چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1462 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • huxhuy 6 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz 5 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

  • ئەھەدى ئۈلۈشكۈن 23:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى مۇھىم يازمىلارنىكوچۇرۇپ ساقلىۋېلىشقا ئىجازەت بىرىلسە بۇلات...

  • huxhuy تۈنۈگۈن 00:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇزبېك شائىرەسى رەنا شېئىرلىرى يوللاندى.

كۆرۈش: 125|ئىنكاس: 0

«كېرىيە»مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
«كېرىيە» ژۇرنىلى مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
«تاختا كۆۋرۈك مەدىنىيەت باغچىسى لوڭقىسى»مۇكاپاتلىق  ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيىتى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش


  كېرىيە ناھىيەلىك  ئەدەبىيات-  سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىلەن خۇتەن  «خۇا شېڭ ئۆي- مۈلۈك ئېچىش شىركىتى » بىرلىشىپ، مەدىنىيەتنى جانلاندۇرۇش، ئەدەبىياتىنى ساغلام تەرەققى قىلدۇرۇش، ئەدىبلىرىمىز، ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى ۋە تورداشلارنىڭ كۈنسىرى كۈچىيىۋاتقان مەنىۋىي تەلەپلىرىنى قاندۇرۇش ۋە تاختا كۆۋرۈك مەدىنىيەت باغچىسىنى كېرىيە ساياھىتىدىكى بىرىنچى بىكەت قۇرۇشنى نىشان قىلىش   مەقسىتىدە ،« كېرىيە» ژورنىلى ۋە «كېرىيە دېھقانلار گېزىتى» دە مەخسۇس سەھىپە ئاجرىتىپ،2016 -يىلى« «تاختا كۆۋرۈك مەدىنىيەت باغچىسى لوڭقىسى»مۇكاپاتلىق ئەسەر قۇبۇل قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى .
بۇ قېتىملىق   «تاختا كۆۋرۈك مەدىنىيەت باغچىسى لوڭقىسى»غا ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرىمىز.
    1- مەزكۇر مۇكاپاتلاش پائالىيىتى 2016- يىلنىڭ بېشىدا باشلىنىپ، 8- ئايغىچەئېلىپ بېرىلىدۇ. مۇكاپات 2016-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا  تارقىتىلىدۇ. قۇبۇل قىلىنغان ئەسەرلەر «كېرىيە» ژورنىلى ، «كېرىيە دېھقانلار گېزىتى» نىڭ « «تاختا كۆۋرۈك مەدىنىيەت باغچىسى لوڭقىسى»  مەخسۇس سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر ئىچىدىن تاللىنىلىدۇ.
    2 -مۇكاپاتقا قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەر  شېئىر، پىروزا، ئەدەبىي ئوبزۇر، نەسىر، ئەدەبىي ئاخبارات، خەۋەر،فوتو سۈرەت ، مۇھاكىمە ماقالىسى، مەدىنىيەت ۋە ساياھەتكە دائىر تەتقىقات ماقالىسى ،تونۇشتۇرۇش ماقالىسى قاتارلىق ھەر خىل ژانىردىكى ئەسەرلەر بولىدۇ ، ژىيانىرى چەكلەنمەيدۇ.ۋە مۇكاپاتقا قاتناشتۇرىلىدىغان ئەسەرئاپتۇرىغا يۇرت چەكلىمىسى قۇيۇلمايدۇ.
3-مۇكاپاتقا قاتناشتۇرىلىدىغان ئەسەرلەرگە، مەزمۇنى يېڭى ۋە ساغلام بولۇش، بەدئىيلىكى يۇقۇرى ۋە ئۆزگىچە بولۇش   ئۆلچىمى قويۇلىدۇ. مۇكاپاتلىق پائالىيەتكە قاتناشتۇرىلىدىغان بارلىق ئەسەرلەر  بىر تۇتاش   «كېرىيە» ژورنىلى، «كېرىيە دېھقانلار گېزىتى» دە ئېلان  قىلىنىدۇ.
    4- مۇكاپاتقا ھەرقانداق بىر ئاپتورنىڭ  ئەسەر قاتناشتۇرۇش ھوقۇقى بولىدۇ. ئەسەر يوللىغۇچى  ئەسىرىنىڭ بېشىغا ھەقىقىي ئىسىم-فامىلىسىنى،ئادرىسىنى ۋە ئالاقىلىشىش نۇمۇرىنى تولۇق يېزىشى ، ئاخىرىغا «تاختا كۆۋرۈك مەدىنىيەت باغچىسى لوڭقىسى»پائالىيتىگە دەپ ئەسكەرتىپ قۇيۇشى لازىم.
   5-ئەسەر تەستىقلاش ئۆتكىلى ئالاھىدە چىڭ تۇتۇلۇش بىلەن بىرگە، باشقا سەھىپىلەرگە يوللانغان ئەسەرلەر باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ. ژورنىلىمىز ۋە گېزىتنىڭ مۇھەررىرلىرى مەزكۇر مۇكاپاتلىق پائالىيەتكە ئەسەر قاتناشتۇرسا بولىدۇ. ئەمما باھالاش جەريانىدىكى «نامزات ئەسەر كۆرسىتىش» باسقۇچىدا ئۆز ئەسەرلىرىنى نامزاتلىققا كۆرسىتىشكە بولمايدۇ.
  6-مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەرنى باھالىغاندا  ژانىرغا چەكلىمە قويۇلمايدۇ. بۇ قېتىملىق باھالاشتا،  كېرىيە ناھىيىسىنىڭ ساياھەتچىلىكى ،تارىخى، مەدىنىيىتى، ئۆرۈپ- ئادىتى، ۋە تەرەققىياتى توغرىسىدىكى ئەسەرلەر شۇنداقلا   ناھىيەلىك پارتىكوم خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كونا شەھەرنى ئۆزگەرتىش پىلانىنىڭ ئەھمىيىتى ، تاختا كۆۋرۈك مەدىنىيەت باغچىسىنىڭ مەدىنىيەت ۋە ساياھەت  قىممىتى توغرىسىدىكى ئەسەرلەر ئالدىن تاللاش ئۇبۇكتى قىلنىدۇ .
   7- مۇكاپاتقا قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەر  «كېرىيە»ژورنىلى ، «كېرىيە دېھقانلار گېزىتى»  دىن باشقا ھەر قانداق مەتبۇئات ،تور بەتلەر ۋە ئۈندىدار سۇپىلىرىدا ئېلان قىلىنمىغان، يېڭىدىن ئىجات قىلىنغان،  پەقەت «كېرىيە» ژورنىلى، «كېرىيە دېھقانلار گېزىتى» غا خاس ئەسەرلەردىن بولۇشى لازىم. مۇكاپاتلاش پائالىيىتىدىن كېيىن بۇ ئەسەرلەر توپلىنىپ ، ئايرىم كىتاپ قىلىنىپ نەشىر قىلىنىدۇ .
8-  مۇكاپات سوممىسى توت تۈرگە ئايرىلىدۇ.
1-دەرىجىلىك مۇكاپات  بىر . مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىگە 5مىڭ يۈەن مۇكاپات بىرىلىدۇ .
2- دەرىجىلىك مۇكاپات  ئىككى.. مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە 4مىڭ يۈەندىن مۇكاپات بىرىلىدۇ .
3- دەرىجىلىك مۇكاپات ئۈچ   . مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە 3 مىڭ يۈەندىن مۇكاپات بىرىلىدۇ .
4- مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەن ئەمما ئەسەر قاتناشتۇرغان ھەرقانداق ئەسەر ئاپتۇرىغا كېرىيە ناھىيەلىك پارتىكوم خەلق ھۆكۈمىتى ، ناھىيەلىك  تەشۋىقات بۈلۈمى،     ناھىيەلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى نامىدىن «گۇۋاھنامە» تارقىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە  200 يۈەندىن يۇقۇرى مۇكاپات بۇيۇمى  تارقىتىلىپ بىرىلىدۇ .
جەمىيەتتىكى ھەرساھەلەردىكى ئەدىپ، سەنئەتكارلارنىڭ پائالىيىتىمىزگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشىنى سورايمىز.
ئەسەر قۇبۇل قىلىش ئىلخەت ئادرىسى ۋە پوچتا ئادرىسىمىز :
پوچتا ئادرىسىمىز-كېرىيە ناھىيەلىك ئەدىبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى "كېرىيە"ژورنىلى تەھرىر بۈلۈمى 848400     پوچتا نومۇرى .
تېلفۇن نۇمۇرى: 0903-6818005
ئىلخەت ئادرىسىمىز-  keriya@126.com

ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىلدى.
كېرىيە ناھىيەلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

زالىمنى يەر بىلەن تەڭ كۆر(موللا بىلال نازىمى)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-30 11:37 , Processed in 0.254461 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش