غېېرىبلىق ئاقماقتا، ئارمان ئاقماقتا
ــــ قەھرىمان روزىنىڭ «ئاقار يۇلتۇز ئەپسانىسى» ناملىق شېئىرى ھەققىدە
ئابلەت ئەخمەت
ئىنسانىيەت ئالىمى ئاپىرىدە بولۇپ، كۈنلەر ۋە تۈنلەرنىڭ ئېقىشى بىلەن نى ئۇلۇغ سۇلار چۆللەرگە، بۈيۈك دەۋرلەر شاماللارنىڭ توزانىغا ئايلاندى. نى-نى باھادىر ئەركەكلەر، ئاجايىپ لاتاپەتلىك گۈزەللەر تۇپراققا ئايلىنىپ، زامان چۈشلىرىگە كۆمۈلدى.
بىزگە قالغىنى پەقەت چىرىپ كەتكەن پارچە-پۇرات كېمە سۇنۇقى، ئىزسىز، نىشانسىز ھالدا يىللارنىڭ قات-قاسراقلىرىغا كۆمۈلۈپ ئۇخلاپ ياتقان نامسىز قەبرىلەر ئەمەس، بەلكى توغراقتەك كۆكلەپ قۇرۇپ، قۇرۇپ كۆكلەپ، مەڭگۈ ئۈزۈلمەس
كۈيلەر رىشتىسىنى چېتىپ كەلگەن ۋە ئەبەدىي داۋاملىشىدىغان قەتئىي پۈكۈلمەس ئىنسانىي روھ.
تۈنۈگۈن ئاقماقتىدۇر، بۈگۈن ئاقماقتا،
يوقلۇق ئاقماقتىدۇر، بارلىق ئاقماقتا.
تارىم چۆللىرىدە لۆمۈلدەپ، بۇقىدەك نەرە تارتىپ توسقۇنسىز ئاققان تارىم دەرياسى تارىم ۋادىسىنىڭ كۈچ-مەنبەسى بولۇپ زۇمرەتتەك دولقۇنلىنىپ جىمىرلاپ تۇرغان لوپنۇر كۆلى، كۈچ-قۇدرەتنىڭ سىمۋولى بولۇپ گۈللەپ-ياشنىغان بارچۇق شەھىرى... بۇلار تۈنۈگۈنكى رېئاللىق، بۈگۈنكى تارىخ. تۈنۈگۈن يوق نەرسىلەر بۈگۈن بار. بەلكىم بۈگۈن ئەتىگەن ناشتىلىق ئۈچۈن يېگەن بىر تال بېلىق بۇ دەۋردىكى ئەڭ ئاخىرقى، ئەڭ قەدىمىي يوسۇندىكى بىر ۋاق تاماق بولۇشى مۇمكىن.
كۆز ئالدىمىزدا ئېقىۋاتقىنى زامان، ماكان، ئالەم، ئادەم، ماتەم ئەمەس، بەلكى قان-قانلارغا چوڭقۇر سىڭىپ داۋاملىشىپ كەلكەن شەخسىيەتچىلىك، غايەت چەكسىز ئاچكۆزلۈك، كىرلەشكەن ئېتىقاد، ھەسرەت ھەم چەكسىز غېرىبلىق، بۇ قۇرغاق زېمىنغا ئوخشاش چاك-چاك يېرىلىپ، تەشنالىقنىڭ باياۋانلىرىدا تەمتىرەپ، ئېزىقىپ، بۇغۇلۇپ سىقىلغان بۈيۈك روھ.
«ئاقار يۇلتۇز ئەپسانىسى» بىزگە تارىمنىڭ ئېكىئولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشىنىلا، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ سۈرۈلۈپ، تاماق يەۋاتقان قاچىمىزنىڭ لېۋىگىلا كېلىپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتىپلا قالماستىن، روھىيەتىمىزدىكى بۇزۇلۇشنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى غۇۋا ھېس قىلدۇرىدۇ. مۇنداقچە قارىغاندا بۇ شېئىر كىشىگە ئاددى سۆزلەر تىزمىسىدەك كۆرۈنسىمۇ، چوڭقۇرلاپ كىرگەندە تارىخ ۋە رېئاللىقتىكى نۇرغۇن ۋەقە-ھادىسىلەرنى ئەسلىتىدۇ، ھېس قىلدۇرىدۇ، ئويلاندۇرىدۇ.
مەنبە: «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» 2001-يىل 11-ئاينىڭ 27-كۈنى
ئاقار يۇلتۇز ئەپسانىسى
قەھرىمان روزى
قانلار ئاقماقتىدۇر، جانلار ئاقماقتا.
كۈنلەر ئاقماقتىدۇر، تۈنلەر ئاقماقتا.
تارىم ...
لوپنۇر ...
بارچۇق ئىزناسى،
ئۇچراپ قالار ناگان – ناگاندا
چىرىپ كەتكەن كېمە سۇنىقى؟!
ئىزدەپ كۆرمەكچىدىڭ توغراق سۈيىنى،
تۈنۈگۈن ئاقماقتىدۇر، بۈگۈن ئاقماقتا.
يوقلۇق ئاقماقتىدۇر، بارلىق ئاقماقتا.
قەدىمىي يوسۇنچە ئاددى ناشتىلىق
ئاخىرقى قېتىملىق بېلىق كاۋىپى.
ئىچكىن بىر جام مەيدەك لىغىرلاپ تۇرغان
ئۇھسىنىش، ھەسرىتىڭنى ئاداققى قېتىم.
تاغلار ئاقماقتىدۇر، باغلار ئاقماقتا،
قۇملار ئاقماقتىدۇر، سۇلار ئاقماقتا.
ئېچىرقاپ، بىقسىپ كەتكەن بوغۇق مىسرالار
سۆزلەر ئاقماقتىدۇر، قۇرلار ئاقماقتا.
ئىشرەت، شەھۋەتلەردىن يېرىلدى ئانار،
ئادەم ئاقماقتىدۇر، ماتەم ئاقماقتا.
مەنبە: «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» 2001-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى