[قىسقا ئىلاۋە] ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا،بولۇپمۇ دىسكازنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىگە ئالاھىدە تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان «نۇرقۇت دۇنياسى» مۇنبىرىنىڭ تۆت يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن يەكۈنلەپ چىقىلغان تۆۋەندىكى ماتىرىيال ھەربىر توربەت ئاتامانلىرىنىڭ ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشىغا ئەرزىيدۇ. قېنى مەرھەمەت!!!
قۇتلۇق تۆت يىل
ئالدى بېلەن نۇرقۇت دۇنيايىمىزنىڭ تۆت يىللىق قەدىمىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىغانلىقىنى مۇبارەكلەيمەن. ئاندىن بۇ يازما ئارقىلىق، بېكىتىمىزدە ئالدىنقى بىر يىلدا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى قىسقىغىنا قىلىپ ئەسلەپ ئۆتىمەن. قېنى ئەمىسە ھەممىمىز بىرلىكتە ئۆتكەن بىر يىلىمىزغا قاراپ باقايلى.
تۈنۈگۈندىن بىرى ئالدىنقى بىر يىللىق ئىشلارنى ئەسلىگەچ، بېكىتىمىزگە يوللانغان بىر يىللىق تېمىلارغا بىر قۇر كۆز يۆگۈرۈتۈپ چىقتىم. شانلىق نەتىجىلەرمۇ، ئايىغى چىقمىغان كەمچىلىكلىرىمىزمۇ بىر-بىرلەپ كۆز ئالدىمدا نامايەن بولدى. قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە ئىلگىرىلەشلەر خېلى كۆپ بولسىمۇ، ئاز بولمىغان يىتەرسىزلىكنىڭ ساقلانغانلىقىغىمۇ كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ. مەيلى شانلىق نەتىجە بولسۇن، ياكى مەغلۇبىيەت تەجرىبىلىرى بولسۇن، ئۇنىڭغا نۇرقۇت دۇنياسىدىكى ئەزالار ۋە زىيارەتچىلىرىنىڭ قان-تەرى سىڭگەن. ئالدىنقى بىر يىللىق چوڭ ئىشلار خاتىرىسىنى
«قۇتلۇق تۆت يىل» مەخسۇس تېمىسى بېتىدىن كۆرگەيسىز.
ئالدىنقى بىر يىلدا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە چوڭ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدىكەن:
1. بېكەت سىستېمىسى Discuz!X2 نى يەرلىكلەشتۈرۈش، تارقىتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش
ئالدىنقى بىر يىلدا بىز Discuz!X2 نى يەرلىكلەشتۈرۈش، تارقىتىش، ئومۇملاشتۇرۇش، ياردەم بېلەن تەمىنلەش، Discuz!X2 ئۈچۈن قىستۇرما يەرلىكلەشتۈرۈش ۋە قىستۇرما ئېچىش، Discuz!X2 غا ئۇسلۇب يەرلىكلەشتۈرۈش ۋە ئۇسلۇب ئۆزگەرتىش قاتارلىق ئىشلار بېلەن مەشغۇل بولدۇق. ئاز بولمىغان يېڭى بېكەتلەر بارلىققا كەلدى، ئاز بولمىغان كونا بېكەتلەر Discuz!X2 نىڭ ئۇيغۇرچىسىغا كۆچۈپ كەلدى. بۇ جەھەتتە ئەترەت ئەزالىرىمىز ۋە زىيارەتچىلىرىمىزنىڭ تۆھپىسى ناھايىتى زور بولدى.
2. تەلەي قاپىقى سىستېمىسى
تەلەي قاپىقى ئەمەلىيەتتە زىيارەتچىلەرگە قولايلىق يارىتىش، بېكەت باشلىقلىرىغا تەشۋىقات سۇپىسى يارىتىپ بىرىشنى مەقسەت قىلىپ تۇرۇپ، مەن PHP جازىلىرىنى چۈشىنىش ۋە ئىشلىتىش جەريانىدا بىر تەرەپتىن ئۆگىنىش، يەنە بىر تەرەپتىن يېزىش ۋە ئۆزگەرتىشتىن كىلىپ چىققان مەھسۇلات. گەرچە بۇ سىستېما تېخى تولۇق پۈتۈپ چىقمىغان بولسىمۇ، خېلى ئالقىشقا ئېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ سىستېما بۇندىن كېيىن ھەم داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرىلىدۇ. سىستېمىنىڭ قۇرۇلمىسى CMS ۋە
بلوگ سىستېمىلىرىغا ئۆزگەرتىشكىمۇ ماس كېلىدۇ، بەلكىم بۇ سىستېمىنىڭ ھازىرقى ھالىتى مەن كېيىن يازىدىغان CMS ياكى بلوگ سىستېمىنىڭ ئاساسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
3. نۇرقۇت PHPwind گۇرۇپپىسى
مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ قۇرۇلىشى ئەمەلىيەتتە بىزگە بىزنىڭ ئۇيۇشالايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ قويدى. PHPfans ۋە Gepsy ئەپەندىملەرنىڭ باشچىلىقىدا گۇرۇپپا قۇرۇلۇشى ياخشى ئىشلەندى. شۇ جەرياندا تىل بولىقى ھاسىل قىلىش پروگراممىلىرىمۇ يېزىپ چىقىلدى. ئەمما گۇرۇپپا مەسئۇللىرىنىڭ رېئال تۇرمۇشىدىكى ئالدىراشچىلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر بېلەن تەرجىمە خىزمىتى ئارقىغا سۈرۈلۈپ كەتتى. ئاخىرىدا كارۋانلار تورىنىڭ PHPwind8.7 نىڭ ئۇيغۇرچىسىنى تارقىتىشى بېلەن بىزنىڭ PHPwind گۇرۇپپىمىزنىڭ PHPwind8.7 نى تەرجىمە قىلىش خىزمىتى توختىتىلدى.
4. بېكەت سىستېمىسى Drupal يەرلىكلەشتۈرۈش
مەزكۇر سىستېمىنى تىلغا ئالغاندا ھەممىمىز charwichi ئەپەندىمنى ئەسلىمەي تۇرالمايمىز. ئۆزى بىر قوللۇق باش بولۇپ Drupalنى يەرلىكلەشتۈرۈش، ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بىز پەقەت سورۇن ھازىرلاپ بەرگەندىن باشقا ئەمەلىي ئىش قىلالمىدۇق. charwichi ئەپەندىمنىڭ قوللىرىدىن گۈللەر ئۈنسۇن. Drupal نىڭ مۇكەممەل يەرلىكلەشتۈرۈش ئىشلىرى مۇۋەپپىقىيەتلىك تاماملىنىشى ۋە تېزراق ئومۇملىشىشىغا تېلەكداشمىز.
5. پورەكلەپ ئېچىلغان ھەمكارلىق گۈللىرى
بېكىتىمىز ئالدى-كەينى بولۇپ مىسرانىم، ئەل
كۈيى، ئەلداۋا، ئىزدە، قىياس قاتارلىق بېكەتلەر بېلەن يېڭىدىن دوستانە ھەمكارلىق ئورناتتۇق، شۇنداقلا بىر قىسىم پائالىيەتلەرنى تەشكىللىدۇق. نۇرقۇت-قىياس Discuz!X2 ئۇسلۇب مۇسابىقىسى مۇسابىقە ۋاقتىنىڭ قىسقا بولۇشى سەۋەبىدىن مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان نامزات ئۇسلۇبلارنىڭ بىز مۆلچەرلىگەندىكىن زىيادە يىراق بولۇشى قاتارلىق سەۋەبلەر بېلەن نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى. بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە كۆرۈلگەن تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ كېيىنكى قېتىملىق پائالىيەتلەرنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا ئاساس سالغايمىز. ھەمكارلىقنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك داۋاملىشىشى ۋە راۋاجلىنىشىغا تېلەكداشمىز.
6. تەشۋىقات ۋە باشقىلار
بېكەت مەزمۇنى جەھەتتىن ئەزالارغا ياردەم بېرىلگەندىن سىرت بىر قىسىم ئاممىۋىي تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلدى. IE6 نى يوقۇتۇش تەشۋىقاتى ۋە HTML5 تەشۋىقاتى شۇلارنىڭ مىسالىدۇر. بۇلاردىن باشقا IlgharCMS قاتارلىق سىستېمىلارنىڭ تەشۋىقاتى ۋە IT ئۇچۇرلىرى ۋە تەشۋىقاتلار زىيارەتچىلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇلدى. بۇ جەھەتتىن بىز تېخىمۇ ياخشى قىلىش ئۈچۈن تىرىشىمىز.
7. نۇرقۇت دۇنياسى قۇرۇلۇشى
بېكىتىمىز تۆت يىللىق مۇساپىنى تاماملىغان بۈگۈنكى كۈنگە كەلگۈچە نۇرغۇن قېتىملىق بوشلۇق ئالماشتۇرۇش، سىستېما ئالماشتۇرۇش، سىستېما نەشىر يۇقىرىلىتىش جەريانىنى باشتىن كەچۈردى. بۇ جەرياندا زىيارەتچىلەرگە ئاز بولمىغان قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. ئالدىنقى بىر يىل ئىچىدىمۇ بۇ خىل بوشلۇق ئاۋارىچىلىقى ۋە سىستېما ئاۋارىچلىقىدىن ساقلىنالمىدۇق. مانا بۈگۈن بېكىتىمىزنىڭ ھالىتى تۇراقلاشقان بولدى. بۇندىن كېيىن بوشلۇق ئاۋارىچلىقى ۋە سىستېما ئالماشتۇرۇش ئاۋارىچىلىقى سەۋەبلىك زىيارەتچىلەرگە قولايسىزلىق كەلتۈرۈشتىن ساقلىنىشقا تىرىشىمىز.
مەزمۇن جەھەتتىن دەرسلىك ۋە قوللانما تۈزۈش پىلانىلىرى ئەمەلىيلەشمىگەن ئەھۋال خېلى بار. بىز بۇ جەھەتتىكى يىتەرسىزلىكنى ئامالنىڭ بارىچە تېز تولۇقلاشقا تېرىشىمىز.
ئاخىرىدا بىزنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ كېلىۋاتقان بارلىق ئەزالار ۋە زىيارەتچىلىرىمىزگە رەھمەت ئېيتىمىز. يېڭى بىر يىلىمىزدا تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش تىرىشچانلىق كۆرسىتەيلى! مەقسىتىمىز بىر، مەنزىلىمىز بىر!
نۇرقۇت دۇنياسى نۇرقۇت ئەترىتى
2012-يىل 5-ئاينىڭ 14-كۈنى