(
غەزەللەر)
ئابدۇقادىر سادىر
خىيال سەتھىمدە بىر يۇلتۇز
خىيالىم سەتھىدە چاقنار ماڭا مەيلانە بىر يۇلتۇز،
ئېتىپ سەييارىلەر ئىچرە ئەجەپ سەيلانە بىر يۇلتۇز.
ماڭا ئىشق زارىدىن ئىنئام ئەۋەتسە تۈندە سەلكىندىن،
ھەسەتتىن لەۋنى قان ئەتمىش يەنە ھەيرانە بىر يۇلتۇز.
ئۇنىڭ شوخ جىلۋىسى ئىچرە يۇچۇن قىسمەتلىرى كۈرمىڭ،
ئىشقنىڭ دەشتىگە تاشلار ئېتىپ دىۋانە بىر يۇلتۇز.
چاراقلاپ جىلۋىسى جاننى تۇتاملاپ تاشلىغاي ئوتقا،
كۆيۈك داڭگالغا نە پەرۋا، يۈرەر خەندانە بىر يۇلتۇز.
جۇنۇنلۇق شەھرىدە سەرسان بولۇپ يۈرگەن دەقىقلەرنى،
كاۋاپتەك ئۆتكۈزۈپ زىققا قىلار ئەپسانە بىر يۇلتۇز.
پۇچۇلغان ناتاۋان قەلبىم ئەجەل ئالقانىدا نىمجان،
ھېجىرنىڭ دامىغا باغلاپ يۈرەر ھەر يانە بىر يۇلتۇز
مۇھەببەت جامىدىن قەترە تۆكۈپ قاقشال ۋۇجۇدۇمغا،
ئېتىپ كەڭ باغرىنى بەرسە ماڭا مەيخانە، بىر يۇلتۇز.
يۈرەكنىڭ شاخىغا قونسا چۈشۈپ كۆك قەھرىدىن بىر كۈن،
قىلىپ قۇرداشلىرىنى خار- زەبۇن، مەردانە بىر يۇلتۇز.
نېتەي، پەريادلىرىم چەكمەس بىغەم قەلئە رۇجەكىنى،
مېنى ئاتەش پىراقىغا ئېتىپ پەرۋانە بىر يۇلتۇز.
تىكىپ يۈرمىش شېھىت ئۆلگەن جۇنۇنلار قەبرىگاھىغا،
جېنىنى ئابدۇقادىرنىڭ ئېتىپ مىڭ دانە بىر يۇلتۇز.
يالغۇزلۇق
يەنە كەتتىڭ مېنى ھېجران چۆلىدە قالدۇرۇپ يالغۇز،
جۇنۇنلۇق ئىلكىدە جاننى بورانغا چالدۇرۇپ يالغۇز.
پەلەكتىن ساقىغان يۇلتۇز تېنىدىن چاچرىغان تاشتەك،
يۈرەرمەن رۇھنى تۈنلەردە ئېزىقسام ياندۇرۇپ يالغۇز.
جۇنۇنلۇق خەنجىرى ھەردەم يۈرەكنى لەختە قان ئەتسە،
يېشىمدىن دەشتى سايلارنى يۈرەرمەن قاندۇرۇپ يالغۇز.
شاماللار قىزغىنىپ ھەتتا ھېدىڭنى كۈنلىگەي مەندىن،
ئۆتەرمەن سۈبھى- شاملاردا ساباغا يالۋۇرۇپ يالغۇز.
ۋىسالىڭ ئارزۇلاپ يۈرسەم پىغان ئۆركەشلىرى ئىچرە،
كېتەر ئەيلەپ شىكار تەقدىر قۇشىغا ئالدۇرۇپ يالغۇز.
كۆيۈپ داڭگالسىمان كەتسەم تۈتۈنگە ئايلىنىپ گاھى،
كۈلەر شەيتان مېنى بىھۇش ئۇسۇلغا سالدۇرۇپ يالغۇز.
كۆيۈك ئاشىققا بۇ ئوتنى نىگارا سەن بىلىپ سالدىڭ،
پېقىرنى يەتتە دەۋزەختىن قاتار ئايلاندۇرۇپ يالغۇز.
ئىنايەت چاقمېقىنى چاق، يۇچۇن پىنھانلىرىڭ كۆيسۇن،
نە ھاجەت زارى بۇلبۇلنى چىمەندىن تاندۇرۇپ يالغۇز.
ئۇزۇن يوللارنى كەس دىلدار ۋىسالنىڭ زۇلپىقارىدا،
تۈگەتمەي ئابدۇقادىرنى بۇ يەڭلىغ تالدۇرۇپ يالغۇز.
بەخت تالىشىش
سابادىن ئاڭلىسام ئاخشام سېنى بىر كۆز ماراپ يۈرمىش،
ئۆيۈڭ ئالدىدا بىر ئىزغا بۆلەكچە سىنچىلاپ يۈرمىش.
پىراقتا لەۋ يېقىپ قانماي سوغۇق داۋزاڭنى ئايدىڭدا،
خىياللار كۆكسىدە ياتقان ئانارىڭنى سىيلاپ يۈرمىش.
ئۆيىدىن چىقسا ئاي بالقىپ ئىگىز ئۆگزەمگە ئاسسام دەپ،
كېچىچە چۆرگىلەپ تەنھا تەمادا لەۋ يالاپ يۈرمىش.
بېغىڭدىن ياڭرىسا بۇلبۇل ناۋاسى گۈل پىراقىدا،
ساڭا
كۈي قاتتى دەپ باغرى ھەسەت ئىچرە قاناپ يۈرمىش.
ئىزىمنى يولمۇ- يول ئىزداپ تېرىپ سەرسان ئۆسەكلەرنى،
ئېتىپ تۇترۇق نادامەتتە بېشىڭغا ئوت قالاپ يۈرمىش.
يولۇقسا يولدا ئەرۋاھلار مېنىڭدىن ئەرزى- ھال ئەيلەپ،
ئۆيى ئاچ قوغلىغان ئىتتەك مېنى گۈپشىپ تالاپ يۈرمىش.
چۈشىگە مەن ئەمەس، كىرسە مۇبادا پاللىدە سايەم ،
بىچارە چۈشكىمۇ باتناپ ساراڭلاچە چاناپ يۈرمىش.
چاپاننى گاھ كېيىپ تەتۈر ئىچىپ ياشىنى ھەسرەتتە،
جۇنۇنلۇق ئىلكىدە چىلتەن كېزىپ تۇغلار قاداپ يۈرمىش.
سېنىڭ مەيلىڭنى ياندۇرماق ئىمىش مەندىن خىيالاتى،
شاماللاردىن تىلەپ تارغاق شۇ كويدا باش تاراپ يۈرمىش.
كۈنى قاق يار تالاشقاننىڭ شۇ يەڭلىغ ئابدۇقادىردىن
ئۇمۇ ئۆز يارىچۈن ئىشقى ئوتىنى چوخچىلاپ يۈرمىش.
مەڭگۈلۈك كۈتۈش
ھەمىيشەم بەر ماڭا رەببىم مۇھەببەت سارى ئادىللىق،
يەنە ئىزھارىغا سۆيگۈم ئۈچۈن ۋەزنىمدا دادىللىق.
بۇلۇتتىن لەۋ يېرىپ چىققان تولۇن ئاي ئالدى ئەقلىمنى،
ئۇنىڭ ئىشقىدا بەخشەندە ماڭا سەرسانە سايىللىق.
ئېكەكتىن توزىغان زەررە قارا تۇپراقتا بۇ جىسمىم،
يەنە سەۋدايى باشىمغا قېلىچ تەڭلەيدۇ قاتىللىق.
ئشقتىن ئوت لاۋا قايناپ يۈرەك تاغىمنى چاك ئەتمىش،
يېنىمدا كۆز تىكىپ ھەردەم ياتار جانىمغا زامىنلىق.
نېچۈن دىلدار نەزەر ئەتمەس، جۇنۇن پەريادىغا يەتمەس،
نە يەڭلىغ باغرى تاشلىق بۇ، نە يەڭلىغ ئەھلى جاھىللىق!
مۇھەببەت بابىدا يەتسە جۇنۇن جانلار مۇرادىغا،
كۆڭۈل باغىمدا بېخ يارسا نە ئارمان ياردا مايىللىق.
كۆيۈك تاغ ئىلتىجاسىدىن نىگارغا كۆچسە شەيدالىق،
قېتىدا ئىككى چاقماقنىڭ گۈرۈلدەپ كۆيسە غاپىللىق.
ئايازدا گۈل باھار باشلاپ ۋىسالنىڭ كاككۇكى كەلسە،
ئەجەپمۇ، مەي كەبى يۇتسا مېنى، دىلدارغا نائىللىق.
تۆكۈلسە قانى ھېجراننىڭ ساداقەت زۇلپىقارىدا،
تىرىلسە كۆڭلىدە يارنىڭ يەنە بىر مەررە ئاقدىللىق.
بۇ مىسكىن ئابدۇقادىرنى ئالار ئوت غارىدىن بىر كۈن،
ئۇنىڭ مۇشتاقلىقىغا تەن بېرىپ شەيدايى قايىللىق.