چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1462 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • huxhuy 6 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz 5 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

  • ئەھەدى ئۈلۈشكۈن 23:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى مۇھىم يازمىلارنىكوچۇرۇپ ساقلىۋېلىشقا ئىجازەت بىرىلسە بۇلات...

  • huxhuy تۈنۈگۈن 00:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇزبېك شائىرەسى رەنا شېئىرلىرى يوللاندى.

كۆرۈش: 180|ئىنكاس: 1

2016-يىللىق ھۆكۈمەت تۈر ياردەم مەبلىغى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
2016-يىللىق ھۆكۈمەت تۈر ياردەم مەبلىغى بىلەن تەمىنلەيدىغان كەسىپلەر ۋە ياردەم
مەبلىغىنىڭ پۇل سوممىسى

شانئال مەكتىپىدىن كامران تەرجىمىسى



2016-يىلى قىلىۋاتقان كەسپىڭىزگە دۆلەتنىڭ ياردەم مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولسىڭىز ھېچ بولمىغاندا قانداق تۈرلەرگە ياردەم مەبلىغى بېرىلىدىغانلىقىنى بىلىشىڭىز كېرەك.
1. يېزائىگىلىك مىنىستىرلىقى
تېرىقچىلىق ،باقمىچىلىق كەسىپلىرى
1) نەسىللىك چارۋا ،ئۆي قۇشلىرى فېرمىسى تۈرىنى ئىلتىماسقىلىش؛
2) ئەلا سۈپەتلىك تاۋارئاشلىق بازىسى تۈرىنى ئىلتىماس قىلىش؛
3)ئەلا سۈپەتلىك  شالغۇت ئاشلىق بازىسى تۈرىنى ئىلتىماس قىلىش؛
4) ئەلا سۈپەتلىك  سۇ مەھسۇلاتلىرى بازىسى تۈرىنى ئىلتىماس قىلىش؛
5) ئەلا سۈپەتلىك  كۆكتات( يېيىلىدىغان زەمبۇرۇغ ) بازىسى تۈرىنى ئىلتىماس قىلىش؛
6) ئەلا سۈپەتلىك  گۈل-گىياھ بازىسى تۈرىنى ئىلتىماس قىلىش؛
7)ئۆلچەملەشكەن چارۋا-ئۆيقۇشلىرى باقمىچىلىق رايونى سىناق نوختا بازىسى تۈرى ؛
8) ئەلا سۈپەتلىك  مېۋە-چىۋە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى تۈرىنى ئىلتىماس قىلىش؛
9) ئەلا سۈپەتلىك  پىلە بېقىش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى تۈرىنى ئىلتىماس قىلىش؛
10)زىرائەت غول-شاخلىرىبىلەن چارۋا بېقىش تۈرىنى ئىلتىماس قىلىش؛
11)پاتقاق گازى تۈرىنى ئىلتىماس قىلىش؛
12)ئىقتىسادى ئورمان بازىسىتۈرىنى ئىلتىماس قىلىش؛
13)ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكتۈرىنى ئىلتىماس قىلىش؛
14)يۇقىرى ھوسۇل ئالدىغان زىرائەتلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلىش تۈرىگە ئىلتىماس قىلىش؛

پىششىقلاپ ئىشلەش كەسىپلىرى
1)ئاشلىق پىششىقلاپ ئىشلەشتۈرىگە ئىلتىماس قىلىش؛
2)مېۋە-چىۋە پىششىقلاپ ئىشلەشتۈرىگە ئىلتىماس قىلىش؛
3)چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش تۈرىگە ئىلتىماس قىلىش؛
4)مايلىق دان تۈرىدىكىلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش تۈرىگە ئىلتىماس قىلىش؛
5)سۇ مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش تۈرىگە ئىلتىماس قىلىش؛
6)بىيو-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش تۈرىگە ئىلتىماس قىلىش؛
7) يۇقىرى تېخنىكىلىق يېزائىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش تۈرىگە ئىلتىماس قىلىش؛
8)يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەشتۈرىگە ئىلتىماس قىلىش؛
9)سۇيۇق ھالەتتىكى سۈت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش تۈرىگە ئىلتىماس قىلىش؛

مال ئوبوروت ئەسلىھەلىرى كەسپى
1) يېڭى پېتى ساقلاش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى تۈرىگە ئىلتىماس قىلىش؛
2) مال توپ تارقىتىش بازىرى قۇرۇلۇشى تۈرىگە ئىلتىماس قىلىش؛

ئاساسى مۇئەسسەسەقۇرۇلۇشى
1) ئوتتۇرا-تۆۋەن ھوسۇللۇق ئېتىزلارنى ئۆزگەرتىش تۈرىگەئىلتىماس قىلىش؛
2) ئېتىزلاردىكى تۇك،سۇ يوللىرىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىتۈرىگە ئىلتىماس قىلىش؛
3) سۇ تېجەپ سۇغۇرۇش تۈرىگە ئىلتىماس قىلىش؛
4) ئوتتۇرا-كىچىك دائىرىدىكى سۇغۇرۇش سۇ ئامبارلىرى تۈرىگەئىلتىماس قىلىش؛
5) شورلۇق يەرلەرنى ئۆزگەرتىش تۈرىگە ئىلتىماس قىلىش؛
6) قۇملۇق چۆللەرنى ئۆزگەرتىش تۈرىگە ئىلتىماس قىلىش؛
7) ئوتلاق قۇرۇلۇشى تۈرىگە ئىلتىماس قىلىش؛

تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى
1) دۆلەت يۇقىرى تېخنىكا كەسىپلىرى تەرەققىيات تۈرى ۋەيۇقىرى تېخنىكىلىق زامانىۋى يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇشى تۈرىگە ئىلتىماس قىلىش؛
2) يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش باشلامچى كارخانا تۈرىگەئىلتىماس قىلىش؛
3) زامانىۋى مىللىي تېبابەت كەسىپلىرى تۈرىگە ئىلتىماسقىلىش؛

مالىيە نازارىتى
1) دۆلەت يېزا ئىگىلىكىنى  ئۇنىۋېرسال ئېچىش تۈرىگە ئىلتىماس قىلىش؛
2) دۆلەت يېزا ئىگىلىكىنى  ئۇنىۋېرسال ئېچىشنى كەسىپلەشتۈرۈش تۈرىگە ئىلتىماسقىلىش؛
3) جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپ چىقىرىشنىيۆلەش تۈرىگە ئىلتىماس قىلىش؛
4) دۆلەت يېزا ئىگىلىكىنى ئۇنىۋېرسال ئېچىشنى كەسىپلەشتۈرۈشمەخسۇس تۈرىگە ئىلتىماس قىلىش؛

سودا مىنىستىرلىقى
1) " ئونمىڭ كەنت مىڭ يېزا " دا بازار قۇرۇشسىناق نۇقتا تۈرىگە ئىلتىماس قىلىش؛

پەن-تېخنىكامىنىستىرلىقى
1) پەن-تېخنىكىلىق ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدايېڭىلىق يارىتىش فوندى تۈرىگە ئىلتىماس قىلىش؛
2) يېزا-ئىگىلىك تەتقىقات نەتىجىسىنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىشمەبلىغى تۈرىگە ئىلتىماس قىلىش؛
3) دۆلەت كېڭەيتىش پىلانى تۈرىگە ئىلتىماس قىلىش؛
4) دۆلەت يۇقىرى تېخنىكا پەن-تەتقىقات تۈرىگە ئىلتىماسقىلىش؛

دۆلەتلىك دەرىجىلىك تۈرلەرنىڭ ياردەم پۇلى قانچىلىك؟
مالىيە مىنىستىرلىقى قىسمەن تۈرلەرنىڭ پۇل سوممىسى
1. باشلامچى كارخانىلارنىڭ كەسىپلەر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە " بىر ناھىيەدە بىر ئالاھىدە كەسىپ بۇلۇش" سىناق نوختا تۈرى( 3مىليوندىن---8 مىليونغىچە )
2. يېزا ئىگىلىكىنى ئۇنىۋېرسال ئېچىش يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش تۈرى ( 500مىڭدىن---3مىليونغىچە )
3. يېزا ئىگىلىكىنى ئۇنىۋېرسال ئېچىش ئورمانچىلىق مەخسۇس تۈرى ( 1مىليون200مىڭدىن تۆۋەن ئەمەس)
4. يېزا ئىگىلىكىنى ئۇنىۋېرسال ئېچىش يېڭىچە ھەمكارلىق ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى ( 500مىڭدىن---2مىليونغىچە)
5. يېزا ئىگىلىكىنى ئۇنىۋېرسال ئېچىش تۇپرىقىنى تۈزەش تۈرى ( 5مىليون ئەتراپىدا )
6. باغچىلاشقان زامانىۋى يېزائىگىلىك تۈرىنى ئىلتىماسقىلىش ( 10مىليوندىن---20مىليونغىچە)
7. ئوتتۇرا كۆلەملىك سۇغۇرۇش رايونىنى سۇ تېجەش بۇيىچە ئۆزگەرتىش تۈرى ( 10مىليوندىن كەم ئەمەس )

يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى قىسمەن تۈرلەرنىڭ پۇل سوممىسى
1. " كۆكتات سېۋىتى " قۇرۇلۇشى مەھسۇلاتلىرىنىئىشلەپچىقىرىش تۈرى ( 3مىليون ئىچىدە )
2. يېزا ئىگىلىكىنى ئۇنىۋېرسال ئېچىش يېزائىگىلىك مىنىستىرلىقىمەخسۇس تۈرى( ئەلا نەسىلنى كۆپەيتىش،ئالاھىدە كوزىر تېرىقچىلىق،باقمىچىلىق تۈرى 2مىليوندىن---5مىليونغىچە)
3. چوڭ،ئوتتۇرا تىپتىكى پاتقاق گازى قۇرۇلۇشى مەركەزبىۋاسىتە مەبلەغ سېلىش تۈرى ( 1مىليوندىن---2مىليونغىچە )
4. يېزائىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى چىققان يېرىدە تۆۋەن دەرىجىدەپىششىقلاپ ئىشلەش تولۇقلىما تۈرى ( ئومۇمىي سېلىنغان مەبلەغنىڭ %30 ئەتراپىدا )
تەرەققىياتئىسلاھات  كومىتېتى قىسمەن تۈرلىرىنىڭ پۇل سوممىسى
1. زامانىۋى يېزا ئىگىلىكئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى ( 2مىليوندىن-200مىليونغىچە )
2. نوختىلىق كەسىپلەرنى جانلاندۇرۇش ۋە تېخنىكىلىق ئۆزگەرتىشمەخسۇس تۈرى ( ئومۇمىي سېلىنغان مەبلەغنىڭ %10 )
3. بايلىقنى تېجەش مۇھىت قوغداش مەركەز خام چوتى تۈرى(ئومۇمىي سېلىنغان مەبلەغنىڭ %10)
4. ئىقتىساد-سودا ساھەسىدىكى مەركەز مەبلەغ تۈرى ( 5مىليون ئەتراپىدا )
5. قوي ئۆلچەملىك باقمىچىلىق قوتىنى ( رايونى ) تۈرى( 300مىڭدىن---1مىليونغىچە)
6. سۈت كالىسىنى ئۆلچەملىك بېقىش فېرمىسى ( رايونى )تۈرى ( 800مىڭدىن1مىليون700مىڭ )
7. بىيولوگىيەلىك ئېنېرگىيەدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى ( سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغنىڭ %10 ئەتراپىدا)

باشقا تۈرلەرنىڭ پۇل سوممىسى
1. پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى : يېزائىگىلىك پەن-تەتقىقاتنەتىجىلىرىنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىش تۈرى ( 600مىڭدىن---3مىليونغىچە )
2. پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى : ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارتېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش فوندىنىڭ زامانىۋى يېزائىگىلىك ساھەسى تۈرى ( 800مىڭدىن ئاشمايدۇ )
3. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى : ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى مەخسۇس تۈرى ( 3مىليون )
4. نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى : كەسىپلەشتۈرۈپ نامراتلارنى يۆلەش تۈرى ( 5 مىليون )

بۇندىن كېيىن تۈر مەبلەغلىرى " كەسىپلەر زەنجىرى " نى بەرپا قىلىشقا ئاغىدۇ
2014-يىلىدىن باشلاپ دۆلەت" پىششىقلاپ ئىشلەش كوپىراتىپى " ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنى مەخسۇس ئوتتۇرىغاقويدى،پىلان بويىچە 2014-يىلىدىن-2016-يىلىغىچە دۆلەت دەرىجىلىك 1000 " پىششىقلاپئىشلەش كوپىراتىپى "نى قۇرۇپ چىقتى. تۈر مەبلىغى ئاستا-ئاستا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى،كۆلەملەشكەن تېرىقچىلىق ،باقمىچىلىقتىن،مەھسۇلاتلارنى ئوراپقاچىلاش،پىششىقلاپ ئىشلەش،ئوبوروت قاتارلىق ساھەلەرگە ئاغدى. يېزائىگىلىك كارخانىلىرىدېھقانلار ،دېھقانلار كوپىراتىپى بىلەن مەنپەئەت زەنجىرى بەرپا قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلۈپ،ئىشتەقسىماتى ئىلىمى ،ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھالىتى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈلدى.
مەنبە: باغداش مۇنبىرى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-12 00:00:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلتىماس قىلىش قەدەم باسقۇچلىرى : 

1 . ئالدى بىلەن بىز نىمە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىمىزنى ئېنىق بىلىشىمىز كېرەك ، چۈنكى تۈر مەبلىغىنى ئىلتىماس قىلىش ، تەكشۈرۈش قەدەملىرى بىر قەدەر قاتتىق . ئىلتىماس قىلسىلا پۇل كىلىپ قالىدىكەن دەپ قارىغۇلارچە مەشغۇلات ئېلىپ بارساق بىھۇدە ئاۋارە بولىمىز . كەسپىمىز ئېنىق بولغاندىن كېيىن ھۆكۈمەت شۇ يىلى يولغا قويغان مەبلەغ ئىلتىماس قىلىش شەرتىگە چۈشەمدۇ چۈشمەمدۇ ئېنىق بىكىتىمىز .

2 . تۈر مەبلىغى ئىلتىماس قىلىشتىكى مەخسەت مۇددىئايىڭىز ئېنىق بولىشى كېرەك . سىز زادى قانچىلىك ئىش قىلماقچى ، قانچىلىك مەبلەغ ئىلتىماس قىلىپ قانچىلىك پايدا ياراتماقچى ، قانچىلىك ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرماقچى ، سىزنىڭ بۇ تۈرىڭىزنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا قانچىلىك بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك پايدىسى بار دىگەنلەر ئېنىق بولىشى كېرەك ، ھەم بىز كېيىنكى قەدەمدە تەييارلايدىغان ماتېريالغا ئېنىق چۈشىشى كېرەك . 3 . ئىلتىماس قىلىدىغان تۈرىڭىزنىڭ مەبلەغ ۋە مەھسۇلات دائىرسىنى بىكىتىسىز . مەسىلەن : 《يىلىغا 100 مىڭ قۇر كېيىم ئىشلەپچىقىرىش قۇرلۇش تۈرى 》, (年产10万套服装建设项目》 دىگەندەك . سىز ھازىرقى شىركىتىڭىزدە يىلىغا 10 مىڭ قۇر كىيىم ئىشلەپچىقىرالىدىڭىز ، ئەمدى سىز شىركىتىڭىزنى  يىلىغا 100 مىڭ قۇر كېيىم ئىشلەپچىقىرالىغۇدەك كېڭەيىتمەكچى بولسىڭىز ، يۇقارقىدەك نامدا يوللىماقچى بولغان مەبلىغىڭىزگە < ئىسىم قويىسىز > . دىمەك سىز يىلىغا 100 مىڭ قۇر كېيىم ئىشلەپچىقارغۇدەك زاۋۇت قۇرۇشقا قانچىلىك قۇرلۇش قىلىسىز ، قانچىلىك ئادەم ئىشلىتىسىز ، قانچىلىك ئۈسكۈنە ئەسىلىھە سېتىۋالىسىز دىگەنلەرنى ھېسابلاپ ئۆزىڭىزدە بار مەبلەغ قانچىلىك بىر دەڭسەيسىز ، بانكىدىن قانچىلىك قەرز ئالالايسىز ئۇنى بىر دەڭسەيسىز ، ئاندىن قالغان كاملىغان پۇلنى ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ .

4 . ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق ناھىيە شەھەردىكى ئىقتىسادى ئۇچۇر كومېتىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىشخانىسىغا بېرىپ ئۆزىڭىزنىڭ مەخسىدىنى دەيسىز ، ئۇلار تۈر مەبلىغى يوللايدىغان شەرتكە چۈشسە سىزگە كېتەرلىك ماتېريال ، جەدىۋەللەرنى بېرىدۇ . بۇنىڭغا ئالدى بىلەن 《 项目建议书》 دەيدىغان بىر ماتىريال تەييارلايسىز . بۇ ماتىريال بىر قەدەر چوڭراق ھەجىمدە بولىدۇ ، چۈنكى بۇ ماتېريال سىزنىڭ شېركىتىڭىزنىڭ بارلىق تۇنۇشتۇرۇش ، تەرجىمىھال ، ئالاھىدىلىكى ، قىلالايدىغان ئىشىڭىز ، ئىقتىدارىڭىز ، جۇغراپىيلىك ئالاھىدىلىكىڭىز ، رىقابەت ئەۋزەللىكىڭىز ، قۇرلۇش كۆلىمىڭىز ...... قاتارلىق نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ ( بەيدۇلاپ باقسىڭىز ناھايىتى تەپسىلى چىقىدۇ ، باشقا شىركەتلەردىن ئۆرنەك ئېلىپ ئىشلىسىڭىزمۇ بولىدۇ ) . باشقا جەدىۋەللەرنى سىزنىڭ قولىڭىزغا بىۋاستە بېرىدۇ ، تەلەپ بويىچە تولدۇرسىڭىز بولىدۇ . ئاندىن بۇ تۈرگە باش بولۇپ ماڭىدىغان ، ئىجرا قىلىدىغان ئادەمنىڭ تەپسىلى چۈشەندۈرلۈش تەرجىمىھالىنى تەييار قىلىسىز . ھەممە ماتېرياللار بەك تەپسىلى ، چۈشىنىشلىك رەتلىك  چىقىشى كېرەك . بارلىق ماتېرياللار بىردەك خەنزۇچە تەييارلىنىدۇ .

5. مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىگە بېرىپ ئۆزىڭىزنىڭ تۈرىگە مۇناسىۋەتلىك بىر جەدۋىلى بار ، شۇنى تولدۇرۇپ بەرسىڭىز سىزنىڭ يوللىماقچى بولغان تۈرىڭىزنىڭ مۇھىتقا نىسبەتەن قانداق تەسىرى بار ، مۇھىت بۇلغامدۇ ياكى تەسىرى بولمامدۇ دىگەندەكلەرنى تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن سىزگە قىزىل باشلىق ھۆججەتتىن بىرنى چىقىرىپ بېرىدۇ ( ئىسمى تازا ئىسىمدە قالماپتۇ ) . ئاندىن سىز يوللىماقچى بولغان تۈر باشقا قايسى ئىدارىگە مۇناسىۋەتلىك بولسا شۇ ئىدارىنىڭ مۇناسىپ تامغا چۈشىدىغان ئورنى بولسا  تامغا ئۇرغۇزۇپ كېلىسىز .

6 . ماتېرياللارنى ئۆلچەملىك تولدۇرۇپ يېزىپ تەييار قىلغاندىن كېيىن ئۆلچەملىك قەغەزگە بېسىپ چىقىرىپ يەتتە نۇسخا تەييار قىلىسىز ، ھەم كىتاپچە قىلىپ تۈپلەيسىز . بۇ دەرىجە بويىچە ناھىيە ۋىلايەت ئاپتۇنۇم رايون ھەتتا مەركەزگىچە بىر نۇسخىدىن كىتىدۇ . ماتېرياللارنى رەتلىگەندە چوقۇم ئۆلچەملىك تەھرىرلەڭ ، خەت نۇسخىسى ، چوڭ كىچىكلىكى ئۆلچەملىك ، بىر خىل چىقسۇن ، سەت نەرسە بىلەن ھەممىمىزنىڭ خۇشى يوققۇ دەيمەن . جەدىۋەللەر توغرىلىق تەپسىلى توختالمىدىم ، چۈنكى ھەر قايسى ساھە كەسىپنىڭ تولدۇرىدىغان جەدۋىلى پەرىقلىق ، تەييارلايدىغان ماتېرياللىرى پەرقلىق بولىدۇ، شۇڭا ئۇنى ئىدارىنىڭ تەلىپى بويىچە تەپسىلى سوراپ تولدۇرۇڭ .

7 . شىركىتىڭىزنىڭ كىتەرلىك ماتېرياللىرى : تىجارەت كىنىشكىسى ، باج كېنىشكىلىرى ، تەشكىلى ئاپارات تەرتىپ نومۇر كېنىشكىسى < 组织机构代码证> ، بانكا ھېساب ئېچىش ئىجازەتنامىسى ، تامغا ، ئالاھىدە كەسىپلەرنىڭ شۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ئىجازەتنامىسى ، قانۇنى ۋەكىلىنىڭ كىملىكى قاتارلىقلار .

8 . بىز ئىزدەيدىغان ئىدارە ئورگانلار : ئىقتىسادى ئۇچۇر كومىتىتى 经信委 ( كۆپ ئۇرۇنلاردا ناھىيلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىچىدە بولىدۇ ) ، ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتىتى 发改委 ، ئاياللارغا مۇناسىۋەتلىك كەسىپ بولسا ئاياللار بىرلەشمىسى ، نامراتلارغا مۇناسىۋەتلىك بولسا نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى ، خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ، كادىرلار ئىدارىسى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار .

       ئادەتتە بىزنىڭ دىيارىمىزدا بۇ خىلدىكى مەبلەغ ئىلتىماس قىلىشقا بولىدىغان تۈرلەر ئاساسلىق ( بىزدەك شەخسى شىركەت ئورۇنلىرى ئۈچۈن )  يېزا ئېگىلىك پەن تېخنىكىسى ۋە ئېچىش ، پىششىقلاپ ئىشلەش ، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە مەھسۇلاتلارنى قېزىش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش ، باقمىچىلىققا مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەر ، يۇمشاق دېتال ، يەرلىك مىللىيچە ئالاھىدىلىككە ئىگە كېيىم كىچەك ، قول ھۆنەر بويۇملىرى ، گېلەم قاتارلىقلار بولۇپ بۇ مەبلەغدىن پايدىلىنىدىغانلار بەك ئاز ساندا . بەزى پايدىلىنىدىغانلار باراڭ ياساپ مەبلەغنى ئېلىپلا چىقىمنى چوڭ كۆرسىتىپ ئىگىلىكنى تەرەققى قىلدۇرماي يانچۇق توملىغان ئەھۋاللارمۇ كۆپ . شۇڭا تورداشلارنىڭ مۇشۇ تۈردىكى سىياسەتلەرگە ئىتىبار بىرىپ ، ھۆكۈمەت ياردىمىدىن ياخشى پايدىلىنىشىنى ، ئېگىلىكنى ھەقىقى خەلىققە نەپ بەرگۈدەك ئىگىلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . كىلەر قېتىملىق يازمام بۇ قېتىملىق ھۆكۈمەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتى ۋە مەبلەغلىرى ، بۇ تۈردە يۇشۇرۇنغا سودا پۇرسەتلىرى بولۇشى مۇمكىن ، ئىمكان بولسا شۇ توغرىسىدا بىر تېما يېزىپ كۆپچىلىك بىلەن مۇنازىرە قىلىشىمىز .

مەن بۇ يولنى شەخسەن ئۆزۈم مېڭىپ باققان ، ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزگىنىم بويىچە يازدىم ، ماتېريال كۆرۈپ ئىزدەنگۈدەك ۋاقىت بولمىدى . بەزى باسقۇچلارنى ئۇنتۇپ قالغان بولۇشۇم مۇمكىن ۋە ياكى بەزى باسقۇچلار بۇ يىل ئۆزگەرگەن بولىشى مۇمكىن . توغرا چۈشەنگەيسىلە .
ۋاقىت قىس ، سەۋىيە چەكلىك بولغاچقا مۇشۇنچىلىك يازدىم ، باشقا تەپسىلاتلار بولسا بىلىدىغانلار تولۇقلاپ قويساڭلار دىگەن ئۈمۈدتە مەن ، ياكى بەيدۇ تورىدا تەپسىلاتى بار .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ھەقىقەت يولىدىكى سەپەرگە يول خېتى كېرەك ئەمەس.(جولئوت)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-30 12:40 , Processed in 0.197626 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش