سەپەرنامە
(داستان)
ماخمۇت مۇھەممەت
ئات يىلىنىڭ خويمۇ كۆركەم چاغلىرى،
ياشنىغاندا ئانا يۇرتۇم باغلىرى.
ئاۋغۇستنىڭ يىگىرمە تۆتى سەھەردە،
يولغا چىقتۇق جەنۇب تامان، سەپەرگە.
يازغۇچىلار جەمئىيىتى باش بولۇپ،
پېشقەدەملەر سەپىرى دەپ ئات قويۇپ.
ئۇيۇشتۇرۇپ ئەدىبلەرنى، شىماللىق،
يولغا سېلىپ قويدى بىزنى چىرايلىق.
ئون ئالتەيلەن مىنبۇسقا ئولتۇردۇق،
يۈرەكلەرنى ئارمانغا لىق تولدۇردۇق.
قەلەمكەشلەر سەپىرى بۇ، زەپ قوۋناق،
شېرىن
شېئىرى ھېسسىياتتىن دىل ئويناق.
نىشانىمىز كۇچار، ئاقسۇ، قەشقەردۇر،
خوتەن بىلەن كېرىيەمۇ ھەم باردۇر.
نەشپۈتزارلىق كورلا نىشان ئاخىرقى،
بىراق مېنىڭ بايانىم دەل ھازىرقى...
ۋەزىپىمىز ساياھەت ھەم زىيارەت،
زېممىمىزدە يوقتۇر خىزمەت، تىجارەت.
گۈزەل جەنۇب ھارارىتى دىللاردا،
ھەربىر يۇرتنىڭ چىن تەسۋىرى تىللاردا.
شۇ تېرىقە يۈرۈپ كەتتۇق غۇيۇلداپ،
تاڭ سەھەرنىڭ شامىلىغا بويۇنداپ.
ھەدېمەستىن كۈلكە، چاقچاق قىزىدى،
شۇ يۈرۈشتە داۋانچىڭمۇ ئۇزىدى،
ئارىمىزدا مويسىپىتلار تولىراق.
تەپەككۈرى قىران، گەرچە چېچى ئاق.
ياشلىرىمۇ ماڭا ئوخشاش ئاتمىشتا،
ھەممىسىلا بىر ئىشىق، بىر كەچمىشتە.
ھاياتىنى بېغىشلىغان ئىجادقا.
قەلەم بىلەن يەتكەن مۇرات، نىجاتقا.
يەنە يازماق دىللىرىدا ئارمانى،
قوللىرىدىن كەتمىگەن ھېچ دەرمانى .
ئىلھام ئىزدەپ چىقتى مانا سەپەرگە،
ئەدىب ئۈچۈن غەنىمەت كۆپ سەپەردە.
شۇ تىلەكتە توقسۇن، تۇرپان ئۇزىدى،
كورلىلىقنىڭ قۇلىقىمۇ قىزىدى.
سۆھبەت بىلەن زەپ كۆڭۈللۈك يول يۈرۈپ،
يۇمۇر سۆزلەپ،
ناخشا ئاڭلاپ، مول يۈرۈپ؛
شۇ كەچلىكى يېتىپ كەلدۇق كۇچارغا،
مۇشتاق ئىدۇق گۈل باغرىنى قۇچارغا.
تۇنجى بېكەت مۇشۇ يەردىن باشلاندى،
ئۈستىمىزدىن يول ھاردۇقى تاشلاندى.
ئالدىمىزغا نەچچە
شائىر دوست كەلدى،
‹‹كۆكلەم›› دېگەن ئارامگاھقا ئېپكەلدى.
بىز كۈتۈلدۇق بىر شاھانە راۋاقتا،
تاھىر ھاكىم بىرگە بولدى تاماقتا.
ئاقسۇدىكى ساھىپخانلار، ئەدىبلەر،
دىيارىغا قىلىپ بىزنى تەكلىپلەر-
كۇچارغىچە كەلگەنىكەن، خۇش بولدۇق،
ئەدەبىيات مېھرىن دەسلەپ سېزىندۇق.
تولدى «كۆكلەم» ئارامگاھى شادلىققا،
كەسىپداشلار كۆڭلى تولدى خۇشلۇققا.
شاپتۇلىسى شېرىن ئىكەن كۇچارنىڭ،
قوغۇنىمۇ قېلىشماسكەن ئوچارنىڭ.
ئۇنىڭدىنمۇ شېرىن تەمنى بىر شېئىر،
بىلىندۈردى، دىلغا قۇيۇپ پاك مېھىر.
ئوسمان ھوشۇر دېگەن كۇچار شائىرى،
شېئىر ئاتلىق بىر گۈزەلنىڭ تاھىرى؛
بىزگە ئاتاپ يازغان ئىكەن بىر غەزەل،
شۇ سورۇندا تەقدىم ئەتتى، زەپ گۈزەل-
مىسرالىرى قەددىمىزنى كۆتەردى،
شاھ بولسىمۇ بەلكى شۇنچە كۈتەردى...
كۇچاردىكى قەلەمكەشلەر مېھرى بۇ،
قەدىم يۇرتنىڭ گۈلدەك ئاچقان چېھرى بۇ...
پەيدەك يەڭگىل ئويغاندۇق بىز ئەتىسى،
باشلانماقچى «كۇچار ۋاڭ»نىڭ پەتىسى.
كىرىپ باردۇق داۋۇت ۋاڭنىڭ قەسرىگە،
قىرائەتمۇ قىلىپ ئۆتتۇق قەبرىگە.
بىر يىل بۇرۇن فىلىم ئىشلەپ كۇچارغا،
قەدىم كۈسەن پايتەختى، گۈل دىيارغا-
كەلگىنىمدە داۋۇت ۋاڭنى كۆرگەنمەن،
كۈللى ۋاڭلار تارىخىنى بىلگەنمەن.
مەرھۇم بىلەن بىللە چۈشۈپ سۈرەتكە،
سۆھبەت ئارا ئايلىنىپ خۇش ئۈلپەتكە؛
كەتكەنىدىم، بوپتۇ مانا رەھمەتلىك،
قەدەمگاھى قاپتۇ بىراق ئىززەتلىك.
ئۈزۈلمەستىن كېلىدىكەن سەيياھلار،
سۆزمەن قىزلار بېرىدىكەن ئىزاھلار.
سەيلى قىلدۇق شۇ كۈن كۇچار بازارىن،
ئاندىن كۆزلەپ، ئاقسۇ يولى قارارىن-
مېڭىپ كەتتۇق دوستلار بىلەن خوشلىشىپ،
تونۇشمىغان جانلار بىلەن دوستلىشىپ.
ئاقسۇ يولى سىمتانابتەك راۋان يول،
كۇچاردىكى قەلەمداشلار، ئامان بول!
غۇر – غۇر شامال كەڭ دالىدا كېزەتتى،
قەلبىمىزدە ئاقسۇ مېھرى ئۈزەتتى.
شېرىن سۆھبەت، چاقچاق بىلەن يول يۈرۈپ،
يول يۈرسەكمۇ، بەلەن يۈرۈپ، مول يۈرۈپ،
يېتىپ كەلدۇق بىزنى كۈتكەن ئاقسۇغا،
ئىككى يىغىن كۈتەر بىزنى ئاقسۇدا.
كەسىپداشلار، قەدىردانلار، رەھبەرلەر،
ئالدىمىزغا چىقتى كۈلۈپ، شۇقەدەر-
ئىززەت – ئېكرام كۆرسىتىشتى، چوڭ بىلىپ،
بىر بەزمىگە جەم بولۇشتۇق، دەم ئېلىپ.
يۇخۇڭيا ھەم ئابلىز ئوسمان بەك ئوڭلۇق،
چىللاپ كېلىپ ئەدىبلەرنى ئاقسۇلۇق؛
كۆڭلىمىزنى ئۇتتى، بىلىپ ھۆرمەتلىك،
ھەم قەدەھلەر تۇتتى تىلەپ سەھەتلىك.
روھلۇق تۇرۇپ تاڭ سەھەردە ئەتىسى،
باشلاندىدە قەلەمكەشلەر پەتىسى-
يۈز كۆرۈشتۇق دوستلار بىلەن، ئاقسۇلۇق،
پېشقەدەملەر، ياش قەلەملەر بەك روھلۇق.
نەسىر يېزىپ سۇندى بىزگە ئامانگۈل،
خۇشبۇيىدىن ھۇزۇرلاندى ھەر كۆڭۈل.
كىرىپ باردۇق شۇ تەقلىدتە بىز زالغا،
نىمشېھىتنىڭ يادى بىلەن، خۇش ھالدا.
بىر يۈز ئون يىل بولغان بۇ يىل ئۇ زاتنىڭ،
بۇ دۇنياغا كەلگىنىگە ئۇستازنىڭ.
شۇ تۈپەيلى بۇ ئەنجۈمەن ئېچىلغان،
كونا – يېڭى دوستلار تامام يىغىلغان،
«سېغىندىم»نى ئوقۇپ دەسلەپ سەبىيلەر،
خۇش ئەشئاردىن خوپ سۆيۈندى قەلبلەر.
پاساھەتلىك مىسرالاردىن بال تېمىپ،
ۋەتەن سۆيۈش روھى دىلغا ئوت سېلىپ؛
ھاياجاندا،
تەپەككۇردە ئولتۇردۇق،
يۈرەك جامىن سېغىنىشقا تولدۇردۇق،
قانداق ئېسىل نىمشېھىتنىڭ ئىجادى،
ۋەتەن بىلەن، — دەيدۇ،— ھەر كىم نىجادى.
ۋەتەن سۆيمەك پەزىلەتلەر كاتتىسى،
قەدىر بىلمەك خىسلەتلەرنىڭ تاجىسى...
بۇ شېئىرنى كۈللى ئادەم ئوقىسۇن،
دالالىتى ئەسەبلەرنى نوقىسۇن.
ئىناقلىققا، يۈكسىلىشكە كۈچ قوشۇپ،
يۈرەكلەردە ياڭراپ تۇرسۇن، جۇش ئۇرۇپ.
بۇ ئەنجۈمەن بولدى شۇنداق تەسىرلىك،
ئۇستاز شائىر شەرىپىگە قەدىرلىك-
نەچچە ئادەم سۆز سۆزلىدى، گۈل تۇتتى،
م. رەھىمنىڭ پارىڭى كۆپ دىل ئۇتتى.
خىزمەتداشكەن نىمشېھىتقا ئەسلىدە،
ئىككىلىسى كۆيۈپ ئىجاد ۋەسلىگە؛
ئىززەتلىشىپ، ھۆرمەتلىشىپ ئۆتۈپتۇ،
شۇ تەقلىدتە يىللار چېپىپ كېتىپتۇ...
مانا بۈگۈن شۇ سورۇندا ئولتۇرۇپ،
دىل جامىنى سېغىنىشقا تولدۇرۇپ؛
مۇھەممەت ئاكا ئەسلىمىگە چۇلغاندى،
زال ئەھلىدە زور سېغىنىش ئويغاندى.
«ئالدىدا»نى ئوقۇپ شۇنچە خاتاسىز،
قايىللىقتىن كۆڭۈللەرگە سالدى ئىز.
نىمشېھىتنىڭ پاساھەتلىك ئەشئارى،
ئانا ۋەتەن مۇھەببىتى، خۇمارى؛
پېشقەدەمنىڭ خاتىرىسى ئارقىلىق،
تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتى ئارقىلىق-
يەنە بىر رەت يۈرەكلەرگە ئوت سالدى،
ئىككى زاتقا تەڭلا ئالقىش قوزغالدى...
چەبدەس ئىكەن ئاقسۇدىكى دوستلارمۇ،
بىر سەينادا ئىككى سورۇن راسلاپۇ-
يېرىم كۈندە ئاچتى ئىككى يىغىننى،
سۆھبەت ئارا چىللاپ يىراق – يېقىننى.
بىر قەلەمكەش، ئېزىز نامان دەيدىغان،
تۆت يىل بوپتۇ، سېلىپ خالس دەستىخان-
تەسىس قىپتۇ بىر ئەدەبىي مۇكاپات،
ئاڭا «تارىم باھارى» دەپ قويۇپ ئات.
بىز كەلگەندە شۇ يوپۇقمۇ ئېچىلىپ،
تۆت – بەش ياخشى ئەسەرگە تون پىچىلىپ،
ئاپتورلىرى تارتۇقلاندى شەرەپلىك،
بىرسى پاراڭ قىلدى شۇندا، خۇش گەپلىك.
ئەيساجانكەن ئىسمى، ئاچچىق لەقىمى،
خېلى پىششىق، زېھىن قويسام قەلىمى.
پەيتى كەلدى، ئېيتاي بىراق بىر سۆزنى،
بۇ دىياردا كۆردۈم تالاي قوي كۆزنى-
قەلىمىنى بەيگىلەردە چاپتۇرغان،
تەخەللۇسىنى بىراق تۈگەل ئارتتۇرغان...
تەخەللۇسقۇ ئارتۇق كەلمەس شائىرغا،
بىراق بىلىم قوشالمايدۇ ماھىرغا.
تەخەللۇسقا ئەمەس، پىشقان ئەسەرگە،
كۈچىسىكەن، رەنجىشمىسە ئەگەردە.
سۆزۈم ئارتۇق كەتسە، ئالاي ياندۇرۇپ،
يۈرۈشمىسۇن كۆرۈشكەندە چاندۇرۇپ.
چۈشتىن كېيىن، غەنىمەتلىك پۇرسەتتە،
تاۋاپ قىلدۇق بىر قەبرىنى ھۆرمەتتە.
ئۇندا بىزنىڭ لوتۇن ياتار ئۇزاقتىن،
دىللىرىمىز تالاي يانغان پىراقتىن.
بۈگۈن مانا كېلىپ شائىر قېشىغا،
ئېھتىرامدىن گۈللەر قويدۇق بېشىغا.
خىيالىمدا جۆسۈنلەندى ئوت يۈرەك،
ئېچىلسۇن دەپ ئانا ئەلدە گۈل – چېچەك،
جاھالەتكە بەتلەندى ئۇ شىدەتتە،
«جۇڭگو» دېگەن شېئىرىدا ھۆرمەتتە-
كۈيلەپ – چىللاپ ھۆرلۈكنى ھەم بىرلىكنى،
قۇربان بولدى... جاراڭلىتىپ ئەرلىكنى.
بۈگۈن سانسىز ئەۋلاد ئۇنى ئەسلەيدۇ،
شۇ جەڭگىۋار ئەشئارىنى كۈيلەيدۇ،
ئۆگىنىدۇ ئۇندىن ۋەتەن سۆيمەكنى،
ھەق ئادالەت يالقۇنىدا كۆيمەكنى.
قۇتلۇق مازار تاۋابىدىن يېنىپ بىز،
كەڭرى، پاكىز كوچىلارغا سېلىپ ئىز-
سەيلە قىلدۇق ئەنھار بويلاپ، تال بويلاپ،
ھەربىرىمىز ئۆزىمىزچە ئوي ئويلاپ.
بەلكى نەچچە ئەسەر پۈتتى دىللاردا،
ئەتە – ئۆگۈن، مۇمكىن ياڭرار تىللاردا.
شۇغۇ ئەدىب خاسىيىتى، ئادىتى،
بۇندىن ئارتۇق ئاڭا لەززەت بارمىدى؟!
گۈزەل ئاقسۇ دىيارىدا قوش قونۇپ،
تەسىراتتىن يۈرەكلەرگە قۇش قونۇپ؛
جۈنەپ كەتتۇق ئەتىسى تاڭ سەھەردە،
ئەمدى بولغاي زىيارەتلەر قەشقەردە.
راۋان يوللار يەنە بىزگە خۇش كۈلۈپ،
سۈزۈك ئاسمان قۇچىقىدا قۇش كۈلۈپ،
مىنىبوستا بىزمۇ قۇشتەك تەلپۈنۈپ،
ھاياجاننىڭ ئەلەڭگىسى سەلپۈنۈپ،
قىزىق پاراڭ، چاقچاق بىلەن باراتتۇق،
دېرىزىدىن گاھ دالاغا قارايتتۇق.
كىمدۇر بىرى لەتىپىمۇ باشلىدى،
كۈلكە بىلەن كۆزىمىزنى ياشلىدى،
ھەر كىم ئېلىپ مىكروفوننى قولىغا،
بىلگىنىنى تاشلار ئىدى ئورتىغا...
بىزنىڭ بۇ سەپ پېشقەدەملەر سورۇنى،
چاقچاق قىلىپ ئۆتەي، كەلدى ئورنى.
مۇھەممەت رەھىم يۈرىكى ياش پېشقەدەم،
قاپىيەگە كونا ئەسكەر، خۇشقەلەم.
ت. پەخىردىن ئالاھىدە كەلگەندە،
تىۋىپ خۇشال قىلىۋەتتى خوتەندە.
ئا.ئۆمەرنىڭ گېپى سىيرەك ئەزەلدىن،
دورىسىنى ئۆتكۈزۈۋەتمەس قەرەلدىن.
ئون بىر كۈنلۈك رەھبەر بولۇپ ئا. سادىق،
بەردى بىزگە ئەمەللەرنى خويمۇ جىق.
ئە. ئابدۇرېھىم شىرنە يىغىپ سەپەردىن،
بالدۇر تۇتاي دەيدۇ ئەلگە خەقلەردىن.
ئا. ئىسمايىل پاراڭ قىلىپ ئازىراق،
شارغۇجىغا كېتىپ قالار تولىراق...
ھۈسەن روزى گەپ قىلمىساڭ قىلمايدۇ،
گەپ قىلغاندا سالىمى كام بولمايدۇ.
م. ھوشۇرنىڭ پاراڭلىرى يۇمۇرلۇق،
ئولتۇرۇشتىن قېچىشىغا ئامال يوق.
ت. ئىمىن دەپ تەقسىرىم بار ئىلىدىن،
بىر تال شېئىر ئايرىلمايدۇ يېنىدىن.
قىيۇم سوپى كۆتۈرۈشلۈك چاقچاققا،
يېرىم يولدىن كېتىپ قالدى بىراقتا.
م. شىپەگە ئەمدى بېيىت يېزىلدى،
نىيەدىكى ئەسەرلىرى قېزىلدى.
پەرھات جىلان باشتا ئانچە ئېچىلماي،
بارا – بارا بولۇپ كەتتى خۇشچىراي.
ھىبىبۇللا مۇھەممەتمۇ كۆپ بەلەن،
يۇمۇرلىشىپ ئۆتتى يولدا كۆپ بىلەن.
ئارسلان تالىپ دېگەن غۇنچە – پورەككە-
ھۆرمىتىم بار، چىداپ ئۆتتى خورەككە.
كەمىنىمۇ بوش كەلمىدىم ھېچ ياقتا،
شېئىردىمۇ، ناخشىدىمۇ، چاقچاقتا...
سەپەر دېگەن شۇنداق، گەشتى بولىدۇ،
ھەر ماكاننىڭ چۆلى، دەشتى بولىدۇ.
بىز چۆللەردىن ئۆتتۇق شۇنداق مۇڭدىشىپ،
گاھ ئويغىنىپ، گاھى ئاز – پاز ئۇخلىشىپ.
ئەيبو ياقۇپ چاققان – چېۋەر ئىنىمىز،
بۇ سەپەردە بولدى كۆز ھەم مېڭىمىز.
تارتقۇزماستىن بىزنى قىلچە مالامەت،
باشلاپ ماڭدى ئون بىر كۈن شات-سالامەت.
ئارىمىزدا مويسىپىتلار خېلى بار،
كىچىكىمۇ ئاتمىش بىلەن دوستلىشار،
قەلەم بىلەن ئەلگە ياققان، شان قۇچقان،
سۆيۈپ ئىلھام پەرىسىنى، كۆپ ئۇچقان.
نەگە بارساق شۇڭا ھۆرمەت، ئىززەت يار،
خىجىل قىلار بىزنى بۇنچە ئېتىبار...
خوپ، سۆزۈمنى داۋام ئېتەي مەن ئەمدى،
قەشقەر سايان گەپنى بۇراي ھەم ئەمدى.
كەچكە يېقىن يەلپۈپ قەشقەر شامىلى،
ھېلپىرلىدى دىلدا ئىلھام رومىلى.
كۇچۇۋەن دېگەن ھەق پونكىتى يېنىدا،
كەسىپداشلىق مېھرى يېنىپ دىلىدا؛
بىزنى كۈتۈپ بۇرادەرلەر تۇرۇپتۇ،
يول چېتىدە قوغۇن، تاۋۇز تىلىپتۇ.
غەيرەت ئاسىم شۇنچە يىراق غۇلجىدىن،
يېتىپ كەپتۇ كۈتمەككە، چىن كۆڭلىدىن.
بۇندا بولدى بىر پەس سۆھبەت، تەسىرلىك،
مېھمان-ساھىپ تەۋەززۇدا مېھىرلىك؛
راۋان بولدۇق كېيىن ساراي- مەنزىلگە،
يۈرىكىمىز ئوخشاپ قالدى قەندىلگە.
مەنزىل تامان يېتىپ يانا ھاياجان-
چۇلغىۋالدى دىلىمىزنى، قەدىردان-
تاھىر تالىپ، تۇرسۇن نىياز... دوستلارمۇ،
كۈتۈپ تۇرغان ئىكەن بىزنى ئۇلارمۇ.
سېغىنىشلىق سالاملارنى قاينىتىپ،
دىل قۇشىنى تەكەللۇپتە سايرىتىپ-
كونا دوستلار كۆرۈشتۇق خۇش پۇرسەتتە،
كەسىپ ئوتى ياندى يانا شۇ پەيتتە.
شۇ ئاخشىمى بەش – ئونىمىز بىر بولۇپ،
سەمەن كاتتا رىستۇرانىدا جەم بولۇپ،
كۆڭۈل تارتقان ساھىپخانلار، مېھمانلار،
يېلىنجاتتۇق خۇش سۆھبەتتىن گۈلخانلار.
ئەمەل قىلىپ ئۆمەر ھەييام سۆزىگە،
ئانچە قاراپ كەتمەي شاراب كۆزىگە؛
ئەدەبىيات دېڭىزىغا چۆمۈلدۇق،
ئىناقلىقنىڭ گۈللىرىگە كۆمۈلدۇق.
خۇشال ياندۇق سارايغا شۇ ئاخشىمى،
گۈزەل قەشقەر ئېيتاتتى شوخ ناخشىنى.
روھلۇق تۇرۇپ ئەتىسى تاڭ سەھەردە،
ئوپال تامان يۈرۈپ كەتتۇق سەپەرگە.
ئۇندا ياتار مەھمۇت بوۋام مىڭ يىللىق،
غازى ئەھمەت سىزغان سۈرەت يېقىملىق
بېقىپ تۇرار تەپەككۇردە بىزلەرگە،
ئاپتاپ چېھرى نۇر بېغىشلاپ كۆزلەرگە،
مەقبەرىسىن ئايلاندۇق بىز ئالىمنىڭ،
قىرائىتىن ئاڭلاپ تۇرسۇن ھاجىمنىڭ-
دۇئا بىلەن ياندۇق، پەسكە سىيرىلدۇق،
«ھاي – ھاي تېرەك» قىسسەسىگە بېرىلدۇق.
ئالىم ياتقان بۇ مازارلىق بىر بوستان،
ئۇندىن ئارتۇق ئەمگەكلىرى، گۈلىستان.
قىيالماستىن سېغىنىشنى قاندۇرۇپ،
ئىلھام ئېتىن چۈشتۇق پەسكە ياندۇرۇپ.
مېھمان بولدۇق شۇ ئەتراپتا بىر ئۆيدە،
نە بىر ئۆيكى، ئىلىم سۆيگەن كۆڭۈلدە.
ئۇندىن يېنىپ ئالىي بىلىم يۇرتىغا،
يەنى قەشقەر دارىل ئىنىستىتۇتىغا،
زىيارەتكە باردۇق، دېگەن مۆھلەتتە،
ساھىپخانلار كۈتۈۋالدى ئىززەتتە.
بۇ مەكتەپكى قەشقەردە بىر مەشئەلكەن،
كېلەچىكى ھازىرقىدىن گۈزەلكەن،
ئۇنىۋېرسىتېت بولماقچىكەن كۆپ ئۆتمەي،
قابىللارنى تەربىيەلەپ ھەم ئۈزمەي-
نۇقتىسىنى تۇتۇپ ئەھدى، خىزمەتنىڭ،
ئۆستۈرۈشكەن ساپاسىنى مىللەتنىڭ،
بۇندا كۆردۇق كۇتۇپخانا، مۇزېينى،
ھەم ئاڭلىدۇق ئىلىم ئەھلى سۆزىنى.
مەرىپەتنىڭ خۇشبۇيىنى پۇرىدۇق،
بەك قىزىققان تامانلارنى سورىدۇق،
تىلەك تىلەپ ئەزىزانە قەشقەرگە،
يېڭى نەزم تىزدۇق كۆڭۈل - دەپتەرگە.
«يامبۇ» دېگەن ئارامگاھتا شۇ ئاخشام،
ياڭراپ قالدى يۈرەكتىكى شوخ ناخشام.
جەم بولۇشۇپ قەشقەردىكى ئەدىبلەر،
بېرىپ بىزنىڭ ئۆمەككە زور تەرىپلەر،
دەستۇرخاندا ئولتۇرۇشتۇق يانمۇ – يان،
كەسىپداشلار، قەلىبداشلار، مېھىرىبان.
كۈتتى بىزنى ھاجى ئەسقەر ئابدۇللا،
شەنىمىزگە ھۆرمەتلىرى مىڭ تىللا،
ياڭراپ تۇردى شېرىن قەدەھ سۆزلىرى،
چاقناپ كەتتى مەيدىن دوستلار كۆزلىرى،
كۆرۈشمىگەن قەلەمداشلار كۆرۈشۈپ،
تونۇشمىغان كەسىپداشلار تونۇشۇپ،
يۇمۇر سۆزلەپ، شېئىر ئوقۇپ ھارمىدى،
بىر – بىرىنىڭ دىدارىغا قانمىدى.
ئارام ئېلىپ ئاشۇ كېچە قانغۇچە،
نەزم پۈتۈپ ۋە بەزىلەر تاڭغىچە.
يۈرۈپ كەتتۇق سەھەرلىكتە، ئەتىسى،
تامام بولۇپ ئەزىم قەشقەر پەتىسى.
قەدىم دىيار خوتەنسېرى يول ئالدۇق،
يېڭى سەپەر گەشتى بىلەن شاتلاندۇق،
يوللار، يوللار چاق تېگىدە ئايلىنار،
قەلبلەردە يېڭى ئىلھام تاۋلىنار.
ئانا يۇرتنىڭ باغرى شۇنچە كەڭ ئىكەن،
ھەربىر چۆلى ئاسمانغىلا تەڭ ئىكەن،
باغلىرىنىڭ ئەسلى يوققۇ تەڭدىشى،
بۇندا چېۋەر باغۋەن ئىكەن ھەر كىشى.
يېشىلزارلىق قاپلاپ خوتەن يولىنى،
ھەم ئۈزۈمى ھەم ياڭىقى، چىلىنى.
باغلىرىدىن بولۇق – بولۇق مارايدۇ،
كۆرگەن كىشى ھەۋەسلىنىپ قارايدۇ.
ھەر مەلىدە ساددا، ئىشچان دېھقانلار،
مېھنىتىدە خوتەننى گۈل قىلغانلار.
تەلپىكىنى سىلكىپ قالار، سالام دەپ،
توختىساڭلار خىزمەت قىلىپ قالاي دەپ.
ئەدىبلەرگە يەنە ئىلھام بېغىشلاپ،
شامال سۆيەر يۈزنى يېنىش – يېنىشلاپ.
شۇ تەرىقە كەچكىرگىچە يول ماڭدۇق،
چارچىساقمۇ خۇشال ماڭدۇق، مول ماڭدۇق،
كەچكىرگەندە يېتىپ كەلدۇق خوتەنگە،
شايى، ئەتلەس، گىلەم تۇغقان گۈلشەنگە.
بوسۇغىدا دوستلار كۈتۈپ بۇندا ھەم،
خۇرسەنلىككە چۆمۈلۈشتۇق شۇندا ھەم.
باشلاپ ماڭدى مەتسېلىم ھەم تۇرسۇنجان،
ئىككى ئەدىب يۈرىكىدە ھاياجان.
شۇنداق خۇشال، تۇغقانلىرى كەلگەندەك،
ياكى بىراۋ ئېسىل تارتۇق بەرگەندەك.
قەدرىمىزنى يەنە بىر رەت ھېس قىلدۇق،
قەلەمداشلىق مېھرىگە لىق چۆمۈلدۇق.
سۆھبەت قۇرۇپ دوستلار بىلەن بىر ھازا،
يېتىپ قالدۇق، ھېسسىياتىمىز تاپ – تازا.
ئەتە يېڭى سەرگۈزەشتىلەر كۈتەتتى،
قىرىق سەككىز سائەت بۇندا ئۆتەتتى.
ئۈچىنچى رەت كېلىشىم بۇ خوتەنگە،
ئاھۇلارغا، زىبالارغا ۋەتەنگە.
يېڭى ھېسقا چۆمۈلىمەن ھەر كەلسەم،
خۇشپۇرىقى ئۆزگە دائىم، گۈل تەرسەم.
بۈگۈنمۇ ھەم يېڭى ھېستا ئويغاندۇق،
بىر مەزمۇنغا تەييارلىنىپ تۇرغاندۇق.
ئېلىپ باردى دوستلار بىزنى ئۇدۇللاپ،
خوتەن ئۇيغۇر تېبابەتكە غۇيۇلداپ.
ئەدىبلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈپ تېنىگە،
بىر ساۋاپ ئىش كېلىپ ھەمدە كۆڭلىگە،
تۇتقۇزماقچى بوپتۇ بىزنىڭ تومۇرنى،
ئالدىنئالا زاكاس قىلىپ نومۇرنى.
ئابدۇلھەمىد مەھمۇت دېگەن ھاجىمنى،
تەكلىپ قىلىپ بىزگە داڭلىق ھەكىمنى؛
غېمىمىزنى يېگەن ئىكەن يارەنلەر،
خۇش بولۇشسۇن دېگەن ئىكەن يارەنلەر.
خالىغانلار شۇندا كىرىپ كۆرۈندى،
بىلىنمىگەن مىجەزلەرمۇ بىلىندى...
ئۇندىن چىقىپ زىيارەتنى باشلىدۇق،
قايناق بازار ئارا قەدەم تاشلىدۇق.
ئارىلاپ يۈرۈپ كىرىپ باردۇق بىر يەرگە،
نە بىر يەركى، بىر ماكانۇل گۆھەرگە.
«ئىنساب» دېگەن كۇتۇپخانا ئىكەن بۇ،
ئەدىبلەرنىڭ قەلبىدىكى گۈلشەن شۇ.
تۇرسۇن توختى ھاجىم ئىكەن ئىگىسى،
كىتاب ئۆيى،- دەپ،- مەرىپەت بەلگىسى؛
دىلغا يېقىپ ئىشتىياقتىن شام چىراغ،
بىر بىنانى بېزەپ – ياساپ خۇش پۇراق،
كۇتۇپخانا تەقدىم قىپتۇ يۇرتىغا،
كۈرمىڭ كىتاب سېتىۋېلىپ پۇلىغا.
خادىم قىلىپ ئون تۆت ياشنى مائاشلىق،
گۈلزار قىپتۇ شۇ ئەتراپقا قاراشلىق.
ئاجايىپكەن بىر ئادىتى، تاڭ قالدۇق،
تەسىرلەندۇق، ھاياجاندا زوقلاندۇق.
كىمكى بۇندا كىرىپ كىتاب ئوقۇسا،
يۈرىكىگە نۇردىن كەشتە توقىسا؛
پولۇ، كاۋاپ بېرەر ئىكەن بىكارغا،
سوغىتىم دەپ، مەرىپەتكە خۇشتارغا.
بىكارچىنى باشلاپ كىرىپ ئېرىنمەي،
ئاش بېرەركەن خەت ئوقىسا، پۇل دېمەي.
بۇنداق ئېسىل پەزىلەتنى كىم كۆرگەن؟
بۇ دۇنيانىڭ قەيەرىدە، كىم بىلگەن؟!
بۇ ئەمەسمۇ مەرىپەتكە ئاشنالىق،
دىيارىنىڭ گۈللىشىگە تەشنالىق.
كۆپەيسىدى بىزدە شۇنداق ئىنسانلار،
ئىلىم – بىلىم بىلەن ياشناپ كۆپ جانلار،
خۇراپاتلىق تامام ئۇزاپ كېتەتتى،
نادانلىقمۇ ھەمدە يوقاپ كېتەتتى.
سەپەرداشلار تەسىرلىنىپ بۇ ھالدىن،
نەھالدىنكى، مىسلى ناۋات ھەم بالدىن؛
تەشەككۈرلەر ياغدۇرۇشۇپ ھاجىمغا،
ئوتلۇق نەزەر ئاغدۇرۇشتى ھاجىمغا
ۋە تىلەشتى ئۇتۇق، نۇسرەت ئىشىغا،
مەسلىھەتلەر بەردى كېلىپ قېشىغا.
مەنمۇ شۇدەم يۈرىكىمنى بىلدۈردۈم،
ساخاۋەتلىك ھاجىمنى بىر كۈلدۈردۈم.
ھاياجاندا چىقىپ بىر چاغ «ئىنساب»تىن،
يېڭى مەنزىل تېپىپ ئەشۇ ئەتراپتىن؛
خوتەن تېببىي تېخنىكومغا يول ئالدۇق،
ئۇندا يېڭى ئۇچۇرلاردىن نەپ ئالدۇق.
تېبابەتنىڭ تارىخىنى ھەم بىلدۇق،
مىللىتىمىز شەۋكىتىدىن سۆيۈندۇق.
تەرەققىيات تېبابەتكە جان بەردى،
تېبابەتمۇ دەۋر ئۈچۈن شان بەردى.
بۇ خىزمەتلەر، بۇ شەرەپلەر ئەل ئۈچۈن،
يېزىلمىغان بىر تېما بۇ بىز ئۈچۈن.
تەكلىپ قىلدى مۇدىر بىزنى يازماققا،
تېبابەتتىن جاۋاھىرات قازماققا.
...كۆپ مەنىلىك ئۆتتى بۇندا ئىككى كۈن،
تالاي تېما قۇچاق ئاچتى بىز ئۈچۈن.
ئەسلى شۇغۇ سەپىرىمىز مۇددىئاسى،
بىز ئەمەسمۇ ئەل خىزمىتى پىداسى..!
بۇندا يەنە كۆپ جايلارنى ئايلاندۇق،
خوتەن گىلەم مۇزېيىغا بىز باردۇق،
ئايان بولدى گىلەمچىلىك تارىخى،
ۋاراقلىنىپ قامۇسلارنىڭ ۋارىقى.
جىيا ئەتلەس كارخانىسىن ھەم كۆردۇق،
ئۇستىلارنىڭ گۈل قولىدىن سۆيۈندۇق.
ئاڭلاپ تالاي يېڭىلىقنىڭ نامىنى،
پەملەپ ماڭدۇق ئىشچان يۇرتنىڭ شانىنى.
بۇندىن ئۆتۈپ كېرىيەگە يول ئالدۇق،
يول ئۈستىدە بىر قەبرىدە توختالدۇق.
ئۇندا ياتار روزى سايىت رەھمەتلىك،
ئەل قەلبىدە يانغان شائىر، ھۆرمەتلىك،
سۈكۈت ئارا ئاڭا كۆڭۈل يوللىدۇق،
پاك روھىغا ئابى رەھمەت چىللىدۇق.
يۈرۈپ كەتتۇق شۇندىن كېيىن جېدەللەپ،
قەدىم دىيار كېرىيەنى دېرەكلەپ.
يېتىپ باردۇق ھايالىشماي مەنزىلگە،
ئۇلاشقانتۇق باش كۈز — ئالتۇن پەسىلگە.
دوستلار يەنە كېلىپ تالاي يەرگىچە،
كۆرسىتىشتى بىزگە ئىززەت يەتكۈچە.
ھەدېگەندە يوقلاپ قۇربان تۇلۇمنى،
ئۇ ھەققىدە كۆرۈپ قىسقا فىلىمنى؛
قەيسەر چالنى ھۆرمەت بىلەن ياد ئەتتۇق.
قىسسىسىنى ئاڭلاپ، دىلنى شاد ئەتتۇق.
ئارام ئالدۇق ئۇندىن كېيىن بىر جايدا،
كېرىيىچە زىننەتلەنگەن سارايدا.
شېرىن ئىكەن كېرىيەنىڭ شاپتۇلى،
ھۇزۇرلاندى سەپەرداشلار جان – دىلى.
يۇرت چوڭلىرى كەلدى بىر چاغ خۇش كۈلۈپ،
ئەدىبلەرنى ئەل قەلبىگە دوست بىلىپ.
سۆزلەپ بەردى كېرىيەدىن
ھېكايەت،
قەدىم يۇرتنىڭ ھازىرىدىن، نېھايەت.
بىزنى كۈتۈپ تۇرغانىكەن خېلىدىن،
كېرىيەلىك قەلەمكەشلەر، چېھرىدىن-
ئالىي ھۆرمەت ھەم مۇھەببەت ياغدۇرۇپ،
خاس سورۇندا ئۇچراشتۇق بىز جەم بولۇپ.
ئەدەبىيات ئىشقى بىلەن ياشارغان،
ئىجاد بىلەن ئالقانلىرى قاپارغان؛
ئوت يۈرەكلەر بۇ ماكاندا كۆپ ئىكەن،
كەسپ ئىشقىدا يۈرەكلىرى چۇغ ئىكەن.
كۈيلەيدىكەن ئانا يۇرتنى زوق بىلەن،
شائىر رېھىم نىياز جۇشقۇن روھ بىلەن-
بىزگە ئاتاپ بىر نەزمىنى پۈتۈپتۇ،
خۇش كالامدا كۆڭلىمىزنى ئۇتۈپتۇ.
شۇندا يەنە قەدرىمىزنى ھېس قىلدۇق،
ئەل ھۆرمىتى، تىلىكىنى ھەم بىلدۇق.
سەيىر ئەتتۇق بازارىنى بۇ يۇرتنىڭ،
ھەم قەدىمى، ھەم ئۆزگىچە، گۈل يۇرتنىڭ.
زىيارەتتە بولدۇق كاتتا جامەدە،
كۈتۈپخانە يارىشىپتۇ جامەگە.
بىر يېڭىلىق ئىكەن بۇ ھال، زوقلاندۇق،
كېيىن كۆكيار يېزىسىغا يول ئالدۇق.
يېڭىلىقلار تولا ئىكەن بۇ يەردە،
بايقىلىدۇ ئۆزگىچىلىك ھەر يەردە،
ئىشچان ئىكەن كېرىيەلىك، قول قويدۇق،
تەسىراتتىن كۆڭۈللەرگە گۈل ئويدۇق.
نەغمىچىلەر كۆڭلىمىزنى شاد ئەتتى،
ئاۋال مۇقام ئۇستازىنى ياد ئەتتى.
كېيىن چالدى ناخشىسىغا ئىلىنىڭ،
شۇ ئەمەسمۇ ئالتۇنلىقى دىلىنىڭ.
تەلەپ قىلدۇق، چالدى خوتەن كۈيىنى،
قىزىپ كەتتى كۆكيار
مەشرەپ سورۇنى...
ھاياجاندا بىزمۇ شېئىر ئوقۇدۇق،
ئەل ئىشقىدا يېڭى نەزم توقۇدۇق.
يېڭىلىنىپ تۇرار نازۇ – نېمەتلەر،
تۆكۈشىدۇ دىللىرىنى ئۈلپەتلەر.
خەيرىلەشتۇق بىر ھازادا، قىيالماي،
چىدىمىدۇق بىرمۇ – بىرلەپ سۆز ئالماي...
شۇ ئاخشىمى كېرىيەدە بىر قونۇپ،
تاڭ سەھەردە يېڭى روھتا ئويغىنىپ؛
كىرىپ كەتتۇق تەكلىماكان قوينىغا،
شېئىر ئېسىپ توغراقلارنىڭ بوينىغا.
كارامەتلىك تىلسىماتقا لال بولۇپ،
ھەربىرىمىز تەسىراتلىق ھال بولۇپ؛
قۇملۇقلاردىن، سۆكسۈكلەردىن ئۆتەتتۇق،
گاھى قىزغىن پاراڭلىشىپ كېتەتتۇق.
خىياللاردىن جىم بولۇشۇپ گاھىدا،
ئەدىبلىكنى جارى قىلىپ جايىدا؛
توزىقىغا ئەسىر بولۇپ ئىلھامنىڭ،
بىر تەپتىنى سېزىپ دىلدا گۈلخاننىڭ؛
بىر ئەسەرگە بۇندا ئەندىز ئالاتتۇق،
دىل قېتىغا يېڭى پىكىر سالاتتۇق.
ئون ئۈچ سائەت چېپىپ بىزنىڭ تۇلپارمۇ،
ھەغدادىغا يېتىپ ئۇچۇپ شۇڭقارمۇ،
كەچ پەيتتە يېتىپ كەلدۇق كورلىغا،
چۆلدىن چىقىپ، نەشپۈتزارلىق ھويلىغا.
كۈتۈۋالدى بىزنى دوستلار بۇندىمۇ،
سەزمەي قالدۇق... خۇددى يەردىن ئۈندىمۇ.
سالام بىلەن كىرىپ باردۇق مەنزىلگە،
گۈزەل كورلا ئوخشايدىكەن بىر گۈلگە.
تۇنجى مەرتە كەلگەنىدىم بۇياققا،
تاھىر – زۆھرە ماكان تۇتقان گۈلباغقا.
ئارام ئېلىپ ھەشەمەتلىك سارايدا،
ئىززەتلىنىپ دەستۇرخىنى مول چايدا؛
ئارام ئالدۇق كۈتۈپ يېڭى ئەتىنى،
ئەھمىيەتلىك بىر سورۇننىڭ پەيتىنى.
شائىر ئۆمەر مەمتىمىننىڭ ئىجادىي-
ئەلگە ياققاچ، كۈلۈپ بۈگۈن مۇرادى؛
بىر ئەنجۈمەن ئۆتكۈزۈلدى كورلىدا،
نامى ئوتلۇق گۈزەل نەشپۈت يۇرتىدا.
بۇ سورۇنغا تەكلىپ بىلەن قاتناشتۇق،
يەرلىك قەلەمكەشلەر بىلەن ئۇچراشتۇق.
يېنىپ تاشتى يۈرەكلەرنىڭ خۇشلۇقى،
يەنە ئاشتى كەسىپداشلار دوستلىقى.
شۇ سورۇندا ئازات سۇلتان ئەپەندى،
ئەدىبلەرگە مېھرى گۈلخان ئەپەندى؛
سالماق – ۋەزمىن ئاھاڭدا بىر سۆز قىلدى،
بۇ سۆز ماڭا مۇزىكىدەك تۇيۇلدى.
قەلەمكەشلىك مۇشەققىتىن بىلىپ ئۇ،
ھەم شەرەپلىك تەسۋىرىنى قىلىپ ئۇ؛
بەردى ئىلھام يىغىن ئەھلى قەلبىگە،
خۇددى شەبنەم قوندى گۈلنىڭ بەرگىگە...
بۇ سورۇندا مەنمۇ ئەشئار ئوقۇدۇم،
ئاۋال قىزغىن ئالقىش، سالام يوللىدىم.
يۈرىكىمدىن چىن سۆزلىرىم تۆكۈلدى،
ھەمراھلىرىم مەمنۇن بولۇپ خۇش كۈلدى.
چاۋاك چالدى سورۇن ئەھلى سۆزۈمگە،
ھاياجاندىن ياش تەپچىدى كۆزۈمگە...
... ئون بىرىنچى كۈنى ئىدى سەپەرنىڭ،
ئاپتىپىغا چۇلغىنىپ بىز سەھەرنىڭ،
يولغا چۈشتۇق، قايدىسەن دەپ ئۈرۈمچى،
يولدا يۈرمەس ئۆمۈرۋايەت يولۇچى.
زىياپەت يوق تۈگىمەيدىغان، دەيدىكەن،
بۇ ئاجايىپ ئېتىبارلىق گەپ ئىكەن.
باغدا يۈرۈپ، تاغدا يۈرۈپ ئون بىر كۈن،
كۆرمىگەننى ھەمدە كۆرۈپ ئون بىر كۈن؛
تەسىراتلار چىنىسىنى تولدۇرۇپ،
يېڭى ئەسەر توغرىسىدا ئويلىنىپ؛
ھەربىر ئەدىب ئۆز ئالدىغا چام سېلىپ،
قۇرۇلغۇسى ئىمارەتكە تام سېلىپ؛
بۇ كۆڭۈللۈك ھەم ئۇنتۇلماس سەپەردىن-
مەمنۇن بولۇپ سەپەر تاتقى - شېكەردىن؛
ئامان ياندۇق ھەربىرىمىز ئۆيلەرگە،
قەلبىمىزنى بۆلەپ يېڭى كۈيلەرگە.
× × ×
بىر يۈز نەچچە يىل مۇقەددەم مۇقىمىي،
يۈرىكىدە سېزىپ سەپەر زوقىنى؛
كەزگەنىكەن قويماي، يۇرتى قوقاننى،
شاھىمەردان، ئىسفەرەيۈ، ئەنجاننى.
كەزگەن ئىكەن يېزا، قىشلاق، ۋادىينى،
دىل جامىغا تولدۇرۇپ كېيىن بادىنى؛
يازغان «ساياھەتنامە»سىن ئولتۇرۇپ،
مەنمۇ بۈگۈن قەلەم ئالدىم زوقلىنىپ.
پۈتتى يېڭى سەپەرنامە نەزمەمدىن،
پەيزى ئېلىڭ دوستلار سىزمۇ بەزمەمدىن.
ئەجەپ ئەمەس، يېقىپ قالسا كۈلەرسىز،
تېتىمىسا ئىچىڭىزدە بىلەرسىز.
كۈيلىگىنىم ئانا يۇرتنىڭ رۇخسارى،
كۈيلىگىنىم ئەدەبىيات گۈلزارى.
كۈيلىگىنىم سەپەر زوقى، ئەزگۈلۈك،
ساقلىنىدۇ يۈرىكىمدە مەڭگۈلۈك.
2014 – يىلى 9 – ئاينىڭ 5 - كۈنى
مەنبە:
شىنجاڭ يازغۇچىلىرى