نۇرقۇت تورىدىن پەنتۇرنىڭ يازمىسى:
ئۇيغۇر تور بەت ساھەسىدىكى «16 بوشلۇق»
ئەسكەرتىش:
بۇ مەن 2009-يىلى 5-ئايدا يازغان تېما ئىدى، قارىسام يەنە نۇرغۇن تورداشلار ۋە تور بەت قۇرۇش كويىدا بولىۋاتقانلارنىڭ قىلماقچى بولغىنى يەنىلا ئونۋىرسال،
كىنو... دىگەندەك بەت بولۇپ قالغاندەك، شۇڭلاشقا دوستلارغا ئازراق بولسىمۇ پايدىسى تەگسۇن دىگەن نىيەتتە بۇ يەرگە يوللاۋاتىمەن.بۇ يەردە دىيىلگەن بىر قىسىم تور بەتلەر بىزدە ھازىر بىر ياكى بىر قانچىسى بار، يوقلىرىدىن پايدىلىنىپ،ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىمىزدە يورۇق يۇلتۇزلار بۇ تىما سەۋەبىدىن بارلىققا كەلسە ئەجەپ ئەمەس.
ئىھتىمال بۇ تىمىنى كۆرگەندىن كىيىن دەررۇ ئىسىڭىزگە خاككىرلىق تىخنىكىسى كەلگەن بولىشى مۇمكىن ئەمەلىيەتتە مىنىڭ بۇتىمامدا خاككىرلىققا ئائىت مەزمۇن يوق.
ئۇيغۇر تور ساھەسى 2000-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلىنىپ مانا بۇگۇنكى كۇنگە كەلگەندە مۇستەقىل بىر كەسىپ بولۇپ شەكىللىنىپ،ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا خىلى چوڭ سالماققا ئىگە بولۇپ قالدى.بۇ 9 يىل تەرەققى قىلىش،كۆپىيىش،مەزمۇن جەھەتتىن بىيىش باسقۇچى بولۇپ قالدى.بولۇپمۇ 2008-يىلى ئۇيغۇر تور بەت ساھەسىدە قۇرۇلغان تور بەت سانى ۋە بىلوگ ئەڭ كۆپ بىر يىل بولدى.يىقىندىن بىرى نۇرغۇن تورداشلار ماڭا چ چ ياكى باشقا ۋاستىلەر ئارقىلىق خەت يىزىپ تور بەت قۇرىشىغا ياردەم بىرىشىنى سورىدى،لىكىن ھەممىسىنىڭ قۇرىدىغىنى ئاساسەن ئونۋىرسال تور بەت.مىنىڭچە ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىدىكى ئونۋىرسال تور بەت سانى جەھەتتىن بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆددىسىدىن تەلىپىدىن تامامەن چىقايدىغان چەكتىن ئىشىپ كەتتى .ھازىر ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىدە يەنە نۇرغۇن بوش ساھەلەر ئىزچىل نەزەردىن ساقىت بولۇپ قىلىۋاتىدۇ.ئىھتىمال بۇنداق بولىشى كەسپى تور بەت كۆرگۇچىلىرىنىڭ ئاز بولىشى،ماتىريال توپلاش ۋە تور بەت يىڭىلاش جەھەتتىكى يىتەرسىزلىكلەر تۇپەيلىدىن بولىشى مۇمكىن.مەن ئۇزۇندىن بىرى ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىنى كۆزىتىش ئارقىلىق ،مۇشۇنداق تور بەت قۇرساق بولىدىكەن دەپ قارىغان 16 تۇرلۇك كەسپى تور بەتنى ئويلاپ كەلگەن ئىدىم،بۇ يەردە تور بەت قۇرۇش ئۇچۇن ئىزدىنىۋاتقان دوسلارغا مۇشۇ ھەقتە ئازراق چۇشەنچە بىرىپ ئۆتمەكچىمەن.
ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىدە كەم بولغان،قۇرۇش زورۇر بولغان تور بەتلەر.
1.ھەقسىزلەر تورى
قوللىنىىدىغان ئىسىم شەكلى؛
http://www.haksiz . ****
تور بەت مەزمۇنى:ھەقسىز تور بەت بوشلۇقى،ھەقسىز خەت ساندۇقى،ھەقسىز ئىسىم،ھەقسىز ماتىريال بوشلۇقى،قوللىنىشچان يۇمشاق دىتاللارنىڭ تىزىملاش نومۇرى قاتارلىق كىشىلەر دائىم قوللىنىدىغان مۇناسۋەتلىك ھەقسىز مەنبەلەر.
تور بەت تىلى:خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇر چە ئىككى خىل تىلدا قۇرۇش كىرەك.
بۇ تور بەتنىڭ قۇرۇشنىڭ ئارتۇقچىلىقى: تورداشلارنى ھەقسىز ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپلا قالماي بەلكى ئىلان ئارقىلىق پۇل تىپىش مەخسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
2.ئۇيغۇر رازۋىتكا تورى
قوللىنىدىغان ئىسىم شەكلى:
http://www.uy007.**** ياكى
http://www.razwitka.*****
تور بەت مەزمۇنى:جۇڭگۇ ۋە چەتئەلدىكى داڭلىق رازۋىتچىكلار،ساقچىلارنىڭ دىلو پاش قىلىش ئەھۋالى،ئەمەلى ئەنزە ئەھۋالى،قانۇن ،رازۋىتكا فىلىملىرى قاتارلىق رازۋىتكىغا ئائىت بىلىملەر.
تور بەت تىلى:ئۇيغۇر تىلىدا تۇزۇلسە بولىدۇ.
بۇ تور بەتنى قۇرۇشنىڭ ئارتۇقچىلىقى:تۇرلۇك دىلو ۋە رازۋىتكا خاتىرسى ئارقىلىق رازۋىتكىغا قىززىقىدىغان نۇرغۇن تورداشلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەلىپىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ.
قۇرغۇچىغا قويۇلىدىغان تەلەپ:چوقۇم قانۇن ئورۇنلىرىدا ئىشلەيدىغان بولىشى كىرەك.
3.بايرام تورى
قوللىنىلىدىغان ئىسىم شەكلى:
http://www.bayram.****ياكى
http://www.uybayram.*****
تور بەت مەزمۇنى:دۇنيادىكى تۇرلۇك بايراملارنىڭ كىلىپ چىقىش تارىغى ،بايرام ئۆتكۇزۇش ئادىتى،بايرامنىڭ ئۆتكۇزۇلۇش ئەھۋالى قاتارلىقلار.
تور بەت تىلى: ئۇيغۇر چە ،خەنزۇچە،ئىنگىلىزچە ئۇچ خىل تىلدا تۇزۇلۇشى كىرەك.
بۇ تور بەتنى قۇرۇشنىڭ ئارتۇقچىلىقى:ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى بايراملىرىنى خەلقئاراغا تەشۋىق قىلىپلا قالماي بەلكى باشقا مىللەر ۋە دۆلەتلەرنىڭ بايرام ئۆتكۇزۇش ئادىتى قاتارلىقلارنى خەلقىمىزگە تونۇشتۇرغىلى بولىدۇ.
تور بەت قۇرغۇچىغا قويۇلىدىغان تەلەپ:چوقۇم ئىنگىلىز تىلىنى بىلىشى ھەمدە ماتىريال ئىزدەش ۋە توپلاشقا ماھىر بولىشى كىرەك.
4.غەلىتىلەر تورى(ياكى ئالۋاستى تورى دىگەندەك)
قوللىنىدىغان ئىسىم شەكلى:
http://www.alwasti.****ياكى
http://www.halitilar.**** دىگەندەك...
تور بەت تىلى: ئۇيغۇر چە ،خەنزۇچە،ئىنگىلىزچە ئۇچ خىل تىلدا تۇزۇلۇشى كىرەك.
تور بەت مەزمۇنى:دىيارىمىزدىكى ۋە چەتئەلدىكى غەلىتە جايلار ۋە ۋەقەلەر،ئاز ئۇچرايدىغان پەۋقۇلئادە قورقۇنۇشلۇق ۋەقەلەر،قورقۇنۇشلۇق فىلىملەر قاتارلىقلار.
بۇ تور بەتنى قۇرۇشنىڭ ئارتۇقچىلىقى:
شىنجاڭدىكى قاناسقا ئوخشاش غەلىتە جايلارنى دۇنياغا تونۇتۇش مەخسىتىگە يىتىپلا قالماي بەلكى يەنە مۇشۇنداق قورقۇنۇشلۇق،غەلىتە ۋەقەلەرگە قىززىقىدىغان تورداشلارنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ.
تور بەت قۇرغۇچىغا قويۇلىدىغان تەلەپ:چوقۇم ماتىريال ئىزدەش دائىرسى كەڭ بولىشى كىرەك.
5.مەشھۇر شەخىسلەرتورى
قوللىنىدىغان ئىسىم شەكلى:****************
تور بەت مەزمۇنى:مەخسۇس مىللىتىمىزدىن ،دۆلىتىمىز ئىچى سىرتىدكى داڭلىق شەخىسلەرنىڭ ئىش -ئىزلىرى ۋە ھاياتى پائالىيەتلىرىنى مەزمۇن قىلىشى كىرەك.
تور بەت تىلى: ئۇيغۇر چە ،خەنزۇچە،ئىنگىلىزچە ئۇچ خىل تىلدا تۇزۇلۇشى كىرەك.
بۇ تور بەتنى قۇرۇشنىڭ ئارتۇقچىلىقى: مىللىتىمىز ئىچىدىن چىققان مەھمۇد قەشقىرى...... ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ....قاتارلىق داڭلىق شەخىسلەرنىڭ ھاياتىنى،ئىش ئىزلىرىنى دۇنياغا تونۇتقىلى ھەمدە ،دۇنياغا ۋە دۆلىتىمىزگە داڭلىق ھەرساھە كىشىلىرىنى خەلقىمىزگە تونۇشتۇرغىلى بولىدۇ.
تور بەت قۇرغۇچىغان بولغان تەلەپ:ھەر جەھەتتىكى بىلىملەردىن تولۇق خەۋاردار بولىشى ھەمدە بۇ ئۇچ خىل تىلغا ماھىر بولىشى كىرەك.
6.ئۇيغۇر ماتىريال ئۇلىنىش تورى
قوللىنىدىغان ئىسىم شەكلى:
http://www.ulanma.****ياكى
http://www.uyulanma.*****
تور بەت مەزمۇنى:ئۇيغۇر تور بەت ساھەسىدىكى ھەرقايسى تور بەتلەردىكى مۇھىم مەزمۇنلارنى دەل ۋاقتىدا ،قايتىلىنىش بولمىغان ئاساستا ئۇلانما قىلىش كىرەك.
تور بەت تىلى:ئۇيغۇرچە بىرخىل تىلدا بولسا بولىدۇ.
بۇ تور بەتنى قۇرۇشنى ئارتۇقچىلىقى:ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىدكى نادىر مەزمۇنلارنى شۇ مەزمۇنلار يوللانغان تور بەتكە پايدا يەتكۇزگەن ئاساستا كەڭ تورداشلارغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئەڭ زورۇر ،ئەڭ نادىر يازمىلارنى كۆرۇش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگىلى بولىدۇ.
تور بەت قۇرغۇچىغا بولغان تەلەپ:چوقۇم ماتىريال مەزمۇنىغا قاراش،ھەگىزمۇ تور بەت ئىسمىغا قارىماسلىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرالايدىغان بولىشى كىرەك.
7.دىتال ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش تورى
قوللىنىلىدىغان ئىسىم شەكلى:
http://www.uydital.**** دىگەندەك.
تور بەت مەزمۇنى:دىتال ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش تىخنىكىسى،ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان دىتاللار...... قاتارلىقلار
بۇ تور بەتنى قۇرۇشنىڭ ئارتۇقچىلىقى: بۇ تور بەتنى قۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر تور بەت ساھەسىدىكى كىشى كۆپ،ئۇيغۇرچە دىتال ئاشز بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولۇپلا قالماستىن،بەلكى ئۇيغۇر دىتال تۇزگۇچىلەرنىڭ بىرلىشىپ ئىلگىرلەش،ئۆز ئارا ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۇيغۇر يۇمشاق دىتال ساھەسىنى يۇقىرى كۆتۇرگىلى بولىدۇ.
قۇرغۇچىغا قويۇلىدىغان تەلەپ:خۇش-پىئىل بولىشى،مۇناسىۋەتكە ماھىر بولىشى،ئۇيغۇر تور بەت ساھەسىدىكى پىروگراممىرلارنى جەم قىلالىشى كىرەك.
8.ئۇيغۇر ئىلان مۇلازىمەت تورى
قوللىنىدىغان ئىسىم شەكلى:
http://www.elan.*****ياكى
http://www.uyelan.******
تور بەت مەزمۇنى:ئۇيغۇر تور چىلىقىدىكى بارلىق تور بەتلەرگە ئىلان تارقتىش شەرتىنى ھازىرلىيالىشى كىرەك.
بۇ تور بەتنى قۇرۇشنىڭ ئاتۇقچىلىقى:ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىدكى مەخسۇس ئىلان مۇلازىمەت تورى بولماسلىق مەسىلى تولۇقلىنىپ،ئىلان بەرگۇچى كارخانىلارغا ۋە شەخىسلەرگە ئەڭ ياخشى ئىلان مۇلازىمەت شارائىتى ھازىرلاپ بەرگىلى ،شۇنداقلا تور بەتلەردىكى ئىلانننىڭ سۇپىتىنى ۋە ئۇنۇمىنى يۇقىرى كۆتۇرگىلى بولىدۇ.
تور بەت تىلى:ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە ئىككى خىل تىلدا بولسا بولىدۇ.
تور بەت قۇرغۇچىغا بولغان تەلەپ:چوقۇم ئىقتىساد قارىشى يۇقىرى بولىشى،مۇناسىۋەت دائىرسى كەڭ بولىشى ،ئۇچۇر ئىگىلەشكەئالاھىدە ماھىر بولىشى كىرەك
9.كىتاب ئوقۇش تورى
قوللىنىدىغان ئىسىم شەكلى:******************
تور بەت مەزمۇنى:ئۇيغۇر ۋە خەنزۇتىلىدىكى نادىر ئەدەبى ئەسەرلەر ۋە تەرجىمە ئەسەرلەر.بۇ تور بەتتە چوقۇم PDF ھۆججىتىنى بىۋاستە كۆرگىلى بولىدىغان ۋە بىر ۋاقىتتا چۇشۇر گىلى بولىدىغان ئىقتىدار ھازىر لىنىشى كىرەك.
تور بەت تىلى :شارائىت يار بەرسە قانچە كۆپ تىل بولسا شۇنچە ياخشى
بۇ تور بەتنى قۇرۇشنىڭ ئارتۇقچىلىقى:ئۇيغۇرچە نادىر ئەسەرلەرنى جۇڭگۇغا ۋە خەلقئاراغا تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيتىنى،ئۇيغۇر جەمئىيتىنى ،ئۇيغۇر تۇرمۇشىنى دۇنياغا جۇملىدىن بىز ئۇيغۇرلارنى چۇشەنمەيدىغان بىلمەيدىغان كىشىلەرگە ئۇيغۇر ناملىق بىر مىللەتنىڭ بۇ دۇنيادا ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۇرۇش بىلەن بىرگە يەنە خەنزۇچە ۋە باشقا تىللاردىكى نادىر ئەسەرلەرنى خەلقىمىزگە تور ئارقىلىق بولسىمۇ سۇنغىلى بولىدۇ.
تور بەت قۇرغۇچىغا بولغان تەلەپ:چوقۇم ئەدەبى ئەسەر يىزىقچىلىقىدىن خەۋىرى بولىشى ھەمدە ئەدەبى ئەسەر تەرجىمە خىزمىتى بىلەن شۇغۇلىنىۋاتقان كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋىتى يىقىن بولىشى،ئۇلارنى بۇ ئىشقا جەلىپ قىلالىشى كىرەك.
10.تور بىكەتلەر مۇلازىمەت تورى
قوللىنىدىغان ئىسىم شەكلى:********************
بۇ تور بەتنى قۇرۇشنىڭ ئارتۇقچىلىقى: ئۇيغۇر تور بەت قۇرغانلارنىڭ ھەممىسى كەسپى كومپىيۇتىر كەسپىدە ئوقۇغانلار بولىشى ناتايىن،شۇ سەۋەپتىن بەزى تىخنىكا مەسىلىسىدە قىينىلىشى تۇرغانلا گەپ،بۇ تور بەت ئارقىلىق بۇ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىپلا قالماي ،بەلكى تور بەتلەرنىڭ ياردىمى ئاستىدا توربەت كۆرۇرمەنلىرىنى كۆپەيتىپ ،ئىلان ئارقىلىق پۇل تىپىش ئىشىنى ئەمەلگە ئاشۇر غىلى بولىدۇ.
تور بەت قۇرغۇچىغا بولغان تەلەپ:بۇ تور بەت مەخسۇس تور بەت سىستىمىلىرىنى ئاساس قىلىشى ،مەلۇم بىر نۇقتىنى ياكى پىروگرامما شەكلىنى ئاساس قىلىۋالماسلىقى كىرەك.ئۇنداق بولغاندا يەنىلا بۇ مەخسەتكە يەتكىلى بولمايدۇ.ھازىر قى نۇرقۇت مۇنبىرى ۋە تتاش قەلىپلەر قاتارلىق تور بەتلەرنىڭ نەتىجىسى كۆرىنەرلىك بولسىمۇ لىكىن،يەنىلا ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىدكى مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىپ بولالمايۋاتىدۇ،ئۇندىن باشقا ئىلان كىرىمىنى تەڭ بولۇشۇش شەرتى بىلەن مەخسۇس مۇلازىمەت قوشۇنى قۇرۇپ چىقىش زورۇر.
11.قول-ھۆنەر سەنئەت تورى
قوللىنىدىغان ئىسىم شەكلى:**************************
تور بەت مەزمۇنى:ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ قول-ھۆنەر سەنئەت بويۇملىرىنىڭ رەسىمى،ئالاھىدىلىكى،تارىغى قاتارلىقلار.
تور بەت تىلىى:ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە،ئىنگىلىزچەۋە باشقا تىللار
بۇ تور بەتنى قۇرۇشنىڭ ئارتۇقچىلىقى: بۇتور بەتنى قۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنتۇلۇپ كىتىش گىردابىغا بىرىپ قىلىۋاتقان ياغاچ قوشۇق،ياغاچ جام،ياغاچ كاساڭ،ساپالچىلىق،نەققاشلىق قاتارلىق مىللى ھۆنەر سەنئەت بويۇملىرىنى ،ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى،ياسىلىش شەكلى،ماتىريالى ،تارىخى قاتارلىقلارنى ئۇيغۇرلارغا ۋە ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا ياشاپ تۇرۇپ.ياغاچ قوشۇقنى كۆرۇپ باقمىغان،جامنىڭ نىمىلىكىن بىلمەيدىغان ياكى ئەسكى ياغاچ قاچا دەپ قارايدىغانلارغا بۇلارنىڭ قىممىتىنى تونۇتۇش بىلەن بىرگە،ئۇيغۇر مىللى قول -ھۆنەر سەنئىتىنى پۇتۇن جۇڭگۇغا ۋە خەلقئاراغا تەشۋىق قىلغىلى بولۇپلا قالماستىن بەلكى،باشقا يات ئەللەر ۋە مىللەتلەرنىڭ قول-ھۆنەر سەنئىتىنى خەقىمىزگە تونۇشتۇرۇپ،قول-ھۆنەر سەنئىتىنىڭ نەپىسلىكىنى ئاشۇرۇش مەخسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
تور بەت قۇرغۇچىغا بولغان تەلەپ:چوقۇم قول-ھۆنەر سەنئەت بويۇملىرى بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى كۆپرەك بولغان بولىشى،ئۇنىڭ قىممىتى ۋە ئۇنىمىنى ،رولىنى چۇشىنىشى،تىلغا باي بولىشى ،ھەمدە ماتىريال يىغىش ۋە توپلاشقا ماھىر بولىشى شۇنداقلا قول -نەر سەنئەت كەسپى بىلەن شۇغۇلىنىۋاتقانلار بىلەن كۆپرەك ئۇچرىشىش ۋە سىردىشىش پۇرسىتى بولىشى كىرەك.
12.ئۇيغۇر ئويۇن تورى
قوللىنىدىغان ئىسىم شەكلى:**************************
تور بەت مەزمۇنى:ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرى ۋە ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرىنى ئۇزلۇكسىز فىلەش ئويۇن شەكلىدە ئىشلەش كىرەك.
تور بەت تىلى:ئاساسلىقى بەت ۋە فىلەش ئويۇنلىرىنىڭ تىلى ئۇيغۇرچە ،خەنزۇچە ۋە ئىنگىلىزتىلىدا بولىشى كىرەك.
بۇ تور بەتنى قۇرۇشنىڭ ئارتۇقچىلىقى:بو تور بەت ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىتىنى ئويۇن ئارقىلىق باشقا ئەللەرگە تونۇتقىلى ۋە ئۆز ئويۇنلىرىنى ئۇنتۇپ كەتكەن بالىلىرىمىزغا مەۋھۇم دۇنيادا بولسىمۇ ئويناش ھىس قىلىش پۇر سىتى يارىتىپ بەرگىلى بولىدۇ
تور بەت قۇرغۇچىغا بولغان تەلەپ:چوقۇم
تەسەۋۋۇرغا باي بولىشى ،فىلەش تىخنىكىسى يۇقىرى بولىشى ھەمدە ئويۇن پىروگراممىسنى تۇزگەندە ماس كىلىدىغان ئۇيغۇر كىيىم-كىچەك شەكلىنى ئىشلىتىشكە ۋە ماسلاشتۇرۇشقا ماھىر بولىشى كىرەك.
13.ئۇيغۇر كىيىم-كىچەك تورى
قوللىنىدىغان ئىسىم شەكلى:*****************************
تور بەت مەزمۇنى:ئۇيغۇرلارنى ئەنئەنىۋى باش كىيىمى ،تون سەرپايلىرى ۋە بەلباغلىرى قاتارلىق مىللى كىيىم كىچەكلەرنىڭ رەسىمى،ئالاھىدىلىكى،ئۇيغۇر مەدەنىيتىدە كىيىش ئورنى،تىكىلىش شەكلى،ئۇسلۇبى،رەخىت تەلىپى،كىيىمنىڭ سىخىمىسى قاتارلىقلار.
تور بەت تىلى:ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە،ئىنگىلىزچە ۋە باشقا تىللار
بۇ تور بەتنى قۇرۇشنىڭ ئارتۇقچىلىقى:ئۇيغۇر مىللى كىيىم كىچەك مەدەنىيتىنى خەلقئاراغا مەۋھۇم دۇنيا ئارقىلىق بولسىمۇ تەشۋىق قىلغىلى،ئۆز مىللى كىيىم-كىچەكلىرىنى كۆرەلمىگەن بالىلىرىمىزغا كۆرۇش پۇر سىتى يارىتىپ بەرگىلى بولىدۇ.
تور بەت قۇرغۇچىغا بولغان تەلەپ:چوقۇم كىيىم تىكىشتىن خەۋىرى بولىشى ياكى شۇنىڭغا دائىر بىلىملەرنى بىلىشى،ئۇيغۇر مىللى كىيىم-كىچەكلىرىنىڭ رولىنى،ئالاھىدىلىكىنى چۇشىنىشى،مىللى كىيىم كىچەكلەرنى ئەينەن ئەكىس ئەتتۇرۇشكە كاپالەتلىك قىلالىشى كىرەك.
بۇ يەردە شۇنى دەپ قويغۇم كەلدى.سەللە،مەسە -كالاچ قاتارلىق كىيىملەر ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى كىيىمى ئەمەس.
14.مەھسۇلات ئۆلچەم تورى
قوللىنىدىغان ئىسىم شەكلى:**************************
بۇ تور بەتنىڭ مەزمۇنى:تۇرلۇك سانائەت ماللىرىنىڭ ئۆلچىمى،ئۆمرى،پەرق ئىتىش ئۇسۇلى،يىمەكلىكلەرنىڭ سۇپەت ئۆلچىمى قتارلىقلار
تور بەت تىلى:ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە
بۇ تور بەتنى قۇرۇشنىڭ ئارتۇقچىلىقى:خەلقىمىزنى ئەڭ ياخشى مەھسۇلات بىلەن ئەڭ ناچار مەھسۇلاتنى ،مەھسۇلات سۇپىتىنىئايرىيالايدىغان بىلىمگە ئىگە قىلىپ،بۇ ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتە زىيان تارتىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش مەخسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
قۇرغۇچىغا بولغان تەلەپ:چوقۇم ئۆلچە مئىدارىسى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردا ئىشلىشى ياكى مەھسۇلات ئۆلچىمىگە دائىر بىلىملەردىن تولۇق خەۋاردار بولىشى كىرەك.
15.ئۇيغۇر ساياھەت تورى
قوللىنىدىغان ئىسىم شەكلى*************************
تور بەت مەزمۇنى:دىيارىمىزدىكى مەشھۇر ۋە نۇقتىلىق ساياھەت ئورۇنلىرى،ئۇلارنىڭ جايلىشى ئورنى،تارىغى،مۇھىتى،قايسى پەسىلدە ساياھەت قىلىش مەخسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ،ساياھەت ئەھۋالى ۋە دۆلىتىمىز ۋە دۇنيادىكى داڭلىق ساياھەت ئورۇنلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار.
تور بەت تىلى:ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە،ئىنگىلىزچە ۋە باشقا تىللار.
تور بەت قۇرۇشنىڭ ئارتۇقچىلىقى:بۇ تور بەت ئارقىلىق دىيارىمىزدىكى نۇقتىلىق ساياھەت ئورۇنلىرى ،ساياھەت نۇقتىلىرى،قەدىمى قۇرۇلۇش،ئاسار ئەتىقە ،قۇرۇلۇۋاتقان ۋە قۇرۇلۇپ بولغان ساياھەت ئورۇنلىرىنى خەلقىمىزگە ۋە دۇنياغا تەشۋىق قىلىش مەخسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە دۇنيادىكى مەشھۇر ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى خەلقىمىزگە تونۇشتۇرغىلى ھەمدە ساياھەت كوپراتىپلىرىنىڭ ئىلانىنى قويۇش ئارقىلىق پۇل تاپقىلى بولىدۇ.
تور بەت قۇرغۇچىغا بولغان تەلەپ:چوقۇم ماتىريال يىغىشقا ماھىر بولىشى،كۆپ خىل تىلنى بىلىشى،ھەمدە تور بىتى مەلۇم ئۇنۇمگە ئىرىشكەندە ساياھەت كوپراتىپلىرى بىلەن مۇناسىۋەت باغلىيالايدىغان بولىشى كىرەك.
16.ئۇيغۇر توردا ئىمتىھان تورى
قوللىنىدىغان ئىسىم شەكلى:*****************************
تور بەت مەزمۇنى:تۇرلۇك ئىمتىھان شەكىللىرىگە ئاساسەن توردا تۇرۇپ ئىمتىھان بەرگىلى بولىدىغان بولىشى كىرەك.
تور بەت تىلى:ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە
تور بەت قۇرۇشنىڭ ئارتۇقچىلىقى:بۇ تور بەت ئارقىلىق تۇرلۇك ئىمتىھانلارغا قاتنىشى ئالدىدا تۇرغان دوسلارنى ئۆزىنى سىناش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغىلى قالماستىن بەلكى يەنە ئىلان ئارقىلىق پۇل تىپىش مەخسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىدە قايسى بىر توربەت توردا خەنزۇتىلى سەۋىيە سىناش تەقلىدى ئىمتىھان سىستىمىسنى ئاچتى،لىكىن بۇ يەنىلا ئازلىق قىلىدۇ،چوقۇم شوپۇرلۇق نەزىرىيۋى ئىمتىھانى،كومپىيۇتىر نەزىرىيۋى ئىمتىھانى،ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى قاتارلىق كۆپ خىل ئىمتىھان شەكىلللىرىنى توپلاش ۋە ھازىرلاش زورۇر.
تور بەت قۇرغۇچىغا بولغان تەلەپ:تور بەت پىروگراممىسىغا ئۇستا بولىشى ھەمدە ھەرقايسى ئىمتىھان ئالىدىغان ئورۇنلار بىلە نبولغان مۇناسىۋىتى ياخشى بولىشى،شۇ ئارقىلىق ئىمتىھان سۇئاللىرىنى توپلاش،كۆپەيتىش،يىڭىلاشنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغان بولىشى كىرەك.
مانا يۇقارقى 16 كەسپى تور بەت ساھەسى مىنىڭ قىسقىغىنە كۆزىتىشىمىڭ نەتىجىسى،مەن پەقەت ئويلىغىنىمنى ئوتتۇرغا قويدۇم،بۇ پەقەت مۇشۇ ئىشنى قىلالايدىكەنمەن دەپ بەلباغلىغان قىرىنداشلىرىمىزغا باغلىق.
تەكلىپىم دوسلار ياخشى قىلالمايدىغانلار ئەڭ ياخشىسى يۇقارقى ساھەلەرنى ئىگەللەپ ياتماي ۋە پاخاللاشتۇرماي قىلالايدىغان ،بىلىمى،قابىلىيتى،قۇربىتى يىتىدىغانلارغا يول قويۇڭلار.
مەن يۇقاردا پەقەت قىسقىغىنىە قىلىپ ئوتتۇرغا قويدۇم.ئەگەر شۇ تور بەتنى قۇرۇشنى ئويلىغان بەلنى مەھكەم باغلىغان بولسىڭىز مەن ئويلىغانلىرىمنى سىزگە تەپسىلى دەپ بىرىشكە ھەرۋاقىت تەييار.نۇرقۇت تورى