چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1467 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 884|ئىنكاس: 1

(ئوسمانجان ساۋۇت) شېئىرلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
pasan
ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرى
**************************
ماۋزۇسىز شېئىرلار
****************
ۋىجدانەن ياشىدىم،بىر نى بىر دېدىم،
بېشىمدا ئوينىدى قان چېچىپ تاياق.
ئىت بولۇپ ياشىدىم،ھەر نېمە يېدىم،
ئالدىمغا قويۇلدى ئالتۇندىن ئاياق!

ئۇيۇلۇپ ياشىدىم،ئۇپرىدى خوپ جان،
كېمەيدى نېسىۋەم،تارايدى يوللار...!
تەلۋىگە ئايلاندىم،كۆتۈردۈم چۇقان،
ئاسمانغا ئېتىشتى مېنى كۆپ قوللار...

ياخشىلىق تىلىدىم ھەركىمگە ھەر كۈن،
ئورۇلدى بۇغدىيىم تېخى پىشماي خام.
جىن بولۇپ ياشىدىم،ياتمىدىم ھەر تۈن،
نى كۆركەم پەرىلەر ماڭا بولدى رام.

مېھرىمنى خەجلىدىم،سۆيگۈ تاراتتىم،
نەپرەتلىك نىگاھلار تەشتى قەددىمنى.
ئۆكتەمگە ئايلاندىم،كۆپنى قاراتتىم،
نازاكەت،جىلۋىلەر ئالدى ھەددىمنى.

ئاھ پەلەك نېمەدەي مىجەزىڭ تەتۈر،
سەن بىلگەن نە ئوي بار كەلتۈرە،كەلتۈر!
مەنبە:شائىرنىڭ«تاڭ لىرىكىلىرى»توپلىمى

تاڭلار بىلەن سۆزلىشىش
*********************
1
سىنچىلاپ قاراپ باقتىم تاڭ ۋەسلىگە،
بىھېساپ سىرلار ئاڭا ئۈيۈلگەندەك.
ئويلىسام ئۇنىڭدىكى سىر ئەسلىدە،
ئىش ئىكەن گۇياسۆيگەن،سۆيۈلگەندەك.

سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشتە سىر بولمايدۇ،
يۈرەكلەر ئېچىۋېتەر مىڭ قېتىنى.
ھەر قاتتا تۈمەن زەررە نۇر ئوينايدۇ،
شۇڭا قۇت قويغان سۆيگۈ ئۆز ئېتىنى.

ياپراقلار،گۈل كاسسىسى،چېچەك شەبنەم،
نۇرلاردىن نۇردىن ئۆزگە سىر سەزمەيدۇ.
دىلىنى يۇشۇرمايدۇ تىلسىز ئالەم،
بەل كېزەر ئۇندا،ئەمما سىر كەزمەيدۇ.

ۋاراقلاپ ئوقۇپ چىقتىم تاڭ بىر كىتاب،
ھېكمىتى كۆپ،يوق ئەمما چۈمپەردىسى.
تاڭ ئەينى دېدى تېڭىم قىلىپ خىتاب،
پەردىسىز يۈرەكلەرنىڭ سەھىپىسى.
2
تۈگىمەس كۈيدۇر ماڭا پارلاق تاڭلار،
تۈگىمەس كۈي ھەققىدە مېنىڭ قىسسەم.
تاڭلاردىن تۇغۇلىدۇ تاڭدەك ئاڭلار،
تاڭ بىلەن ئېرىپ پۈتەر غەمۇ- غۇسسەم.

رەڭلەرنىڭ جىلۋىسىدىن كۆز قامىشار،
ئۇپۇققا ئۇيۇپ قالار مۇھەببىتىم.
شولىلار چوققىلارغا ئۆز،يامىشار،
ئاياغسىز قالار تاڭغا قانائىتىم.

تارلارغا قونۇپ قالار شوخ ئاھاڭلار،
كۆرسىتىپ يۈرەكلەرگە كارامەتنى.
تاڭ سازى جاراڭلايدۇ،دىل جاراڭلار،
تۇيغۇلار باشلىۋېتەر پاراغەتنى...

ھاياجان پەللىسىدە تۇرۇپ قالدىم،
بۇ سېنىڭ خۇمارلىقنى تەرگىنىڭمۇ؟
سېنىڭدە دىلبىرىمنى كۆرۈپ قالدىم،
ئاخشام ئاي تىقىۋالغان ئىدى ئۇنى،
بۇ سېنىڭ ياندۇرغىنىڭ،بەرگىنىڭمۇ؟
3
سېنىڭدىن يىراقلاردا يۈرگىنىمدە،
ساڭا تەن ھېسلىرىمنى بۆلگىنىمدە؛
خۇمارى تۇتۇپ يەنە ئەركىلەشنىڭ،
سېغىنىش ھەسرىتىدىن ئۆلگىنىمدە؛

تاڭلارغا تەشنا بولۇپ قاراپ باقتىم،
چېچىڭ دەپ شولىلارنى تاراپ باقتىم.
مېھرىڭدەك مېھىر ئىزدەپ تاڭ ۋەسلىدىن،
خېلى بىر چاغلارغىچە ماراپ باقتىم.

جورۇيمەن ياخشىلىققا چۈشلىرىمنى،
سەپەرۋەر قىلىپ ھەممە ھوشلىرىمنى.
تاڭ بىلەن يېتىپ بار،دەپ سەن تەرەپكە
ئۇچۇردۇم خىيالىمنىڭ قۇشلىرىنى.

ھومىيىپ قاراپ قويدۇڭ ماڭا ئاخشام،
چۈشۈمكەن،تۈمەن شۈكرى،پۈتۈن ئاخشام،
ئوغلۇڭنىڭ يۈرىكىدە بىر سېغىنىش،
زېمىنمۇ كۆيۈپ كېتەر ئۇنى ياقسام!

تاڭلارغا تەشنا بولۇپ قاراپ باقتىم،
چېچىڭ دەپ شولىلارنى تاراپ باقتىم.
مېھرىڭدەك مېھىر ئىزدەپ تاڭ ۋەسلىدىن،
خېلى بىر چاغلارغىچە ماراپ باقتىم.
4
تاڭ بىلەن تۆشىكىمدىن تۇرغىنىمدا،
سۈبھىگە قوللىرىمنى سۇنغىنىمدا؛
دۇئادا دەپ ئويلايمەن،سېنى،ئانا،
ئاۋازىڭ جاراڭلايدۇ قۇلىقىمدا.

پىراقىڭ جىغىلدىتار يۈرەكلەرنى،
تىكەندىن ئېچىلدۇرار پورەكلەرنى.
سەن ئۈچۈن ئىزدىۋېدىم ئېسىل سوۋغات،
مەۋجۇدات باشلىۋەتتى كۆرەكلەرنى.

تاپمىدىم،تاپالمىدىم لايىقىڭنى،
قۇياش،ئاي سۆيسۈن سېنىڭ ئايىغىڭنى.
ئۇلۇغلار سېنى سۆيگۈم ھامان،دېمەك،
ھېچ كىممۇ تۈگىتەلمەس بايلىقىڭنى.

مېھرىڭنىڭ تامچىسىنى تاشقا بەردىم،
مۆجىزە-كارامەتنى تاشقا تەردىم.
تاشلاردىن ئۈنۈپ چىقتى مېھرىگىياھ،
كۆز ئۈزرە پەرۋازلارغا قانات كەردىم.

ئەجەپمۇ ئوخشايدىكەن تاڭلار ساڭا،
سۆزلەيدۇ سەن توغرۇلۇق قىسسە ماڭا.
باردەكلا تۇيۇلىسەن تاڭ قوينىدا،
ئىزدەيمەن تاڭدىن سېنى،تاڭدىن ئانا.
5
ھېلىمۇ بىكەتلەردە تۇرامسەنكىن؟
ئوغلۇڭنى ئوغۇللاردىن سورامسەنكىن؟
گۈل خۇمار ئىدى ئوغلۇم گۈل كۆرسۇن دەپ،
ھويلىنى كۆپ گۈللەرگە ئورامسەنكى؟

ئاجايىپ بىر كۆڭۈلنىڭ ئىگىسى سەن،
ھەر كىمنى،ھەر كۆڭۈلنى شاھ بىلىسەن.
يۇيىسەن كۆڭۈللەرنى كۆڭلۈڭ بىلەن،
ئالەمدە كۆڭۈل ئىزدەپ،ئېھ،كېلىسەن!

ئىزىڭدا نۇرلار ئاقار تارام- تارام،
ۋالىلداش،يالتىراشلار ساڭا قارام.
پۇرايسەن ئالما كەبى ھەردەم- ھەردەم،
بېجىرىم ھەر نەپىسىڭ ماڭا ئارام.

سېغىندىم،سېغىنىشنى تەگىدىم مەن.
(يۈگەنسىز خىياللاردىن سەگىدىم مەن.)
ئوخشىتىپ سېنى تاڭغا،تاڭدا تۇرۇپ،
ئۆزۈڭدەك شۇ تاڭلارنى ئەگىدىم مەن.
6
ئامەت دەيمەن سەن كۆرگەن چۈشنى،
ئامەت دەيمەن ئىزلىرىڭنى مەن.
ئامان بول دەپ سالىمەن چۇقان،
ئىككى ئالەم ھاياتىم ئۇ- سەن.

ئامەت دەيمەن سەن چىققان دۆڭنى،
ئامەت دەيمەن سەن بارغان چۆلنى.
ئامان بول دەپ سالىمەن چۇقان:
تىلەك تامچە،بەر،تەڭرىم،كۆلنى!
7
باغرىمدا بىر كۆيۈك بار مىسلى گۈلخان،
جۇش ئۇرغان نۇر ئېقىنى سەزگۈلىرىم.
شۇ تاپتا كېلىپ كەتتى بىردىن پىنھان،
قۇياشنىڭ قۇچىقىنى كەزگۈلىرىم.

قوللىرىم قاناتلارغا ئۆرۈلگەندەك،
كەرسەملا باشلىنىدۇ بۈيۈك پەرۋاز.
كۆزۈمگە ئاجايىبات كۆرۈنگەندەك،
ئاڭلىدىم،ياڭراپ كەتتى غايىپ ئاۋاز.

ئالدىمدا تۇرۇپ قالدى شۇندا دۇنيا،
تۆكۈلۈپ قاسراقتەك ئىللەتلىرى.
سۈزۈكلۈك ئىلاھىدەك ئۇ بىر گويا،
ئاق قۇشتەك جەۋلان قىلار خىسلەتلىرى.

ئىككىمىز بولۇپ كەتتۇق ئىرماش-چىرماش،
غەمزىلەر قوندى كۈي بوپ قەترىلەرگە.
تەۋەررۈك قەدەملەرگە قويۇشۇپ باش،
شوخ گۈللەر كۆمۈۋەتتى ئەترىلەرگە.

ئاجايىپ سۈرەتلەرنى بەردىڭ ماڭا،
ئاجايىپ تۇيغۇلارنى قويدۇڭ قويۇپ.
نۇرلارغا ئايلانمىسام ئېلىۋالامسەن،
تۇيغۇ ۋە سۈرەتلەرنى دىلدىن ئۇيۇپ؟
8
شېرىن چۈش ئالىمىدە تۇرماقتىمەن،
يۇلتۇزلار چاراقلايدۇ زەررىلەردە.
ئاجايىپ ئىنشائاتلار قۇرماقتىمەن،
تاغلارنى يۈكلەپ گويا زەررىلەرگە!

بەرگلەر بەرگلەرگە پىچىرلايدۇ،
كۈيلەرگە تىنىپ كەتكەن بوشلۇقىمىز.
<<زېمىننىڭ ئوقى تىنماي غىچىرلايدۇ>>
ئۈزۈلمەس دېمەك خوشلۇق،خوشلۇقىمىز...

سىرىڭنى سۆزلە،دېدىم تەبىئەتكە،
ئېقىندەك ئاقتى گويا ھېكمەت دېگەن.
بېشىمچە كىرىپ كەتتىم مۇھەببەتكە،
لەززەتلىك،شۇنچە شىرىن،شۇنچە لېۋەن.

يۈرەكتىن چۈشسە ئاڭا بىر يۇلتۇز-ئوت،
يېنىشنى كۆرۈپ قويسۇن شۇندا يېنىش.
چىن سۆيۈش-سۆيۈلۈشتە يۈز ئۆرۈش يوق،
يالغانلار ئارىلاشسا بولار چېنىش.

ھېسلىرىم چاچراپ تۇرار تۇتۇق بەرمەي،
ھەر گۈلنى،ھەر ياپراقنى سۆيۈپ ئۆتەر.
ھەر قەترە،ھەر زەررىدىن سۈمۈرۈپ مەي،
كۆيدۈرۈپ ھەممىسىنى كۆيۈپ ئۆتەر.

ئاز ئەمەس قازغان دۇرلار سەندىن پەۋەس،
ئۇنى مەن يالغۇز ئۆزۈم ئالىمەنمۇ؟
ئولجىنى يالغۇز يېگەن يىگىت ئەمەس،
ساڭىمۇ يېرىمىنى سالىمەنمۇ؟
9
بالقىيدۇ قىيالاردا شۈمۈلگەن ئاي،
ئەنە ئۇ سۈبھى ئۈزرە سىڭىپ كەتتى.
تاشلارغا جان كىرگەندۇ بەلكى ئايھاي،
پارلىغان يان بېغىرلار يېنىپ كەتتى.

دۈرۈلدەپ تۆكۈلىدۇ يامرىغان نۇر،
نۇرلارغا تاغۇ تاشلار قېنىپ كەتتى.
تاڭ چېغى يارىتىلمىش قانداق مەغرۇر،
ئۇ،تۈندىن،تۈن ئۇنىڭدىن تېنىپ كەتتى.

ياڭرايدۇ تاش تىلىدا نۇر ناخشىسى،
ئوخچۇيدۇ دىلدىن دىلغا شادلىنىشلار.
ماختىلار ئىش-ھەرىكەتنىڭ ئەڭ ياخشىسى،
نۇرلىنىش-نۇردىن نۇرغا ئاتلىنىشلار.

ئاي ئۈزرە،نۇرلار ئۈزرە بىر قىياپەت،
مەن ئۇندىن مەڭگۈ ھايات كۆرۈپ قالدىم.
غۇبارسىز ۋەسىللەردە يوق قىيامەت،
سۆزلە،تاڭ،سۆزلىرىڭگە كۆيۈپ قالدىم.
10
ئادەمدىن پەرىزاتقا ئايلاندىم مەن،
دەسلەپ بىر پەرىزاتنى سۆيگىنىمدە.
يوللاردا يولچى بولۇپ سايلاندىم مەن،
ئاجايىپ ئوت ئىچىدە كۆيگىنىمدە.

بىر قىران بۈركۈتكە نەق ئوخشاپ قالدىم،
تور نېمە،تۇمان نېمە،چۈشمەس ئەسكە.
ئاجايىپ خىياللارنى ئويلاپ قالدىم،
نىگاھلار يۈكسەكلىكتە،چۈشمەس پەسكە.

ھەسرەتنى يالغۇز ئۆزۈم ئالغۇم كەلدى،
كۈلكىنى بارسۇن دېدىم ئۆزگىلەرگە.
جۇت بىلەن يالغۇز ئۆزۈم قالغۇم كەلدى،
خىرىس قىپ باغرى مۇزدەك رەزگىلەرگە.

ئۆچكەن بىر چىراغلارنى پەرلىمىدىم،
يانغاننىڭ بولدۇم شۇئان پەرۋانىسى.
تىغ دەسسەپ يۈرگەندىمۇ تەرلىمىدىم،
ئاتالدىم مەردانىنىڭ مەردانىسى.

چاڭلارنى،توزانلارنى يەلگە بەردىم،
ئۆزۈڭنىڭ شورى دېدىم،توزغانلارغا.
ئاق يول دەپ،مۇبارەك دەپ بەلگە بەردىم،
بەيگىدە مەنزىللەرگە ئوزغانلارغا.

شولىدەك پەيدا بولدۇم ھەر كەڭلىكتە،
چاقنىدىم،ۋالىلدىدىم،تاراپ كەتتىم.
قالمىدىم سىناقلاردا ھېچ تەڭلىكتە،
ئىشقىلىپ كارغا كەلدىم،ياراپ كەتتىم.

دەۋرىسە دەريا بولۇپ تاغلار راۋان،
كۆرۈمەن ئاشۇ ئالتۇن چاغلىرىمنى.
ياكى سەن تۇنجى سۆيگۈ يا سۆيگۈ تاڭ،
باغرىڭغا تېڭىپ قوياي باغلىرىمنى.

بىر قانداق قۇسۇر يوقتۇر سۆزلىرىمدە،
يىك بېسىپ تۇرغاندۇر-ھە سۆزلىشىشلەر؟!
زور سەنۇ،سىغىپ كەتتىڭ كۆزلىرىمگە،
كۆزلەردىن باشلىنىدۇ ئۆزلىشىشلەر.
11
شان ئۈچۈن ئاتالغاندۇر ھەيرانلىقىم،
تولغاندىم،ھۆسنۈڭنى دەپ ياتالمىدىم.
سەن ئۈچۈن بولدى ئۈنچە قازغانلىقىم،
ئىزدىدىم،تەرىپىڭنى تاپالمىدىم.

سوقۇلدۇم زېمىندىكى ھارارەتكە،
سۆيۈمەن مەڭگۈ بۇنداق سوقۇلۇشنى.
ئورايمەن سېنى سۆيگۈ-جاسارەتكە،
سۆيگۈلەر بىلمەس ھەرگىز سوغۇلۇشنى.

شاخارىپ كەتتى يەنە مەغۇرۇرلۇقۇم،
ئىگە دەپ مەنمۇ سېنىڭ ھەر قەترەڭگە.
بەخشەندە ئىلھاملىرىم ئالەم-ئالەم،
مۇقەددەس،تەڭدىشى يوق ھەر زەررەڭگە.
12
بىر پورەك ياقا يىرتتى كۆرۈپ قالدىم،
ئېڭىمدا جىمى جاھان يورۇپ كەتتى.
پەيزىنى تەبىئەتنىڭ سۈرۈپ قالدىم،
ئىلھامىم ئاياغلاندى،تۇرۇپ كەتتى.

يايرىدى گۈل-گىياھلار سەزمەكتىمەن،
ئۆزگىچە ئەمەس خىلى جېنىمىزدىن.
قەترىلەر مىسلى دېڭىز كەزمەكتىمەن،
ئۇندا قان پەرقسىزدۇر قېنىمىزدىن.

زېمىننى ئېمەر پورەك،كۆكنى ئېمەر،
ئېسىللىق پۈتۈلگەنكەن يىلتىزلارغا.
ھېسابسىز شەربەت ئىچەر،كەۋسەر ئىچەر،
چاراقلاپ قارايدۇ ئۇ يۇلتۇزلارغا.

ئېچىلدى بىر تال پورەك،بىر تال غۇنچە،
لەۋسىمان بەرگىلەردە،كۈلكە،كۈلكە.
شادلىققا ئوخشاپ قالدى پورەك شۇنچە،
يۈرەكلەر ئوخشاپ قالدى گۈلگە،گۈلگە.

گۈللەر ھەم،پورەكلەر ھەم يېيىشتى رەڭ،
سۆيۈنۈش،بەخش ئەتتى تاڭدا ھەريان.
مىڭ پورەك شادلىقىنى سۆزلەيدۇ كەڭ،
بىر پورەك ۋەسلىدىكى ئاشۇ جەريان.

پارلاق بىرجىلۋىلەرگە كۆمۈۋەتتىڭ،
ئۇنىڭسىز دەمدىن دەمگە ئۆتەلمەيمەن.
ھېسابسىز ئىشتىياقنى تۆكۈۋەتتىڭ،
ئۇنىڭسىز نەپەس ئېلىپ يۈرەلمەيمەن!
13
كۆڭۈلسىز كەچمىشلەرنى ئەسلەتمەيسەن،
كۆڭلۈمنى ئۆستۈرىسەن،پەسلەتمەيسەن.
چىنلىققا تەڭرى دېسە،سېنى دېسۇن،
راستچىلسەن،ھۆل كېسەككە دەسسەتمەيسەن.

بارمايمەن ئەمچىلەرگە يارىلانسام،
سەن بارسەن شىپا ئىزدەپ دارىلانسام.
ۋە ياكى ساڭا ئوخشاش يانغىنىمچۈن،
ئىچ-تېشى ئالىلاردىن ئالىلانسام.

ئۆسەكلەر قاپلىغاندا گاھى-گاھى،
بۇ ئەسلى ئاجىزلىقنىڭ مۇڭلۇق ئاھى.
بۇمۇ بىر بەندىلىكتە،بەندىلىكتىن،
پاك ئەمەس بەندىلەرنىڭ بۇ دەرگاھى!

ھېكمەتلىك سېنىڭ قولۇڭ قۇياش،قۇياش،
سىيپىدىڭ بولدى تېنىم ساڭا ئوخشاش.
ئىككىمىز سۆزلىشىمىز،بېجىرىممەن،
مەن مەڭگۈ قېرىمايمەن،مەن مەڭگۈ ياش.
14
تاڭ يەنە كۆرگىن دېدى،بۈگۈن سىزنى،
ئۇچراشتۇق،نۇر قۇتلىدى ئىككىمىزنى.
ئايرىلىش ئۈزۈلمەپتۇ ئارىدىكى،
ئۇستازلىق ۋە شاگىرتلىق رىشتىمىزنى.

تاڭدەك بوپ كېتىپسىزغۇ،يالتىرايسىز،
بىلىمەن،يالتىراشقا ئالدىرايسىز.
ئىزگۈلۈك ئىزدەيسىزا،ئىزدەيسىزا،
ئىزگۈلۈكتىن ئۆزگىگە قارىمايسىز.

ياش تولدى كۆزلىرىمگە،ئېسەدىدىم،
يۈرەككە ئەرك بەردىم،تېپە،دېدىم.
نېمانچە لەززەتلىكتۇر دىدارلىشىش،
كۆڭلۈمگە تاڭ شارابىن ئىچە،دېدىم.

ھەممىگە مېھرىڭىزنى تەڭ تۆكتىڭىز،
قالتىسسىز،تار يەردىمۇ كەڭ ئۆتتىڭىز.
كەستىڭىز ئەتىمىزگە توغرا كېسىم،
گۇگۇمدەك قاراشلارنى بەك سۆكتىڭىز.

ئاتا بوپ يېتىملەرگە غەم يېدىڭىز،
مەن تۇرغاندا يېتىم يوق،كەل دېدىڭىز.
ياغدى سىزدىن شاپائەت ئاق يامغۇردەك،
ئورمان ئېيىتقان ناخشىلار سىز ئىدىڭىز.

بالا-بەخىت،دېگەن بىر سۆزىڭىز بار،
بەخىت-قۇتنى قويۇشتا ئۆزىڭىز بار.
ئىشەنمىسە قارىسۇن لوقمان ھېكىم،
كۆزىمىزدە ھازىرمۇ كۆزىڭىز بار.

تۇغۇلۇپسىز بىز ئۈچۈن ئەمدى بىلسەك،
قەلبىڭىزنى باغ سۆزلەر باغقا كىرسەك.
ئەجرىڭىز بار تۈگىمەس زىممىمىزدە،
سىزنى دەيمىز ھەر جايدا ئۇلۇغ دېسەك.

تاڭدەك بوپ كېتىپسىزغۇ،يالتىرايسىز،
بىلىمەن،يالتىراشقا ئالدىرايسىز.
ئىزگۈلۈك ئىزدەيسىزا،ئىزدەيسىزا،
ئىزگۈلۈكتىن ئۆزگىگە قارىمايسىز!
15
ئۇچراشتۇقمۇ؟ئۇچراشتۇق،مەيلى،مەيلى،
ئۇپۇق بولار،كۆك بولار قىسمىتىمىز.
تۆت يۇمۇم لەۋ گوياكى لەيلى،لەيلى،
سۆيۈش بىلەن ئۆلچەنسۇن خىسلىتىمىز.

چاقىرماقتا،ئاق يوللار چاقىرماقتا،
يېڭى كۈندە يېڭىدىن ئىشىك ئېچىپ.
چاقىرماقتا،ئاق يوللار چاقىرماقتا،
ئۆزلەشكۈچى ئامەتتىن چاچقۇ چېچىپ.

چاقىرماقتا،گۈل باغلار چاقىرماقتا،
تەشنا كۈتكەن قىزىل گۈل دەستە-دەستە.

چاقىرماقتا،گۈل باغلار چاقىرماقتا،
سەپكە تۇرغان چىمەنلەر رەستە،رەستە.

تارتىشمايمىز،باقمايمىز،قارىمايمىز،
كەينىمىزدە قېپقالغان تۇريغۇلارغا.
ئالدىمىزدا بەخت بار،يالتىرايدۇ،
ئۈزۈپ گۇيا بەختىيار تۇيغۇلاردا...

قېنى چاپسان ماڭايلى تاشلاپ قەدەم،
سەزگۈ باشقا،ھېس باشقا،سەپەر باشقا.
تىنىقلارغا ئۇرۇلدى ھاياتىي دەم،
تۇتاشقاندۇر بىزنىڭ يول دەل قۇياشقا!
16
ياخشىلىقسىز ياشىماس،ياخشى جانلار،
ياخشىلىققا كۆمۈلدۈم،خامان ئالدىم.
تومۇرۇمدا جۇش ئۇردى يېڭى قانلار،
ئاپەتلەردىن قۇتۇلدۇم،ئامان قالدىم.

چۆللەر كەزدىم،ئالۋۇنغا كۆزۈم چۈشتى،
چاڭقاپ ئۆلدۈم،قەترە سۇ بولدى ھايات!
كارامىتىم پاش بولدى،ئۈنۈم ئۆچتى،
قوندى باشقا قۇش بولۇپ قارا مامات!

يولچى قۇيغان سۇ تاراپ تەنگە پەقەت،
ھاياتىمنى خەتەردىن تارتىۋالدىم.
قايتا كىرگەن جان قالتىس،قۇدرەت قالتىس،
تاغنى يۈدتۈم،ئۇچامغا ئارتىۋالدىم.

شېرىن- شەربەت تاغلاردىن ئۆتكىنىمدە،
شېرىن- شەربەت ياشناتتى بويلىرىمنى.
شىرنىسى يوق دەرەخنى سۆككىنىمدە،
بىلىۋالدى مېۋىلەر ئويلىرىمنى.

نۇر ۋەسلىدىن ۋەسلىمگە نۇر يۇققاندەك،
ياخشىلاردىن ياخشىلىق يۇقتى ماڭا.
ئاشۇلارنى سەن ئۇققىن،مەن ئۇققاندەك،
ئاشۇلارنى ئامانەت قوياي ساڭا!
17
تار تىترەپ،تارلار بويلاپ كۈي ئاققاندا،
كۆزۈمگە يار سۈرەتلىك ئاي باققاندا.
ئالتۇنغا ئۆرۈلىدۇ خىياللىرىم،
جىلۋىلەر چىرىغىغا ئوت ياققاندا...

كۆرمىگەن بىر چېچەكنى كۆرگىنىمدە،
سۆيمىگەن بىر ياپراقنى سۆيگىنىمدە؛
كۈمۈشكە ئۆرۈلىدۇ خىياللىرىم،
كۆيمىگەن ئوت ئىچىدە كۆيگىنىمدە.

شاماللار قانىتىدا ئىپار ئاڭقىپ،
يېڭى بىر پۇراق بىلەن ئۆتسە چاڭقىپ.
ئىپارغا ئۆرۈلىدۇ خىياللىرىم،
بارمىغان جايلار قالماي تازا قاڭقىپ.

كۆزۈمدە يېڭى ھۆسىن،رەڭ ئوينىسا،
پەيزىگە پەيزى خۇمار دىل تويمىسا؛
رەڭلەرگە ئۆرۈلىدۇ خىياللىرىم،
كۈلمەيسەن،كۈلەلمەيسەن رەڭ بولمىسا.

مەن سۆزلەپ خىياللارنى ساڭا بەردىم،
چىلان تۇپراق،مۇنبەت يەر ئۇرۇق تەردىم.
بىخ سۆزلەيدۇ بەرگىلەر قىسسىسىنى،
گۈزەللىككە جان تەردىم،قويۇق تەردىم.
1988-يىلى ئىيۇن،ئۈرۈمچى
مەنبە:شائىرنىڭ«تاڭلار بىلەن سۆزلىشىش»ناملىق توپلىمى.

ئەقىدە
******
مەن تېخى تاقەتتىن ۋاز كەچكىنىم يوق،
سەن دېگەن دوقمۇشتا تۇرىمەن كۈتۈپ.
ھەر سۆزۈڭ كىرىچتىن ئۈزۈلگەن بىر ئوق،
ماڭلايغا قىسمەتنى قويغان چىڭ پۈتۈپ.
بىر دەملىك يادىڭغا ئۆمرۈم تەسەددۇق،
سەن ياغقان چىراقلار قالمايدۇ ئۆچۈپ.

شۈركۈنلۈك شىۋىرغان دەۋەتلەر گۇيا،
تۇرىدۇ قۇلاققا ھەردەم قۇيۇلۇپ:
«يىتكەنلەر يوقالدى،ئاشۇنداق دۇنيا،
جۇلغۇنۇپ تۇرىدۇ ئۆمۈر سويۇلۇپ.
يېڭى بىر كۆرپەزلەر،بىر ئالتۇن قىيا.
ئالدىڭدا،يۈرمىگىن ئەمدى ئۇيۇلۇپ...»

سەن يۈرگەن يوللاردا كېلىمەن يالغۇز،
چىقمايدۇ ئىچىمدىن ئاشۇ بىر سادا.
كەچمىشلەر شېرىندۇر بەئەينى بالمۇز،
سۆيگۈلەر ئاسماندىن قۇيۇلغان يادا.
قىياغا چىقمايمەن،قېشىڭغا ئالغۇز،
قىزغىنىش،ھىجراندىن بولايلى ئادا.

ھەسرەتلەر قاينايدۇ،چاپچىيدۇ پىغان،
ئالەمدە ئەستىلىك تەڭرى نەقەدەر.
ئۇ قىلار ھۆسنىڭنى ماڭا ئارمىغان،
ئىزلىرىڭ مەھكۇمدۇر،ئىزدەي دەربەدەر.
سەرۋىلەر بەرگىدە ئىپار چاڭقىغان،
قولۇڭنى ماڭا سۇن!ئەكەل،ماڭا بەر.
مەنبە:شائىرنىڭ«زېمىن قەسىدىسى»ناملىق توپلىمى


ئەسكەرتىش: بىكەت باشلىقىنىڭ ئىجازىتىسز باشقا مۇنبەرلەرگە كۆچۈرۈش مەنئىي قىلنىدۇ.

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-6-19 11:32:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىلىم

ئاپتورى: ئوسمانجان ساۋۇت

سەندە بار تەڭداشسىز ئىلاھىي قۇدرەت،
يىللارنىڭ قوينىدا غالىپسەن ئەبەد.
سەن ئېسىل كۈيلەرنى قۇيدۇڭ قۇلاققا،
قولۇمغا تۇتقۇزدۇڭ بەئەينى جەننەت.

سەن ئىزھار قىلمىغان نازۇك ھېكمەت يوق،
ھەر مەنا سەندىكى چېچىلغان ئۇرۇق.
رەنا سەن ئالەمدە رەنالار ئارا،
يۈرىكىم پۈتۈندۇر، روھلىرىممۇ توق.

ھەر مۆچەڭ باغرىمدۇر سۆيگۈگە سوغراق،
مۆچەڭدىن كەچكىچە ئۆلگىنىم خوپراق.
ھەر مۆچەڭ يېنىدا بىردىن قۇياش بار،
ھەر مۆچەڭ بىر زېمىن، بىر سويام تۇپراق.

شولىدەك ۋالىلداپ چاقنايسەن ھامان،
چاڭ قونماس، پاكىزسەن، جاۋاھىر جانان.
پەرىزات جىلۋەڭدىن تاشمۇ پەرىزات
ۋە مېنىڭ ئۆمرۈممۇ، يولۇممۇ راۋان.

ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

ئاپتورنىڭ قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1997-يىلى نەشىر قىلغان «تەڭرىتاغ شاماللىرى» ناملىق توپلىمىدىن ئېلىندى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

زالىمنى يەر بىلەن تەڭ كۆر(موللا بىلال نازىمى)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-4-5 07:05 , Processed in 0.183442 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش