چاينىڭ رەڭگىمۇ، تەمىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بۈگۈنكى كۆك چېيىغا ئوخشايدىكەن.
چۈش ۋاقتى بولۇپ قاپتۇ. سرىناگارغا قايتىدىغان بولدۇق. چۈنكى سائەت ئۈچتە پروفېسسور رەفىقىي بىلەن ئۇچرىشىپ «مەرازى سالاتىن» گە بېرىشىمىز كېرەك.
ـــ شۇنداق بولغاندا بىزگە لازىمى قايسى خانپۇرا دېدىم مەن خىيالىدىن كېيىن مۇھەممەد ئىسكەندەرگە.
ـــ سرىناگار ئەتراپىدا بۇندىن باشقا يەنە بىر خانپۇرا بار. فىرىشتە بىلەن ك.م. سۇفىينىڭ يازمىشىغا كۆرە بىزگە كېرىكى شۇ خانپۇرا ئوخشايدۇ، ـــ دېدى ئۇ.
سرىناگارغا يەتكىنىمىزدە پروفېسسور بىلەن ئۇچرىشىشقا يەنە بىر نەچچە سائەت بولغانلىقتىن، شەھەرگە كىرمەي غەربىي جەنۇبقا قاراپ ماڭدۇق، يىگىرمە چاقىرىمدەك يول يۈرگەندىن كېيىن بادغام يېزىسىغا يەتتۇق. شۇ ئەتراپىتىمۇ خانپۇرا ناملىق قىشلاق بار ئىكەن. شۇ ئەتراپنىڭ ئازراق يېرى تۈز دالا ئىكەن.
(ئەينى چاغدا [مۇشۇ يەردە] كەڭ توپىلاڭچىلار بىلەن سوقۇشۇش بىرنەچچە قېتىم بولغان. فىرىشتە بىلەن گ. م. سۇفىي يېزىپ كۆرسەتكىنىدەك بادغام ئەتراپىدىكى خانپۇرادا قازا تاپقان ئوخشايدۇ،دەپ قارىغان. چۈنكى گ. م. سۇفىي سىزنى ن. ئەلىياسنىڭ ‹مىرزاھەيدەرنىڭ قازا تاپقان يېرى بارامۇلادىن يىراق ئەمەس،جېلام ئەتراپىدا› دېگىنىگە شەك كەلتۈرۈپ ‹بۇ دۇرۇست ئەمەس. مىرزاھەيدەر كونەھموغۇل يولىدىكى خانپۇرانىڭ يېنىدا قازا تاپقان… خانپۇرا ھازىر كىچىككىنە بىر قىشلاق، ئۇ يەردە يۈزدەك ئادەم ياشايدۇ. ئۇ سرىناگاردىن 12 مىل يىراق يەردە› دېدى. )
ئۇرۇش بولغان يەرلەرنىڭ ھەممىسىنى بۇنچە ئاز ۋاقىتتا ئارىلاپ، تەتقىق قىلىپ ئۇلارنى يازما مەنبەلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ چىقىش ھەقىقەتەن مۇمكىن ئەمەس ھەم ئۇنداق قىلىشقا پۇرسەتمۇ يوق ئىدى. بىز پەقەت گ.م.سۇفىي قالدۇرغان ئۇچۇرلارغا تايىنىپلا بۈيۈك ئالىمنى شۇ خانپۇرا ئەتراپىدا قازا قىلغان، دەپ پەرەز قىلدۇق. دېمىسىمۇ مەسىلىنىڭ ئېنىق ياكى نائېنىقلىقىنى ئايرىپ، ئاخىرقى چېكىتنى قويۇشقا تېخى بۇرۇنلۇق قىلاتتى.
سائەت تىلى سىرغىپ ئۈچكە تاقىشىپتۇ. كەشمىرنىڭ مەركىزىي شەھىرىگە قايتىپ كەلدۇق.
پروفېسسور ئا.ق.رەفىقىي بۇ ۋاقىتتا ئۆيىگە قايتمايدۇ. ئەمدى نېمە قىلىش كېرەك؟ ئۇنىۋېرسىتېتتىن ئۇنى ئىزدەپ تاپقۇچە كەچ بولىدىغان بولدى.
ـــ مۇھەممەد ئىسكەندەر، تۈنۈگۈن رەفىقىي ئەپەندى «مەزارى سالاتىن»نىڭ قەيەردىلىكىنى ساڭا دېگەندەك قىلىۋاتاتتى، ئۆزىمىز ئىزلەيلى، پەرەز بىلەن بىلىپ قالارسەن، ـــ دېدىم. ئۇ ماقۇل بولدى، يۈرۈپ كەتتۇق.
«مەزارى سەلاتىن»دىكى ئابىدە
«مەزارى سەلاتىن» كونا شەھەردە ئىكەن. جېلام دەرياسىنىڭ يەنە بىر قىرغىقىغا ئۆتكەندىن كېيىن ئىككى چېتىنى قاتار–قاتار دۇكان قاپلىغان تار كوچىلارغا كىردۇق. ئەمدى ماشىنا بىلەن يۈرۈش قىيىن بولغانلىقتىن پىيادە ماڭدۇق. سىرتى تام بىلەن قورشالغان گۈمبەزلىك خاتىرە سارايغا يەتكەندىن كېيىن ئىچىگە كىرىپ قارىغىنىمىزدا، ئۇزۇنلۇق بىلەن ئېنى يۈز، يۈز ئەللىك مېتىردەك كېلىدىغان «مەزارى سەلاتىن» كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولدى.
قەبرىستاننى ئارىلاشقا باشلىدۇق. دوكتور تاسنىم ئەھمەدنىڭ سۆزى بىكار بولۇپ چىقتى. ھەربىر ئابىدىدە مەرھۇمنىڭ نام–شەرىپى، تۇغۇلغان ھەم ئالەمدىن ئۆتكەن يىللىرى كۆرسىتىلىپتۇ. ھەقىقەتەنمۇ بەزىبىر كونا قەبرىلەرنىڭ ئابىدىلىرىنىڭ يېزىقلىرى ئۇپراپ ئۆچەي دەپ قاپتۇ.
قەبرىلەرنى بىر ئاز ئارىلاپ چىقتۇق. بىراق مىرزا ھەيدەر خاتىرە تېشى كۆزگە كۆرۈنمىدى. يېزىقلىرى ئۆچۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ، تېپىلمايدىغان بولدى، ـــ دە! دېگەن ئۆكۈنۈش پەيدا بولۇشقا باشلىدى.
ـــ نېمە ئىزدەپ يۈرۈيسىلەر، ـــ دېدى بىر چاغدا ئوتتۇرا ياشلاردىكى بىر كىشى سالاملىشىپ.
ـــ 1540-1551-يىللىرى كەشمىر پادىشاھى بولغان مىرزا ھەيدەر دوغلاتىينىڭ قەبرىسىنى ئىزدەپ يۈرۈيمىز، ـــ دېدىم. ئۇ بىر ئازدىن كېيىن ئويلاندى ـــ دە:
ـــ ئاۋۇ يۇقىرى تەرەپتىكى قەبرىلەرگە قاراپ بېقىڭلار، ئادەتتە «باش قەبرە» دەپ ئاتىلىدۇ، بەلكىم شۇ يەردە بولارمىكىن، ـــ دېدى.
«مەزارى سەلاتىن»نىڭ غەربىي شىمالىدىكى قوش سۇۋادان تېرەك (ياكى چىنار، تۇت دەرىخى. قىش بولغانلىقتىن قانداق دەرەخلىكىنى ئاجرىتالمىدىم) ئارىسىدىكى تۆت، بەش ئابىدىنى كۆردۇق. دېگەندەك ئۇلاردىكى يېزىق كۆزگە كۆرۈنمەيدۇ. بىراق تالنىڭ دەل يۇقىرىسىدىكى ئابىدە ئۆزگىچە ئىكەن. ئۇ قەبرىگە تاشتىن رام ياسىلىپ يۇقىرى تەرىپىگە روشەن گۈل نەقىشلىنىپتۇ. ئابىدىنىڭ گەۋدىسى بىر نەچچە يەردىن سۇنۇپ كەتكىنى بىلەن ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىر 26 سانتىمېتىر ئەتراپىدا كېلىدىغان، كەڭلىكى 57-58-سانتىمېتىر كېلىدىغان مەرمەر تاش ياخشى ساقلىنىپتۇ. قولياغلىقنى ئېلىپ چاڭ-توزاننى سۈرتۈشكە باشلىشىمغىلا يېزىقلارنىڭ ھەممىسى بايقالدى. ئاۋۋال «بۇ باقىيلىق» دېگەن ئىككى سۆز ئېنىق ئوقۇلدى، ئىككىنچى قۇردىكى جۈملىنىڭ سۆزى بەش ياكى ئالتە ئوخشايدۇ.
قەبرە ئابىدىسىنى سۈرتۈشكە باشلىغىنىمنى بايقىغان مۇھەممەد ئىسكەندەر نەم لۆڭگە ئالدۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىككىمىز مەرمەر تاشنى پاكىز سۈرتۈشكە كىرىشتۇق. ئۇزاق ئۆتمەي ئوڭدىن سولغا يېزىلغان پارس يېزىقى كۆرۈنۈشكە باشلىدى.
ئۇنىڭدىن: «ھۇۇئەل باقى مىرزا ھەيدەر گورگان ئىبن مىرزا مۇھەممەد ھۈسەين گۇرگان نەۋەس يۇنۇسخان، خالەزاد بابۇر پادشاھ، ۋەزىر ئەبۇسەئىدخان-پادشاھى ياركەند ۋە موغۇلىستان…» دېگەن سۆزلەر ئېنىق ئوقۇلدى.
مانا بۇ بىز ئۇزاق يىللار ئىستىگەن تۈركىي خەلقلەرنىڭ بۈيۈك ناماندىسى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر دوغلاتىينىڭ قەبرىسى ئىدى.
ۋۇجۇدۇمنى ئۆكۈنچمۇ ياكى كۆيىنىشمۇ، ئەيتاۋۇر ئالامەت بىر سېزىم ئىگىلىدى. بۈيۈك ئالىم:
ـــ يىراقتا، يات يەردە قالغان بوۋاڭلارنى 447 يىلدىن كېيىن ئاران تاپتىڭلارمۇ؟! مېنىمۇ ئىزدەيدىغان كۈن تۇغۇلىدىكەن ـــ ھە!؟ دەيدىغاندەك قىلاتتى، ئەيتاۋۋۇر…
ئېسىمنى يىغقاندىن كېيىن قەبرىدىكى قازانامەنىڭ مەتىنىنى كۆچۈرۈشكە باشلىدىم. مەرمەر تاش يۈزى 18 سەھىپىگە بۆلۈنۇپتۇ. شۇنىڭ ھەممىسى يېزىق، بىراق بەزىبىر سۆزلەر ۋە خەتلەرنىڭ چېكىت، پەشلىرى ئۇپراشقا باشلاپتۇ. شۇنداقتىمۇ كەچكىچە ئولتۇرۇپ مەتىنىنى دەپتەرگە كۆچۈردۈم. ئۇنىڭدا:
«بۇ باقىيلىق مىرزا ھەيدەر كۆرەگان ئىبن مۇھەممەد ھۈسەين كۆرەگان يۇنۇسخاننىڭ نەۋرىسى، بابۇرشاھنىڭ بىر نەۋرە ئىنىسى، ياركەند بىلەن موغۇلىستان ھۆكۈمدارى ئەبۇسەئىدخان ئىبن سۇلتان ئەھمەدخاننىڭ ۋەزىرى. ئەھمەدخان ئاتالغان يۇنۇسخاننىڭ، ھەمدە ئۇ تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئەۋلادى، تۆمۈرخان چىڭگىزخان ئوغلى چاغاتايخان ئەۋلادلىرىنىڭ بىرى. مىرزا ھەيدەر ئۆرەتەپە شەھىرىدە مۆتىۋەر ئائىلىدە ھىجرىيەنىڭ 905-[مىلادىيە 1499-يىلى] يىلى تۇغۇلغان. بىر ئاز [يەنى بىر يىلدىن كېيىن] ۋاقىت ئەبۇ سەئىدخاننىڭ پەرمانى بىلەن ياركەنتتىن ئاتلىنىپ، تېبەتنى بويسۇندۇرغان يىلى، شەئبان ئېيىنىڭ 4-كۈنى تۆت مىڭ ئاتلىق سەربازى بىلەن كەشمىرنىمۇ ئۆزىگە قاراتقان. مىرزا ھەيدەر كەشمىر ۋىلايىتىنىڭ ھۆكۈمدارلىقىنى كەشمىر پادشاھى مۇھەممەدشاھقا بەرگەن،- دە، شۇ چاغدا تېبەتتە تۇرغان ئەبۇسەئىدخان ھوزۇرىغا قايتىپ كەتكەن. خان ئۇنىڭغا رخاسانى جەڭ بىلەن ئېلىشقا ھوقۇق بەرگەن،-دە، ئۆزى ياركەنتكە قايتقان. مىرزا بۇ قېتىم مەھرەملىرىدىن ئايرىلىپ قالغان. [شۇنىڭدىن كېيىن] ئۇ تۇلپارىنىڭ بېشىنى بەدەخشانغا بۇراپ، ئۇ يەردىن كېيىن پادىشاھ ھۇمايۇن قېشىغا بېرىش ئۈچۈن يەنە ھىندىستانغا سەپەر قىلغان. پادىشاھ قىينىلىپ ئىرانغا كېتىۋاتقاندا مىرزا ھىجرىيەنىڭ 947- [1540] يىلى رەجەب ئېيىنىڭ 20- كۈنى [11- ئاينىڭ 20- كۈنى] 450 ئاتلىق سەربازى بىلەن لاھۇردىن چىقىپ يەنە كەشمىرنى بېسىۋېلىپ كەشمىرنى ئون يىل باشقۇرغان. ئۇ ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، تەقدىرنىڭ يازمىشى بىلەن بىر خاتالىق سەۋەبىدىن بىراۋنىڭ قولىدا شېھىد بولغان. مىرزا  تۇران، موغۇلىستان ھەم ھىندىستان قاتارلىق  ئەللەردە ياشىغان. ئۇ بۈيۈك كىشىلەر بىلەن ھەمكار بولغان، كۆپ ھۈنەر-ماھارەتنى ئىگىلىگەن ھەم سۆز چېۋەرى ئىدى. يەنە تېخى شىرمەرد ئەزىمەت، بىسيار ئاقىل ئىدى. يەنە <تارىخى رەشىدىي> نىڭ مۇئەللىپىمۇ ئىدى.»
ئۇنىڭ قەبرىسىگە «سەئىد ئىززەتۇللاھخاننىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، ئەنگلىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ باش ئاتامانى، يۇقىرى مەرتىۋىلىك ۋىليام مۇركرافتنىڭ پەرمانى بىلەن مەزكۇر قەبرە تاختىسى ھىجرىيەنىڭ 1238- (مىلادىيە 1822) يىلى جامادىئۇسسانى ئېيىدا ئورنىتىلدى» دەپ يېزىلىپ، «تارىخى رەشىدىي»دە ئالىمنىڭ ئۆزى ھەققىدە ئېيتقان ئۇچۇر-بايانلىرىمۇ يېزىلغان ئىكەن. گەپ ئۇدۇل كەلگەندە تۆۋەندىكى ئۈچ مەسىلىنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەك.
1. مىرزا ھەيدەر توغرىسىدىكى تەتقىقاتلاردا بۈگۈنگىچە ئۇ تاشكەنتتە دۇنياغا كەلگەن دېيىلىۋاتىدۇ. ھېلىقى ئابىدىگە ئۇنىڭ تاشكەنتتە ئەمەس، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ فەرغانە بىلەن سەمەرقەنت ئارىسىدىكى ئەزەلىي شەھەرلەرنىڭ بىرى ـــ ئۆرەتەپەدە تۇغۇلغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇ مەنبەگىمۇ قۇلاق سېلىشقا بولىدۇ. چۈنكى مۇئەللىپنىڭ ئۆزى «تارىخى رەشىدىي»دە «سۇلتان مەھمۇدخان ئۆزىدىن بىر ياش چوڭ ئاچىسىنى مېنىڭ دادامغا چىقاردى. ئۇلارنىڭ نىكاھى ھىجرىيەنىڭ 809- (مىلادىيەنىڭ 1493-1494) يىلى شاش (تاشكەنت) شەھىرىدە بولدى، نىكاھدىن كېيىن ئۇ مۇھەممەد ھۈسەينگە بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۆرەتەپە دېگەن نام بىلەن مەلۇم بولۇۋاتقان، بۇرۇنقى ئۇسرۇشانا ۋىلايىتىنى بېرىشكە يارلىق چۈشۈردى. بۇ ۋىلايەتنى دادام توققۇز يىل ئۇدا باشقۇردى. شۇ مەزگىللەردە كۆپلىگەن ۋەقە بولدى. دادامنىڭ ھاكىمىيىتى باشلىغانلىقىغا ئالتە يىل بولغاندا دۇنياغا مانا مەن پېقىر كېلىپتىكەنمەن» ـــ دەيدۇ.
2. ئابىدىدە مىرسەئىد ئىززەتۇللاھخان مىرزا ھەيدەرنى «947-يىلى رەجەب ئېيىنىڭ 20–كۈنى يەنە بىر قېتىم كەشمىرنى بېسىۋالدى…» دەپ كۆرسەتكەن. بىراق بۇ يەردە ئېنىق بىر خاتالىق يۈز بەرگەن. چۈنكى مىرزا ھەيدەرنىڭ ئۆزى «تارىخى رەشىدىي»دە كەشمىرنى… رەجەب ئېيىنىڭ 20 سى ئەمەس، 22 سىدە ئالغانلىقىنى يازغان.
3. مىرسەئىد ئىززەتۇللاھخان ئابىدىدە مىرزا ھەيدەرنىڭ قايسى يىلى قازا تاپقانلىقىنى كۆرسەتمىسىمۇ ئۇنى كەشمىرنى «ئون يىل سورىدى» دەپ يازغان. بۇنىڭدىن ئېسىلزادە باھادىر 1551-يىلى ئەمەس، 1550-يىلى قازا قىلغان بولۇپ چىقمامدۇ؟
ئەمدى مىرزا ھەيدەرنىڭ قەبرىسىگە مەرسىيە تاختىسى ئورنىتىش توغرىلىق پەرمان بەرگەن ۋىليام موركرافت بىلەن ئۇنى چىن يۈرىكى بىلەن ئورۇنلىغان مىرسەئىد ئىززەتۇللاھخان كىملەر ئىدى؟
ۋىليام مۇركرافت 1770–يىلى ئەنگلىيەدە تۇغۇلغان. دورىگەر، سەيياھ، لىۋېرپۇلدا تېببىي ئىلىمدىن، كېيىن ھايۋاناتشۇناسلىق پەنلىرىدىن بىلىم ئالغاندىن كېيىن، لوندۇندا بىرنەچچە يىل خىزمەت قىلىپ، 1808-يىلى ھىندىستانغا كېلىپ [بېنگالدىكى] «شەرقىي ھىندىستان شىركىتى»نىڭ يىلقا باقمىچىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇپەتتىشى بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1812-يىلى ھىندىستاننىڭ شىمالىغا بىرنەچچە قېتىم ساياھەت قىلىدۇ. ئەرەب يىلقىلىرىدىن تۈركمەن تۇلپارلىرىنى بىباھا كۆرگەن ئۇ كىشى 1882-يىلى ئوتتۇرا ئاسىياغا ئاتلىنىدۇ. شۇ يىلنىڭ 11-ئېيىدا كەشمىرگە كېلىدۇ. مىرزا ھەيدەر دوغلاتىي قەبرەگاھىنىڭ «مەزارى سەلاتىن»دە ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن شېرىكى مىرسەئىد ئىززەتۇللاھخانغا بۈيۈك ئالىمنىڭ تۇپراق بېشىغا ئىككىنچى ئابىدىنى قويۇشنى بۇيرۇق قىلىدۇ. مىرسەئىد ئىززەتۇللاھخان يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك، ئابىدىگە مىرزا ھەيدەرنىڭ ئۆمۈر بايانىنى قىسقىچە يېزىپ پەرمانىنى شەرتسىز ئورۇنلايدۇ.
ۋىليام موركرافت 1824-يىلى 4-ئايدا ئافغانىستاندىكى جەلالئاباد بىلەن كابۇلدا بولۇپ، 1825-يىلى تۇلپار بېشىنى بۇخاراغا بۇرايدۇ. قايتىش يولىدا ئافغانىستاندىكى ئەندقۇل دېگەن يەردە بەزگەك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ، ـــ دە، 1825-يىلىنىڭ ياز پەسلى 7–ئاينىڭ 27-كۈنى ۋاپات بولىدۇ. ئۇ بەلخ شەھرى ئەتراپىدا يەرلىككە قويۇلغان. ئاخىرىدا ۋ.مۇركرافتنىڭ يازمىلىرى شۇ چاغدىكى داڭلىق «ئاسىيا جەمئىيىتى»گە تەگگەندىن كېيىن، ئۇدۇللا «ھىندىستاننىڭ ھىمالايا ۋىلايىتى بىلەن پەنجاب، لاداخ، كەشمىر، پېشاۋۇر، كابۇل، قۇندۇر ۋە تېبەتكە ساياھەت» دېگەن نام بىلەن شېرىكى جورجى تربېك ئىككىيلەننىڭ نامىدا 1841-يىلى لوندوندا ھەميازما بولۇپ يورۇق كۆرگەن.
ۋ.موركرافت شۇ قېتىمقى ئېكسپېدىتسىيەگە «شەرقىي ھىندىستان شىركىتى» دىكى ئۆز شېرىكى مىرسەئىد ئىززەتۇللاھخاننىمۇ قوشقان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ 1812-1813-يىللاردا سىبىرىيەنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىن قاراقۇرۇم تاغلىرىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگىچە، كەشمىردىن گەنسۇغىچە بولغان كەڭ زېمىندا، ئۇندىن باشقا فەرغانە، سەمەرقەنت ۋە بۇخاراغا ساياھەت قىلىپ كابۇل ئارقىلىق ھىندىستانغا ھوسۇللۇق قايتقان ئىدى. ۋ.موركرافتنىڭ ئاشۇنداق تەجرىبىلىك كىشىنى بۇ ئېكىسپىدىتسىيە ئەتىرىتىگە مەقسەتلىك قوشقانلىقى ئېنىقتۇر.
مىرسەئىد ئىززەتۇللاھخاننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرى توغرىلىق، پارسچە «ئەھۋالى سەفەرى بۇخارا» ئاتلىق ئىلمىي ئەمگىكى بار. گەرچە بۇ ئىلمىي ئەمگەك ⅩⅨ ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا ياۋروپا شەرقشۇناشلىرىنىڭمۇ نەزەرىگە ئىلىنىپ بەزى بىر بۆلەكلىرى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن كۈنىمىزگىچە بۇ ئەسەرنىڭ تولۇق نۇسخىسى ئېلان قىلىنمىغان.
لېكىن ئۇ تاشتا يېزىق كۆپ ئەمەس، تاشنىڭ يۇقىرىقى ئۈچ بۈرجەك تەرىپىگە «لائىلاھە ئىللەللاھۇ مۇھەممەدۇن رەسۇلىللاھ» دېگەن مۇقەددەس خەتلەر ئويۇلغان. ئۇ ئابىدىنىڭ ئىككى چەت جىيەكلىرىگە «قۇرئان كەرىم»نىڭ 2–سۈرىسىنىڭ 255-ئايىتى («ئايەتەل كۇرسى») چوڭ ھەرپلەر بىلەن تولۇق ئويۇلۇپ، ئوتتۇرىسىدىكى تۆت بۇرجەك يەرگە بۈيۈك ئالىمنىڭ ۋاپاتى ھەققىدە ئەستەردەك ئاسرىلىپ ئېيتىلغان يۈرەككە مۇڭ سالىدىغان تۆۋەندىكى ئىككى بېيت يېزىلىپتۇ.
1. شاھ كۆرەگان مىرزا ھەيدەرنىڭ ئاخىرىدا،
     شېھىدلىك پادىشاھلىقىنىڭ داۋۇلى چېلىندى.
2.  ئاللاھنىڭ بۇيرىغىنى شۇنداق ئىدى،
     قەزايى ئىلاھى تەڭرى بىلەن ئۇچرىشىش ۋاقتى ئىدى.
ئىككىنچى بېيىتتىكى «قەزائى ئىلاھى» دېگەن ئىزافەت بۇ يەردە ئەبجەدلىك ۋەزىپىسىنى ئارتقۇزۇپ مىرزا ھەيدەرنىڭ باقىيغا سەپەر قىلغان يىلىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىراق ئۇنى ئىزاھلاشتا ھازىرغىچە ئالىملار ئارىسىدا تۈزۈك بىر ئېنىقلىما بولمىدى. سرىناگار ئۇنىۋېرسىتېتى قوليازمىلار فوندىدىكى قوليازمىدا «قەزائى ئىلاھى» ھىجرىيەنىڭ 957-يىلى دەپ يېزىلىپ، مىرزا ھەيدەر شۇ مەزگىلىنىڭ 1819-1825-يىللىرى زۇلقەئدە ئېيىنىڭ 8-كۈنىدە (1550- يىلنىڭ 11-ئاينىڭ 18-كۈنى) دە ئۆلتۈرۈلدى، دېيىلگەن. ر.ك پارمۇدا شۇ سەۋەب ھەققىدە توختىلىدۇ. ن. ئەلىياس بىلەن گ.م. سۇفىي بولسا «قەزائى ئىلاھى»نى تەتۈرىسىچە ھىجرىيەنىڭ 958-يىلى دەپ يەشكەن ھەم ئۇ رەقەمنى 1551-يىلغا دەل كېلىدۇ، دېگەن. لېكىن ن.ئەلىياس «تارىخى رەشىدىي»نىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمىسىدىكى كىرىش سۆزىدە «ھىجرىيەنىڭ 958-يىلى، 1551-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى دېھلىدە باشلانغان» دەپلا چېگىش يېزىپ ئۆتۈپ كەتكەن.
   مىرزا ھەيدەرنىڭ قەبرەگاھى بىلەن ئابىدىسىنى تاپقانلىقىمىزغا خۇشال بولغىنىمىز بىلەن يېگانە دانىشمەن مازىرىنىڭ قارىغۇچىسىز، ئاسىرىغۇچىسىز قېلىشى بىزنى كوپ قايغۇرۇتتى. شۇ سەۋەپتىن بۈيۈك ئالىم قەبرىسىنىڭ قارىغۇچىسىز، ئاسىرىغۇچىسىز قېلىشىغا بولمايدىغانلىقى ھەققىدە بەزەن كەشمىرىي زىيالىيلارنى ئەسكەرتتۇق. دورۇست، ھىندىستان ھۆكۈمىتى بىلەن كېلىشىپ ئۇنى قانداق قىلىپ بولسىمۇ بىر كۈتۈمگە ئېرىشتۈرۈشنى بېكىتىش كېرەك. (1999-يىلى 5-ئايدا قازاقىستان ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كەشمىرگە ئىككىنچى رەت بارغىنىمىزدا بۈيۈك نامايەندە قەبرەگاھىنىڭ بەلگىلىك رەتلەنگەنلىكىنى كۆردۇق. بىراق، ئۇ قەبرە يەنىلا پىلانلىق ھالدا قايتا رېمونت قىلىنىشى كېرەك ئىدى.)
كۈن ئولتۇرۇپ، جاھان قارايغاندىن كېيىن مېھمانخانىغا قايتىپ كەلدۇق. «ئالىمنىڭ تۇپراق بېشىغا قويۇلغان ئاۋۋالقى ئابىدە نەدە؟» دېگەندەك سوئاللار ماڭا زادىلا ئارام بەرمىدى. «ئابىدىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىمۇ بىر تاش تۇرغاندەك قىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭغا مەن نېچۈن ئەھمىيەت بەرمىدىم، نېچۈن قارىمىدىم؟» دېگەن خىيال كاللامدىن كەتمىدى. ئەتىسى «مەزارى سەلاتىن» گە يەنە بىر قېتىم باردىم. ئابىدىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە ھەقىقەتەنمۇ ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىر 15 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 70 سانتىمېتىر چامىسىدىكى يەنە بىر تاش بار ئىكەن. تاشنىڭ ئېتىكىدىن، قاپ بەلدىن سۇنغان بۆلىكى يوقىلىپ كەتمىسۇن دېگەنلىكىتىنمۇ ئەيتاۋۇر باش تەرىپىگە تىرەك قويۇلۇپتۇ. تاشلاردىكى يېزىقلارنى قايتا–قايتا سېلىشتۇرۇپ قارىغاندىن كېيىن، بۇلارنىڭمۇ بىر ئۆزگىچە دۇنيا ئىكەنلىكىگە كۆزۈم يەتتى.
شۇ ئابىدىدىن بىر مېتىردەك نېرىدا پارسىي يېزىقلىرى بار، بېشى ھەم ئايىغى يوق كىچىكرەك يەنە بىر ئابىدە ياتىدۇ. لېكىن شۇ ئابىدە ئەتراپىنى ئايلىنىپ ھەپىلىشىپ بېقىشقا ۋاقىت يەتمەي قالدى. شۇ ئابىدىگە دىققەت قىلمىغانلىقىمغا ھازىرغىچە ئۆكۈنىمەن. قانداقلا بولمىسۇن «ئۇ ئابىدىنىمۇ كۆرۈپ خەتلىرىنى ئوقۇش پۇرسىتى يەنە بىر كېلەر» دېگەن ئوي ھازىرمۇ كاللامدا بار.
مىرزا ھەيدەر قەبرەگاھىنىڭ شەرق تەرىپىدە بېزەك، نەقىشلىرىمۇ ھەم يېزىقىمۇ يوق تۆت ئابىدە بار. بىرسى مەلۇم بىر ئۆسمۈر ئۈچۈن قويۇلغان بولسا كېرەك دەپ ئويلىدۇق. چۈنكى ھەجىمى كىچىك ئىدى.
شۇنداق قىلىپ بارى بەش ئابىدە ياتقان بۇ يەرنى كەشمىرىيلەر «تاۋابگاھلىق قەبرەگاھ» دەپ ئاتايدىكەن. شۇ يەردىكى مىرزا ھەيدەر ئابىدىسىدىن باشقىسى كىمنىڭكى؟ نېچۈن بۇ قەبرەگاھ «تاۋابگاھ» دەپ ئاتالغان؟
تاۋابگاھ دېگەن سۆزدىن مەنا چىقىپلا تۇرىدۇ. بۈگۈنگىچە مىرزا ھەيدەر «تارىخى رەشىدىي»دە ئۆزى كەلتۈرگەن مەلۇماتلاردىن باشقا، تاۋابگاھ ھەققىدە ئۆزگە دېرەك يولۇقمايدۇ.
«[سۇلتان ئەھمەدخان] نىڭ تۆت قىزى بار ئىدى، ـــ دەپ يازىدۇ، ـــ بۈيۈك ئالىم ئۆز ئەسىرىدە. بىرىنچىسى لەئلشاد، ئۇنى دوغلاتىيلاردىن چىققان ئەمىر جەبباربەردىنىڭ بالىسى مۇھەممەدئەمىن مىرزىغا بەردى. ئىككىنچىسى بولغان ماھىمخانىمغا ئەدىك سۇلتاننىڭ بالىسى بۇيلاشخان ئۆيلەندى. ئۈچىنچىسى ماڭا چىقىرىلدى. تۆتىنچىسى خەدىچە سۇلتانخانىم ئەبۇبەكرى دوغلاتىينىڭ بالىسى جەھانگىر مىرزا بىلەن تۇرمۇش قۇردى». قىزىقارلىقى مۇئەللىپ بۇ يەردە ئادەتتىكى سىپايە بىلەن رەپىقىسى مۇھىب سۇلتان خانىمنىڭ نامىنى بىر يەردىلا ئاتاپ ئۆتسە، فىرىشتە ئۇنىڭ ئىسمىنى يۇقىرىدا خانىمئاي دەپ يازغانلىقىنى بايقىدۇق. بۇ دېرەكنىمۇ ئېنىقلاپ تەتقىق قىلىش كېرەك. ئەمدى بۈيۈك نامايەندىنىڭ پەرزەنتلىرى بولغانمۇ؟ بولسا، ئاتىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇلارنىڭ تەقدىر، تەلىيى قانداق بولدى؟ ئۇ توغرىلىق مەلۇماتنى گ. م.سۇفىي تەتقىقاتلىرىدىن ئۇچراتتۇق. كەشمىر تارىخچىسى 1551-يىلى كۈزدىكى قايغۇلۇق ۋەقەلەر ھەققىدە: «قولدىكى دېرەكلەرگە كۆرە توپىلاڭچىلار مىرزا ھەيدەرنىڭ مېيىتىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈشكە رۇخسەت قىلمىدى. ئىتتىپاقداشلىرى بولغان كەشمىرىي سۈننىيلەرنىڭ ئۆزلىرىگە قارشى ئاتلانماق بولغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇلار چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. لېكىن ئۇلار مىرزا ھەيدەرنىڭ تۇغقانلىرىدىن ئۆچ ئالماي قويمىدى…». فىرىشتە بۇ ھەقتە ھېچنېمە ئېيتمايدۇ. مەلىك ھەيدەر چادۇرا (ئوتتۇرا ئەسىر كەشمىر تارىخچىسى ـــ ئە.د) «مىرزا قارا باھادىرنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن مىرزا ھەيدەرنىڭ ئائىلىسى بىلەن ئوغلانلىرىغا، ھەم باشقا كىشىلىرىگە ئىززەت-ئىكرام بىلەن كاشغەرگە قايتىش رۇخسەت قىلىندى. ئۇلارنىڭ دەپىنە–دۇنياسىغا قول تەگگۈزۈلمىدى» دېگەن. لېكىن چادۇرانىڭ ئېيتقانلىرىغا پۈتۈنلەي ئىشىنىشكە بولمايدۇ. چۈنكى ئۇمۇ شىئە مەزھىبىدىكى ئادەم. «غەلىبىدىن مەست بولۇشقان ھەم ئەسەبىيلىكتىن كۈشكۈرتۈلگەن چاكلار ئىنسانىيلىقتىن تايىدۇ» ـــ دەپ يازىدۇ، ـــ گ.م.سۇفىي. «مىرزا ھەيدەرنىڭ ئائىلىسى بىلەن ئوغلانلىرىغا…» دېيىلگىنىگە قارىغاندا ئۇلۇغ ئالىمنىڭ بىر نەچچە بالىسى بولغانمۇ ئوخشايدۇ. ئۆكۈنچلۈك يېرى كەشمىر تارىخچىسى بۇ ھەقتىمۇ ھېچنېمە ئېيتماي چولتا يازغان.
1551-يىلى 11-ئايدىكى شۇ قايغۇلۇق ۋەقەنى شۇ ئىككى تارىخچىدىن باشقا ئوتتۇرا ئەسىردىكى نىزامىدىن نارىيان قاۋۇل، ھەيدەرمەلىك چادۇرا، پاندىت سۇكا، مۇھەممەدئەئزەم، شاھ ناۋاز ھەمدە 19-20-ئەسىر ئوقۇمۇشلۇقلىرىدىن  ن. ئەلىياس، ج روجېرسمۇ قەلەم تەۋرەتكىنى بىلەن ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ئاساسەن ئەبۇلفازىل ئەللامە بىلەن فىرىشتە دېرەكلىرىنى تەكرارلايدۇ.
مىرزا ھەيدەرنىڭ قازاسىدىن كېيىن، كەشمىردە تەخت تالىشىش ئىدىرائىنا بىلەن دەۋلەت چاك ئارىسىدا ئەۋجىگە چىقىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك زىددىيەتتە ئىدىرائىنا ئۆلتۈرۈلىدۇ ـــ دە، مەملىكەت تىزگىنى دەۋلەت چاكنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ.
«تەختكە ئولتۇرغانغا ئالتە يىل تولغاندا (1562-يىلى ـــ ئە.د) ـــ دەپ يازىدۇ ھەم ئەبۇلفازىل ئەللامە، ـــ پادىشاھ ئەكبەر قارا باھادىرغا كۆپ لەشكەر بېرىپ كەشمىرنى قايتا ئېلىشقا ھەرىكەت قىلىشقا بۇيرىدى. بىراق قاراباھادىر (تۈرلۈك سەۋەب بىلەن) ھەربىي يۈرۈشنى كېيىنگە قالدۇرۇۋەردى. كۈن ئىسسىشقا باشلىغاندا ئۇ [پىرپەندجالدىكى] راجائۇرىگە يەتتى. ھەممە داۋانغا ئەسكەرلەر قويۇلۇپ، [پۇختا] قوغدىنىش قىلغان ئىكەن. ئۇزاق ئۆتمەي كەشمىر تەختىنى تارتىۋالغان غازىخان قار اباھادىرغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى تېرە–پېرەن قىلىۋەتتى. قارا باھادىر مەغلۇپ بولۇپ ئەكبەر [شاھ] تەرەپكە قايتىپ ئورۇنلاشتى.»
ئەمما پادىشاھ ئەكبەر 1586-يىلى بۆلگۈنچى چاكلارنى بىر قېتىمدىلا پارچىلاپ، كەشمىرنى نىھايەت ئۆز ئىمپېرىيەسىگە قوشۇۋالغان.
سرىناگاردىن قايتاردا بىزنى پروفېسسور ئابدۇلقەييۇم رەفىقىي ئۆيىگە چاقىردى. داستىخان ئۈستىدە مىرزا ھەيدەرنىڭ ئائىلىسى بىلەن «جەمەت مازارى» ئەسكە ئېلىنىپ، گەپنىڭ پوس كاللىسىنى قىلغىنىمىزدا ئۇ: ـــ «مەزارى سەلاتىن» گە باشتىن ئاخىرى پەقەت پادىشاھلار بىلەن سۇلتانلارلا يەرلىككە قويۇلغان، ئۆزگىلەرگە رۇخسەت قىلىنمىغان، ـــ دېگەن گەپتىن باشقا سۆزنى تىلغا ئالمىدى. شۇ سەۋەبتىن «تاۋابگاھ» مەسىلىسى كۆڭۈلدە تۈگۈنچەك بولۇپ قېلىۋەردى…
ئومۇمەن بۇ مەسىلىلەر كەشمىر بىلەن رامپۇر، ئالىگارخ بىلەن ھەيدەرئاباد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قوليازمىلار خەزىنىسىدىكى يادىكارلىقلاردىن تەرجىمە قىلىنماي، تەتقىق قىلىنماي ئۆز پېتى قىلىۋېرەرمۇ؟ دېگەن ئەندىشەدىمىز.
***
مانا شۇنىڭدىن كېيىن بىر ئاز ۋاقىت ئۆتتى. يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك 1999–يىلى تۈركىي خەلقلەرنىڭ بۈيۈك نامايەندىسىنىڭ 500 يىللىق خاتىرە كۈنى دۇنيا بويىچە مەخسۇس ئۆتكۈزۈلدى. قازاقىستاننىڭ بەزى شەھەرلىرىنىڭ كوچىلىرىغا ئۇنىڭ نامى قويۇلدى. پورتېرىتى ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئورۇنلىرىنىڭ دەرسخانىلىرى بىلەن كىتابلىرىنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالدى. ئەسەرلىرىنىڭ ئۈزۈندىلىرى دەرسلىكلەر بىلەن قۇرال كىتابلارغا كىرگۈزۈلدى. بۇنىڭ بارلىقى بۈيۈك ئالىم مىراسىغا ئىخلاسىمىز ئاشمىسىمۇ كېمىيىپ قالمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
«تارىخى رەشىدىي» ناملىق ئەسەر «مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر دوغلاتىي ئىجتىمائىي فوندى»نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن پارسچىدىن بىۋاسىتە قازاقچىگە تەرجىمە قىلىنغان ئىدى. تەرجىمىنىڭ تەھرىرلىكىمۇ مۆتىۋەر ئەمگەك ھېسابلانغان 1996-يىلى تاشكەنتتە نەشر قىلىنغان [رۇسچە] نۇسخىسى بىلەن سېلىشتۇرۇلۇپ چىقىلدى.
شۇنداق قىلىپ كۆپ ئەسىردىن بېرى ساقلىنىپ، كۆپلىگەن ئەللەرنىڭ ئورتاق مىراسىغا ئايلانغان قولىڭىزدىكى بۇ بىباھا ئەسەر بولسا، ئىنگلىز، رۇس، فرانسوز ۋە باشقا تىللاردا نەشر قىلىنغاندىن كېيىنكى قازاقچە تولۇق نەشرى. شۇنىڭدىن كېيىن قازاق كىتابخانلىرى «تارىخى رەشىدىي» بىلەن يۈز كۆرۈشۈشكە مۇيەسسەر بولدى. خۇش كەلدىڭ! ياخشىدىن قالغان يادىكار.
تەرجىمە ئىزاھلىرى:
①ئوتتۇرا ئاسىيا ئالىملىرىدىن مىرزا ھەيدەر قازاقلار توغرىسىدا تۇنجى رەت بىر قەدەر تەپسىلىي مەلۇماتنى «تارىخى رەشىدىي» دە قالدۇرغان. بۇندىن سىرت قازاقىستاندا قازاقلار، تاتارلارنىڭ «دۇلات»قەبىلىسىنىڭ نامى بىلەن «تارىخى رەشىدىي» ۋە باشقا ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىي مەنبەلەردە قەيتلەنگەن «دوغلات»نى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش سەھۋەنلىكى بار. شۇڭا مۇئەللىپ ئەلكېي مەرغۇلان 1941-يىلى «قازاقنىڭ تارىخچىسى» دېگەن پىكىرنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى ئېھتىمال.
②دىققەتكە تېگىشلىكى، مىرزا ھەيدەر بۇ خىل قەھۋە، چاي ھەم بۇ خىل ئەسۋابلارنى ياركەنتتىن ئېلىپ بارغان بولۇپ چىقىدۇ. لېكىن قەھۋەنىڭ دىيارىمىزدىن بايقالغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات يوق. بەلكىم مەلۇم بىر خىل چاي دەملەشتىكى خۇرۇچلار ۋە چاي دەملەش ئۇسۇلى بولۇشى مۇمكىن.
(2003-يىلى قازاقىستاندا نەشىر قىلىنغان قازاقچە «تارىخى رەشىدىي»نىڭ قازاقچە كىرىش سۆزىدىن  ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلغۇچى: تىلتېكىن يۈسۈف ئىگەمبەردى، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى مۇئەللىمى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى «ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى» يۆنىلىشىنىڭ دوكتورانتى).
بۇ ماقالە «كىتاب مۇنبىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 4-سانى، 2013-يىللىق 1-2-سانىدىن ئېلىندى.

ئوتتۇررا ئاسىيا تەتقىقاتىدىن كۆچۈرۈلدى
ھازىرقى مەنبە: باغداش

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئەرنىڭ غېمى ئەلدە كۆرۈنەر، دېھقاننىڭ مېۋىسى يەردە

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-26 22:44 , Processed in 0.310101 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش