بار ئىدى بىر شاھ كۆپ يىللار ئالدىن،
ھۆكمىدە ئول مۈلكى دۇنيا، مۈلكى دىن.
بىر كۈنى ئۇ ئات مېنىپ بولدى ساۋار،
كۆڭۈل ئاچماق ئىزلىدى، ئەيلەپ شىكار.
بىر گۈزەلنى كۆردى شاھ يول ئۈستىدە،
بولدى ئاڭا، ئول ئەسىرى مۇپتىلا.
باغرىدا بىر قۇش كەبى تەلپۈندى جان،
زەر بېرىپ ئالدى كېنىزەكنى ھامان.
شاھ سۆيۈندى ئاڭا قىسمەت يار بولۇپ،
قىز يىقىلدى، يېرىم جان بىمار بولۇپ.
بار بولسا ئىشەك، جابدۇغى يوق ئىدى،
تاپسا جابدۇق، ئېشىگىن بۆرە يىدى.
كوزا بار ئىكەنۇ، سۇ يوق، بولدى بەس،
سۇ تېپىلدى، كوزىغا يەتتى شىكەست.
شاھ تىۋىپلارنى چاقىردى، قاتتى سۆز:
«ئىلكىڭلاردا بىر ئەمەس، ئىككى جانىمىز.
ماڭا جان ئورنىدا تەنھا جان –مۇشۇ،
دەرتمەندۇرمەن! پەقەت دەرمان-مۇشۇ.
كىم ئەگەر ئەتسە داۋايى جانىمىز،
شۇنغىدۇر دۇر، ئۈنچە-مارجانىمىز».
دېېدىلەر دانا ھەكىملەرمۇ شۇ دەم:
«چارىيۇ-تەدبىرنى كۆرگەيمىز بۇ دەم.
ھەر بىرىمىز بىر مۆجىزە، يوق كېمى،
ئىلكىمىزدە ھەر ئەلەمنىڭ مەلھىمى.»
تەرك ئېتىپ ئىنشائاللاھ، سۆز قاتدىلەر،
بەس، خۇدا كۆرسەتتى نىمە ئاجىزى بەشەر.
تەركى ئىنشائاللاھ دىيىشتىن مۇراد،
ئول كۆڭۈل باتىللىغىدۇر بېنىجات.
شۇل كەلىمىنى بىرمۇ زىكر ئەيلىمەي،
ئاللاھقا جاننى بەرگەنلەر تالاي.
لېك كۆپ سەۋەپنى ئەتتىلەر ئەيلەپ داۋا،
بولدى رەنج، ئەپسۇنۇ-ھاجەت ناراۋا.
ئۇستىخان بولدى كېنىزەك سارغىيىپ،
شاھ ئۆزى ئۆرتەندىن كۆزدىن ياش تۆكۈپ.
ئىچسە شەربەت، ھاسىلى سەپرا ئىدى،
ئىچتى بادام ياغىنى، بەتتەر قوزغىدى.
نە ھېلىلە بەردى ئۈنۈم بىر قېتىم،
سۇ ھارارەتنى ئاشۇردى ھەر قېتىم.
ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇكېرىم شەيدائى.
مەنبە:
شىنجاڭ يازغۇچىلىرى