خوجا ئەھمەد يەسەۋى ۋە رۇبائېيلىرى
خوجا ئەخمەد يەسسەۋىي 11-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ،قاراخانىيلار سۇلالىسى تەۋەلىكىدىكى سايرام-ئىسپىجاپ شەھرىنىڭ سايرام بازىرىدا ئىبراھىم ئىسىملىك چوڭ بىر شەيىخ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.يەتتە يېشىدا ئىنىسى بىلەن يەسسەۋىي شەھرىگە كېلىپ بوۋىسى يېنىدا يەرلەشكەن.بۇ يۇرتتا ئارىسلان بابا ناملىق بىر چوڭ شەيىخنىڭ تەربىيىسىدە بولغان.كېيىن بۇخاراغا بېرىپ ،مەشھۇر تەسەۋۇپچى ھەمەدانىينى ئۇستاز تۇتۇپ،تەسەۋۋۇپ ئىلمىنى ئۈگەنگەن.1157-يىلى بۇخارا شەيىخ تونىنى كەيگەن.ئۇ ۋاپاتىغا قەدەر ئۆز نامىغا باغلىق بولغان زور ۋە كەڭ تەسىر كۈچىگە بولغان «يەسسەۋىيە تەرىقىتى»نى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ،ھەممە يەردىن ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەن مۇخلىسلىرى بولغان.ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا،ئۆز يۇرتى يەسسەۋىيگە كەلگەن.ئۇنىڭ بىر شېئىرىدا ،ئۇ مۇھەممەد پەيغەمبەردىن ئارتۇق ياشاشنى ئۆزىگە راۋا كۆرمەي،63يېشىدا يەر ئاستىغا –چىللىخانىغا كىرىپ،روزا تۇتۇپ،ئىستىقامەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقى مەلۇم.ئەخمەد يەسسەۋىي 1166-يىلى ۋاپات بولغان.
1
غەرب-پەقىر ،يېتىملەرنى قىلغىل شادمان،
خۇلقلەر قىلىپ ئەزىز جانىڭ قىلغىل قۇربان،
تۆئىمە تاپساڭ جانىڭ بىلەن قىلغىل مېھمان،
بۇ سۆزلەرنى ھەقتىن ئىشىتىب كەلدىم مانا.
2
ئايا ،دوستلار نادان بىلەن ئىلپەت بولۇپ،
باغرىم كۆيۈپ ،جاندىن تويۇپ ئۆلدۈم مانا.
توغرا ئېيتسام ئەەرى يولغا بوينىن تولغار،
قانلار يۇتۇپ ،غەم زەھرىەە تويدۇم مانا.
3
تەمە قىلما نادانلاردىن قەدرىڭ بىلمەس،
زۇلمەت ئىچرە يول ئاداشساڭ يولغا سالماس.
بوينۇڭ قىسىپ رازى قىلساڭ قۇلۇڭ تۇتماس،
نادانلاردىن شىكۋە ئەيلەب كەلدىم مانا.
4
قۇل غۇجا ئەخمەد خىزمەتىدە جان بەرمەسە،
دەھقان ئېرمەس كېتمەن چاپىب نان بەرمەسە،
ئاچىلماغاي گۈل غۇنچەسى نەم بولماسە،
نېچۈك ئىلاج ئېتەرىمنى بىلمەم دوستلار.
5
دۇنيا مېنىڭ دېگەنلەر،جاھان مالىن ئالغانلار،
كەرگەس قۇشتەك بولىبان ئول ھارامغە باتمىشلەر.
6
موللا مۇپتى بولغانلار ،يالغان دەئىۋا قىلغانلار ،
ئاقنى قارا قىلغانلار ئول تامۇغغە كىرمىشلەر.
7
قازى ئىمام بولغانلار،ناھەق دەۋا قىلغانلار،
ھۇمار يەڭلىغ بولىبان يۈك ئاستىدا قالمىشلەر.
8
ھارام يېگەن ھاكىملار،رىشۋە ئالىب يېگەنلەر،
ئۆز بارماقىن تىشلىبان قورقۇب كۆرۈب قالمىشلەر.
خوجا ئەھمەت يەسەۋى ھەققىدە مۇنداق بىر قىزىقارلىق رىۋايەت بار:مىلادى1158-يىلى ماشايىخ قۇل خوجا ئەھمەد غوجا ھەج سەپىرىگە ماڭغىىنىدا بۇخاراغا يېتىپ كەلگىنىدە بۇ جايلارنى ۋابا قاپلاپ،كىشىلەر ئۈلۈپ قىرىلىپ كېتىۋاتقانىكەن.ھاكىم خوجا ئەھمەت يەسەۋىدىن ئەل-يۇرتنى قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلغانكەن.ئالىم ۋابانىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرگەندە،شەھەردىن يىراق دالىدا يىللاپ ياشناپ كۈكۈرۈپ تۇرىدىغان ئاسمان پەلەك بىر دەرەخنىڭ قۇرۇپ قالغانلىنى،شۇندىن باشلاپ بۇ مېرەز كېسەلنىڭ يامراپ نۇرغۇن بالا،ئاجىز -يېتىملەر كۆپلەپ قىرىلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئۇقۇپتۇ.ئۇ ھەج سەپىرىدىن ۋاز كېچىپ،كارۋاننى ھەج سەپىرىگە ماڭدۇرۋېتپ،ئۆزى شۇ كونا قەدىمكى قاقشال دەرەخ تۈۋىگە كېلىپ،يېشىل تونىنى بىرنى سىلكىپ ئاتقانىكەن،تون ئۇچۇپ-ئۇچۇپ شۇ دەرەخنىڭ ئۇچىغا ئېلىشىپ ئۇنى ياپقانمىش.كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقىچە قاقشال بوپ كەتكەن دەرەخ قايتىدىن ياشىرىپ ئەسلىگە كەپتۇدەك.شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەلدىكى ۋابا يوقاپ كەتكەنمىش.شۇ چاغدا غايىپتىن شۇنداق بىر سادا كەلمىش: ھەج سەپىرىڭ تامام،ئاللاغا ئىبادىتىڭ تېگىل بولدى. مەككىگە بارمىساڭمۇ بولىدۇ شۇ ۋەجىدىن ئالىم ھەج سەپىرىدىن ۋاز كېچىپ،ئۆز يۇرتىغا قايتقانىمىش.
بۇ بىر رىۋايەت،ئەمما بۇنىڭدا غوجا ئەھمەت يەسەۋىنىڭ ئەل سۆيەر ،ھەققانىيەتچىل پەزىيلىتى نامايان بولىدۇ.ئالىم ئاخىرقى ئۆمرىنى روزا تۇتۇپ،گەمىدە پەيغەمبەر يېشىدىن ئارتۇق ياشاشنى خالىماي،ئۆلۈمىنى ئاللادىن تىلەپ،كېچە-كۈندۈز ئىستىقامەتتە بولغان بولسىمۇ،يەنە بىر يىلدىن ئارتۇق ياشاپ،ۋاپاسىز دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشقانكەن.ئۇ ھەتتا ياغاچ قۇشۇق ياساپ ھالال ئەمگەك تەرى بىلەن ھايات كەچۈرگەن.نۇرغۇن ئالتۇن-كۈمۈش،مال-ۋاران،باغ-ئېتىز ھەدىيە ئالسىمۇ،ھەممىسىنى نامرات-يېتىم-يېسىرلارغا ئۆلەشتۈرۈپ بەرگەن.ئۇ نەگە ماڭسا،ئارقىسىن 2000دەك مۇرت ئەگىشىپ،ھالقا تۈزۈپ،زىكرى ساما سېلىپ،ھەيۋەت بىلەن يۈرەرمىش.ھاكىم،بەگلەرمۇ ئالدىغا چىقىپ،نۇرغۇن سەدىقە بېرىپ،ئۇنىڭ ئايىقىغا باش قۇياركەن.ئېيىتشلارغا قارىغاندا ،ئەھمەد يۈكنەكى بۇخارا مەدرىسىدە ،قۇل غوجا ئەھمەد يەسەۋىدىن ئۇنىڭ تەرىقىتىگە مۇرت بولۇپ،ساۋاق ئالغان.بۇ ئالىمنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا شۆھرىتى ھەقىيقەتەن زور بولغانلىقى ئۇنىڭ تەسەۋۋۇپ ئىدىيىسىنىڭ ئەل ئىچىگە كەڭ يىلتىز تارتقانلىقىدىن،ئەخلاق -پەزىيلىتىنىڭ نۇرلۇق مەشئەلدەك ئەل-ئاۋامغا ئۆرنەك بولغانلىقىدا بولسا كېرەك. |