گۇما دىيارى مۇنبىرى

كۆرۈش: 158|ئىنكاس: 2

ئانام بار(غەزەل)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2449

تېما

51

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

369854

Rank: 22Rank: 22Rank: 22Rank: 22Rank: 22Rank: 22

تىرىشچان ئەزا گۇما دىيارى ئەزاسى تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە ئەزا مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 13:27:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىز بۇ تېمىنىڭ 158- ئوقۇرمىنى،تېما يارىغان بولسا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ! خالىسىڭىز بىكىتىمىزدىكى ئېلانلارغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ قويۇڭ،چۈنكى ئۇنىڭدا سىز كۈتمىگەن يېڭىلىقلار بار!.


ئانام بار

بەختلىكمەن كۆزۈمگە قارايدىغان ئانام بار،
مەن يىغلىسام يۈرىكى قانايدىغان ئانام بار.

رەنجىمەيمەن  بىلمىسە قەدرىمنى گەر ئۆزگىلەر،
مېنى جاندىنمۇ ئەزىز سانايدىغان ئانام بار.

مۇزلاپ كەتسەم ھاياتنىڭ جۇدۇنىدا رەھىمسىز،
ئوتۇن ئۈچۈن پۇتىنى چانايدىغان ئانام بار.

كېيىملىرىم پارقىراق يۇيۇپ بەرگەن مېھرىبان،
يىرتىقىمنى ئۇخلىماي يامايدىغان ئانام بار.

رەقىپلەرنىڭ توزىقى قەستى بىلەن يىقىلسام،
مەدەت بېرىپ بېشىمنى سىلايدىغان ئانام بار.

قالسام يارسىز يىگانە بولۇپ تەتۇر پىشانا،
يىغلاپ تۇرۇپ ھالىمنى سورايدىغان ئانام بار.

نەپرىتى ئوق كۆڭلۇمگە ئازار بەرگەن كىشىگە،
دۈشمەنلىرىم يولىنى تورايدىغان ئانام بار.

ئامرىقىمنى بەك بىلەر كۈندە بەختىمنى تىلەر،
ھەممە ئشتا كۆڭلۈمگە يارايدىغان ئانام بار.

خۇدايىمدىن تىلەيمەن دېيىشىمنى بىر كۇنى،
نەۋرىسىنىڭ چېچىنى تارايدىغان ئانام بار.
مەنبە:ئۈندىدار

گۇما دىيارى مۇنبىرى-تەۋسىيە قىلىدۇ!

فىلىم قويولۇش ئالدىدىكى ھەر قانداق ئېلاننى ئۈنۈملۈك چەكلەش رولىغا ئىگە،سۈرئېتى تىز،بىخەتەر قاپلان تور كۆرگۈچىسى ! ئائىلىدە خاتىرجەم تورغا چىقاي دېسىڭىز ئاستىدىكى رەسىمنى چېكىپ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قويۇڭ .


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

0

تېما

0

دوست

22

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 17:15:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس دەيسىز. دۇنيادا ئانا مۇھەببىتىدىن ئۇلۇغ نەرسە يوق. ئانىنىڭ مۇھەببىتى ئەڭ چەكسىز. ئۇ ئۇلۇغ مۇھەببەتنى تەسۋىرلەشكە تىل ئاجىزلىق قىلىدۇ.....

31

تېما

4

دوست

1202

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 00:20:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوللىغۇچىغا رەھمەت.بۇ شېئىرنى يېڭى ناۋا پىرۇگراممىسىنىڭ 10-سانىدا مارالبېشىنىڭ پىچاق سۇندى دېگەن يەردىن كەلگەن 5-نۇمۇرلۇق ماھىر ئابدۇراخمان توختى ئوقۇغان.ماڭا بەك يارىغانتى.بارلىق ئانىلارنىڭ تېنى سالامەت،ئۆمرى ئۇزۇن بولغاي!شائىرنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيتى نەتىجىلىك بولىشىغا تىلەكداشمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلىقى،تۇققاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلىقى.

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۇما دىيارى مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|新ICP备11003671号|گۇما دىيارى مۇنبىرى

GMT+8, 2013-9-6 16:42 , Processed in 0.186183 second(s), 33 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش