چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1456 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • yadikar ئۈلۈشكۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەرھۇم مويدىن سايىتنىڭ ئاخىرەتلىكى ئاسان بولغاي!

  • eleyas ئۈلۈشكۈن 16:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    نىمىنى بەكرەك ياقتۇرساڭ ،شۇنەرسە  سىنىڭ ئ‍ىمتاھانىڭدۇر. جالالىددىن رۇمى…

  • huxhuy ئۈلۈشكۈن 00:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz تۈنۈگۈن 23:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

كۆرۈش: 220|ئىنكاس: 0

«قەشقەر»دىگەن سۆز توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
«قەشقەر» دىگەن سۆز توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم

جىمسارى

بايان ئاۋۋال


«ئىزدىنىش» تورىنىڭ 2014-يىلى12-چىللە سانىدا «قاش شەھىرى-قەشقەر» ناملىق تەرجىمە ئەسەرنى كۆرۈپ قالدىم. بۇ ئەسەر، ئەسلىدە خەنزۇچە يازىلغان بولۇپ، 2004-يىلى «جۇڭگونىڭ قۇرۇمتاش تورى» (مەن شۇنداق تەرجىمە قىلدىم) دا نەشىرقىلىنغان ئىكەن. بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتورىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەسەرنىڭ مەنبەسى، قەشقەرلىق داڭلىق ئالىم ۋاڭشىشىياڭ يازغان «قەشقەر تارىخى» ناملىق ئەسەر ئىكەن. دىمەك، «ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئۇيغۇر قاشتېشى تورى»دىكى ئابدۇللا ئۆمەر دىگەن ئەپەندى ئەنە شۇ « قاش شەھىرى-قەشقەر » ناملىق خەنزۇچە ئەسەرنى ئۇيغۇر تىلىغا ئاۋدارغان ئىكەن. مەن بۇ ئەسەر تەرجىمەسىنى، ئەسەر توغرىسىدىكى ئىنكاسلارنى ھەم شەخسى كۆزقاراشلارنى كۆرۈپ، ئويلۇنۇپ قالدىم. دىمەك، بۇرادەرلەر بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە، مەزگۇر ئەسەردە، ئەنە شۇ قەشقەر دىگەن نام توغرىسىدا ئويلىغانلىرىمنى بايان قىلدىم.

1. «قەشقەر» دىگەن ئۇيغۇرچە سۆز

ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھازىرقى ئاتىلىشى بۇيىچە «قەشقەر» دىگەن نام توغرىسىدا خىلمۇ خىل مۇلاھىزىلەر بار ئىكەن. مىنىڭ بىلىشىمچە، بەزىلەر، قەشقەر دىگەن سۆزنىڭ «قاشىگەر، قاشىغەر، كاشغەر، قاششەھەر، قاشقار» دىگەندەك ۋارىيانتلىرىغا قاراپ، بۇ سۆز توغرىسىدا فارىس تىلىدىن، ئەرەپ تىلىدىن ياكى سانسىكىرت تىلىدىن مەنبە ئىزدىگەن. يەنە بەزىلەر، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» لوغىتىدىن مەنبە ئىزدىگەن. يەنە بەزىلەر، خەنزۇچە مەنبەلەردىن جاۋاپ ئىزدىگەن. ياقىندىن بۇيان بەزى كىشىلەر «قاش» سۆزىنىڭ مەناسىنى مۇجىمەللەشتۈرۈپ، «قاش» سۆزىنى ، «قۇرۇمتاش» (قاشتېشى، خوتەن قاش تېشى دەپمۇ ئاتالماقتا) سۆزىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، قۇرۇمتاش دىگەن مەنبەدىن ئىزدىگەن. « قاش شەھىرى-قەشقەر »ناملىق ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمەسى بۇنىڭ كۈچلۈك دەلىلى. مەن، شۇنداق قارايمەنكى، «قەشقەر»دىگەن سۆزنىڭ مەنبەسى ۋە مەناسى نىمە؟ دىگەن سۇئالغا يوقۇرقى مەنبەلەردىن جاۋاپ ئىزدەش، خۇددى تۆت ئەمانىڭ پىلنى سىلاپ بىلىشىگە ئوخشاش توغرا نەتىجە بەرمەيدۇ. ئۇنداق بولسا، قەشقەر دىگەن سۆز، نەچە سۆز؟ ئۇنىڭ مەنبەسى نىمە؟ ئۇنىڭ مەناسى نىمە؟
مىنىڭچە بولغاندا، «قەشقەر» دىگەن سۆز، ئەسلىدىن ئۇيغۇرچە سۆز.  بۇنىڭ مەنبەسى، جۇغراپىيەلىك ئورۇن «قاش» يەنى غولنىڭ قاشى ياكى دەريانىڭ قاشى (لىۋى، گىرۋىكى)دىگەن ئۇقۇمدىن كەلگەن. بۇنىڭ مەناسى، «قاشقا شەھەر ياكى قاشقا سېلىنغان شەھەر» دىگەننى بىلدۈرىدۇ. مەن قەشقەرغە بارىپ كۆرگەن «ئوردائالدى»، «نوبېشى» ۋە «ئارايار» ئەتراپىدىكى مەنزىرلەرنى ئانالىز قىلىپ، قەشقەر شەھرى، دەسلەپتە تۈمەن دەريانىڭ شەرقى جەنۇپ قاشىدا (گىرۋىكىدە) بىنا قىلىنغان، كىيىن غەربى شىمال قاشىغا كېڭەيىپ تارىختىكى ۋە ھازىرقى قەشقەر شەھىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن دىگەن تۇنۇشقا كەلدىم. دىمەك، قەشقەر دىگەن سۆزدىكى «قەش» سۆزى، ئەسلى ئۇيغۇرچە «قاش، قاشقا» (غول ياكى دەريا قاشى، گىرۋەكى، لىۋى، قىرى) سۆزىدىن سىلىقلىنىپ كەلگەن دەپ قارىدىم. ئەندى «قەر» سۆزىمۇ، فارىسچە «شەھەر» سۆزىنىڭ «قاش، قاشقا» غا ھىملىشىپ تەلەپپۇز قىلىنىشىدىن ھاسىل بولغان. دىمەك، «قەشقەر» دىگەن سۆز ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ، «قاشقا شەھەر ياكى قاشقا بىنا قىلىنغان شەھەر» دىگەن ئۇقۇمنىڭ تەلەپپۇزىدىن ئىبارەت.

2. «قاش» سۆزىنى «قۇرۇمتاش» سۆزىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ.

«ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئۇيغۇر قاشتېشى تورى» دا، «قاشتاش، قاشتېشى،  خوتەن قاشتېىشى، قاش» دىگەندەك سۆزلەرنى قوللۇنۇپ، «قۇرۇمتاش» دىگەن ئۇقۇمنى ئىپادىلەۋاتىدۇ. بۇ خىل سۆزلەر بىلەن قۇرۇمتاش دىگەن ئۇقۇمنى ئىپادىلەش، بىزنىڭ تىلىمىزغا مۇخالىپ كىلىدۇ دەپ قارايمەن. چۈنكى بۇ سۆزلەرنىڭ مەناسى ئېنىق ئەمەس. مەسىلەن: «قاشتاش » دىگەن سۆزنىڭ مەناسى، «غول ياكى دەريا قاشىدىكى تاش، غول ياكى دەريا گىرۋەكىدىكى تاش» بولىدۇ. « قاشتېشى » دىگەن سۆزنىڭ مەناسى، «غول ياكى دەريا لېۋىنىڭ تېشى (تاشى)» بولىدۇ. «خوتەن قاشتېشى» دىگەن سۆزنىڭ مەناسى، خوتەنغول ياكى خوتەن دەريا قاشىنىڭ تاشى» بولىدۇ. بۇ يەردە «خوتەن قاشتېشى» دىگەن ئىزاھلىق بىرسۆزنى ھېساپقا ئالمىغاندا، ئادەتتىكى غول بۇيى ۋە تاش دىگەن سۆزدىن باشقا ھېچقانداق خاسلىق، ئېسىللىق گەۋدىلەنگەن ئىبارە يوق.
ئەندى، «قۇرۇمتاش» دىگەن سۆزگە كەلسەك، بۇ ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ، پەقەتلا قۇرۇمتاغ ۋە قاراقۇرۇم تاغلىرىدىن چىقىدىغان بىر خىل ئېسىل تاش دىگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. ھەمدە مۇشۇ قۇرۇمتاشقا ئوخشايدىغان بارلىق تاشلارنىڭ ئومۇمى نامىنى كۆرسۈتىدۇ. بۇ توغرىدا، «ئاكادېمىيە»، «باغداش» ناملىق ئۇيغۇرچە ۋېبتورلاردا نەشىر قىلىنغان «قۇرۇمتاش ۋە قۇرۇم» ۋە «ئاشىقتاشلار ۋە ئاشىقلار» ناملىق ئەسەرلەرگە كۆز يۈگۈرتۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلىمىزدىكى «قاش» دىگەن سۆزنىڭ مۇنداق ئۈچ جەھەتتىكى مەناسى باردەپ قارايمەن. بۇنىڭ بىرى، قاش دىگەن سۆز، ئادەم ۋە ھايۋاناتنىڭ قاشى (قېشى) نى كۆرسۈتىدۇ. ئىككىنچىسى، قاش دىگەن سۆز، غول ياكى دەريانىڭ گىرۋەكى، قىرى، لەۋى (لېۋى) دىگەننى كۆرسۈتىدۇ. ئۈچىنچىسى، قاش دىگەن سۆز، «يانى ياكى يېنى، بويى، ئەتراپى» دىگەنلەرنى بىلدۈرىدۇ. دىمەك، ئۇيغۇر تىلىدىكى «قاش» دىگەن سۆز، ھەرگىزمۇ «تاش»نى بولۇپمۇ، «قۇرۇمتاش» دىگەننى كۆرسەتمەيدۇ.

بايان ئاخىر

يوقۇرىدا دىگەنلىرىمنى يىغىنچاقلىسام، مۇنداق 4 مەزمۇنغا يىغىنچاقلىنىدۇ:
بۇنىڭ بىرى، «قەشقەر» دىگەن سۆز، ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ، غول ياكى دەريا قاشقا (قاشىدىكى) شەھەر دىگەننى بىلدۈرىدۇ.
ئىككىنچىسى، «قەشقەر» دىگەن سۆز، ھەرگىزمۇ «تاش ياكى قۇرۇمتاش شەھىرى»دىگەننى بىلدۈرمەيدۇ.
ئۈچىنچىسى، «قاش» دىگەن سۆز، ھەرگىزمۇ «قۇرۇمتاش»نى كۆرسەتمەيدۇ.
تۆتىنچىسى، «قاشتاش، قاشتېشى، قاش تېشى، خوتەن قاشتېىشى، قاش» دىگەندەك سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇرچىدىكى ئىلمىي، ئىخچام ھەم توغرا بولغان نامى «قۇرۇمتاش» بولىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بايانىم تامام. مۇلاھىزە قىلىپ كۆرەرسىزلەر.

مەزگۇر ئەسەر، 2014-يىلى ۋېبتور «ئاكادېمىيە» دە نەشىر قىلىنغان.
مەنبە: باغداش مۇنبىرى

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ھەقىقەت دەرياسىنىڭ سۈيى خاتالىق ئېرىقىدىن ئېقىپ كېلىدۇ.(تاگۇر)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-26 12:13 , Processed in 0.190483 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش