شاھ مەشرەب غەزىلى
1
قانىمنى تۆكەر ئەرمىش بەلخ شەھرىدە مەھمۇدخان،
تەقدىرى ئەزەل بولسا، نەيلەي ئاڭا بەرمەي جان.
مىڭ شۈكر خۇدايىمغە مەنسۇرغە قوشۇلدۇم مەن،
ئول رۇھى سىياھلاركىم مەنسۇرنى ئۆلتۈرگەن.
بۇ ئىشق يولىغە كىرگەن ئەلبەتتە كېچەر جاندىن،
كەچمەسە ئەگەر جاندىن، ئايتقان سۆزىدۇر يالغان.
شىرىن غەمىدە فەرھاد، تاغلاردا ئېتىپ فەرياد،
ئىشق ئوتىدا ئۆرتەنىپ ئاخىر چۇ فەنا بولغان.
ئول ئاشىقى مەجنۇن ھەم لەيلىگە بولۇپ شەيدا،
چۆللەردە ۋەتەن ئەيلەپ كۆز ياشى رەۋان بولغان.
ئول زارى زۇلەيخا ھەم يۈسۈفكە بولۇپ شەيدا،
كۆردۈڭمۇ خەلايىقغە رەسۋايى جەھان بولغان.
كۆر تاھىرۇ زۆھرەنى خەلق ئىچرە بولۇپ مەشھۇر،
كۆڭلىنى بېرىپ يارغە ئىشقنىڭ يولىدا ئۆلگەن.
ئىشق يولىدا ئۆرتەنگەن ئول ۋامىقۇ ئۇزرا ھەم،
مەھشەر كۈنى بولغاندا جەننەتدە قىلۇر جەۋلان.
كۆر ئاشىق ئەرەنلەرنى، ئەي مەشرەبى دېۋانە،
كەلگەندە ئەجەل جامى، جانى بىلەن سىپقارغان.
*
رۇھى سىياھ - دىلى قارا
فەنا بولماق - يوق بولماق
سىپقارماق - سۈمۈرمەك
2
بۇلبۇل ئەردىم قىلدى غەم ئاخىر گۈلىستاندىن جۇدا،
ھەرسۇ ماتەم ئىچرە يۈردۈم شەككەرىستاندىن جۇدا.
سىينە چاك ئەتتىم، مەنىڭ ئەيبىمنى قىلماڭ، دوستلار،
قىلدى ياقۇبنى فەلەك، خۇرشىدى كەنئاندىن جۇدا.
نېچە سەۋدالارنى كۆردى بۇ مەنىڭ غەملىك سەرىم،
بولمادى بىر سائەتى زۇلفى پەرىشاندىن جۇدا.
نارەسانىڭ دەردىگە، يارەب، بۇ گەۋھەر تۇشمەسۇن،
قەدر تاپماس ئول نىگىن، دەستى سۇلايماندىن جۇدا.
شادمانى ئىزلەدىم باشىمغە غەم كەلدى ھەمە،
بىر زەمانى بولمادىم، بۇ ئاھۇ فىغاندىن جۇدا.
مەشرەبا، ئۆلگۈنچە دەرگاھىدا مەقسۇدۇڭ بۇدۇر،
خاتىرىڭنى قىلماغىل، مۇنداق پۇشايماندىن جۇدا.
3
ھەرسۇ - ھەرچاغ
سىينە - كۆكرەك، باغىر،
سەر - ئۇچ، چوققا، باش
نارەسا - كەمچىل، كەمكوتا، پىقىر
نىگىن - ئۈزۈك
مەقسۇد - مەخسەت
4
ئەي فەلەك قىلدىڭ مېنى ئول مېھرىبانىمدىن جۇدا،
بۇلبۇلى شورىدە يەڭلىغ گۈلىستانىمدىن جۇدا.
نەيلەيىن، قىلدىڭ مەنى ئاخىر غەرىبۇ بىنەۋا،
مۇبتەلائى غەم قىلىب كۆكسۈمدە جانىمدىن جۇدا.
قۇمرى يەڭلىغ بەندەلىك تەۋقىنى بوينۇمغا سالىب،
تەلمۈرۈپ ھەيران ئىدىم سەرۋى رەۋانىمدىن جۇدا.
ئاھ ئۇرۇب قان يىغلاسام ئەيب ئەيلەمەڭ، ئەي دوستلار،
مەن بولۇبمەن تۇتىئى شىرىن زەبانىمدىن جۇدا.
كوھ بەكوھ، سەھرا بەسەھرا، مەشرەبا، يۈرمەك نەدۇر،
چۇغزى بىۋەيرانەدۇرمەن ئاشىيانىمدىن جۇدا.
5
شورىدە - پەرىشان، ئىشق بەلاسى تەكگەن
قۇمرى - تورغاي خىلدىكى قۇش، بۇلبۇل
چۇغز - ھۇۋقۇش، بايقۇش
تەۋقى - تاقاق، تاسما
كوھ بەكوھ - تاغمۇ-تاغ
سەھرا بەسەھرا- سەھرامۇ-سەھرا
6
مەن كىمگە ئەيتاي دوستلارىم، دېۋانە قىلدى ئىشق مەنى،
سەدپارە قىلدى يۈرەگىم، دېۋانە قىلدى ئىشق مەنى.
تۈن كېچەلەر داد ئەيلەسەم، ھەردەم سەنى ياد ئەيلەسەم،
ئىشقىڭدا فەرياد ئەيلەسەم، دېۋانە قىلدى ئىشق مەنى.
شامۇ-سەھەر گىريان بولاي، ئىشقىڭدا سەرگەردان بولاي،
ئاخىر ساڭا قۇربان بولاي، دېۋانە قىلدى ئىشق مەنى.
ھەمدەم بولاي مەيخانەگە، ساكىن بولاي بۇتخانەگە،
باشىم قوياي ئاستانەگە، دېۋانە قىلدى ئىشق مەنى.
ئىشق ئەھلىگە ھەمدەم بولاي، ھەق يولىغە مەھكەم بولاي،
دەرگاھىغە مەھرەم بولاي، دېۋانە قىلدى ئىشق مەنى.
دېۋانەئى شەيدا بولاي، مەن تالىبى مەۋلا بولاي،
خەلق ئېلىگە رەسۋا بولاي، دېۋانە قىلدى ئىشق مەنى.
مەشرەبكە قىل لۇتفۇ كەرەم، ۋەھدەت شەرابىن دەم بەدەم،
ئەي ساھىبى لەۋھۇ قەلەم، دېۋانە قىلدى ئىشق مەنى.
7
سەدپارە -يۈز پارە
گىريان - يىغلىماق
دەم بەدەم- دەممۇدەم
8
سۈزۈك كۆزلۈك، سارىغ سەدبەرگ يۈزۈڭنى، دىلرەبا كۆرسەم،
يۈزۈڭدىن يۈز ئۆگۈرمەسمەن ئەگەر يۈز بەلا كۆرسەم.
مەنى ئاشىق، سەنى مەشۇق دەرلەر ئۇشبۇ ئالەمدە،
نەسىب بولمىش ماڭا دەۋلەت، فىراقىڭ ئوتىدا كۆيسەم.
چۇنان ھەم كۆڭلى قاتتىغسەن، بىرەر ھالىمنى سورماسسەن،
جەمالىڭغا تويالماسمەن باشىڭدىن يۈزمىڭ ئۆرگۈلسەم.
نېچۈن بىدادلىق ئىش بولدىكى، مەن سەندىن جۇدا بولدۇم،
جەفالارنى كى مەن تارتىپ نە مۈشكۈلدۇر قاراپ قالسام.
سەدەبسز دۇر، تىكەنسىز گۈل، مۇشەققەتسىز ھۈنەر يوقتۇر،
تاپارمەنمۇ ۋىسالىڭنى جەھاننى ئىستەبان يۈرسەم.
لەبىڭ لەئلۇ، خەتىڭ خىزرۇ، يۈزۈڭ مانەندى يۇسۇفتۇر،
زۇلەيخادەك كۆيۈپ-يانىپ بۇ ئىشق ئىچرە ئەدا بولسام.
ئەشۇ مەجنۇنى شەيدادەك بەيابانلار ئارا مەن ھەم،
كويۇڭدا دەم بەدەم يانىڭ «قانى لەيلا»دەپ ئاھ ئۇرسام.
كەل ئەي مەشرەب، كۆزۈڭ يوللاردا قالدى تەلمۈرۈپ، نەيلەي،
قانى ئول خاكى پايىڭ، كۆزلەرىمگە تۇتىيا قىلسام.
9
سارىغ -سېرىق
سەدبەرگ - ياپراقتەك يۈز
ئۆگۈرمەك - ئۆرىمەك
بىداد -زۇلۇم
لەئلى لەب - قىزىل ياقۇتتەك لەۋ
خەتىيڭ خىزرۇ - ئىزىڭ خىزىر كەبى
مانەند يۈسۈف - يۈسۈپكە ئوخشاش، يۈسۈپتەك
دەمبەدەم -دەممۇدەم
خاكى پاي - ئاياغىنىڭ توپىسى
10
كىمگە ئايتىب يىغلايىن نازۇك ئەدانىڭ دەردىنى،
خانەۋەيران ئەيلەگەن نا ئاشىنانىڭ دەردىنى.
دىلنى بەردىم ئەلگە مەن غەيرەز جەفاسىن كۆرمەدىم،
ئايتىب ئايتىب يىغلايىن ئول بىۋەفانىڭ دەردىنى.
ئۆمرۈم ئاخىر بولدى يەتمەي دامەنىنىڭ گەردىگە،
كىمگە ئايتىب كىمگە يىغلاي دىلرەبانىڭ دەردىنى.
دەربەدەر ئاۋارەمەن، كۆيدى دىلىم ئەخكەر سېفەت،
بەخت قارا بولغان بىلۇر بەختى قارانىڭ دەردىنى.
ئاسمان بىسەر بولۇر ئىيتسام ئەلەملىك
داستان،
ھەر كىشىگە ئايتە بىلمەم رەھنەمانىڭ دەردىنى.
دەشتۇ سەھرالەر كۆيەر مەجنۇننىڭ تارتقان ئاھىدىن،
بىسەرۇپالار بىلۇر ساھىب ئەزانىڭ دەردىنى.
نارەسالارگە سۇخەن قىلما، خەتادۇر، مەشرەبا،
بىلمەس ھەركىم چار يارى با سەفانىڭ دەردىنى.
11
غەيرەز -غەيرى
دامەن - ئېتەك، ئۆڭكۈر، چەت ياقا
دەربەدەر - كوچىمۇ-كوچا
ئەخگەر - ئوت، چوغ، ئاشىقلىق ئوتى
بىسەر - باشسىز
رەھنەما - يولباش
بىسەرۇپا - ئاچ-يالىڭاچ، كىيىمسىز
نارەسا - كەمچىللىك، كەمكۈتە،
چار يار - تۆت چاھاريار
با سەفا - پاك بولغانلار
مۇھەممەد بابۇر تەييارلىغان