چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1456 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • yadikar ئۈلۈشكۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەرھۇم مويدىن سايىتنىڭ ئاخىرەتلىكى ئاسان بولغاي!

  • eleyas ئۈلۈشكۈن 16:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    نىمىنى بەكرەك ياقتۇرساڭ ،شۇنەرسە  سىنىڭ ئ‍ىمتاھانىڭدۇر. جالالىددىن رۇمى…

  • huxhuy ئۈلۈشكۈن 00:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz تۈنۈگۈن 23:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

كۆرۈش: 543|ئىنكاس: 0

«قوشراپ» نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
«قوشراپ» نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا ئىزدىنىش
مۇھەممەت تۇرسۇن مەجىددىن

قوشراپ يېزىسى يەكەن بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونغا جايلاشقان. ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 94 كىلومېتىر كېلىدىغان يېرىم دېھقانچىلىق، يېرىم چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان تاغلىق يېزا بولۇپ، دېھقانچىلىقتا بىر قىسىم جايلار دەريا سۈيىگە تايانسا، بىر قىسىم جايلار يامغۇر سۈيىگە تايىنىدۇ. 1986-يىلىدىكى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا بۇ يېزىنىڭ تېرىلغۇ يېرى 18 مىڭ 281 مو بولۇپ، تاغلىق،دۆڭلۈك جايلىرىنىڭ مەيدانى بولسا 2126 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. 23 كەنت، 94مەھەللىگە بۆلۈنگەن. 15 مىڭ 209 نوپۇس، 3425 ئائىلە بار.
بۇ يېزا «يەكەن خانلىقى» دەۋرىدە چوڭ يېزا بولغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە دەڭ قۇرۇلۇپ قاراۋۇلخانا تەسس قىلىنغان. 1916-يىلى ھەربىي گازارما سېلىنغان. 1937-يىلى يېزا تەسس قىلىنغان.ئازادلىقتىن كېيىن 1950-يىلى كاچۇڭ بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن. 1954-يىلى يېزىلىق ھۆكۈمەت تەسس قىلىنغان. 1959-يىلى خەلق گۇڭشىسى قۇرۇلغان. 1984-يىلى يېزا بولۇپ قۇرۇلغان. مەن بۇ ماقالەمدە بۇ يېزا نامىنىڭ «قوشراپ» دەپ ئاتىلىشىدىكى ئاساسلىرىمنى سۆزلەپ ئۆتىمەن.
يەر - جايناملىرى بىر خىل ئىجتىمائىي ھادىسە. ئۇ ئىنسانلارنىڭ تەبىئەت بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرىنىڭ مەھسۇلى. يەر-جاي ناملىرىنىڭ كۆپى شۇجاينىڭ تەبىئەت مەنزىرىسى، ئىقتىسادىي ئالاھىدىلىكى، جۇغراپىيەلىك يەر تۈزۈلۈشى،تۇرمۇش شارائىتى ھەم مىللەت، دىن، مەدەنىيەت، ئىشلەپچىقىرىش ئالاھىدىلىكى،ئولتۇراقلىشىش ئەھۋالى، ئەپسانە-رىۋايەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ ۋە شۇ ئاساستا مەيدانغا كېلىدۇ. شۇڭا، يەر جاي نامىنى بىكىتكەندە ۋە تەتقىق قىلغاندا كىشىلەرنىڭ ئاغزاكىي بايانلىرىغىلا قارىماستىن يۇقۇرىقى كۆرسىتىلگەن شەرت ھەم بەلگىلەرگە ئاساسەن خۇلاسە چىقىرىش ۋە ئىزدىنىش لازىم. «قوشراپ» دېگەن يەر نام ىئۈستىدە ئىزدەنگەندىمۇ ئەلۋەتتە مۇشۇ ئەھۋاللارغا دىققەت قىلىش لازىم بولىدۇ. شۇ چاغدىلا قوشراپنىڭ ھەقىقىي يەر نامى مەلۇم بولىدۇ.
قوشراپنىڭ ئەسلىنامى «قوشراپ» دېگەن بۇ يۇرتنىڭ تارىخىي ۋە تەبئىي جۇغراپىيەلىك ئەھۋالى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنىڭ بىرلىشىشى ئارقىلىق تەبئىي ھالدا مەيدانغا كەلگەن نام بولۇپ بۇلارنى تۆۋەندىكى نۇقتىلاردىن بىلىشكە بولىدۇ.
1) قوشراپ خەلقىنىڭ ئولتۇراقلىشىش ھالىتى تارقاق بولۇپ بۇ يۇرتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى، جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكى ئۇلارنى شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر قىلغان. لېكىن، ئۇلارئۆز ئارا بىرلىشىش، قوشۇلۇش ئارقىلىق بىر يېزا بولۇپ ئۇيۇشۇپ، تارىختىن بىرى ئىتتىپاق بولۇپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ياشاپ كەلگەن. قوشراپ يېزىسىنىڭ ئۆزى تۆت چوڭ تەبئىي بۆلەككە بۆلۈنۈپ كەتكەن. بۇ يېزىدىكى ئىككى كەنت (قىزىل بىلەن ئاراتاش)بولسا دەريانىڭ ئاياغ تەرىپىدە (كاچۇڭ تەرەپتە) بولۇپ قوشراپقا تەۋە جاي. ئۇنىڭدىن باشقا بازار تۆلكەن، يىرما، لەنگەر، ھەسەلباغ قاتارلىق كەنتلەر ئولۇش تەۋەلىكىدە.تاخلا، شاخلا، نۇرباغ، جايباغ قاتارلىق كەنتلەر كونگو تەرەپتە. ئارىسىنى قاراتۇزدىن كېلىدىغان چوڭ سەل دارىسى (كەلكۈن ئاقىدىغان ساي) ئايرىپ تۇرىدۇ. تاشنا،دامسى، ئىچبەلدىر، قىزىلقىر، پوۋجان، توققۇز ئات قاتارلىق كەنتلەر دامسى تەۋەلىكىدە بولۇپ، ئۇلارنى بىر قانچە تاغ-بەل، سەل دارىسى ئايرىپ تۇرىدۇ. بۇنداق مۇرەككەپ يەر شارائىتىدا ياشىغان كىشىلەرنىڭ بىرلىككە كېلىپ ئورتاق مەدەنىيەت يارىتىشى ھەم ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىشى بولسا چوڭ قوشۇلۇش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
2) يەكەن دەرياسى ئاساسەن قوشراپنىڭ بېشىدىن، بەلكى بۇ يېزىغا تەۋە بولمىغان دائىرىدىن ئېقىپ كېلىپ قوشراپ يېزىسىنى يانداپ بىر قانچە كەنتنى چىگرا قىلىپ ئېقىپ ئۆتىدۇ.بۇ سۇدىن كونگو ۋە ئولۇشدىكى بىر قىسىم كەنتلەر سۇ ئىچىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا دامسى ۋە قارا تۇز تەرەپتىن كېلىدىغان چوڭ سۇ دارىسى ھەر يىلى ياز پەسلىدە قوشراپ يېزىسىنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ، شۇنداقلا قوشراپنىڭ ھەسەلباغ ۋە تاخلا كەنتى ئاخىرىدا كەڭرىسۇ ئېقىنى ھاسىل قىلىپ كېڭىيىپ، تاغ سەل دارىسىدىن كەلگەن سۇلار (تاغ سۈيى)دەرياغا قوشۇلۇپ دەريا سۈيىنى كۆپەيتىدۇ. بۇ جايدىكى سۇنىڭ قوشۇلۇشى قوشراپ يېزاتەۋەسىدە بولغانلىقى ھەم خەلق دەريا سۈيى بىلەن تاغ سۈيىدىن قوشلاپ سۇ ئىچكەنلىكىنىڭ ئۆزىمۇ جۇغراپىيەلىك مۇھىت شارائىت تەبئىي ھالدا قوشۇلغان سۇنىڭ بىرلىشىشى، ئىككىنچى تەرەپتىن يەنە بىر قوشۇلۇش بولىدۇ.
3)يەكەن ناھىيەسى مىرزا ئابابەكرى زامانىسىدا قاتتىق ۋەيران قىلىنغان سەۋەبلىك سۇلتان سەئىدخان ۋەيران بولغان ئىگىلىكنى قايتا جانلاندۇرۇش ئۈچۈن بىر قانچە يىل باج ئالماسلىق ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، باشقا جايدىن ئادەم يۆتكەپ كېلىپ ئادەم كۈچىنى ئاشۇرۇپ، دەريا ۋادىسىدا تېرىلغۇ يەر بەرپا قىلىپ يۇرتنى ئاۋاتلاشتۇرغانىدى. مەسىلەن: «سۇلتان سەئىدخان ئىلگىرى ئۇرۇش يىللىرىدا ۋەيران بولغان شەھەر ۋە دېھقانچىلىق رايونلىرىنى ئىككىنچى قېتىم ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئاقسۇ دەرياسى بىلەن يەكەن دەرياسى ۋادىسىدىكى ئاساسلىق دېھقانچىلىق رايونلىرىغا ئاھالە كۆچۈرۈش ئىشىغا ئەھمىيەت بەردى، خوتەندىن بىر قىسىم ئاھالىنى يەكەن دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى مۇنبەت دېھقانچىلىق رايونلىرىغا كۆچۈردى.» ( «يەكەن سەئىدىيە خانلىقى قىسقىچە تارىخى» 212-بەت). بۇ ئەھۋال قوشراپ يېزىسىنىڭ، شۇنداقلا يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئادەم كۈچىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە ئالاھىدە رول ئوينىدى. بۇنداق شارائىت ۋە تارىخىي مۇھىتنىڭ تۈرتكىسىدە ئىككى ئورۇن، ئىككى ئېقىن، ئىككى رايوندىكى كىشىلەرنىڭ قوشۇلۇشى،بىرلىككە كېلىشى ئەمەلىي جەھەتتىكى بىر قوشۇلۇش ھېسابلىنىدۇ. قوشراپ يېزىسىنىڭ بۇنداق ئۈچ تۈرلۈك ئاجرالماس قوشۇلۇشى بۇلارنىڭ جۇغراپىيەلىك شارائىت،ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى، تارىخىي بىرلىشىشلەرنىڭ ئورتاق مۇجەسسەملىنىشى، باغلىنىشى ئاساسىدا قوشراپ يېزا نامىنىڭ «قوشۇلاپ» (قوشۇلۇپ) بولۇشىغا ئاساس سالغان. بۇ نامكېيىنچە جانلىق تىلدا «قوشراپ» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن.  بۇ نام ئۆز ئىسمى-جىسمىغا لايىق بېرىلگەن نامبولۇپ، قانداقتۇر كىشىلەر ئارىسىدا ئېيتىلىپ كەلگەن «قوش ئەرەب» سۆزىدىن كەلگەن دېگەن قاراشتىن يىراق تۇرىدۇ. بۇ سۆزلەر ئەسلا چىقىشالمايدۇ.
(ئاپتور:يەكە نناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىدا)

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلىقى،تۇققاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلىقى.

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-26 16:04 , Processed in 0.201020 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش