تاڭ شاماللىرى
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
يەلپۈنۈپ ئۆتكەن تاڭ شاماللىرى،
بىردەم قېشىمدا توختاپ ئۆتۈڭلار .
يۈرەك زارىنى ۋە ئاھ ۋە دەردىنى
مەرھەمەت ئەيلەپ ئاڭلاپ ئۆتۈڭلار.
ئېشىپ تاغلاردىن بېرىپ يەتكەندە،
تەڭرى تېغىنىڭ ئېتەكلىرىگە .
يىپەك رومالدەك قولۇڭلار تەگسۇن،
دەرت يېتىمى تەگكەن ئېڭەكلىرىگە .
تەسەللى ئوقۇپ دەردىگە دەرمان،
غەيرەت قوشۇڭلار غەيرەتلىرىگە.
مۇڭلۇق سالاملار بېرىپ ئېيتىڭلار،
دەرتمەن گۈللەرنىڭ چېچەكلىرىگە.
تاڭ ئاتىدۇ دەڭ، چېلىش قاينىغاچ،
ئىلى سۇلىرى دولقۇن ياسىغاچ،
دولقۇنغا ئېيتىڭ ،توختىماي تۇرسۇن،
دولقۇننىڭ ۋاقتى قاراپ تۇرمىسۇن!
يىللاردىن بېرى،تەۋرىگەن دېڭىز،
ئەمدى ۋاقتىدا ئوبدان ئېيتتىڭىز،
قۇربانسىز دەۋا بولمىغان ھېچ چاغ،
بىز دەۋا قىلىپ قانمىغان ھېچ چاغ.
مەنمۇ ياسايمەن تىلەكلىك دولقۇن،
ئۆزۈمگە لايىق سالىمەن شاۋقۇن،
شېئىر تىلەيدۇ شۇنداق تىلەكنى،
خىيالىدىكى ئۇ بىر كېلەچەكنى.
يەلپۈنۈپ ئۆتتۈڭ تاغلار باشىدىن،
تاغلاردىن ئۆتكەچ جەڭچى قېشىدىن،
مەنمۇ راستلىدىم ئۆتكۈر قېلىچىم،
ئۆتەشكە تەييار ئۇلۇغ بۇرىچىم.
1945-يىل 15-ئىيۇن لەنجۇ.