چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1456 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • yadikar ئۈلۈشكۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەرھۇم مويدىن سايىتنىڭ ئاخىرەتلىكى ئاسان بولغاي!

  • eleyas ئۈلۈشكۈن 16:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    نىمىنى بەكرەك ياقتۇرساڭ ،شۇنەرسە  سىنىڭ ئ‍ىمتاھانىڭدۇر. جالالىددىن رۇمى…

  • huxhuy ئۈلۈشكۈن 00:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz تۈنۈگۈن 23:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

كۆرۈش: 329|ئىنكاس: 0

غۇلجا نامى ھەققىدىكى بايانلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
غۇلجا نامى ھەققىدىكى بايانلار


غۇلجا شەھىرى مەملىكىتىمىزنىڭ غەربىدىكى ئىلى دەرياسىنىڭ بويىغا جايلاشقان قەدىمى شەھەر بولۇپ، تارىختا يىپەك يولى شىمالىي تارمىقىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى، قوشنا رايونلار ئارىسىدا مال ئالماشتۇرۇشنىڭ مەركىزى بولغان.

غۇلجا-----غۇلجا شەھىرى بىلەن غۇلجا ناھىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ كەڭ زىمىننىڭ ئومومى ئاتىلىشى. غۇلجا ئەسلىدە غول ئېقىنلىق ساي دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. غۇلجا دېگەن يەر نامىنى يەنە چوڭ مۆڭگۈزلۈك تاغ قوشقىرى غۇلجا نىڭ نامى بىلەن باغلاپ تەرىپلىگۈچىلەرمۇ بار. جۇڭغار خانلىقى دەۋرىدە سېلىنغان غۇلجا شەھەر قارا دۆڭدىكى ئالتۇن سۈمە (ئالتۇن قۇببىلىك ئىبادەتخانا ) نامى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرگۈچىلەرمۇ بار.

غۇلجا قەدىمىي جاي. ھودۇدۇل ئەلەم قاتارلىق بەزى تارىخى ماتىرىياللاردا ئىلى دەريا بويىدا غۇلجا دېگەن جاينىڭ 10- ئەسىرلەردىن بۇرۇنلا مەۋجۇتلۇقى كۆرسىتىلگەن. زەكى ۋەلىدى تۇغان تۈرك تارىخىغا كىرىش دېگەن كىتابىدا ئىلى غول ئىلى دەرياسى دېمەكتۇر، دەريانىڭ مۇنداق ئاتىلىشىغا سەۋەب-----شەھەردۇر. ھازىرقى غۇلجا شەھىرى مىلادىيە 1169- يىلى قايتىدىن بىنا قىلىنغان دەپ يازغان.

غۇلجا ھاۋاسى يېقىشلىق، يېرى مۇنبەت، بايلىقى مول، مەنزىرىسى گۈزەل، شەرق - غەرب قاتنىشىدىكى مۇھىم ئۆتكەل بولغانلىقتىن، تارىختا ھەربىي ئىستىراتېگلار تالىشىدىغان جايغا ئايلانغان. تارىختا بولۇپ ئۆتكەن ئالەمشۇمۇل زور ئۆزگىرىشلەر، مىللەتلەرنىڭ زور كۆچۈشلىرى، ھەربىي يۈرۈشلەر ئۇنىڭ باغرىدا ئۆز ئىزىنى قالدۇرغان.

غۇلجىنىڭ تارىختا يەنە مىڭلاق ئىلى بالىق ئىلا شەھىرىدېگەن ناملىرىمۇ بولغان.

مىڭلاق -------- بۇلاقلىق جاي دېگەن مەنىدە بولۇپ، بەزى تارىخچىلار بۇ سۆزنى تۈركى تىللار دىۋانىدىكى كېمە ئىچىگە ئولتۇرۇپ ئىلى سۈيىنى كەچتۇق بىز، ئۇيغۇر تەرەپكە يۈزلىنىپ، مىڭلاق ئېلىنى ئاچتۇق بىز (دىۋان ، 3- توم، 324- بەت ) دېگەن بايانىغا ئاساسەن ، مىڭلاقنى ھازىرقى غۇلجا دەپ ئىزاھلايدۇ.

ئىلى بالىق ---------- ئىلى شەھىرى دېگەن سۆز . 1418- يىلى ئۆۋەيىسخان شەرقى چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانلىق ئورنىنى قولغا ئېلىپ، ھاكىمىيەت مەركىزىنى ئىلىغا يۆتكەپ، ئۇنى ئىلى بالىق دەپ ئاتىغان. ئىلىبالىق ھازىرقى غۇلجا شەھرىنىڭ ئورنىغا توغرا كېلىدۇ.

1671 - يىلىدىن كېيىن جۇڭغار خانلىقى مەركىزىنى قوبۇقساردىن ئىلى ( غۇلجا شەھرى ) گە يۆتكەپ كېلىپ، غۇلجا شەھەر قارا دۆڭدە ; ئالتۇن قۇببىلىك ئىبادەتخانا سالدۇرۇپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ ئىلىدىكى ئوردىسى قىلغان ھەمدە بوز يەر ئېچىپ، قوشۇنلىرىنىڭ تەمىناتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئۈچتۇرپان ، يەكەن ، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىن زور تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى كۆچۈرۈپ كېلىپ، ئىلىدا بوز يەر ئاچقۇزغان.1759 -يىلى چىڭ سۇلالىسى جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرى ۋە چوڭ -كىچىك خوجىلار توپىلىڭىنى باستۇرغاندىن كېيىن، تەڭرىتاغنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن، 1762- يىلى سۈيدۈڭ كۈرەدە جاڭجۈن مەھكىمىسنى قۇرغان. غۇلجىدا بولسا ئىلى ھاكىمبەگ مەھكىمىسى تەسىس قىلىنىپ، بىرىنچى بەگلىككە ئىمىن ۋاڭنىڭ ئىككىنچى ئوغلى مۇسا گوڭ بەلگىلەنگەن. مۇسا گوڭ ئىلىغا ھاكىمبەگ بولغاندىن كېيىن لەڭزى بېشى قارا سۈيىنى ئاساس قىلىپ، غۇلجا شەھرىنى قايتا قۇرۇشقا كىرىشىپ، غۇلجا قەلئەسىنى ھەمدە قەلئە ئىچىگە تۇرالغۇ جايلارنى ، ھاكىمبەگ تۇرۇشلۇق ۋە ئىشىك ئاغا بېگى تۇرۇشلۇق مەھكىمىلەرنى بىنا قىلدۇرغان. مۇسا گوڭ يەنە مەنچىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىدا كېمىيىپ كەتكەن ئىلىدىكى ئۇيغۇر دېھقان (تارانچى ) لارنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ، چىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئىككى قېتىم جەنۇبى شىنجاڭغا بېرىپ، ئىلىغا ئادەم كۆچۈرگەن. مەنچىڭ دەۋرىدىكى جەنۇبتىن ئادەم كۆچۈرۈش 1760- يىلى باشلىنىپ، 1840- يىللارغىچە داۋام قىلغان. بۇ جەرياندا ئىلگىرى -ئاخىرى بولۇپ، 47 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئاھالىسى ئىلىغا كۆچۈرۈلۈپ، ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدىكى تاغلاردىن ئېقىپ چىققان 9 چوڭ سۇ (غول ) نىڭ بويلىرىغا 100 ئۆيلۈكنى بىر يېزا قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھازىرقى غۇلجا يېزىلىرىنىڭ ئاساسى قۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن غۇلجىنىڭ نوپۇسى كۆپىيىپ، نۇرغۇنلىغان يېڭى مەھەللە، يېزا- كەنتلەر بارلىققا كەلگەن.

بۇ ھەقتە موللا بىلال نازىمى مۇنداق يازىدۇ
كى چەنلوڭ دېگەن خان زامانە يېتىپ،
ئىلى شەھرىگە نەچچە كۆچمەن چىقىپ.
كۇچا بىلەن ئاقسۇ، شايار، بايدىن،
كى ياركەند، كاشغەر، خوتەن سارىدىن
كۆچۈپ بارچە ئادەم ئىلىگە كېلىپ،
كى ئاباد قىلىپتۇر زىمىننى تېرىپ.
-غازات دەر مۈلك چىن

1864- يىلى، مەنچىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ دەھشەتلىك زۇلۇمى ۋە ئالۋاڭ ياساقلىرىغا قارشى قوزغالغان ئىلى دېھقانلار ئىنقىلابى غەلىبە قىلىپ، 1867- يىلى غۇلجىنى مەركەز قىلغان ئىلى سۇلتانلىقى قۇرۇلغان. 1871- يىلى چارروسىيە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ ئىلىنى 10 يىل بېسىۋالغان، ئاخىر 1881 -يىلى 2- ئاينىڭ 12- كۈنىدىكى پېتىربورگدا ئىمزالانغان شەرتنامە بويىچە ئىلى ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن.

1888- يىلى غۇلجا ناھىيە قىلىنغان. شىنخەي ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن، 1912- يىلى ئىلىدا جوڭخۇا مىنگو شىنجاڭ ئىلى دوبەن مەھكىمىسى قۇرۇلۇپ، مەنچىڭنىڭ ئىلىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى جاكارلانغان.

1944- يىلى 11- ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتلاپ، غۇلجىنى مەركەز قىلغان ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ئىنقىلابى ھۆكۈمىتى ; قۇرۇلغان.

1952- يىلى غۇلجا شەھىرى غۇلجا ناھىيىسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، ئايرىم شەھەر بولۇپ قۇرۇلغان.

غۇلجا شەھىرى ھازىر ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مەركىزى. ئۇنىڭ يەر مەيدانى 675.14 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئىلى ۋىلايىتى يەر مەيدانىنىڭ 1.02 %ىنى تەشكىل قىلىدۇ. نوپۇسى 334 مىڭ 372 ، ۋىلايەت نوپۇسىنىڭ 17 %ىنى تەشكىل قىلىدۇ. ( بۇ 1999- يىلىدىكى ئىستاتىستىكا

غۇلجىدا ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى ئاساسى گەۋدە قىلغان كۆپ مىللەت خەلقى ياشاپ كەلگەن. بىزنىڭ باتۇر، ئەمگەكچان ئەجدادلىرىمىز بۇ گۈزەل زىمىننى ئەسىرلەر بويى قان- تەر تۆكۈپ قۇرۇپ چىققان ۋە ئاۋاتلاشتۇرغان، ئۆزىگە خاس ماددى ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت ياراتقان.

مەنبە: غۇلجا شەھەر تارىخى ماتىرىياللىرى دىن ئېلىندى
(لوتۇن ئۇندىدار سالۇنىدىن ئېلىندى)

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ھەقىقەت دەرياسىنىڭ سۈيى خاتالىق ئېرىقىدىن ئېقىپ كېلىدۇ.(تاگۇر)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-26 16:54 , Processed in 0.158708 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش