گۇما دىيارى مۇنبىرى

كۆرۈش: 440|ئىنكاس: 0

ھىدايەتنامە(ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

20

تېما

1

دوست

989

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-14 14:27:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىز بۇ تېمىنىڭ 440- ئوقۇرمىنى،تېما يارىغان بولسا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ! خالىسىڭىز بىكىتىمىزدىكى ئېلانلارغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ قويۇڭ،چۈنكى ئۇنىڭدا سىز كۈتمىگەن يېڭىلىقلار بار!.


ھىدايەتنامە

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

ئۆمۈرمەنزىلىدىن تىنماي ئىزلىدىم مەن ھەقىقەتنى،
تەپەككۇر بولدى بىرھادى تېپىشتا چىن ھىدايەتنى،
تىلەپ ھەر سۆزگە باي مەنا يەنەجانلىق پاساھەتنى،
دىلىم ئىستەيىىتى ئىزھارغا ھەمىشە مەقبۇل پۇرسەتنى،
كىلىڭ ئەي دوستلىرىم ئەمدى خۇشال باشلايلى سۆھبەتنى.

سۆزۈمنىڭ باشى بىسمىللاھ بۇ مۆمىنلىك ۋەزىپەمدۇر،
سانايۇ ھەمدىلەر ئېيىتسام تۈمەن مىڭنى يەنە كەمدۇر،
قۇرۇق ،تۇسسىز ئىبادەتتىن ئەمەل ئەۋزەل،ئەقىدەمدۇر،
بۇ داۋايىمغا بۇر ھانىم مۇشۇ يازمىش قەسىدەمدۇر،
تىلەيمەن رەببىم  اللاھ تىن قولۇمغا كۈچ ۋە قۇۋۋەتنى،
              
تەئەججۈپ ئەيلىشەر بەلكىم بىراۋلەر بۇ قەسىدەمدىن،
ئەجەپلەنمەس ئىدى ئىچسە ئەگەر بىرقەترە چەشمەمدىن،
ئىزىقتىم مەن مۇ بىرچاغلار ناگاھ تەۋرەپ ئەقىدەمدىن،
شۈكرىكىم رەھناما تاپتى كۆڭۈل سۇلتانى تەۋبەمدىن،
ئىلاھا ئەيلىگىل مەڭگۈ،ماڭا بۇبەختۇ- ئامەتنى.

تۇغۇلغاچ ئىككى مۆئمىندىن،ئۆتۈپ ئەللىكتە سەككىز يىل،
يەكۈنلەش سائىتى يەتتى ئۆمۈرنى ئەمدى ئەستايىدىل،
نەزەر سالسام بېسىپ ئۆتكەن يولۇمغا بولمايىل غاپىل،
ئاقۇر كۆز ياشلىرىم گويا بولۇپ ئىرتىش ۋە ياكى نىل،
جاھاندا چەكمىگەي ھېچكىم مىنىڭدەك كۆپ نادا مەتنى ،

يا ھەققە ئەتمىدىم قۇللۇق،يا ئەلگە قىلمىدىم خىزمەت
بىغىمغا كۈز يىتىپ كەلدى،قولۇمدىن كەتتى كۆپ پۇرسەت،
ھەمىشە ئۆرتىبان دىلنى يېلىنجاپ بىر ئەلەم-ھەسرەت،
ئازاپلاپ كېچەيۇ-كۈندۈز قىلۇرجانىمنى بىتاقەت،
راۋادۇر قانچىلىك قىلسام ئۆزۈمگە دوق مالامەتنى،

ئانا يۇرتۇم بىرىپ ئاق سۈت،بېقىپ ئۆستۈردى مىڭ ئاسراپ،
ئاۋايلاپ مايسىدەك ھەرتاڭ چېچىپ باشىمغا زەر ئاپتاپ،
بېرىپ تىل ھەم ئەقىل-ئىدراك،قاتارغا قوشتى يول باشلاپ،
قاناتى ئاستىغا ئالدى ئىغىر كۈنلەردە باغاش لاپ ،
نېچۈكمۇ ياندۇرارمەن بۇ ئانىلىق مېھرى-شەپقەتنى،

سەھەردە ھەمدىلەر ئېيتار ئۇچار قۇشلارمۇ  ھەردەمدە،
نېمىشقا بولمىسۇن بىرھېس تىرىك پەرزەنتى ئادەمدە،
ۋاھالەنكى ئادا بولماي ھىساپسېز قەرىز بۇ زېممەمدە
ھامان قاينايدۇ ھەسرەتلىك پۇشايمانلار بۇ قەلبىمدە،
ئۆمۈرنى زايە قىلماڭلار ئىلىپ مەندىن بۇ  ئىبرەتنى.

باھار يامغۇرلىرى ھەر تاڭ يۇيار ھەم ياشنىتار تاغنى،
ئىرىقلەر بىرلە كەلگەن سۇ ھەتتا گۈللىتەرباغنى،
مۇيەسسەر  قىلسا مەقسىتىم مۇراتقا يولنى ئاچماقنى،
ئىرىتسە ھېچ ئەجەپ مەسكىم كۆزۈمنىڭ ياشلىرى داغنى،
ئاتاقىلسا ئىلاھىم خەزىنەسىدىن قەترە رەھمەتنى.

«سىراتەل مۇستەقىم» تاپماق بولسا ئەگەر نەسىبەمدە،
نادامەت داغلىرى قالماس ئىدى مەھزۇن بۇ سىنەمدە
ئۈمۈدۈم بىر بېقىپ ئىقبال كۈلۈپ تەلەي پىشانەمدە،
جاراڭلاپ كەتسە قەلبىمنىڭ ساداسى بۇ قەسىدەمدە،
نىسىپ ئەيلەپ ياراتقان زات ماڭا بەختۇ سائا دەتنى.

خيالىم دېڭىزى تىنماي ھەمىشە چايقىلىپ قايناق،
كىچىلەرئاز يۈمۇپ كۆزنى ۋە گاھى تاڭغىچە ئويغاق،
قولۇم يەتمەيدىغان شاخقا ئېسىلدىم شۈنچىلىك مۇشتاق،
ئىلاھىم ئۆزى يار بولغاي ئۈمۈدۈمگە يەنە جىقراق،
ئاسان ئەيلەپ بۇ مەنزىلدە ماڭا ئۇچرار مۇشاقەتنى،

پىكىر دەرياسىغا قانچە تىرەن چۆمگەن سىرى ھەرتۈن،
كۆڭۈلنىڭ كىرلىرى شۇنچە يۇيۇلدى،تارقىدى ئەپسۇن،
ھاياتىم گەرچە پۇشايمانلىق دىلىمدۇر ناتىۋان مەھزۇن،
ۋەلىكىن جان كىتابىگە قوشۇلدى تۈمەن مىڭ مەزمۇن،
يىقىن كەلتۈرمە ئىي رەببىم! كۆڭۈلگە ئەمدى غەپلەتنى،

تەپەككۇر كۆز بىلەن باقسا كىشى ئالەمگە بىرمەررە،
ئەمەستۇر خالى ھىكمەتتىن ۋە ھەتتاكى ھەسەل ھەرە،
ئادەمزات يۈكسىلىپ گەرچە ئاتۇمدىن تاپتى مول زەررە،
ۋە لىكىن بىپايان سىر دېڭىزىدىن بۇتېخى ئازغىنە قەترە،
ئىلاھا قىل كەرەم كۆپرەك بىلەيلى سېرۇ-ھىكمەتنى،

بىلىپ يەتكەنسىرى ئىسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك،
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تۇنار زاتىنى خۇپراق،
مېسال:قارغۇ نىچىك بىلسۇن، قۇياش قادۇغۇ ئاي قانداق،
بىلۇر ئامما گۈدەك ھەتتا نىچۈكتۇر گۈل، نىچۈك ياپراق،
دىمەككى مەرىپەتتىن جان تاپۇر،ئەقلى پاراسەتنى،

تۈمەن مىڭ يىل داۋامىدا ئۆتۈپ سانسىز ئەقىل دانىش،
  ھايات سىرىنى بىلمەكنى قىلىشتى ئارزۇ ھەم خاھىش،
  بىراۋلەر قىلسىمۇ كۈچەپ  خۇداسىزلىقنى پەرمايىش،   
  ۋە لىكىن ئەكسىرى مۇتلەق ئىلىپ مەيداندا ئەزمايىش،
ئاخىرى ئىتراپ قىلدى ئۇلۇغ بىر روھى قۇدرەتنى،

مېسال: بىر قەترىدىن ئادەم بىنا بولغاننى ئويلاپ باق،
ئانا قارنىدا بۇجانغا ھاۋا بولغاننى ئويلاپ باق،
تۇغۇلماق سائىتى يەتسە ئانا بولغاننى ئويلاپ باق،
بۇ مۈشكۈلگە نە قانۇن پانا بولغاننى ئويلاپ باق،
شۇچاغدا تاپقۇسى قەلبىڭ بىرەر مەنتىقى پىكرەتنى.

بۈگۈن پەن يۈكسىلىپ شۇنچە قىلۇر پەرۋازىنى ئەركىن،
ۋە ھەتتاكى ئاي ۋە يۇلتۇزدا يەرئوغلى ياتقۇسى يالقىن،
بۇڭا ئەۋلادى ئادەمزات ئۇقۇر مىڭ مەدھىيە تەلقىن،
لىكىن ئادەم بىنا قىلماق بۇئادەمگە نېچۈك مۇمكىن،
ياراتقان تەڭرىدىن باشقا كىشى تاپمەس بۇ قۇدرەتنى،

نېمىشقا ئاياغ ئىككى، كۆز ئىككى، ئېغىز بىردۇر،
يەنە كۆزلەرگە قاش كىرپىك بىنا قىلغان قايسى تەھرىردۇر،
نىمىشقا مىڭ كىشى چېھرى يەنە مىڭ خىلدا تەسۋىردۇر،
قېنى ئېيتىڭچۇ؟ بۇسىرغا نېچۈك سۆز توغرا تە بىردۇر ،
تەپەككۇر ئاچقۇسى كەڭ يول چۈشەنمەككە بۇسۈرەتنى،

ئۆلۈمنى ئويلىسا ھەركىم بىلۇر ئۆز زاتىنى ئاندىن،
تۇغۇلماق سۆڭرە ئۆلمەگلىك ئاياندۇر ھەممىگە ئەيدىن،
لىكىن، نەدە، قاچان، قانداق ئۆلۈشنى كىم بىلۇر ئالدىن،
ئېچىلماس سىر بولۇپ كەلدى بۇ ماۋزۇ دەۋرى-دەۋراندىن  
ھەمىشە يىغسىمۇ دۇنيا بۇسىرغا ھەممە دىققەتنى

ئۆلۈمگە بىر دەۋا ئىزلەپ جاھاندىن كەتتى كۆپ دانا،
ۋە لېكىن تاپمىدى ھىچكىم بۇ ئىشتىن زەررىچە مەنا،
ئارىستۇ ياكى لوقماندەك ھەكىملەرمۇ بىمۇستەسنا،
دىيىشتى ئاخىرى مۇتلەق ئۇلۇغ قۇدرەتكە ئامەننا،
دىمەك مۆئمىن ئەمەس بۇزماق بۇ قانۇنى زۆرۈرىيەتنى،

قۇياش،ئاي ۋە يۇلتۇزلار ساما سەيىر ئىتىپ ھەركۈن،
مۇئەييەن يول ۋە تەرتىپتە خاتاسىز دەۋىر ئىتەر ھەركۈن،
بۇڭا ھاكىم ئىكەن مۇتلەق ئەجەپ بىر مۇنتەزىم قانۇن،
بۇچەكسىز كائىنات تاپمىش ئەشۇ خىلدا تولا مەزمۇن،
يورۇپ نۇرلانغۇسى قەلبىڭ چۈشەنگەنچە بۇھالەتنى.

ۋە بەلكى بەزىلەر ئىيتار تۈزەلمەكلىك تەبىئەتتۇر،
ۋاھالەنكى تەبىئەت ھەم ئەجەپ بىرخىلدا ھەيئەتتۇر،
بۇئالەم سىرلىرى بىزگە ھۇنۇن بىر ياخشى ئىبرەتتۇر،
شىغىل تاش ھەرزامان تاشتۇر، زۇمرەتلەر- زۇمرەتتۇر،
تەپەككۇر تاشقىنى يۇتسۇن كۆرەڭ باتىل جاھالەتنى،

مېسال:پەن-ھۆنەر ئەسرى قۇرۇپ ھىكمەت دۇكانىنى،
ياراتتى ئىپتىخارلىق بۇمۇ ئىجازەتلەر زامانىنى،
يەنە ھەم ئاشقۇسى كۆپلەپ بۈيۈك ھىكمەت داۋانىنى،
لېكىن ئادەم تۈگۈل ھەتتا ئۇنىڭ بىر قەترە قانىنى،
ياسالماس ھەر نىچۈك ئالىم قىلىپ يەجلىد بۇقۇدرەتنى.

ھاياتلىق سىرىغا تەكرار تۇخۇمنى كەلتۈرەي بۇرھان،
تۇخۇسىز ئالۇر ھەر كىم تۇخۇمدىن چۈجىنى ئاسان،
ئەگەرچە يەنە مىڭ ھەسسە تەرەققىي قىلسىمۇ دەۋران،
تۇخۇمنىڭ ئۆزىنى لېكىن ياسالماس بەلكى بۇئىنسان،
دىمەك مەخلۇق ھامان مەخلۇق بىلۇرخالىقلا خەلقەتنى.

نەزەر سالساق ئەگەر بۇغداي ۋە ياكى باشقا بىردانغا،
تىرىپ ئۆستۈرمىسە دېھقان ھوسۇل تولمايدۇ خامانغا،
ئەگەرچە دان ياساش مۇمكىن بولۇپ قالسىدى ئىنسانغا،
زاۋۇتلاردا ياساپ ھەر كۈن پۇلى توختايىتتى ئەرزانغا،
دىمەك مەخلۇق ئەمەس قادىر ياراتماققا تەبىئەتنى،

ھاياتلىق سىرلىرى شۇنداق ئاجايىپ كەڭرى دۇنيادۇر،
بىلىپ يەتكەنىمىز تامچە،ئەگەر ئۇ بەھرى دەريادۇر،
كىمىكى مەۋجۇداتەن زاتەن ئۇلۇغ ھىكمەتلەر ئەھيادۇر،
كى تۇپراق بولمىدى كىميا مەگەر بولسا ئۇ خۇليادۇر،
ھايات قانۇنى ھەر دەمدە  قىلۇر تەكرار بۇ ئبرەتنى.

مىسالنى: يەنە يۈز يۈز لەپ تىپىش مۈشكۈل ئەمەس ھەرئان،
ۋە لىكىم ھەممىدىن ئەلا ئۇلۇغ مۆجىزە دۇر «قۇرئان»،
خسۇسەن بولسا ئۇنىڭ تەپسىرى «سۈرە رەھمان»،
كۇپايە قىلمىسا كاشكى ئاشۇنچە «ماتۇكەز زىىبان».
قۇلۇپلۇق بولمىسا قەلبىڭ قۇبۇل ئەيلەر بۇنىھمەتنى،

تولۇق ئون تۆت ئەسىر ئۆتتى نەقىشلەر بولمىدى سادىر،
نىمىكى دىسە«قۇرئان»دە بۈگۈن دۇنيادا شۇ زاھىر،
بۇنىڭ دەك مۆجىزە ئىشىگە نېچۈك مەخلۇق بولۇر قادىر،
ئۇنىڭ تەرىپىگە سۆزنى تاپۇر قايدىن ئەدىپ، شائېر،
نىسىپ قىلمايدىكەن تەڭرى ئەگەر تىلغا بالاغەتنى.

ئۆتۈپ بىر مىڭدا تۆت يۈز يىل ھاۋادىسىلەر بىلەن بىر-بىر،
بىرەر ئىش قالمىدى شەكلەن ۋە مەنەن بولمىغاي تەغيىر،
بىراۋلەر قەس بىلەن«قۇرئان»،«قۇرئان»بېتى قىلسىمۇ تەھرىر،
لىكىن ئۆزگەر مىدى بىرھەرىپ،بىرەر ساكىن ياكى زىر،
چۈشەنمەك نە مۈشكۈلدۇر بۇ مۆجىزە كارامەتنى،

پۈتۈن ئۆمرىدە يا مەكتەپ يا ئۇستاز كۆرمىگەن بىرزات،
ئوقۇپ بىركۈن«ئېقرە بىسمى رەببىكەللەزى»نى ھايھات،
تىپىپ قۇددۇس قۇدرەتنىڭ ئۇلۇغ ئەنۋارىدىن ئىرشات،
نەبۇۋەت ئەسرىنىڭ شانلىق تۇغىنى ئەيلىسە بۇنيات،
نېچۈكمۇ ئىتراپ قىلماس ئەقىل مۇنداق ھەقىقەتنى،

ئوقۇپ كۆرسەك بۇتارىخنى ئەجەپ بىرئەسرى ھىكمەتتۇر،
مۇبارەك تەرجىمەھالى تامامى پەزلى-خىسلەتتۇر،
رەقىپلەر ئىتراپىمۇ بۇڭا ئەلۋەتتە ھۆججەتتۇر ،
بۇزاتنىڭ ئسمى شەرىپى« رەسۇل ئەكرام مۇھەممەددۇر،»
ياراتتى مەڭگۇ ئۆلمەس بىر ئۇلۇغ بىر ئەسرى سائادەتنى،

نەبۇۋەت تاڭى ئاتماستا ئەرەپنىڭ ھالىنى ئەسلەڭ،
جاھالەت دەستىدىن ئەلنىڭ ئايانىچ ئەھۋالىنى ئەسلەڭ،
زالالەت ھەم رەزىللىكنىڭ ياۋۇز ئىمسالىنى ئەسلەڭ،
مىسال:بىر قىز تۇغۇلسا گەر زەبۇن ئىقبالىنى ئەسلەڭ،
يىمىردى نەبۇۋەتلا ئەرەپتىن بارچە زۇلمەتنى،

ۋەھيىنى بەزىلەر ئېلھام دىيىشتى بىر زامان ھۆكمەن،
ۋاھالەنكى ئۇلۇغ«قۇرئان» ئەمەستۇر قىسسە يا رومان،
ئۇنى ئېلھام بىلەن ئىجات قىلىشقا بولسا گەر ئىمكان،
نىمىشقا يازمىدى يەنە بىركىم ئىككىنجى بىر قۇرئان،
نېچۈكمۇ ئىتراپ قىلماس كشى مۇنداق ھەقىقەتنى،

بىراۋلەر قىلدلەر دەۋا، نەبىيلىك ئۈستىدە ھاتتا ،
تېپىپ مىڭ ھىلە-نەيرەڭلەر،ئۆزىنى كۆرسىتىپ تەقۋا،
يىزىپ ئايەتكە تەقلىدلەر،ۋە ھەتا قىلسىمۇ غاۋغا،
جاھاندىن كەتتىلەر لېكىن،بولۇپ ئالەمگە مىڭ رەسۋا،
تاپالماس چۈنكى باتىللىق ،ھەقىقىي شانۇ-شۆھرەتنى.

بۇلارنىڭ ھەممىسى جانلىق ئۇلۇق مۆجىزە ئەلۋەتتە،
يەنە قانداق دەلىل لازىم بايان قىلماققا بۇھەقتە،
ئەقىل ساھىپلىرى جاندىن ئۆتەر تەستىق قانائەتتە،
ئەگەرچە ياق دېسە بەزى مۇخالىپلار جاھالەتتە،
ئۆزىگە رەھنامە قىلسۇن ئەدىل مەردانە پىكرەتتە،
خاتىمە
بايان قىلغانلىرىم گەرچە دىڭىزدىن تامچىدۇر ئەمما،
ناماياندۇر قۇياش ئەكسى بىرتامچە سۇ دىمۇ ھەتتا،
قەسىدەم ئەلگە يەتكۈزسە ھىدايەتتىن مىرەر مەئنا،
مۇكاپات شۇ ئىدى مەنچۈن ئەمەسمەن ئۆزگىگە تەشنا،
كۆچەتنى تىككۈچى مەيلى كۆرەلمەي ئۆتسە راھەتنى،

ئەقىدەم ھەققە باغلانغان،بۇيولدا ئەتىمادىم بار،
شۈكرىكىم، ھەق ئاتاقىلغان،ئىرادە ئىتېقادىم بار،
ئەقىدە ساھىبى بولغاچ دىلىمدا پەخرۇ- يادىم بار،
دېمەيمەن مۇنچە گۇستاھلىق،قىلىشقا نىمەھەددىم بار،
پىسەنت قىلماس كۆڭۈل چۈنكى قۇرۇق تەئنە- مالامەتنى،

جاھان باقى ئەمەس لوقمان،چېغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر رۇمى ئىسكەندەر،ۋە ھەتتا ۋەھشى چېڭگىزخان،
كىلىپ-كەتمەك بىلەن مەشغۇل،جاھانغا بىھىساپ كارۋان،
ئۆتەر دۇنيا كېچەر دۇنيا،پەقەت ھاقلا سۈرەر دەۋران،
ئۆمۈر مەنزىلىدە تاپتىم نىھايات  شۇ ھەقىقەتنى،

مەنبەئۇيغۇر ئېلكىتاب گۇرپىسىدىن مۇھەممەدجان ھىمىت ھەيدەرى رەتلىگەن ئېلكىتابتىن ئىلىندى)

گۇما دىيارى مۇنبىرى-تەۋسىيە قىلىدۇ!

فىلىم قويولۇش ئالدىدىكى ھەر قانداق ئېلاننى ئۈنۈملۈك چەكلەش رولىغا ئىگە،سۈرئېتى تىز،بىخەتەر قاپلان تور كۆرگۈچىسى ! ئائىلىدە خاتىرجەم تورغا چىقاي دېسىڭىز ئاستىدىكى رەسىمنى چېكىپ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قويۇڭ .


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

زالىمنى يەر بىلەن تەڭ كۆر(موللا بىلال نازىمى)

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۇما دىيارى مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|新ICP备11003671号|گۇما دىيارى مۇنبىرى

GMT+8, 2013-9-6 16:56 , Processed in 0.164594 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش