چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1456 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • yadikar ئۈلۈشكۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەرھۇم مويدىن سايىتنىڭ ئاخىرەتلىكى ئاسان بولغاي!

  • eleyas ئۈلۈشكۈن 16:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    نىمىنى بەكرەك ياقتۇرساڭ ،شۇنەرسە  سىنىڭ ئ‍ىمتاھانىڭدۇر. جالالىددىن رۇمى…

  • huxhuy ئۈلۈشكۈن 00:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz تۈنۈگۈن 23:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

كۆرۈش: 180|ئىنكاس: 0

«ئارۇز»سۆزى ۋە ئارۇز ۋەزنى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
«ئارۇز» سۆزى ۋە ئارۇز ۋەزنى ھەققىدە

مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇكېرىم شەيدائى

شېئىرىيەت ئەدەبىياتنىڭ گۈزەل بىر بۆلىگى سۈپىتى بولۇش بىلەن ئوقۇرمەنلەرگە ئۆزىدىكى تەسۋىرىي جەلپكارلىقى ۋە پاساھىتى ھەقىقىي مەنىۋىي زوق ئاتا قىلىدىغان مەنىۋىي بايلىقتىن ئىبارەت. ئۇزاق تارىخىي ئۆتمۈشىمىزگە نەزەر سالىدىغان بولساق ئۇيغۇر ئەدەبىياتى باشقا خەلقلەر ئەدەبىياتىدىن بەدىئىيلىك جەھەتتىن ئالاھىدە ئايرىلىپ جۇلالىنىپ تۇرىدۇ.
  شېئىرلار ئۆزىنىڭ مۇئەييەن قۇرۇلما خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە بارماق ۋەزىنلىك شېئىرلار ۋە ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلار دەپ ئىككى چوڭ ۋەزىن قۇرۇلمىسى مەۋجۇت. بارماق ۋەزىنلىك شېئىرلارغا ئاساسەن خەلق قوشاقلىرى، ئەل ئارىسىدىكى شېئىرىي شەكىلدە يېزىلغان قوشاقلار، بالىلار قوشاقلىرى قاتارلىقلار كىرىدۇ. ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلارغا پاساھەتكە تويۇنغان غەزەللەر، شېئىرلار، مۇقام ناخشا تېكىتلىرى كىرىدىغان بولۇپ قەدىمدىن ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلار ئوردا ھەرەم شېئىرلىرى دەپ قارىلىپ كەلگەن. مەن بۇ يەردە ئاشۇ ئارۇز ۋەزنىلىك شېئىرلار ھەققىدىكى يۈزەكى چۈشەنچەمنى قىززىققۇچى تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.
ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە ئارۇز ۋەزنى ئۆلچىمىگە ئەڭ يېقىن دەسلەپتە يېزىلغان ئەسەر «قۇتادغۇبىلىگ» بولۇپ، ئەسەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى ۋەزىن ئۆلچىمى نۇقتىسىدىن ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلغىنىمىزدا ئۇنىڭدىمۇ بەزى كەمتۈكلۈكلەرنى بايقايمىز.
  ئارۇز ۋەزنلىك شېئىرلار بىزگە ئەرەپ ۋە پارىس يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىش ئارقىلىق كىرىپ كەلگەن. ئەدەبىياتىمىزنىڭ پېشۋاسى بولمىش ھەزرىتى نەۋائى بىزنىڭ شۇ دەۋىرلەردىكى شېئىرىي ئەدەبىياتىمىزدا ئارۇزنىڭ ئاساسەن توقلۇغىنى، بولغاندىمۇ ھەقىقىي ۋەزىن تەرتىۋىگە ماسلاشمىغانلىغىنى بايقىغان.
«ئارۇز» شېئىرىيەتنىڭ شاھ تاجى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەخسۇس ئىلم سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان. ئارۇز ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى خەلىل ئىبن ئەھمەدتۇر. «ئارۇز» سۆزىنىڭ مەنىسىگە قەدىمقى ئارۇزشۇناسلىرىمىزدىن ئەلىشېر نەۋائى ئۆزىنىڭ «مىزانۇل ئەفزان» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق شەرىھلەيدۇ: «خەلىل ئىبن ئەھمەد بۇ پەننىڭ ئاساسچىسىدۇر، ئۇ ئەرەپلەردىن بولۇپ، ئۇنىڭ ياشىغان ۋادىيسىنىڭ نامى «ئارۇز» ئىكەنلەر،ۋە ئول ۋادىيدە ئەرەپلەر ئۆزلىرىنى چىرايلىق چېدىرلىرىنى تىكىپ ھەرخىل بىزەكلەردە بىزەركەنلەر. ئەرەپلەر ئۆينى «بىيىت» دىيىشىدۇ، ئەنە شۇ چىرايلىق بىزەلگەن بىيىتلەردىن تۈزۈلگەن شېئىرىي ئەسەرلەر ئۆزلىرىنىڭ بىززىلىش قانۇنىيەتلىرىگە ئاساسەن ئارۇز دەپ ئاتالغاندۇر.»
  15-ئەسىرنىڭ داڭلىق ئەدەبىياتشۇناسلىرىدىن بولغان ۋاھىد تەبرىزىي ئۆزىنىڭ «جەمئىئۇل مۇھتەسەر» ناملىق ئەسىرىدە: ئارۇز-ئەرەپلەرنىڭ چېدىر ئۆيىنى تۇتۇپ تۇرىدىغان تۈۋرۈكنىڭ نامى، ئارۇزچىلار ھەرقايسى بىيىتنىڭ بىرىنچى مىسراسىنىڭ ئاخىرىدىكى ۋەزىننى ئارۇز دەپ ئاتايدۇ. مىسرانىڭ شۇ ئاخىرىقى بۆلىكى ئېيتىلغاندا شېئىرنىڭ قايسى ۋەزىندە يېزىلغانلىقى مەلۇم بولىدۇ، ئەرەپلەرنىڭ چېدىرىنى مۇستەھكەملەشتە ئاغامچا، قوزۇق، تۇتقۇ قاتارلىق ئەسلىھەلەر ئەڭ مۇھىم بولغاچقا ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلاردىمۇ ئەنە شۇ تارماقلار مەۋجۇدتۇر، يەنى-سەۋەپ، ۋەتەد، فاسىلەدىن ئىبارەت دەپ ئىزاھ بېرىدۇ.
  ئەمدى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ ئۆز شېئىرىيىتىمىزگە نەزەر سالىدىغان بولساق تىلىمىزدىكى ئىستىمالىمىزغا ئاساسەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا 32ھەرىپ مەۋجۇت. بۇلاردىن سەككىزىنى سوزۇق تاۋۇش، قالغانلىرىنى ئۈزۈك تاۋۇشلار دەپ ئاتايمىز. سۆزلىرىمىزدە ئەنە شۇ سوزۇق ۋە ئۈزۈك تاۋۇشلاردىن تۈزۈلگەن بوغۇملار مەۋجۇت بولۇپ، شېئىرىيەتتە ئەنە شۇ بوغۇملار مەلۇم تەرتىپتە كېلىدۇ. ئۈزۈك ۋە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ بىرىكىشىدىن بوغۇم ھاسىل بولىدۇ ۋە ئارۇزز زۋەزىنلىك شېئىرىيەتتە بۇ بوغۇملار سەۋەپ، ۋەتەد، فاسىلە دەپ ئاتالغان بۆلەكلەرنى تۈزىدۇ.
بىر تولۇق ياكى ئىككى قىسقا بوغۇمنىڭ بىرىكمىسى  ئارۇز ۋەزنىنىڭ ۋەزىن ئۆلچىمى بويىچە سەۋەپ دىيىلىدۇ،يالغۇز تولۇق بوغۇمدىن تۈزۈلگەن سەۋەپ(سەۋەبى ھەفىف)ياكى يېنىك سەۋەپ دىيىشمۇ مۈمكىن. ئارۇز ۋەزىن ئۆلچىمىدە بۇنداق سەۋەپ  _ بەلگىسىدە ئىپادىلىنىدۇ. ئىككى قىسقا بوغۇمدىن تۈزۈلگەن سەۋەپ- تولۇق سەۋەپ(سەۋەبى سەقىل) دىيىلىپ ۋەزىن ئۆلچىمىدە V بەلگىسى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
  قىسقا ۋە تولۇق بوغۇملارنىڭ بىرىكىشىدىن ۋەتەد ھاسىل بولىدۇ. بۇنداق بىرىكمىدە قىسقا ياكى تولۇق بوغۇملارنىڭ كېلىپ ئورنى ئۆزگىرىشىگە قاراپ ۋەتەدلەرمۇ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.
ۋەتەدى مەجمۇھ- يەنى قوشما ۋەتەد.
ۋەتەدى مەفرۇق- ئايرىلغان ۋەتەد.
   قوشما بوغۇمدا تولۇق بوغۇم ئالدىدا، قىسقا بوغۇم كەينىدە كېلىپ بىرىككەن بولىدۇ. مەسىلەن: مەۋ+جى = مەۋجى
                                                                                                                                       V   -
  ئايرىلغان ۋەتەدتە بولسا قىسقا بوغۇمدىن كىيىن تولۇق بوغۇم كېلىدۇ. مەسىلەن: ۋە+تەن= ۋەتەن
                                                                                                                -    V
فاسىلە: ئىككى ياكى ئۈچ قىسقا بوغۇمنىڭ ئۆزىدىن كىيىن كەلگەن تولۇق بوغۇم بىلەن بىرىكىشىدىن تۈزىلىدۇ.ئەگەر ئىككى قىسقا بوغۇم بىلەن تولۇق بوغۇم بىرلەشسە كىچىك فاسىلە(فاسىلەئى سۇغرا) شەكىللىنىدۇ ۋە VV- بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئۈچ قىسقا بوغۇم بىلەن بىر دانە تولۇق بوغۇمنىڭ بىرىكىشىدىن چوڭ فاسىلە(فاسىلەئى قۇبرا) شەكىللىنىدۇ ۋە ئىپادىلىنىشتە VVV – بەلگىسى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.
مانا مۇشۇ تەرىزدە سەۋەپ، ۋەتەد ۋە فاسىلەلەرنىڭ بىرىكىشىدىن شېئىرىي مىسرالارنى ھاسىل قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل- ۋەزىن شەكىللىنىدۇ. بىر سەۋەپ بىلەن بىر قوشما ۋەتەدنىڭ بىرىكمىسىدىن فائۇلۇن ۋە فائىلۇن ۋەزنى ھاسىل بولىدۇ. ئەگەر ۋەتەدتىن كىيىن سەۋەپ كەلسە فائۇلۇن ۋەنى، ئەكسىچە سەۋەپتىن كىيىن ۋەتەد كەلسە فائىلۇن ۋەزنى تۈزىلىدۇ.  فائۇلۇن ۋەزنى ئىپادىدە V—بەلگىسى بىلەن، فائىلۇن ۋەزنى بولسا -V-بەلگىسى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
ئىككى سەۋەپ بىلەن بىر ۋەتەدنىڭ بىرىكمىسىدىن تۆت دانە تۆت بوغۇملۇق ۋەزىن تۈزۈلىدۇ بۇلار مەفائىلۇن، فائىلەتۇن، مۇستەفئىلۇن ۋە مەفائۇلاتۇ ۋەزىنلىرىدىن ئىبارەت.
قوشما ۋەتەددىن كىيىن ئىككى سەۋەپ كەلسە مەفائىلۇن ۋەزنى، قوشما ۋەتەد ئىككى سەۋەپنىڭ ئوتتۇرىسىدا كەلسە فائىلاتۇن، قوشما ۋەتەد ئىككى سەۋەپتىن كىيىن كەلگىنىدە مۇستەفئىلۇن ۋەزنى،ئىككى سىۋىپتىن كىيىن ئايرىلغان ۋەتەد كەلسە مەفئۇلاتۇ ۋەزنى ھاسىل بولىدۇ.
ۋەتەد ھەمدە فاسىلەنىڭ بىرىكىشىدىن يەنە ئىككى ۋەزىن-مۇتەفائىلۇن ۋە مەفائىلاتۇن ۋەزىنلىرى بارلىققا كېلىدۇ. قوشما ۋەتەد كىچىك فاسىلەدىن بۇرۇن كەلگەندە مەفائىلاتۇن ۋەزنى، ھەمدە شۇ ۋەتەد كىچىك فاسىلەدىن كىيىن كەلگىنىدە مۇتەفائىلۇن ۋەزنى شەكىللىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ يۇقارقى ۋەزىنلەرنى يىغىپ سىزما ئىپادىسىنى شەكىللەندۈرسەك تۆۋەندىكىدەك ۋەزىن ئۆلچىمى شەكىللىنىدۇ:
فائۇلۇن :  V    —
فائىلۇن:-V-      
مەفائىلۇن:---V   
فائىلاتۇن:--V-      
مۇستەفئىلۇن:-V--   
مەفئۇلاتۇ:V---      
مۇتەفائىلۇن:-V-VV   
مەفائىلاتۇن:-VV-V   
مانا بۇلار ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلارنىڭ ۋەزىن ئۆلچىمىدۇر. بۇلار ئاساسىي ۋەزىن ئۆلچىمى بولۇپ، ھەر بىر ۋەزىننىڭ ئىچىدە يەنە ھەرخىل تارماق ۋەزىنلەر مەۋجۇت.
ئەمدى يۇقارقى ۋەزىنلەرنىڭ شېئىرىي مىسرالاردا بەلگىلىك تەرتىپتە تەكرارلىنىشىدىن ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلارنىڭ بەھرى ئايرىلىدۇ. بۇنداق بەھىرلەر ئاساسەن يەتتىدۇر. ئۇلار مەفائۇلاتۇ ۋەززنىدىن باشقا ۋەزىنلەرنىڭ تەكرارلىنىشىدىن ھاسىل بولىدۇ.
فائۇلۇن ۋەزنىنىڭ تەكرارلىنىشىدىن مۇتەقارىب بەھرى.
فائىلۇن ۋەزنىنىڭ تەكرارلىنىشىدىن مۇتەدارىق بەھرى.
مەفائىلۇن ۋەزنىنىڭ تەكرارلىنشىدىن ھەزەج بەھرى.
فائىلاتۇن ۋەزنىنىڭ تەكرارلىنىشىدىن رەمەل بەھرى.
مۇستەفئىلۇن ۋەزنىنىڭ تەكرارلىنىشىدىن رەجەز بەھرى.
مۇتەفائىلۇن ۋەزنىنىڭ تەكرارلىنىشىدىن كامىل بەھرى.
مەفائىلاتۇن ۋەزنىنىڭ تەكرارلىنىشىدىن ۋافىر بەھرى قاتارلىق بەھىرلەر شەكىللىنىدۇ.
يەنە بىر بىيىتتە بۇنداق ۋەزىنلەر تۆت قېتىم تەكرارلانسا  ۋەزنى مۇرەببە(تۆتلىك دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، ئالتە قېتىم تەكرارلانسا –مۇسەددەس،(ئالتىلىك)، سەككىز قېتىم تەكرارلانسا مۇسەممەن(سەككىزلىك) دەپ ئاتىلىدۇ.
ئەمدى ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلاردا يەنە ھەرخىل ۋەزىنلەرنىڭ بىرىكىشىمۇ ئۇچرايدۇ. بۇنداق ۋەزىنلىك شېئىرلار ئارىلاش ۋەزىنلىك شېئىرلار دىيىلىدۇ مەسىلەن:
مەفائىلۇن  فائىلاتۇن
مەفائىلۇن  فائىلاتۇن
بۇ خىل شەكىلدە تەكرارلانغان شېئىرلار مۇزارەئى مۇسەددەس سالىم بەزنىدىكى شېئىرلار دەپ ئاتىلىدۇ.
مەفائىلۇن  فائىلاتۇن  مەفائىلۇن  فائىلاتۇن
مەفائىلۇن  فائىلاتۇن  مەفائىلۇن  فائىلاتۇن
بۇ خىل تەكرارلانغان شېئىرلار مۇزارەئى مۇسەممەن سالىم ۋەزنى دەپ ئاتىلىدۇ.
فائىلاتۇن ۋە مۇستەفئىلۇن ۋەزىنلىرىنىڭ بىرىكىپ تەكرارلىنىشىدىن ھەفىف ۋە مۇجتەس بەھىرلىرى تۈزۈلىدۇ. فائىلاتۇن مۇستەفئىلۇندىن بۇرۇن كېلىپ تەكرارلانسا ھەفىفبەھرى، ئۇنىڭ ئەكسىچە بولغىنىدا مۇجتەس بەھرى دەپ ئاتىلىدۇ.مۇستەفئىلۇن ۋە مەفئۇلاتۇ ۋەزىنلىرىنىڭ تەكرارلىنىشىدىن مۇنسەرىھ ۋە مۇقتەزەب بەھىرلىرى تۈزىلىدۇ. ئەگەر مۇستەفئىلۇن ۋەزنى مەفئۇلاتۇ ۋەزنىدىن بالدۇر كېلىپ تەكرارلانسا مۇنسەرىھ بەھرى شەكىللىنىدۇ، مەفئۇلاتۇ ۋەزنى مۇستەفئىلۇن ۋەزنىدىن بۇرۇن كېلىپ تەكرارلانسا مۇقتەزەب بەھرى شەكىللىنىدۇ.
فائۇلۇن ۋە مەفائىلۇن ۋەزىنلىرىنىڭ بىرىكىپ تەكرارلىنىشىدىن تەۋىل بەھرى تۈزىلىدۇ.
فائىلاتۇن ۋە فائىلۇن ۋەزىنلىرىنىڭ ئارقىمۇ-ئارقا كېلىپ تەكرارلىنىشىدىن بەسىت بەھرى ھاسىل بولىدۇ.
ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلاردا يەنە ئىككى دانە ئوخشاش ۋەزىن ۋە بىر دانە باشقا ۋەزىندىن تۈزۈلىدىغان شېئىرلارمۇ بار.بۇنداق ۋەزىنلەر ھەر بىر مىسرادا ئۈچ ۋەزىننىڭ مەلۇم تەرتىپتە تەكرارلىنىشىدىن ھاسىل بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىككىسى بىر خىل، ئۈچىنچىسى باشقا ۋەزىن بولىدۇ  بىر مىسرادا ئۈچ، بىر بىيىتتە ئالتە ۋەزىن بولغانلىقتىن بۇنداق بەھىردىكى شېئىرلار ئالتە ۋەزىنلىك يەنى مۇسەددەس شەكلىدىلا بار بولىدۇ. ئۇلار مۇرەببە ۋە مۇسەممەن باھەرلىرىگە كىرمەيدۇ.
1-         قەرىب بەھرى:
مەفائىلۇن  مەفائىلۇن  فائىلاتۇن
مەفائىلۇن  مەفائىلۇن  فائىلاتۇن
بۇ قەرىبى مۇسەەدەسى سالىم ۋەزنى.
2-         مۇشاكىل بەھرى:
فائىلاتۇن  مەفائىلۇن  مەفائىلۇن
فائىلاتۇن  مەفائىلۇن  مەفائىلۇن
بۇ مۇشاكىل بەھرىنى مۇشاكىلى مۇسەددەس سالىم ۋەزنىدۇر.
3-غېرىپ بەھرى:
فائىلاتۇن  فائىلاتۇن   مۇستەفئىلۇن
فائىلاتۇن  فائىلاتۇن   مۇستەفئىلۇن
بۇ خىلدىكىسى غېرىبى مۇسەددەسى سالىم ۋەزنى.
3-         سەرھ بەھرى:
مۇستەفئىلۇن  مۇستەفئىلۇن  مەفئۇلاتۇ
مۇستەفئىلۇن  مۇستەفئىلۇن  مەفئۇلاتۇ
بۇ خىل شەكىلدىكىلىرى سەرھ مۇسەددەسى سالىم بەھرىدۇر.
مەن بۇ يەردە ئاساسىي سەككىز ۋەزىن ئۆلچىمىنىڭ قالغان تارماق شەكىللىرى ئۈستىدە توختىلىپ ئولتۇرمايمەن، شۇنداقلا بەزى شائىرلىرىمىزنىڭ ششېئىرلىرىنى مىسالغا ئېلىپمۇ ئولتۇرمىدىم. خوش، ئۇنداقتا ئەشۇ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان شائىرلىرىمىز يۇقارقى ۋەزىن ئۆلچەملىرىنى ھەقىقەتەن توغرا بوپتۇ دەپ ئېتىراپ قىلسا ئۆزلىرى يازغان شېئىرلىرى بولامدۇ ياكى غەزەللىرىمۇ شۇلارنى يۇقارقى ئۆلچەمگە سېلىپ كۆرۈپ باقسا دەيدىغان ئۈمۈدىم بار. «ئەدىپلەر سورۇنىدىكى رەزىللىكلەر» دىگەن تېمامغا داڭگال ناملىق ئۇستازىم ئۆز ئىنكاسىنى قالدۇرۇپتىكەن، شۇنىڭغا قارىتا ئىنكاس يازاي دىسەم ئۇ تېمىغا ئىنكاس ياززغىلى بولمايدىغان قىلىپ تەڭشىلىپتۇ، شۇڭلاشقا بۇنى ئايرىم تېما شەكلىدە يوللىدىم. ئەشۇ بىر تۆت مىسرا غەزىلىمنى يۇقارقى ئۆلچەمگە سېلىپ باقسا، ئاندىن باشقا شائىرلىرىمىزنىڭ شېئىرلىرىنىمۇ شۇ تەرىزدە كۆرۈپ باقسا مېنىڭچە كۈتۈلمىگەن نەتىجىلەر كېلىپ چىقىدۇ. چۈنكى ئەرەپ، پارىس شېئىرىيىتىدە مۇشۇ ئاساسىي سەككىز ۋەزىن ئۆلچىمى بىلەن يەنە 37 خىل قوشۇمچە ئۆلچەم بار. مېنىڭ كۈزىتىشىمدە بىزنىڭ ئۇيغۇر ئارۇزلىرىدا مۇشۇ سەككىز خىل ئاساسىي ئۆلچەمدىن سىرت 23 ياكى 22 قوشۇنچە ئۆلچەملىرى مۇۋاپىق كېلىدۇ چۈنكى تىلىمىزدىكى تاۋۇش ئىستىمالى ۋە فونىتىكىلىق قۇرۇلمىسى جەھەتتىن بىزنىڭ شېئىرىيىتىمىزگە شۇ ئۆلچەم ماس كېلىدۇ دەپ قارايمەن. ئىشىنىمەنكى بەزى خاتالىقلارنى تاۋۇشلارنىڭ قانۇنىيىتىگە يۈكلەپ قويىدىغانلارمۇ بار. چۈنكى بۇ ساھەدە مەن خېلى پىكىرلىشىپ باققان.

مەنبە:باغداش مۇنبىرى

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بايغا يىقىنلاشساڭ ماياق يەيسەن،نامراتقا يىقىنلاشساڭ تاياق

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-26 12:50 , Processed in 0.243339 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش