چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1456 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • yadikar ئۈلۈشكۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەرھۇم مويدىن سايىتنىڭ ئاخىرەتلىكى ئاسان بولغاي!

  • eleyas ئۈلۈشكۈن 16:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    نىمىنى بەكرەك ياقتۇرساڭ ،شۇنەرسە  سىنىڭ ئ‍ىمتاھانىڭدۇر. جالالىددىن رۇمى…

  • huxhuy ئۈلۈشكۈن 00:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz تۈنۈگۈن 23:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

كۆرۈش: 672|ئىنكاس: 0

يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ تەرجىمىھالى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-26 00:38:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ تەرجىمىھالى

m.hoxur.jpg

مول ھوسۇللۇق يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست مەمتىمىن ھوشۇر 1944 – يىلى غۇلجا شەھىرىدە قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1951 – يىلىدىن 1962 – يىلىغىچە غۇلجا شەھىرىدە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان، 1967 – يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، بىر مەزگىل مەمۇرىي خىزمەت ئىشلىگەن. 1979 – يىلىدىن بۇيان «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇلى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان، كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزاسى بولغان.
    مەمتىمىن ھوشۇر ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە 1965 – يىلى «شىنجاڭ گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «ئالما» ناملىق ھېكايىسى بىلەن قەدەم قويغان بولۇپ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، بولۇپمۇ 20 – ئەسىرنىڭ 70 – يىللىرىدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە يېڭىچە بىر خىل روھ بىلەن كىرىپ، «ناخشا»، «بۇ، چۈش ئەمەس»، «مۇساپىرلار قاۋىقىدا»، «ئايخان»، «ساراڭ»، «بۇرۇت ماجىراسى»، «قىرلىق ئىستاكان»، «ئالتۇن چىشلىق ئىت» قاتارلىق ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا يېزىلغان بىر تۈركۈم ھېكايىلەرنى، «نۇزۇگۇم»، «ساۋاقداشلار»، «سالام، ھېسام ئاكا»، «خاسىيەتلىك قار» قاتارلىق بىر قىسىم پوۋېستلارنى يېزىپ، ئەدەبىيات ساھەسىدە ۋە كىتابخانلار ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان. ئۇنىڭ «نۇزۇگۇم»، «ئايخان»، «قىرلىق ئىستاكان»، «ئوت كەتكەن دەريا» قاتارلىق بىر تۈركۈم ھېكايە – پوۋېستلىرى خەنزۇ، قازاق، موڭغۇل تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان.
    مەمتىمىن ھوشۇر پىروزا ئىجادىيىتىدىن باشقا، يەنە «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ ئىلى ۋارىيانتى»، «ئىلى خەلق ناخشىلىرىنىڭ تارىخىي بايانى»، «ئىلى ئۇيغۇر تىياتىرلىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى» قاتارلىق ئىلمىي ئەسەرلەرنى، «ئالىم بولماق ئاسان ئەمەس» قاتارلىق ئەدەبىي ئاخباراتلارنى، «يىللار شۇنداق ئۆتكەن» ناملىق بىيوگرافىك قىسسىنى يازغان. ئۇنىڭ ھازىرغىچە «نەي ئاۋازى»، «كونا – يېڭى ئىشلار» (ئېزىز ساۋۇت بىلەن بىللە)، «بۇ، چۈش ئەمەس»، «ئۆلۈككە يېزىلغان خەت» ناملىق ھېكايىلەر توپلاملىرى، «سالام، ھېسام ئاكا» ناملىق پوۋېستلار توپلىمى، «قۇم باسقان شەھەر»، «سالچىلار» ناملىق رومانى نەشر قىلىنغان.
مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ جاپالىق ئەجرى بىلەن يېزىلغان ئەسەرلىرى ئۇنىڭغا زور شان – شەرەپلەرنى ئېلىپ كەلگەن. «ئۇستام» (ھېكايە) 1981 – يىلى 30 يىللىق ئەدەبىي ئەسەرلەرنى باھالاشتا 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «ساۋاقداشلار» (پوۋېست) 1989 – يىلى يېڭى دەۋردىكى مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا، «ھاراق توغرىسىدا ھېكايە» (ھېكايە) 1989 – يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا، «ئۆلۈككە خەت» (ھېكايە) 1992 – يىلى «تارىم» مۇكاپاتىغا، 1995 – يىلى ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن باھالاشتا «مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا»، «بۇ چۈش ئەمەس» (ھېكايىلەر توپلىمى) 1993 – يىلى مەملىكەتلىك 4 – نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىجادىيەت مۇكاپاتى(تۇلپار مۇكاپاتى)غا، «چوشقىلارغا بايرام» (ھېكايە) بېيجىڭ «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 1999 – يىللىق «مۇنەۋۋەر ئەسەر» مۇكاپاتىغا، «بۇرۇت ماجىراسى» (ھېكايە) 2001 – يىلى «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ «ئالتۇن توي» مۇكاپاتىغا، «گۆركار»(ھېكايە) 2004 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات – سەنئەت مۇكاپاتى»غا، «ئاتاقلىق مۇقامچى كارۇشاڭ ئاخۇنۇم» (ئوچېرىك) 2006 – يىلى 15 – نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا، «سالچىلار» (رومان) 2013 – يىلى «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن. ئۇ يەنە ئىلى ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 1994 – يىلىدىن1997 – يىلىغىچە «كۆزگە كۆرۈنگەن خادىم»، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىككى قېتىم «مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس»، 1999– يىلى گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن دۆلىتىمىزنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن «دۆلەتنىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان شەخسلەر»قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.
قوشۇمچە: مەمتىمىن  ھوشۇر  شياڭگاڭ جىنخۇي ئۇنىۋېرسىتېتىدا.

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ھەقىقەت نوپۇزنىڭ ئەمەس،ۋاقىتنىڭ بالىسىدۇر(.برېھت)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-26 12:36 , Processed in 0.197864 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش