چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1467 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 940|ئىنكاس: 0

نۇرانە ئوبزاز،قايناق سۆيگۈ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
pasan
نۇرانە ئوبزاز،قايناق سۆيگۈ

<<ئەھمەد يەسسەۋىي>>رومانىنى ئوقۇغاندىن كېيىن

مۇھەممەد كامال خۇشخۇي

شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشىر قىلغان،ئۆزبىك يازغۇچىسى سەئدۇللا سىيايىفنىڭ<<ئەھمەد يەسسەۋىي>> ناملىق رومانىنى قىزغىن ئىشتىياق،تەخىرسىز تۇيغۇ بىلەن ئوقۇپ تۈگەتتىم. يەڭگىل تىل،جۇشقۇن ھېسسىيات، يۈكسەك بەدىئى تەپەككۇر ۋاستىسى بىلەن پۈتۈپ چىققان بۇ روماندا،ئەسىرلەردىن بېرى كىشىلەر تىلىدا <<بۈيۈك ئەۋلىيا، شەيخۇل ماشايىخ، سۇلتانۇل ئارىپىن >> دېگەندەك ئۇلۇغ ناملار بىلەن تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان خوجا ئەھمەد يەسسەۋىينىڭ ھەج سەپىرى يولىدىكى ئىش پائالىيىتى تەسۋىرلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەھمەد يەسسەۋىينىڭ زامان، ماكان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، يەسسەۋىي ياشىغان دەۋىرنىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى، ئىدىيىۋى ئاساسى،مەدەنىيەت قاتلىمى قاتارلىق بىر قاتار تەپسىلاتلار ئارقىلىق ئەھمەد يەسسەۋىينىڭ يارقىن ئوبرازى يارىتىلغان.
27 بابتىن تەركىپ تاپقان، ھېكمەت دۇردانىلىرىنىڭ يۇغۇرۇلمىسىدىن ئاپىرىدە بولغان بۇ روماننى ئوقۇپ تۈگەتكىنىمدە، قەلب بېغىمدا ئېچىلغان قىزىل گۈلنىڭ خۇشبۇي ھىدىغا باراۋەر گۈزەل تۇيغۇ قوينىدا خېلى كۈنلەرگىچە مەسىت ھالدا يۈردۈم.كېچەيۇ-كۈندۈز كۆڭۈل ئىكرانىمنى ئىگىلىگەن، ئادەمنى ئۆزىنىڭ نىيەت- ئىقبالى،ئەخلاقىي پەزىلىتى،مەنىۋى كامالىتى،ئەقلىي بالاغىتى،كىشىلەر ئارىسىدىكى بۇرچ-مەسئۇلىيىتى ھەققىدە ئەتراپلىق ئويلىنىشقا ئۈندەيدىغان ئەھمىيەتلىك  تەپسىلاتلار بىرمۇ-بىر نامايەن بولۇپ،<<ھازىرغىچە قانداق ياشىدىم،بۇندىن كېيىن قانداق ياشىشىم زۆرۈر>> دېگەنگە ئوخشاش ئېيتىلىشى ئاددى، ئەمما ۋەزنى ئىنتايىن ئېغىر بولغان سۇئاللار تىزمىسى نامايىش كۆتۈرۈپ ۋۇجۇدۇمنى لەرزىگە سالدى.
ئەھمەد يەسسەۋىي ئۈزىنىڭ <<دىۋان ھېكمەت>>ناملىق دۇردانە ئەسىرى ئارقىلىق كىشىلەرنى ئەدەب- ئەخلاقلىق،پاك،رەھىمدىل ياشاپ،يېتىم-يىسىرلارغاخەيرىخاھلىق قىلىش،دىلىغا ئازار يەتكۈزمەسلىك، ئىلىم- مەرىپەت ئۆگىنىش،نادانلىق، جاھالەتتىن يىراق تۇرۇشقا چاقىرغان بولسا،سەئدۇللا سىيايىف بۇ رومانىدا ئەھمەد يەسسەۋىينىڭ ئۆزى تەشەببۇس قىلغان پەزىلەتلەرنىڭ ئۈلگىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، ئەھمەد يەسسەۋىينىڭ كىشىلەر قەلبىدە ئەبەدىل-ئەبەت ئۆرۈلمەيدىغان بۈيۈك ئابىدىسىنى تىكلىدى.
روماندا يەنە ئەھمەد يەسسەۋىينىڭ شۇنچە مول بىلىمى،كاتتا يۈز-ئابرۇيى،ساناقسىز قوللىغۇچىسى بار تۇرۇپ، بوش- بىكار پۇرسەتلىرىدىن پايدىلىنىپ قوشۇق ياساپ سېتىش ئارقىلىق تۇرمۇشىنى بىيىتقانلىقىدەك مېھنەت سۆيەر روھىيىتى نامايەن قىلىنىپ،كىشىلەرنى ئىلىم-بىلىم ئۆگىنىش بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالماي،ئۆز قابىلىيىتىگە لايىق بىرەر ھۆنەر ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتكەنلىكى بىلەنمۇ ئەھمىيەتلىكتۇر.
روماننىڭ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنىڭ قەلبىگە شۇنچىلىك يېقىشى ۋە سۆيگۈ فونتانلىرىنى كۈۋەجىتەلىشى پەقەت يازغۇچىنىڭ ماھارىتى بولۇپلا قالماي،بەلكى روماننى ئۆزبېك تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا ئاغدۇرغۇچىنىڭ ماھارىتىدىنمۇ ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. چۈنكى باشقا تىلدىكى ئەسەرنى ئانا تىلغا تەرجىمە قىلىشتا تەرجىمە قىلغۇچىنىڭ ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك بىرىنچى مۇھىم ئىشى؛ ئالدى بىلەن ئۇ ئۆزى تەرجىمە قىلماقچى بولغان ئەسەر تەۋە بولغان مىللەتنىڭ ئۆرپ-ئادىتى،تىل ئالاھىدىلكى،تۇرمۇش چۈشەنچىسى قاتارلىقلار ھەققىدە مۇئەييەن چۈشەنچىگە ئىگە بولغاندىن باشقا، شۇ مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ دۇنيا قارىشى،مەدەنىيەت قاتلىمى توغرىسىدىمۇ يىتەرلىك ساۋاتقا ئىگە بولغان بولۇشى زۈرۈر. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن ئۇنىڭ تارتقان مېھنەت-ئەجرى زايە كېتىشتىن سىرىت ئوقۇرمەنلەر ۋاقتىنىڭ ئىسراپ بولۇشىغا سەۋەپچى بولۇپ قالىدۇ.
<<ئەھمەد يەسسەۋىي>>ناملىق بۇ روماننى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن روماننى ئۆزبېك تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا ئاغدۇرغۇچىنىڭ ئۆزبېكلەرنى خۇددى ئۆزىنى بىلگەندەك بىلىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. ناۋادا ئۇنىڭ ئۆزبىكلەر توغرىسىدىكى چۈشەنچىسى،بىلىمى يېتەرلىك بولمىغىنىدا، ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ئەڭ بۈيۈك مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ بىرى بولغان ئەھمەد يەسسەۋىي ئوبرازىنىڭ ئويغۇر ئوقۇرمەنلىرى كۆز ئالدىدا مۇنچىلىك دەرىجىدە نامايەن قىلنىشى قېيىنغا توختايتتى.
مەن بۇ يۈزەكى تەسىراتىمنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى<<دىۋان ھېكمەت>> ئارقىلىق شېئىرىيەتتە يۈكسەك ماھارىتىنى.تەرىقەتچىلىكتە يۇقىرى دەرىجىسىنى نامايەن قىلىپ،ئالەمشۇمۇل شۆھرەت ۋە ئابرۇي قازانغان ئەھمەد يەسسەۋىي ئوبرازىنى قەلب ئەينىكىمىزدە ئىۋەنسىز جۇلالاندۇرغان سەئدۇللا سىيايىف بىلەن روماننى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتا قەدىرىيەتلىك مېھنەتلىرىدىن شەبنەم كەبى سۈزۈك تەر ئۈنچىلىرىنى تامچىلاتقۇچى ئەزىزىگە ئالاھىدە رەھمەت سالاملىرى يوللايدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن.

2008-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى،گۇما-كۆكئوتاغ.

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئەرنىڭ غېمى ئەلدە كۆرۈنەر، دېھقاننىڭ مېۋىسى يەردە

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-4-5 04:57 , Processed in 0.165970 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش