چىنتۈرك مۇنبىرى

كۆرۈش: 2180|ئىنكاس: 1

شائىر نىمشېھىتنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
pasan
                              شا ئېر نىمشىھىتنىڭ قىسقىچە تەرجىمە ھالى
شا ئېر نىمشىھىت 1904-يىلى باي ناھىيەسىنىڭ سايرام يىزىسى تىزەك قايغۇ كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن.  ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى ئەرمىيا، دادىسىنىڭ ئىسمى ئىلى،بوۋىسىنىڭ  ئىسمى سامساق موللا ئىدى. ئادەتتە تولۇق ئاتالسا  نىمشىھىت  ئەرمىيا ئىلى سايرامى دەپ ئاتىلىدي.
نىمشىھىت ئوقۇش يىشىغا يەتكەندە ئۆ زيىزىسىدىكى دىنىي مەكتەپتە ئوقۇغان 1922-يىلىدىن 1928-يىلىغىچە باي ۋە كۇچاردىكى مەدرىس لەردە  ئوقۇغان . بۇچاغدا ئۇنىڭ قوشاق شەكلىدە يازغان«بازار ۋە مازار»ن  ناملىق تۈنجى شېرلارتوپلىمى قول يازما ھالەتتە ئەل ئىچىگە تارقالغان.  1929-يىلى ئۇ قەشقەرگە بىرىپ  ئوتتۇرا  ئاسىياغا داڭلىق «خانلىق مەدرىسە»دە  ئوقۇغان بۇمەز گىلدە  ئۇ «مادارا ئەئىزەم»(چوڭ ياراشتۇرۇش) ناملىق شېرلارتوپلىمىنى يىزىپ روياپقاچىقارغان.
1933-يىلى قەشقەردە زۇلۇمغا قارشى خەلق قوزغىلىڭى پارتىلىغاندا، ئۇ  قوزغىلىڭغا ئاكتىپ قاتنىشىپ  سەپنىڭ ئالدىدا جەڭ قىلغان .جەڭ دە بوينىغا ئوق تىگىپ  ھاياتىدىن ئايرىلغىلى تاس قالغان. قەشقەردىكى شىۋېد دوختۇرخانىسىدا داۋالانغان. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇنىڭغا  نىمشىھىت( يىرىم شىھىت) دىگەن نام سىڭىپ قالغان.
نىمشىھىت 1934-يىلى ساقىيىپ يۇرتى بايغا قايتىپ كەلگەن ھەمدە يىڭى مائارىپ ۋە ئاقارتىش ئىشلىرى بىلەن ئاكتىپ شۇغۇللانغان.  1936-يىلى 2-ئايدا «بىلىم ئىشقىدا»دىگەن مەشھۇر غەزىلىنى يازغان.  نىمشىھىت 1936-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 1945-يىلى 1-ئايغىچە «ئاقسۇ گىزىتى»دە  مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن.  بۇمەزگىلدە  ئۇ« مىڭ ئۆي ۋە پەرھاد-شىرىن» ناملىق داستاننى  يىزىپ چىققان. 1945-يىلى 10-ئايدا  ئۈچ ۋىلايەت مىللى ئارمىيەسىنىڭ ئاقىسۇغا چۈشكەن قىسمى بىلەن غولجىغا چىقىپ كەتكەن ھەم  مىللى  ئارمىيە باش قوماندانلىق  شىتابى تەشكىل قىلغان « تارىخ يىزىش » ئىشخانىسىدا  ئىشلىگەن. 1948-يىلى« ئىتتىپاق »ژورنىلىدا مۇھەررىر بولغان. مۇ شۇيىللاردا  ئۇ«ئاسارەتتە تۇرۇپ قالغانلارغا خىتاپ» ،«ھەپسىدە كەتكەن دوستۇم ل. مۇتەللىپكە»،«ئالدىدا » ، «ۋەتەن قۇربانلىرى خاتىرىسىگە»، « ئويغان»  قاتارلىق موھىم شېرلارنى يازغان.1950-يىلى يۇرتى باي ناھىيەسىگە قايتىپ كىلىپ  ئانىسى ۋە قىرىنداشلىرى بىلەن بىرگە ياشىغان. 1956-يىلى جۇڭگۇ ھاج ۋەكىللەر ئۆمىكى تەركىبىدە 10 غا يىقىن دۆلەتتە زىيارەتتە بولغان. شۇ قىتىمقى سەپەردە «سىغىندىم»ناملىق مەشھۇر شېرنى يازغان.1960-يىللارداياشىنىپ قاغان بۇ شائېر كۆپلىگەن رۇبائى ۋە داستانلارنى يازغان بولسىمۇ ئەمما 1966-يىلى باشلانغان«مەدىنىيەت زور ئىنقىلابى»دا  بۇلاڭ تالاڭغا ئۇچراپ  ھەممىسىدىن ئايرىلىپ قالغان، ئۆزىمۇ ئىغىرقىسمەتلەرگە دۇچار بولۇپ كۆرمىگەن كۈنى قالمىغان. 1970-يىلى ئۇ بالا -چاقىلىرى بىلەن قوشۇپ باي ناھىيە ئومباش گۇڭ شېسىنىڭ ئەڭ يىراق 13-دادۈيىگە سۈرگۈن قىلىنغان. ياشانغاندىكى سورۇقچىلىقلاردىن ئىچى ھەسرەتكە  تولغان  شائېر مەشھۇرشئېرى «پىقىرنىڭ ئىقرارى»نى يازغان. 1971-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى ئېچىنىشلىك ھالدا بۇ ئالەم بىلەن خوشلاشقان.  

(شائىرنىڭ«ئالدىدا»ناملىق شېرلارتوپلىمىدىن ئىلىندى)

                           


چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2016-3-9 02:32:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ھەقىقەت نوپۇزنىڭ ئەمەس،ۋاقىتنىڭ بالىسىدۇر(.برېھت)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-12 22:16 , Processed in 0.199962 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش