ئا.س.پۇشكىننىڭ «گۈل» ناملىق شېئىرىنىڭ شەرھىسى
مۇھەممەد چاۋار
بۇ شېئىر كىتابنىڭ قېتىدا ئۇنتۇلغان بىر تال «گۈل» دىن باشلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شېئىر بىر قاتار غەلتە خىياللاردا بولىدۇ. بۇنىڭ ھەممىسى شۇنچىلىك تەبىئى بولىدۇكى ئۇنىڭدا ھېچقانداق زورلانغانلىقنىڭ تەسىرى تېپىلمايدۇ. خىيالنىڭ كونكىرت ھېسسىيات مۇھىتىدىن ئېيتقاندا، ئۇ ئاشۇنداق ئاددى-ساددا، ياسالمىسىز. شۇنچىلىك يېقىملىق، سۆلكەتلىكتۇر. ئاخىرقى بىر كۇبلىت شېئىردا شائىرنىڭ تەسەۋۋۇرى ئىنتايىن تەبىئى ھالدا گۈلنىڭ ئۈستىگە قايتىپ كېلىدۇ. بىر قانچە ئېغىز سوئال قويىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تەسەۋۋۇر ۋە قايتارما تەسەۋۋۇر مۇھىتىغا كۆچىدۇ. پۇشكىننىڭ بۇ شېئىرى ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى شېئىرىمۇ ھېسابلانمايدۇ. ئۇنىڭدا گۈزەل ئوبرازمۇ يوق ھەم ئارتۇقچە غەم-غۇسسىمۇ تېپىلمايدۇ. ۋە شۇنداقلا ھالسىز ساختىلىق ۋە سېھىرمۇ يوق. ئۇنىڭدا شادلىقنى ماختاشمۇ تېپىلمايدۇ. شېئىردا ھەممە تەرەپتىن تۇرمۇشنىڭ تىنىقى گۈپۈلدەپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭدا شائىرنىڭ ئىندىۋىدۇئال خاسلىقى بايان قىلىنىدۇ. شېئىرى تىلدا تەبىئىي، ساددا، راۋان ئۇسلۇب ئىپادىلىنىدۇ. بۇ پۇشكىننىڭ ئۆز ئۇسلۇبىدۇر. پۇشكىننىڭ بەدىئى ئۇسلۇبى نىمىلەردىن ئىبارەت؟
«گۈل»ناملىق بۇ شېئىر قىسقا بولۇپ، ئۇ تەنقىتچىنىڭ يۇقۇرى-تۆۋەنلىكىنى سىنايدىغان سىناق تېشىدۇر. «گۈل» بۇ شېئىرنىڭ ئۆزىدە ئېستېتىك گۈزەللىكنى نامايەن قىلىدۇ. بۇ گۈزەللىكتىن ئوقۇرمەنلەر ئۆز روھى دۇنياسىنى ئەنە شۇنداق گۈزەللىك بىلەن گۈزەللەشتۈرەلەيدۇ.
شائىر مۇنداق يازىدۇ :
گۈل
كىتابنىڭ قېتىدا كىچىككىنە گۈل،
قۇرۇغان، يوق ئۇندا نە بىر خۇشپۇراق.
بەھرە ئېلىپ ئۇنىڭدىن ئويغاندى دىلىم،
خىيالىم قەسىرىگە يېقىلدىچىراق.
ئۇ نەدە ئېچىلغان؟ قايسىباھار؟،
ياشىغان قانچىلىك؟ كىم ئۈزدى ئۇنى؟.
دوستۇممۇ ۋە ياكى ناتونۇشبىرى؟،
كىتابقا قىستۇرۇش نېمىنىڭ ۋەجى؟.
ئەسلىمەك ئۈچۈنمۇ شېرىنچاغلارنى؟،
ياكى بىر پۈتۈلمىش ھىجران بەلگىسى؟.
ۋە ياكى خىلۋەت باغ، جىمجىتدالىدا،
يىگانە سەيلىنىڭ ئىز-ئەسلىمىسى؟.
ھاياتمۇ شۇ يىگىت؟ ساقمىدۇ شۇقىز؟،
نەدىكىن؟ قەيەرنى ئەيلىدىماكان؟.
يوقۇلۇپ خۇش ھىدى بەلكىم ئۇلارمۇ،
شۇ سىرلىق گۈل كەبى بولغاندۇرخازان.
ئا.س.پۇشكىن
(پەرھات ئىلياس تەرجىمىسى) |