چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1464 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 750|ئىنكاس: 0

شىركەت قۇرۇشتىكى ئاددى ئۇسۇللار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

شىركەت قۇرۇشتىكى ئاددى ئۇسۇللار


بۇنىڭ ئاددىي 2خىل ئۇسۇلى بار :
1-سودا-سانائەت ئىدارىسى ئارقىلىق .
2-مەخسۇس سودا-سانائەت ئىدارىسى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن شەخسى ئورۇنلار. مەسلەن: ئوقيا .چەۋەنداز دىگەندەك.

شىركەتنى ئەنگە ئالدۇرۇشتا تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇللارغا دىققەت قىلىڭ ،ھەم مۇشۇ تەرتىپ ئىچىدە ئەنگە ئالدۇرسىڭىز بولىدۇ:

1-شىركەتنىڭ تەشكىلى قۇرۇلمىسى يەنى شەكلىنى تاللاشقا دىققەت قىلىڭ:
ئىلگىرى ئادەتتىكى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 30مىڭ يۇەن بىلەنلا ئەنگە  ئىلىىناتتى ۋە 2ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق پايچەك بولاتتى. 2006-يىلدىن باشلاپ 1كىشى مەبلەغ سىلىپ قۇرغان شىركەتنى  ئالاھىدە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى،يەنى  1كىشىلىك مەسئۇلىيەت شركىتى دەپ ئاتالغان ،لىكىن يىزىلىشتا  ئۇنداق يىزىلمايدۇ.كىنىشكىگە بولسا :تەبىئىي شەخىس مۇستەققىل مەبلىغى دەپ يىزىلاتتى.
خەنزۇچە:
自然人独资.ئەڭ تۆۋەن ئەنگە ئالغان مەبلىغى 100مىڭ يۇەندىن تۆۋەن بولمايدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.ئەگەردە  ئەتراپىڭىزدىكى دوستلار ۋە باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ شىركەتنى ئەنگە ئالدۇرسىڭىز 30مىڭ يۇەن بىلەن ئەنگە ئالدۇرغىلى بولىدۇ. بۇ سىزگىمۇ ياخشى بولىدۇ ،ئەگەردە ئۆزىڭىز يالغۇز مۇستاققىل ئەنگە ئالدۇرماقچى بولسىڭىز ئۇنداقتا  100مىڭ يۇەن تەييارلاپ قويۇڭ...

2-شىركەتنى ئەنگە ئالدۇرشتىكى باسقۇچلار:
A-ئىسىمنى تەكشۇرتىش -ئاۋال سودا-سانائەت ئىدارىسىغا بىرىپ ،كارخانا ئىسمى تەكشۇرۇش ئىلتىماس جەدىۋىلىنى ئالىسىز.توشقۇزغاندىن كىيىن سودا-سانائەت ئىدىرىسى تورىدا تەكشۇرتىسىز .ئوخشاش ئىسىم بولسا ،ئىسىمنى ئۆزگەرتىسىز. ئۇنداق بولمىسا شۇ ئىسىم بويىچە بولىدۇ.ۋە شۇ ئىسىمنى تەكشۇرۇشتىن ئۆتكەن ئۇقتۇرۇش قەغىزى چىقىرىپ بىرىدۇ.ئادەتتە بۇنداق ئىشلارغىمۇ رەسمىيەت بىجىرىش ھەققى تۆلەيسىز.........
B-ئۆيدىن بىرنى تاپىسىز---مەيلى ئۆزىڭىزنىڭ مۇقىم مۇلىكى بولسۇن ياكى بىرەر يەردىن ئىشخانا قىلىشقا ماس كىلىدىغان ئۆي تاپسىڭىزمۇ بولىدۇ.ياكى بولمىسا  ئۆزىڭىزنىڭ  زاۋۇت ئورنىڭىزدىن ئىشخانا قىلىشقا ماس كىلىدىغان ئۆي تاپسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئىجارە ئالغان ئۆينىڭ ئىجارە توختامى ھەمدە ئۆي ئىگىسىنىڭ ئۆي كىنىشكىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسقىسىدىن بىرنى تەييارلىسىڭىز بولىدۇ. ئاندىن باج ئىدارىسىغا بىرىپ ماركا بىجى تۆلەيسىز. بۇنى خەنزۇچە: 印花税دەيمىز. يىللىق ئۆي ئىجارىسىنىڭ مىڭدەن بىرىنى تۆلەيسىز .مەسلەن : يىللىق ئۆي ئىجارىسى 10مىڭ يۇەن بولسا  ،بۇنىڭ 10يۇەن ئاشۇ باجغا كىتىدۇ. بۇنى ئۆي ئىگىسى بىلەن ئىجارە ئالغۇچى ياخشى بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ.
C-شىركەتنىڭ :  قائىدە-نىزامنامىسىنى تۇزۇش---سودا-سانائەت ئىدارىسىنىڭ تور بىتىگە چىقىپ شىركەت قائىدە-نىزامنامىسىنىڭ ئەۋرىشكىسىنى چۇشۇرۇپ كۆرۇپ بىقىپ ئاندىن شۇنىڭغا ماس ھالدا تۇزۇپ چىقىسىز. تۇزۇپ بولغاندىن كىيىن ھەر قايسى تەرەپلەر ئىمزا قويغاندىن كىيىن كۇچكە ئىگە بولىدۇ.
D-شىركەت تامغىسىنى باسقۇزىسىز--- قانۇنىي ۋەكىل تامغىسىنى 4چاسا شەكىلدە باسقۇرىسىز،قالغانلرىنى يۇمىلاق شەكىلدە باسقۇزسىڭىز بولىدۇ.
F-بوغالتىرلىق ئورنىغا بارىسىز---بوغالتىرلىق مۇلازىمەت ئورنىدىن : بانكا ماتىريال يىغىش جەدىۋىلىدىن بىرنى ئالىسىز .چوقۇم ئەسلى نۇسخىسى بولىشى كىرەك .خەنزۇچە:银行询征函دەپ ئاتىلىدۇ. بوغالتىرلىق مۇلازىمەت ئورنىنىڭ تامغىسى بولىشى كىرەك.
K-بانكىغا بىرىپ شىركەت مەبلىغى مۇلازىمىتىنى بىجىرسىز---باشقا پايچىكلار بىلەن ئۆزىڭىز تەييارلىغان پۇلنى شۇ ئىناۋەتلىك شىركەت كارتىسىغا سالىسىز.1- شىركەتنىڭ تامغىسىنى.2-سودا-سانائەت ئىدارىسىدىن چىقىرىپ بەرگەن ئىسپاتنى.3-شىركەت قانۇنىي ۋەكىل تامغىسىنى.4-كىملىك.5-بانكىنىڭ ماتىريال يىغىش جەدىىۋىلى ئىلىپ بانكىدىن مەخسۇن شىركەت ھىساباتىنى ئاچىسىز.ئىچىلغاندىن كىيىن  ھەر قايسى پايچىكلار ئۆزى سالغان مەبلىغىنى شۇ ھىساباتقا قويىدۇ.

شىركتنى تىزىملاتقان  ۋاقىتتا چوقۇم : نەق پۇل شەكلى ئارقىلىق تىزىملىتىدۇ. ۋە ياكى مۇقىم مۇلۇك ئارقىلىق تىزىملاتسىمۇ بولىدۇ .مەسلەن :ماشىنا ،ئۆي دىگەندەك. تىزىملاتقاندا  ئىشلىتىلدىغان مەبلەغ چوقۇم يىتەرلىك بولىشى كىرەك . بەلگىلىمە بويىچە ئىش قىلش كىرەك.
Q-مەبلەغ تەكشۇرۇش دوكىلاتىنى بىجىرىش كىرەك--- بۇنى بوغالتىرلىق مۇلازىمەت ئورنىغا بىرىپ بىجىرسىز. مۇلازىمەت بىجىرىش ھەققى تۆلەيسىز..........تەييارلاشقا تىگىشلىك ماتىرياللار ئۇستىدە يىزىغلىق..........
V-شىركەتنى تىزىملىتىسىز---سودا-سانائەت ئىدارىسىغا بىرىپ شىركەت تىزىملىتىشقا ئائىت جەدىۋەللەرنى ئىلىپ تولدۇرىسىز.
1-تىزىملىتىش ئىلتماس جەدىۋىلى .2-پايچەك تىزىملىكى.3-باش دىرىكتۇرنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئەھۋالى .4-قانۇنىي ۋەكىل تىزىملىتىش جەدىۋىلى.5-قوشۇمچە قانۇنىي ۋەكىلى ياكى ۋاستىچى قانۇنىي ۋەكىلى جەدىۋىلى. بۇلارنى توشقۇزۇپ بولغاندىن كىيىن : Kبەلگىلىمىدىكى ئۇسۇللار بويىچە ماتىرياللارنى سودا -سانائەت ئىدارىسىغا تاپشۇرسىز. ئادەتتە  3كۇن ئىچىدە كىنىشكە  قولىڭىزغا تىگىدۇ .مۇلازىمەت ھەققى بولسا 300يۇەندىن -500يۇەنگىچە بولىدۇ .بىراق ھەر قايسى ئورۇنلاردا ئوخشىماسلىقى مۇمكىن............
M-تىجارەت كىنىشكىسىنى ئالىسىز---ئاندىن جامائەت خەۋەبسىزلىك ئىدارىسىغا بىرىپ ، ئۇلار بەلگىلىگەن ئورۇنغا بىرىپ مالىيە تامغىسىنى باسقۇزىسىز. ئاممىۋىي تامغىنى باسقۇزىسىز.
Z-ئاندىن كىيىن ---شىركەت  تەشكىلىي قۇرۇلما ۋاكالىتەن نومۇر كىنىشكىسىنى بىجىرسىز.خەنزۇچە:企业组织机构代码证دەپ ئاتىلىدۇ. تىجارەت كىنىشكىسىنى ئىلىپ تىخنىكا نازارەت ئىدارىسىغا بىرىپ بىجىرسىز. مۇشۇنىڭغا ئاساسەن كىيىن باج كىنىشكىسى ۋە ھىساۋات ئاچقىلى بولىدۇ. ئاساسىي ھىساۋات ئاچقاندا ئەڭ ياخشىسى ھەممە ئىسپات ۋە ماتىرياللارنى تولۇق ئىلىۋىلىڭ.
H-باج كىنىشكىسى بىجىرسىز---بۇلار ئادەتتە --1-دۆلەتلىك باج .2-يەرلىك باج دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ.بۇلارنى بىجىرگەندە چوقۇم لاياقەتلىك كىنىشكىسى  ۋە كىملىكى بار بوغالتىر بولىشى كىرەك.
J-ئەڭ ئاخىردا  ---باج تالۇنى ئالىسىز---   1- ئەگەردە مەھسۇلات سىتىش خارەكتىرلىك بولسا --دۆلەتلىك باجغا .2-مۇلازىمەت خارەكتىرلىك بولسا يەرلىك باجغا بارىسىز.
ئىسىڭىزدە بولسۇن :ھەر ئايلىق باج تاپشۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،خاتا ياكى كۆپ پايدا ئىلىپ ئاز مەلۇم قىلسىڭىز بۇ باج ئوغۇرلىغانغا كىرىدۇ..........
1-مەھسۇلات سىتىش خارەكتىرىدىكى باجدىن ئادەتتە  --3%بويىچە بولىدۇ .
2-مۇلازىمەت خارەكتىردىكى باجدا ئادەتتە ---5%بويىچە بولىدۇ.
كىچىك شىركەتلەرنىڭ پايدا نىسبىتى بويىچە ھىسابلىغاندا ئادەتتە ---18%بويىچە بولىدۇ . بىر قىسىم كۆلەمگە ۋە بازارغا ئىگە بولغان شىركەتلەر ئۇچۇن --18%دىن 33%كىچە بولىدۇ.

شىركەت قۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاددى شەرتى ۋە باسقۇچلىرى بولسا :
1-قانۇنلۇق ئورۇن تىپىش .
2-سودا-سانائەت ئىدارىسىغا شىركەت تىزىملىتىشقا ماس كىلىدىغان ئىسىم قويۇش.
3-تىزىملىتىشقا يىتەرلىك مەبلەغ بولۇش .
4-تىجارەت كىنىشكىسى بىجىرىش.
5-ئاممىۋىي تامغا . مالىيە تامغىسى .قانۇنىي ۋەكىل تامغىسى باسقۇزۇش.
6-شىركەت تەشكىلىي قۇرۇلما ئىجازەت نومۇر كىنىشكىسى بىجىرىش.
7-دۆلەتلىك باج ۋە يەرلىك باج كىنىشكىسىنى بىجىرىش.
8-بانكىغا بىرىپ شىركەت ھىساۋاتىنى ئىچىش.
9-ئالاھىدە تىجارەت بىلەن شۇغۇنلىنىدىغانلار بولسا -ئالاھىدە كىنىشكىلەرنى بىجىرىش.مەسلەن : مىھمانخانا ئاچىدىغانلار .دوختۇرخانا ئاچىدىغانلار .سەھىيە-خىمىيە  .....ئامانلىق ئىشلىرى دىگەندەك...
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئەرنىڭ غېمى ئەلدە كۆرۈنەر، دېھقاننىڭ مېۋىسى يەردە

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-4-1 23:02 , Processed in 0.337216 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش