چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1467 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 789|ئىنكاس: 1

(رەشىد)دېرىزەم سىرتىدا سېنىڭ ئاۋازىڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
pasan


5858538285f7652ed52efe5b19b55093.jpg

ئابدۇرېشىت ئېلى 1973- يىلى 6- ئاينىڭ 27- كۈنى خوتەن شەھىرىنىڭ جىيا يېزىسىدا تۇغۇلغان، تولۇق كۇرس مەلۇماتىگا ئىگە. ئۇ ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا تېخنىكومدا تىل-ئەدەبىيات، يېزىقچىلىق ۋە كومپيۇتېر ئوقۇتقۇچىسى، ئىچكى ژۇرنالدا تېخنىك مۇھەررىر، مۇقاۋا لايىھىلىگۈچى بولۇپ ئىشلىگەن.
ئەدەبىي ئىجادىيىتى «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 1992-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان «بىز ياشايلى قۇشتەك ئازادە» ماۋزۇلۇق بىر يۈرۈش شېئىرلىرى بىلەن باشلانغان. ئۇنىڭ ھازىرغىچە 500 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى؛ 40 پارچىغا يېقىن ھېكايە-نەسىرلىرى؛ 10 پارچىغا يېقىن ئەدەبىي ئوبزور ۋە ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان. ئوننەچچە پارچە شېئىرى ۋە ھېكايىسى ھەر خىل مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. «شېئىر بىر كىسەلدۇر ماڭا چاپلاشقان»، «ئىلاھى دەرەخ»، «مۇنچا ۋە باشقىلار»، «چېچەك پەسلى» ۋە «بۈگۈنكى زامان ئادىمى» قاتارلىق شېئىرلىرى خەنزۇتىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. بىر قىسىم شېئىرلىرى 2000- يىلى بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى خەنزۇ يېزىقىدا نەشىر قىلغان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ياش شائىرلىرىنىڭ شېئىرىدىن تاللانما «سالغا تېشى» (飞石) (200-يىلى)، «قەشقەردىكى يەر شارى» (2000-يىلى)، «مەرىپەت مەشئىلى»، «ئۈمىد يۇلتۇزلىرى»، «يۇرۇڭقاش ئۈنچىلىرى» (2008-يىلى) قاتارلىق كىتابلارغا كىرگۈزۈلگەن. قازاقىستاندا سىلاۋيان يېزىقىدا چىقىدىغان بىر گېزىتتە تونۇشتۇرۇلغان ۋە ئوننەچچە پارچە شېئىرى ئېلان قىلىنغان.

ئابدۇرېشىت ئېلى ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.



دېرىزەم سىرتىدا سېنىڭ ئاۋازىڭ


ئابدۇرېشىت ئېلى


دەردىم بار... (1)


دەردىم بار، كۆتۈرسەڭ كېلەر بىر قۇچاق
دەردىم بار، يۇلتۇزلۇق كېچىدەك چوڭقۇر.
دېرىزەم سىرتىدا سېنىڭ ئاۋازىڭ
ھېس قىلدىم، سىمىلداپ ياغماقتا يامغۇر.

سۈرىتىڭ سارغىيىپ كەتتى كەچكۈزدەك
ئىمزايىڭ تور تارتتى ئۆيۈمگىچە تا.
ئاق تامدا جىلمىيىپ تۇرار كۆزلىرىڭ
يۈرەر بىر يولۇچى ئۆزىدە تەنھا.

بىلىمەن، ئۇ ئەمدى ناخشا ئېيتمايدۇ
شېئىرلار يازماس ھەم ئۆكسۈپ-ئۈكۈنۈپ.
سېغىنىش قالىدۇ ئاي يۈرىقىدەك
نىھايەت بۇ ئاخشام كېتىدۇ ئۆتۈپ.

دەردىم بار، سەن ئۇنى كۆتۈرەلمەيسەن
دەردىم بار بالاڭدەك كەپسىز، يىغلاڭغۇ.
ئاخىرقى تاماكام بارىدۇ تۈتەپ
بەلكىم، بۇ تاش بولۇپ ئۇيۇغان تۇيغۇ!
2008-يىلى 2-ئۆكتەبىر

دەردىم بار... (2)
دەردىم بار، ئېيتمايمەن، چېچىلدى مارجان،
كېچىنىڭ بىر پاتمان ھېكايىسىدەك.
سارغايدى سەن ئۈچۈن ئۆستۈرگەن رەيھان
كەچكۈز شاماللىرى قايرىيدۇ لېچەك.

دېرىزە تۈۋىدە قەدەم تېۋىشىڭ،
ھىدىڭنى ئەپ كېلەر پاك قاراڭغۇلۇق.
ناخشاڭنى ئاڭلايمەن بەكمۇ يىراقتىن
ئىشىكنى چېكىدۇ كىمدۇر ئۇيقۇلۇق.

تەنھالىق يامغۇرى تۆكۈلەر سىم-سىم،
تەكلىماكاندەك ئۇسسۇدۇم چاك-چاك.
قەدەھنى كۆتۈردۈم كۆڭلۈمدەك يېرىم،
بۇ ئېغىر سېغىنىش سۇزۇلار ئاپئاق.

دەردىم بار، ئېيتقىلى بولمايدۇ ئەمدى،
دەردىم بار تۆت ياشلىق قىزىڭدەك ئۇماق.
ئۇنى ئەگەشتۈرۈپ دەريا ساھىلى
قاپقارا تاشلارغا ئاچار كەڭ قۇچاق.
2010-يىلى 23-سېنتەبىر

ئىچكىن مەيلى
ئىچتىڭ قانداق بىر قەدەھ مەينى
دوستلىرىڭنى - دۇنيانى ئۇنتۇپ؟
نېمە ئامال، بوپتۇ ئىچ دەيلى
بىلىق كۆزى قىلىپ تولدۇرۇپ.

ئوي ئويلىساڭ ھايات ھەققىدە
تىتىردىڭمۇ كۈز ياپرىقىدەك.
ياكى ئەركىن سوقتىمۇ بىرە
كۆكرىكىڭگە بەنت بولغان يۈرەك؟!

دېرىزەڭگە باقساڭ نىھايەت
كۆرۈنگەندۇر تەنھالىق ئەينەن.
قولۇڭدىكى ئەڭ ئاخىرقى خەت
باشلانغاندۇر ئاھ ۋەتەن بىلەن...

ئىچكىن، مەيلى، تولدۇرۇپ ئاپقۇر،
كەيپلىكتىن خوشاللىق تاپساڭ.
ھايات ئەسلى بىر تال ئۈمىدتۇر
شوخ ئوغلۇڭنىڭ كۆزىگە باقساڭ.

كەل بۆلۈشۈپ ئىچەيلى
(بىر دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە)

كەل بۆلۈشۈپ ئىچەيلى دوستۇم
بۇ ئاخىرقى بىر قەدەھ مەينى.
رېئاللىقنى ئۇنتۇپ بىر قېتىم

ئۇ ئورماندا قىلايلى سەيلى.
ئاڭلانمىسا قۇشلار ناخشىسى
سۆزلەپ بېرەر بىزگە غازاڭلار.
بەخت دېگەن كۈيلەر ئەۋجىدە
ئاھ، تۇيۇقسىز ئۈزۈلگەن زىلتار.

كەچكى شەپەق سېنىڭ كۆزۈڭدە
لەۋلىرىڭدە زەنجىر-كېشەنلەر.
جەڭگاھ بولۇپ تۇغۇلار ھايات
ئوتتۇز ياشتىن ھالقىغاندا ئەر.

يانۋار
سېنىڭ تەبەسسۇمىڭ ياكى شۇ دوقمۇش
يالىڭاچ دەرەخ، مۇزدەك كۈن نۇرى.
ئۆتۈپ كەتتى ھەممە بىر پەستە،
يەنە تەنھا قالدۇرۇپ مېنى.

ئىشىكلەر ئىتىلدى، مۇزلىدىم بىردىن
بىلىمەن، ئاھ ئۇرۇپ قالىمەن يەنە.
يۈز پارچە شېئىردىن ئايرىلغان شائىر
شۇ ئاپئاق قەغەزگە دەر يەنە نېمە؟

يانۋار ـــ تەلمۈرۈپ تۇرار يىراقتىن
يېنىپلا ئۆچكەن ئۇچقۇندەك گۇيا.
ئىشىكىم ئالدىدا ئوينايدۇ ھايات
بىر ئۇزۇن چۆچەككە بولۇپ مەھلىيا...

ئاي يۈزۈڭ...
ئاي يۈزۈڭ مېنى ئۆلتۈرۈپ بارار
قوي كۆزۈڭ يەنە تىرىلدۈرۈپ ھەم.
نېمە كۈن بۇ تەقدىردەك قارا
تاش بولۇپ كەتسەمچۇ بولغۇچە ئادەم.

سۆيمىدىڭ، سۆيگەندەك خەلق ۋەتەننى
يا تاشلاپ كەتمىدىڭ ياشلىق پەسلىدەك.
بىر سۆز بار، تاتىلاپ تۇرار لېۋىمنى،
ئېقىپ-ئېقىپ پۈتتى بۇ يۈرەك.

ماڭا ئىچ ئاغرىتمايسەن، شۇدۇر تەلىيىم،
بەلكىم شۇنداقتۇر ئاشىق ھاياتى.
توختاۋسىز چېكىلىپ تۇرار ئىشىكىم
مەن ئۇنى ئاڭلاپ تۇرغۇچى، ياكى...

ئاشىق مەشۇقلار بايرىمى
ساڭا بېغىشلاپ شېئىر يازمايمەن
سۆز ئورمانلىقى چۆلگە ئايلاندى.
گۈل ئۈزۈشتىن قورقىمەن دەھشەت
تاشتەك قاتتىق سۈكۈتتىن ياكى...

ئەتە بايرام
ئىككىمىزنىڭ ئەمەس
ئارىمىزدىكى بوشلۇقنىڭلا، بەس!
ئۆلتۈرگىدەك چىۋىن قالمىغان،
ناخشىدەك يىغلايدۇ بىر چىمدىم ھەۋەس.

بىز گۇناھ قىلمىدۇق ماختىغۇدەك
تاغلار تالقان بولمىدى ھەم ئاتقۇدەك.
خەت يازمايمىز، ساۋادىمىز يوق
پەقەت كۆيىمىز مۇقەددەس ئوتتەك.

بىز بىلگەن سەرسان چۆچەكلەر
جىگدە شاخلىرىدا ئولتۇرار تۇڭۇپ
بۇ مىسرالاردىكى ئىسسىق شاماللار
سېنى بىر سۆيۈشتەك ئۆتكۈسى نۇقۇپ...

سېنىڭ بىلەن مېنىڭ ئارامدا
(بىر ۋەتەنپەرۋەر خاتىرىسىگە)

سېنىڭ بىلەن مېنىڭ ئارامدا
ۋەتەن سۇزۇلۇپ ياتار.
ۋەتەن گەرچە ئۇزۇن بولسىمۇ
پەقەت بەش تال ھەرپكە پاتار.

سەن سۆزلەرنى ئويناپ ئولتۇرۇپ
نەزەر تاشلايسەن چەكسىز يوقلۇققا.
دېڭىز ئۇخلار، تاغلار يۈكسىلەر

سەن كۆكسۈڭنى تۇتىسەن ئوققا.
ئوق سېنى ئۆلتۈرەلمەيدۇ،
قان سېنى ئېچىلدۈرىدۇ.
كىرىپ كېتىسەن تۆت تام ئىچىگە
قالار بۇندا بىر يورۇق تۇيغۇ.

تەكلىماكان سېنى چاقىرار،
قۇملار ئاۋازىدا.
دېڭىز سېنى يۇيار،
لەۋلىرىدە قاتقان بىر نىدا.

ئەي بىدە كۆكى
ئەي جىگدە چېچىكى...!
سۆزلىدىم مەن پەقەت ئۆزۈمگە
پىشانەمدە ئوغلۇمنىڭ قۇلى.

ھايات ئەسلى بىر تال سەرەڭگە
ھايات ئەسلى بىر تال سەرەڭگە
تاماكاڭغا ئوت ياققان ئاخشام.
سولدى گۈللەر ئېچىلماي تۇرۇپ
كۆزلىرىڭدىن سىرغىدى ناخشام.

ئاشۇ كۇچا - تەنھا ئۇرۇندۇق
ھەمراھ بولغان خەيرىلىشىشكە.
قۇياش كۆيەر جان - جەھلى بىلەن
ئاھ، مەجبۇرمىز ئۇنى بىلىشكە.

قارا تاشتا سەلكىن ھاياجان
تەنھالىققا ئوخشار جىمجىت سۇ.
سەن كۆرمىگەن سالام خەت كەبى
يىرتىلىدۇ مۇشۇ شېئىرمۇ.

يامغۇر ئاۋازى
بۇ يەردە نېمىلەر دېيىشىم كېرەك؟
قەلەمنى تۇتقانچە تۇردۇم بىر ھازا.
خاتىرەم بېتىدە غۇۋا سۈرىتىڭ،
ئايرىلىش ھەققىدە ئېيتماقتا ناخشا.

قىش كەتتى ئاخىرقى قارنى يېتىلەپ،
باھارنىڭ ئاپتىپى تۇپا رەڭگىدە.
چېقىلغان ئەينەكتەك ياتار چېچىلىپ
بىز جىمجىت ئايلانغان شۇ ئۇزاق كېچە.

مەن مەغلۇپ بولمىدىم دەيمەن تاغلارغا
بىلىمەن ئۇ ئەمدى مەنچۈن يېرىلماس.
ھېلىمۇ چاڭقىيدۇ جىگدە چېچىكى
ئاھ، قىيا ئىشىكتە مۇزدەك ئېھتىراس.

بەلكىم ئۇ چېكىلگەن... (مەن ئاڭلىمىغان)
يامغۇرنىڭ ئاۋازى چۈشەر تاراسلاپ.
تۇيۇقسىز چاڭقىدىم باياۋاندىكى
تەلەيسىز ئوۋچىدەك ئۆزۈمگە قاراپ...

خوتەندىكى قار
قار ياغار لەپىلدەپ-
ئەتتىگەندىن كەچكىچە.
"خوتەن" دېگەن بەشتال تەنھا سۆز
ئويغا پاتقان تاشتۇر ئەسلىدە.

دەرەخلەر ئاق
ئۇ يەردە بىر تال ئۇرۇندۇق
تىگەر ھامان بۇ ياش يۈرەككە
نەلەردىندۇر كېلىپ بىر پاي ئوق.
يار ئىشىكى ئىتىلگەن
قارا چاچتا ئۇيۇپ قالغان ھاياجان.
سۇ بويىدىن قايتقانتۇق ئاتلىق

يوللار ئۇزۇن، قوللار شىلىمشىق.
كىتاب ئوقۇش ئەركىنلىكى
چىرايلىق ساقلانغان سىزىقسىز قەغەز
ئىككى بىلەن ئۈچ ئارىسىدا
تا ئەزەلدىن سەن بولغان ئەمەس...

بىر ئېشەك ھارۋىسى
مەكتىپىگە ماڭغان بىر بالا
تورغاي نەدە، ئۇيقۇدا دالا...


مەنبە: «شىنجاڭ يازغۇچىلىرى»مۇنبىرى




چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-6-16 08:35:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرقى ناخشا
كىملەر يىغلىغاندۇ كىملەر كۈلگەندۇ،
سەن كەتكەن سەھەردە قۇياشسىز، ئايسىز.
ئاخىرقى قار بىلەن نەملەندى كۈزۈم،
قۇرىدى مەن كەچمەك بولغان شۇ دېڭىز.

ئەلۋىدا ئېيتىشقا بارمايدۇ تىلىم
لېۋىمدە مۇز بولۇپ قاتتى چىن سۆزلەر.
ھېچكىمنىڭ ئەمەستى ئەسلى بۇ دۇنيا،
ھېچكىمنىڭ ئەمەستى رەڭگارەڭ كۆزلەر...

خەيرىيەت، ھەممىسى چۈشتۇر نىھايەت
سەن ئاڭا ئارتۇقچە تەبىر ئىزدىمە.
بىلىمەن ھاجەتسىز ساڭا تەسەللىي
تۆت مىسرا شېئىر بۇ، ئەمەس ھېچنېمە!

        ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
سەن ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدىن قاچقان
پۇچۇق تەڭنەڭنى كۆتۈرۈپ، ئاق چېچىڭنى سىلاپ.
مەن قالغان يالىڭاچ دەرەخ ئاستىدا
شېئىر يېزىپ ئۆزۈمنى قىيناپ.

تۈڭلۇكۈڭدە بۇران ھۇۋلايدۇ
چاقتىكى يىپلىرىڭ مېنى توۋلايدۇ.
قاتىل باش ئىزدەيدۇ تاشلاردىن چىقىپ
ئوۋچى ھامان كىيىك ئوۋلايدۇ.

بىز قايتا ئۇچراشمايمىز ئاشۇ ئايدىڭدا
ئىشىكىڭنى چەككەن قولدا تۇزىغان گۈللەر.
تېنىمنى يىرتىپ يېشىمنى سۈرتۈپ
دېرىزىدە ئېچىلار دەھشەتلىك سەھەر.

مەن ئەمدى ئويلىمايمەن ئەتە ھەققىدە
بارسا كەلمەس يولسەن نىھايەت.
راسلىقىڭغا گۇۋاھتۇر تاڭلار
جۇدالىققا ئۇھلىرىم پەقەت!

      تۈندىكى قۇناقلىق
نەم ھاياجان،
ئاينىڭ سەرسان نۇرلىرى...
مەن سىنى باغرىمغا باسىمەن قورقۇپ،
سۆزلەيمەن،
ئاۋازىمدا قۇرىغان گۈللەر...
جىمجىتلىقتا سۆيگۈ چاچلىرى.

قاراڭغۇدا قۇناقلىق بىر پارچە رەسىم.
سىنىڭ كۆزلىرىڭ
رىئاللىقىمنى قىلىدۇ مازاق.
«كەچۈر» دىگەن شۇ ئىغىر جۈملە
لىۋىم دوقمۇشىغا مىخلانغان ساداق.

خەيرىلەشتۇق،
كېچە سائەت ئونبىر – چۈشنىڭ ئاخىرى.
تەقدىرنى ئەسلىتىدىغان يالغۇز ئاياق يول
يارنى ئىسسىق ئەسلىمىگە ،
مىنى يېڭى دەردلەرگە ئېپ ماڭدى ئۇدۇل.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بايغا يىقىنلاشساڭ ماياق يەيسەن،نامراتقا يىقىنلاشساڭ تاياق

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-4-5 07:06 , Processed in 0.205999 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش