چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1456 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • yadikar ئۈلۈشكۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەرھۇم مويدىن سايىتنىڭ ئاخىرەتلىكى ئاسان بولغاي!

  • eleyas ئۈلۈشكۈن 16:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    نىمىنى بەكرەك ياقتۇرساڭ ،شۇنەرسە  سىنىڭ ئ‍ىمتاھانىڭدۇر. جالالىددىن رۇمى…

  • huxhuy ئۈلۈشكۈن 00:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz تۈنۈگۈن 23:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

كۆرۈش: 2414|ئىنكاس: 0

ئابلىمىت ئابدۇقادىر:غەزەللەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-11-28 10:55:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
غەزەللەر

ئابلىمىت ئابدۇقادىر

ئاشىق زارى

سىلىپ جانىمگە ئاتەشنى،مىنى زەپ ئىنتىزار قىلدىڭ،
يۈرەكنى ئەيلىدىڭ زەرداپ قارا ساچىڭنى دار قىلدىڭ.
تىلەكلەر ئەۋجىدە كۆيدى دىلىم ياپراقلىرى تال تال،
ۋىسالغا ئىنتىلىپ تۇرسام مىنى ئىشقىڭغا زار قىلدىڭ.
قارا تۈن شاخىدا سايراپ يۇتۇپ چوغنى ناۋا قىلسام ،
ئۆزۈڭنى نە سەۋەپ شۇنداق بىراۋغا ئىختىيار قىلدىڭ.
چىلىپ سازىمنى ھەسرەتكە كىتەي باشىم ئىلىپ ئەمدى،
نىگار دەپ بوزلىغان ئەرنى نىچۈن چۆللەردە خار قىلدىڭ.
مىنىڭ تەنھالىقىم ئىچرە كىتەر ئەركەكلىكىم چاڭقاپ،
قۇياشقا قامچا ئويناتسام ماڭا مەنزىلنى تار قىلدىڭ.
يىرىپ تۈن كۆكسىنى دىلبەر سۈزۈك تاڭدەك چىقىپ كەلدىم،
يولۇڭدا توزۇتۇپ تەننى ئەجەپمۇ خاكىسار قىلدىڭ.

ئەي ماڭا ئاشىق ئايال

ئاچ ماڭا باغرىڭنى كەڭرى ئەي ماڭا ئاشىق ئايال،
تەندە جان قىلسۇن ناۋالەر،ئاچ يۈزۈڭ كۆرسەت جامال.
تەندىكى قاقشال دەرەخكە قۇش بولۇپ قوندىڭ ئەجەپ،
ياكى دەستە نۇر بولۇپ خانەمگە ئاقتىڭ ئىھتىمال.
يىغلىدىم يىرتىپ ياقا سۆيگۈ مۇھەببەت دەشتىدە،
يوقلۇقۇڭ بىرلە مىنىڭ ھەر بىر كۈنۈم تاپقاي زاۋال.
كىرپكىڭ ئورمانىدا ياڭرايدۇ ھىجران كۈيلىرى،
قالدىلەر چەكسىز ئازاپتا چۆلدىكى سەرسان شامال.
دەسلىپى نازىڭ بىلەن قەلبىمنى قىلدىڭ ئىستىلا،
بىر كۈلۈشلەر ئىلكىدە بولغان پىقىرنىڭ ئەقلى لال .
كىم دىدى ئۇ يوق ئايالدۇر مەن دىدىم قەلبىمدىلا،
بىر كۈلۈپ باققىن ماڭا ۋەسلىڭگە يەتمەكتۇر خىيال.

تاقىتىم يوقتۇر

نىگارىم پۈۋلىگەن ئوتتا كۆيۈشكە تاقىتىم يوقتۇر،
يۈرەكنى داغلىسا ھىجران كۆنۈشكە تاقىتىم يوقتۇر.
زىمىستان مۇزلىتىپ ئۆتتى باھارغا تەلپۈنۈپ تۇرسام،
كۆزۈمدىن ئاقسا ئوكيانلار كۈلۈشكە تاقىتىم يوقتۇر.
بىراۋغا ئەگىشىپ يۈرسە نىگارىم كوچا كويلاردا،
پەقەتلا ئاڭلىسام بولدى كۆرۈشكە تاقىتىم يوقتۇر.
ناۋادا بىر كۈنى يارىم مىنى تاشلاپ كىتىپ قالسا،
تىڭىپ باغرىمغا بىر تاشنى كۈتۈشكە تاقىتىم يوقتۇر.
دىدارغا يەتمىگەن بۇلبۇل قىرىق يىل يىغلىغان ئوخشاش،
باھاردىن باغرىغا جۇتنىڭ كۆچۈشكە تاقىتىم يوقتۇر.

كۆيەر جانىمدا بىر يۇلتۇز

ماڭا كىم سەندە يوق دەرلەر  يوقۇمنى بار قىلىپ بەرگىن،
ساڭا كۆپ ئىلتىجا بولسۇن چىچىڭنى دار قىلىپ بەرگىن.
مۇھەببەت -نە مۇھەببەتتۇر ئەزەلنىڭ ھۆكمى بىر دەرىتتۇر،
پايانسىز چۆل بولاي سەندە ماڭا مۇڭ زار قىلىپ بەرگىن.
كۆيەر جانىمدا بىر يۇلتۇز نىگار ئىشقىڭدا چوغ چايناپ،
پىغانىم پاتمىغان دىلغا كۆڭۈل ئىزھار  قىلىپ بەرگىن.
ماڭارمەن چاپتۇرۇپ بىر ئات كىتىشكە تىنىچ ماكان ئىزدەپ،
كۆڭۈل شادىمغا پاك بولغان پەلەكنى يار قىلىپ بەرگىن.
ئۆزۈم بىر تامچە ئەر تۇرسام ئازاپتىن نە مۇراد ھاسىل،
تىنىمگە قامچا ئۇرغاننى ماڭا ئەغيار قىلىپ بەرگىن.
لىۋىڭدىن مەي ئىچەر بولسام  ئىچىپ جاندىن كىچەر بولسام،
ئۆزۈڭ ساقى بولۇپ دىلبەر ماڭا تەييار قىلىپ بەرگىن.

2014-10-29

ئوتنىڭ سۇمبۇل چاچلىرى

ۋادەرىخ,يار قەلبىدە سۈپسۈزۈك ئاسمان ياتۇر،
سۈپسۈزۈك ئاسمان ئارا ياپيىشىل بوستان ياتۇر.
بىر ئۆلۈم بىرلا ئۆلۈم مەن تامان كەلگەن كىچە،
مۇزلىغان قەبرەمدە ئاھ قىسسەئى داستان ياتۇر.
بىر ئايال بىرلا ئايال مەندىكى ئىشقى پىراق،
ئول پىراقتا مىڭلىغان قاپقارا زىندان ياتۇر.
قىپقىزىل ئوتنىڭ چىچى يەلپۈنەر مۇز تەكتىدە،
كەلسە يار باغرىن يىرىپ ئۇندا مىڭ ھىجران ياتۇر.
مەن ئۇزاق كۈتتۈم ۋىسال پەيتىنى چۆللەر ئارا،
چۆل ئارا قىلسام سەپەر بىر تالاي نىمجان ياتۇر.
قاتمۇ-قات ھەسرەت بىلەن دانە-دانە يىغلىسام،
كۆز يىشىمدا نازلىنىپ ئامرىقىم پىنھان ياتۇر.

2014- 10-21     ئۆرۈمچى

مەنبە: شىنجاڭ يازغۇچىلىرى



چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئاتقا مىنىپ خوش-خوش دېگۈچە،ئېشەككە مىنىپ پوش-پوش دېگەن تۈزۈك.

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-26 12:34 , Processed in 0.193791 second(s), 33 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش