چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1456 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • yadikar ئۈلۈشكۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەرھۇم مويدىن سايىتنىڭ ئاخىرەتلىكى ئاسان بولغاي!

  • eleyas ئۈلۈشكۈن 16:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    نىمىنى بەكرەك ياقتۇرساڭ ،شۇنەرسە  سىنىڭ ئ‍ىمتاھانىڭدۇر. جالالىددىن رۇمى…

  • huxhuy ئۈلۈشكۈن 00:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz تۈنۈگۈن 23:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

كۆرۈش: 267|ئىنكاس: 0

مۇقام، ساقلىنپ قېلىشىدىكى چىنلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مۇقام، ساقلىنپ قېلىشىدىكى چىنلىق
بوغدا ئابدۇللا


يېڭىسارلىقلار ئېتنىك مەنبە جەھەتتە ياغما قەبىلىسىدىن دەب قارىلىدۇ. ياغمىلار ئۆز ئىچىدىن 1700 نەسەبكە بۆلۈنگەن. ياغما توققۇز ئوغۇز قەبىلىسى باشلىقىنىڭ ئىسمىدۇر. 10 - ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيادا ساياھەتتە بولغان ئەرەب سەيياھلىرىدىن ئىبنى فەزلان «ئىبنى فەزلان ساياھەتنامىسى»دە توققۇز ئوغۇزلار «پاختا رەخت ۋە يۇڭ رەختتىن تىكىلگەن كىيىملەرنى كېيىدىكەن. ئۇلار ئاتنى ناھايىتى قەدىرلەيدىكەن، ناھايىتى ياخشى ئات يېتىشتۈرىدىكەن» دەپ مەلۇمات بېرىدۇ.
«ھۇددۇدۇل ئالەم»دە ياغمىلارنىڭ قەشقەردىن تارتىپ خوتەنگىچە بولغان ئارىلىقلاردا ياشايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ قاتتىق، كۈچلۈك، باتۇر ئىكەنلىكى، قولىدا قوي، ئات بولۇپ، تېرە ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقى، يېڭىسارنىڭ تۇماقلىرى ھەممىسى خاتىرىلەنگەن.
يېڭىسار قەدىمقى يېپەك يولى، كارۋان يوللىرى، كېسىپ ئۆتكەن، شەرق، غەرب مەدەنىيىتى شاللانغان، قوبۇل قىلىنغان، تەرەققىي قىلغا دىيار.
ئۇيغۇرلار تارىختا كۆپ قېتىم ئېتىقاد، يېزىق ئالماشتۇرغان بولسىمۇ، لېكىن مۇقامنى ئۆزگەرتمىگەن، ئالماشتۇرمىغان. چەكسىز قىممەتكە ئىگە مۇقامدىن ئىبارەت بۇ مىراسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋاملاشتۇرغان ھەمدە ساقلىغان.
بۇ ئۇلۇغ پىشۋا − تۇردى ئاخۇن 1881 - يىلى يېڭىسار شەھەر ئىچى ئوردا ئالدى مەھەللىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇلار ئىككى ئوغۇل بولۇپ، ئۇ چوڭى.
تۇردى ئاخۇن زاكا مۇقامچى، ئۇنىڭ ئۇستازى ئاتىسى تەۋەككۇل ئاخۇن بولغان. ئۇ ئىچكى دۇنيانىڭ ئاۋازى ياكى بىۋاستە سېزىمگە ئاقىلانىلىك بىلەن يېتەكچىلىك قىلىدۇ. شاگرىت تۇردى ئاخۇن، مۇقام ئۆگىنىش جەريانىدا ئۆزىنى ئازادە تۇتۇپ، ئەقلىنى سىرتقى ئىشلاردىن يىغىۋېلىپ، ھەممىنى قوبۇل قىلىش نىيىتىدە بولىدۇ. نەتىجىدە ئۇنىڭ ئادەتتىن تاشقىرىي ئەقلى ئايان بولىدۇ ھەم ئاكتىپلىشىدۇ، رۇسلىشىدۇ، تەجرىبىگە ئىگە بولىدۇ، يېتىلىدۇ ۋە راۋاجلىنىدۇ. ئۇ 20 ياشقا كىرگۈچە بىر تەرەپتىن مۇقام ئۆگىنىپ، يەنە بىر تەرەپتىن داپ چېلىپ دادىسىغا ماسلىشىپ بېرىدۇ. 1900 - يىلدىن 1938 - يىلغىچە مۇقام ئوقۇش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
ئۇيغۇرلار چوڭ بىر بوشلۇق ئىچىدە ئاھاڭ، ناخشا جەھەتتە سۈكۈتتە تۇرغان خەلق ئەمەس.
يېڭىساردا مۇقامچىلاردىن ئۈچ چوڭ جەمەت ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئىچىدە مەشھۇر جەمەتتىن تەۋەككۇل ئاخۇن جەمەتىنى كۆرسىتىش مۇمكىن. ئۇ بىرىنچى جەمەت، ئىككىنچى مۇقامچى جەمەت ئابباس سەمەت جەمەتى، ئۈچىنچى جەمەت ئۇچار يېزا تىۋىزدىن تۇردىئاخۇن گۇگۇت جەمەتى.
تۇردىئاخۇن ئاكا 38 يىل يېڭىساردا مۇستەقىل، ئۆز ئالدىغا ئون ئىككى مۇقامنى ئوقۇدى ۋە تارقاتتى ھەمدە ئابۇ چەشمە مۇقامىنى ئۆزى ئىجاد قىلىپ ئەۋلادقا مىراس قالدۇردى.
مۇقام تېكستلىرى ئىنسانىيەت، مۇھەببەت، ئەمگەك، ۋاپادارلىق، تېنچلىق، ئارزۇ - ئۈمىدلەرنى ئاساس قىلغان. تۇردىئاخۇن ئەلىشىر ناۋايى غەزەللىرىدىن 1169 مىسرانى بەخۇدۈك ئوقۇيالايتتى.
شۇ يىللاردا يېڭىساردا ھۈنەرۋەن - كاسىپلار ئارىسىدىمۇ داۋاملىق دېگۈدەك مەشرەپ بولۇپ تۇراتتى. ھەر كۈنى دېگۈدەك بىر سورۇندا مەشرەپ ئۆتكۈزىلەتتى. بۇنداق سەھنىلەردە تۇردىئاخۇن ئاكا قولىغا ساتارنى ئېلىپ ئۆز يۇرتنى كۈيلەيدىغان مۇقامنى ئېيتىپ ئۇنىڭغا بولغان چوڭقۇر مېھر - مۇھەببىتىنى ئىپادىلىگەن. شۇنداق قىلىپ بۇ تەرىقىدە مۇقام ئوقۇلۇش داۋام قىلغان، ئۈزۈلۈپ قالمىغان.
1882 - يىلىدىن 1900 - يىلغىچە يېڭىساردا تېنچلىق يىللىرى بولدى. مۇشۇ ۋاقىتتا يېڭىساردا ھەر قايسى ھۆنەر كەسىپتىكىلەرنىڭ مەسىلەن، موزدۇز، ناۋاي، ئاشپەز، ياغاچچى، تامچىلارنىڭ مەلۇم كۈندە ئايرىم - ئايرىم باغ مەشرىپى ئۆتكۈزىلەتتى. بۇ مەشرەپلەر قاتارىدا ئەلىم ئىلمىي ئۆلىمارنىڭ كىتابخانلىق مەشرىپى بولغان، تەۋەككۇل ئاكا، 20 ياشلىق ئوغلى تۇردىئاخۇننى ئېلىپ مەشرەپ سورۇنىنىڭ تۆرىدە ئولتۇرۇپ ھەممە كىشىلەرنىڭ كۆزىدىن ياش چىقىرىۋەتكەن. مۇشۇ مەزگىللىرى شەھەر ئىچىدە 90 كىشىلىك ئەھلى - ئۆلىما قازانچى ئېرىقتىكى شەمشىدىن بەگنىڭ بېغىغا چىقىپ، باغ مەشرىپى، «كىتابخانلىق مەشرىپى»گە قاتنىشىدۇ.
مۇقام تېكستلىرى فۇزۇلى 72 مىسرا، ناۋايى 1169، زەلىلى 30، مەشرەپ 208، ھۇۋەيدا 174، موللا بىلال 22، لۇتفى 4، نەۋبىتى 36، سوپى ئاللايار 20، ئەمرى 8، كەمىنى 24، ۋاپايى 2، خەلق 246، ئەھمەد يەسسەۋى 43، سەبۇرى 18، ناقىس 10، غېرىب - سەنەم 140، ھۆرلىقا - ھەمراجان 48، يۈسۈپ زىلەيخا 140،  بابايى روشەن 84، مەلىكە دىلئارام 48، سەنۇبەر 38 مىسرادىن تەركىبلەنگەن.
ئۇستاز تۇردىئاخۇن ئاكا ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ تولۇق تېكستى بىلەن 3000 دىن ئارتۇق مىسرانى يادقا ئېلىپ، پۈتكۈل خەلققە يەتكۈزگەن.
مەشرەپلەردە تەۋەككۇل ئاكا مۇقام ئوقۇشتىن ئىلگىرى ئالدى بىلەن تاھارەت ئېلىپ، ئاندىن ئوقاتتى. مۇقام ئاخىرلاشقاندا ھەر پەيشەنبە كۈنى ئىلىم ئەھلىلىرى ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ بىردىن تون ھەدىيە قىلاتتى.
ئاتا - بالا مۇقامچىلارنى يېڭىساردا ھەر قايسى كەسپتىكىلەر ئەزىزلىگەن، ئىززەت - ئابرويىنى قىلغان. سورۇنلاردا تۆرگە چىقارغان. ئەھلى ئىلىمدا كىتابخانلىق قىلىپ چارچىغاندا ئۇلار مۇقام ئوقۇپ ھاردۇقىنى چىقىراتتى.
يېڭىساردا تارىختىن بۇيان ئىلىم - ئىرپان ھاۋاسى قويۇق بولغان.  1750 - يىلى ياسالغان چوڭ مەدرىس، بۇنىڭ ئورنى كۆلبېشى مەھەللىسىدە. مۇددەرىس مەمتىلى مۇددەرس ئاخۇنۇم، بۇنىڭ ئىچىدە ئالىي بىلىم دەرگاھلىرىدىن تاھىربەگ مەدرىسى، مۇددەرس مەسۇم ئاخۇن داموللا، گۈللۈك ھويلا مەدرىسى، مۇددەرس موللا باقىھاجىم، ھاجى ئەلىمئاخۇنۇم. ئوردا ئالدى مەدرىسى، ھوشۇر ھېكىمبەگ مەدرىسى، مۇددەرەس ئىمىن ئەلىمئاخۇنۇم، ئابدۇكېرىم ھاجىم، دىۋانە ھاجىم مەدرىسى، مۇددەرس ئابلىراخۇن خەلپىتىم قاتارلىقلار مەلۇم.
بۇ ئوقۇش يۇرتلىرىدا ئىلاھىيەت پەنلىرى بىلەن بىر قاتاردا تەبىئىي پەنلەردىن تا ئاستورنومىيەگىچە ساۋاقلار بېرىلەتتى.
مۇددەرس، ئەدىب سابىرئاخۇن خەلپىتىم (تەخەللۇسى ناقىس) تالىپلارغا دەرس بەرگەندىن تاشقىري مۇقام بىلەنمۇ مەشغۇل بولۇپ، دۇتار، تەمبۇر، ساتار چالاتتى. بۇنىڭ بىلەن يېزىلاردا قوناق شېخىنى ساز قىلىپ مۇقام ئوقۇشنى مەشق قىلغان تالىپلارغا مۇقام ئۆگىنىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى يارىتىلىپ بېرىلگەن. ناقىسقا تەۋەككۇل ئاكا ياردەملشىىپ دەرس بېرەتتى. شۇ ۋاقىتلاردا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەشھۇر ئارتىسى تامارا خانىم قاتارلىقلار تۇردىئاخۇن ئاكىنى ئۆزبېكىستانغا ئالاھىدە مېھمان سۈپىتىدە تەكلىپ قىلغان.
مۇزىكا بىر خىل يورۇقلۇق، ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسى بەزىدە بىرخىل يورۇقلۇقنى تەلەپ قىلىدۇ. خەلق كومپوزېتورلار ئۆز ئىدىيەسىدىنىڭ ئالىيجانابلىقى، دەبدەبىلىك ئىكەنلىكىنى پەقەت ئاھاڭ ئارقىلىقلا ئىپادىلەيدۇ. ھەر قانداق بىر لەزران ئاھاڭ ئەرزان باھالىق جاۋابنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئەينى ۋاقىتتا كۈي ئىجرا قىلىنغاندا چالغۇچىمۇ، تېڭشىغۇچىمۇ ئۆز ئالدىغا خىيالىي تۇيغۇ ئىچىگە غەرق بولۇپ كېتىدۇ.
دۇنيادا  مىللەتلەرنىڭ قايغۇ - ھەسرىتى، خۇشاللىقى، ئارزۇ - ئارمانلىرىدا مەلۇم جەھەتتە ئوخشاشلىقمۇ بار، پەرقمۇ بار. بولۇپمۇ بىز ئۇيغۇرلار ئىپتىدائىيلىقتىن كۆچمەنلىككە بىر قەدەر بۇرۇن ئۆتۈپ دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق، ئاندىن شەھەر بەرپا قىلىش تارىخىي جەريانىدا قايغۇ مۇڭلارنى، تىلەك - ئۈمىدلەرنى ناخشا - ئۇسۇل ئارقىلىق ئىپادىلەشكە ئادەتلەنگەن خەلق.
مۇقام ئۆزلىكدىن شەكىللىنىپ قالغان مۇزىكىلىق ژانىر ئەمەس. ئۇ بولسا ئۇزۇن داۋاملىشىپ كەلگەن تارىخىي شارائىت، تەبىئىي مۇھىت ۋە شۇ زاماندا ئۆز تەسىرىنى شۇ يۇرت ۋە ئەتراپىدىكى ئىلىم - ئەھلىلىرى ئەمگەكچى خەلقنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سالغۇدەك ئاھاڭ ۋە مەزمۇن بىلەن تەسىر كۆرسىتىپ تەدرىجىي جۇغلانغان، ئۇزۇن تارىخىي جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەدىئىي قۇرۇلما.
دۇنيادا بىر قانچە مىللەتنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇقامى بولغان. لېكىن ئۇيغۇر كىلاسسىك ئون ئىككى مۇقامى مەيلى ئاھاڭ جەھەتتە مەيلى ئىچكىي ھېسسىياتنى ئىپادىلەش جەھەتتە ياكى ئورۇنلاش جەھەتتە بولسۇن، باشقىلاردىن كۆرىنەرلىك پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.
تۇردىئاخۇن ئاكا 58 يېشىغا قەدەر يېڭىساردا مۇقام ئوقۇدى. ھەم ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلمىدى.
1950 - يىلى 7 - ئايدا تۇردىئاخۇن 1 - قېتىم ئۈرمچىگە تەكلىپ قىلىنىپ، چوڭ ئوغلى ھوشۇر ئاخۇننىڭ داپنى تەڭكەش قىلىپ بېرىشى بىلەن 1951 - يىلى 12 - ئايغىچە بولغان بىر يېرىم يىل ۋاقىت ئىچىدە ئون ئىككى مۇقامنىڭ ئاساسىي قىسىملىرىنى ۋە يۈزدىن ئارتۇق خەلق ناخشلىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئۈن ئالغۇغا ئېلىپ بەردى.
ئۇ 1951 - يىلى 12 - ئايدا ئۈرۈمچىدىن قايتىپ كېلىپ يەكەن ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىدە مۇقام ئۇستازى بولۇپ، خېلى كۆپ ياش مۇزىكانتلارنى ۋە مۇقام ئېيتقۇچىلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ چىقتى.
1954 - يىلنىڭ بېشىدا تۇردى ئاخۇن بىلەن چوڭ ئوغلى ھوشۇر ئاخۇن ئىككىنچى قېتىم ئۈرۈمچىگە تەكلىپ قىلىندى. 1955 - يىلنىڭ ئاخىرگىچە بولغان ئىككى يىل ۋاقىت ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىپتىخارى ۋە جۇشقۇن جاسارىتى بىلەن چوڭ ئوغلى ھوشۇر ئاخۇننىڭ داپنى تەڭكەش قىلىشى ئارقىلىق پۈتۈن ئون ئىككى مۇقامنى ئۈن ئالغۇغا تولۇق ئېلىپ بېرىپ يۇرتنى خۇشاللىققا چۆمدۈردى ھەم خەلق ۋە تارىخقا تەقدىم قىلدى.  
2015 - يىل 12 - ئاينىڭ 21 - كۈنى يېڭىسار

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

زالىمنى يەر بىلەن تەڭ كۆر(موللا بىلال نازىمى)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-26 16:06 , Processed in 0.188813 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش