چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1462 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • huxhuy 6 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz 5 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

  • ئەھەدى ئۈلۈشكۈن 23:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى مۇھىم يازمىلارنىكوچۇرۇپ ساقلىۋېلىشقا ئىجازەت بىرىلسە بۇلات...

  • huxhuy تۈنۈگۈن 00:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇزبېك شائىرەسى رەنا شېئىرلىرى يوللاندى.

كۆرۈش: 168|ئىنكاس: 0

ئۆزىڭىزنىڭ 1000 يىللىق تارىخىنى بىلەمسىز؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
سىز ئۇيغۇرلارنىڭ  1000 يىللىق تارىخىنى بىلىشنى خالامسىز؟

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن سىز ئۆزىڭىزنى  مەن بىر ئۇيغۇر دەپ بىلەمسىز؟ ئەگەر ئۆزىڭىزنى مەن بىر ئۇيغۇر دەپ تونىسىڭىز، ئۇنداقتا ئۇيغۇرلارنىڭ 1000 يىللىق تارىخىنى بىلىشكە قىزىقامسىز؟ ئەگەر خالىسىڭىز دەرھال پاسئان كىتاپخانىسىغا قەدەم تەشرىپ قىلىڭ! سىز ئۇيەردىن ئۆزىڭىزنىڭ كىملىگىنى بىلەلەيسىز...
پاسئان كىتابخانىسىدا سىزگە  ئۆزىڭىزنىڭ كىملىگىنى بىلدۈرۈدىغان، ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى 1000 يىللىق تارىخى- يەنى مىلادى 932-يىلىدىن، مىلادى 1950-يىلىغىچە بولغان تارىخى كەچۈرمىشلىرىنى بىلدۈرىدىغان تارىخى ۋەقەلەر  يازغۇچىلىرىمىزنىڭ قەلىمى ئارقىلىق بەدىئىلەشتۇرۇلگەن (رومانلاشتۇرۇلغان) تۆۋەندىكى ئەسەرلىرى سىزنى كۈتمەكتە.
                1-قاراخانىلارار دەۋرى: (932-يىلىدىن1212-يىلىغىچە)
بۇ 280  يىلىدىكى تارىخى ۋەقەلەر تۆۋەندىكى ئەسەرلەردە بايان قىلىنغان
1. مىللەتلەرنەشىرياتى نەشىر قىلغان سەيپىدىن ئەزىزنىڭ: «سۇتۇق بۇغراخان» ناملىق رومانى.
2. شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان پەرھات جىلاننىڭ: «مەھمۇد كاشغەرى» ناملىق رومانى.
3. شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان ھاجى مىرزاھىت كېرىمنىڭ:« يۈسۈپ خاس ھاجىپ» ناملىق رومانى. (2 قىسىم)
يانداشتۇرۇپ كۆرۈدىغان تارىخى ئەسەرلەر:
4. شىنجاڭ ئۇنۋېرسېتى نەشىرياتى نەشىر قىلغان يارمۇھەممەت تاھىرتۇغلۇقنىڭ:«قۇتادغۇبىلىك» ناملىق پەلسەپەۋې رومانى
5.شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان ۋاڭ جىلەينىڭ: «ئوتتۇرا ئاسىيا ئومۇمى تارىخى»ناملىق كىتابىنىڭ قەدىمقى زامان قىسمىنىڭ 2-كىتابى.
6.شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان لىيۇزىشاۋ نىڭ « ئۇيغۇرتارىخى» ناملىق كىتابى (4 قىسىم)
7.شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر ئاكىدىمىيىسى تۈزگەن: «شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتاب (3 قىسىم)
8. شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان رىشات گەنجنىڭ:«قارىخانىلارنىڭ دۆلەت تەشكىلاتى» ناملىق كىتابى
9.قەشقەرئۇيغۇر نەشىرياتى نەشىر قىلغان ۋېي لىياڭتاۋنىڭ:«قارىخانىلار تارىخدىن بايان»ناملىق كىتابى
10.شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان ھاجى نۇرھاجىنىڭ:«قەدىمقى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانىيلار» ناملق كىتابى.
11. شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان نىزامۇل مۈلكنىڭ:«مۇسۇلمانلارنىڭ ھۆكۈمدارلىق يولى» ناملىق كىتابى.
جەمئى: 17 پارچە كىتاب. (ئارلىقتا ئازراق ئۈزۈلۈش بار)
            2-چاغاتاي خانلىغى دەۋرى:  (1227-يىلىدىن1514-يىغىچە)
بۇ 287  يىلىدىكى تارىخى ۋەقەلەر تۆۋەندىكى ئەسەرلەردە بايان قىلىنغان
12.قەشقەرئۇيغۇر نەشىرياتى نەشىر قىلغان تۇرسۇن ياسىننىڭ: «مۇڭغۇلۇستان قۇياش» ناملىق رومانى.
13. شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان ئابدۇۋەلى ئەلىنىڭ:«تۇغلۇق تۈمۈرخان» ناملىق رومانى. (3 قىسىم)
14. مىللەتلەرنەشىرياتى نەشىر قىلغان ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ :«باھادىرنامە» ناملىق رومانى. (6 قىسىم)
15. شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان ھاجى مىرزاھىت كېرىمنىڭ: «مىرزا ئابابەكرى» ناملىق رومانى.
16.شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان ئادىل ياقۇپوفنىڭ «ئۇلۇغ بەگ غەزنىسى»ناملىق رومانى
17.ئايبىكنىڭ: « ناۋايى» ناملىق رومانى
يانداشتۇرۇپ كۆرۈدىغان تارىخى ئەسەر:
18. شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆراگاننىڭ«تارىخى رەشىدى» ناملىق كىتابى.(2 قىسىم)
19. مىللەتلەرنەشىرياتى نەشىر قىلغان زەھىرىددىن مۇھەممەد بابۇرنىڭ «بابۇرنامە»ناملىق كىتابى
جەمئى: 16 پارچە كىتاب
         3-سەئىدىيە خانلىقى دەۋرى: (1514-يىلىدىن 1678-يىلىغىچە)
بۇ 164  يىلىدىكى تارىخى ۋەقەلەر تۆۋەندىكى ئەسەرلەردە بايان قىلىنغان
20. شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان ھاجى مىرزاھىت كېرىمنىڭ: «سۇلتان سەئىدخان» ناملىق رومانى.
21. شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان ھاجى مىرزاھىت كېرىمنىڭ:« سۇلتان ئابدۇرەشىتخان» ناملىق رومانى.
22. شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىرقىلغان تۇرسۇن يۇنۇسنىڭ:« مەلىكە ئاماننىساخان» ناملىق رومانى.
23. شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان ئەخەت تۇردىنىڭ « بەخىتسىز سەئىدىيە» ناملىق رومانى.
يانداشتۇرۇپ كۆرۈدىغان تارىخى ئەسەر:
«ئاماننىساخان» ناملىق 6 قىسىملىق تىلىۋىزىيە تىياتىرى.
24. شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان ھاجى نۇرھاجىنىڭ: «يەكەن سەئىيدىيە خانلىغىنىڭ قىسقىچە تارىخى»ناملىق كىتاپ.
25.قەشقەرئۇيغۇر نەشىرياتى نەشىر قىلغان شاھمۇھەممەد جۇراسنىڭ«سەئىيدىيە خانلىغى تارىخغا دائىر ماتىرياللار»ناملىق كىتابى  
جەمئى: 6 پارچە كىتاب
خوجىلاردەۋرى
بۇدەۋېر تارىخى تۆۋەندىكى ئەسەرلەردە بايان قىلىنغان
26. شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان ئابدۇۋەلى ئەلىنىڭ:«مەخدۇم ئەزەم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى» ناملىق رومانى. (2 قىسىم)
27. شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان ئابدۇۋەلى ئەلىنىڭ:«ئاپپاق خوجا» ناملىق رومانى. (2 قىسىم)
28. شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان ئابدۇۋەلى ئەلىنىڭ:«تۇرغاق خوجىلار» ناملىق رومانى. (2 قىسىم)
29. شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ:«جاللات خېنىم» ناملىق رومانى.(2 قىسىم)
30.شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان يۈسۈپ ئىلىياسنىڭ:«ئىغىر تىنىقلار» ناملىق رومانى(2 قىسىم)
31.شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان ئابباس مۇنىيازنىڭ: «تەنھا پەرۋانە»ناملەق رومانى.
يانداشتۇرۇپ كۆرۈدىغان تارىخى ئەسەر:
32.مىللەتلەرنەشىرياتى نەشىر قىلغان ۋېي لىياڭتاۋ نىڭ«خوجىلار جەمەتى ھەققىدە»ناملىق كىتابى
جەمئى: 12 پارچە كىتاب
       4-ھىندىستان موغۇل ئىمپىرىيەسى دەۋرى: (1494-يىلىدىن 1605-يىلىغىچە)
بۇ 111 يىلدىكى تارىخى ۋەقەلەر تۆۋەندىكى ئەسەرلەردە بايان قىلىنغان
33.مىللەتلەرنەشىرياتى نەشىر قىلغان پىرىمقۇل قادىرۇفنىڭ:«يۇلتۇزلۇق تۈنلەر» ناملىق رومانى.
34. شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان پىرىمقۇل قادىرۇفنىڭ:«ھۇمايۇن» ناملىق رومانى.
35. شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان پىرىمقۇل قادىرۇفنىڭ:«ئەكبەر» ناملىق رومانى.
يانداشتۇرۇپ كۆرۈدىغان تارىخى ئەسەر:
ھىندىستانىڭ: «بۇياك ئىمپىراتۇر ئەكبەر»ناملىق 2 قىسىملىق كىنو فىلىمى.
         جەمئى: 3 پارچە كىتاب (ئارلىقتا ئازراق ئۈزۈلۈش بار)
                5.چىڭ سۇلالىسى دەۋرى: (1759-يىلىدىن1911-يىلىغىچە)
بۇ 152  يىلدىكى تارىخى ۋەقەلەر تۆۋەندىكى ئەسەرلەردە بايان قىلىنغان
36. شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان ئايشەم ئەھمەدنىڭ:« مۇھەممەدبەشىر چىڭۋاڭ» ناملىق رومانى.
37. شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى نەشىر قىلغان مۇھەممەتجان سادىقنىڭ «گۈمبەزلىك قەۋرىنىڭ سىرى» ناملىق رومانى.
38. مىللەتلەرنەشىرياتى نەشىر قىلغان تۇرسۇن لىتىپ «تەڭرىتاغ پەلۋانلىرى» ناملىق رومانى.
39.شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى نەشىر قىلغان تۇرغۇن توختەمنىڭ:«نۇزۇگۇم»ناملىق رومانى
40. شىنجاڭ ئۇنۋېرسېتى نەشىرياتى نەشىر قىلغان ئابدۇۋەلى ئەلىنىڭ:« بەدۆلەت-يانغىن قاپلىغان تۇپراق» ناملىق رومانى.
41. شىنجاڭ ئۇنۋېرسېتى نەشىرياتى نەشىر قىلغان ئابدۇۋەلى ئەلىنىڭ:« بەدۆلەت-بارسا كەلمەس يول» ناملىق رومانى.
42. شىنجاڭ ئۇنۋېرسېتى نەشىرياتى نەشىر قىلغان ئابدۇۋەلى ئەلىنىڭ:« بەدۆلەت-ئۆركەشلەپ ئاققان قايدۇ دەرياسى» ناملىق رومانى.
43. شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان ئەبەيدۇللا ئىبراھىمنىڭ:«داغ» ناملىق رومانى.
44. شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان ئايشەم ئەھمەدنىڭ:«ئۆچمەس ئىزلار» ناملىق رومانى.
45. شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان ئەبەيدۇللا ئىبراھىمنىڭ:«تۈندىكى چاقماق»ناملىق رومانى
يانداشتۇرۇپ كۆرۈدىغان تارىخى ئەسەر:
46. شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان ئا.ن كوروپاتكىننىڭ. «قەشقەرىيە» ناملىق كىتابى
47. شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان چارلىز بولگېرنىڭ :«ياقۇپ بەگنىڭ تەرجىمىھالى» ناملىق كىتابى
48. موللامۇسا سايرامىنىڭ « تارىخى ئەمىنىيە» ناملىق كىتابى
49. مىللەتلەرنەشىرياتى نەشىر قىلغان موللامۇسا سايرامىنىڭ « تارىخى ھەمىدى» ناملىق كىتابى
           جەمئى:14 پارچە كىتاب
           6-مىنگو دەۋرى (1911-يىلىدىن1949-يىلىغىچە)
بۇ38  يىلىدىكى تارىخى ۋەقەلەر تۆۋەندىكى ئەسەرلەردە بايان قىلىنغان
50. شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان ئابدىرىھىم ئۆتكۈرنىڭ:«ئىز» ناملىق رومانى.
51. شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان ئابدىرىھىم ئۆتكۈرنىڭ:« ئويغانغان زىمىن» ناملىق رومانى. (2 قىسىم)
52. شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان خىۋىر تۈمۈرمىڭ«ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە قىسسە»ناملىق قىسسە
53. شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان. سەمەت دۇگايلىنىڭ:« ھايات شاماللىرى» ناملىق رومانى. (4 قىسى)
54.شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىرقىلغان سۇلايمان ئابدىرىھىمنىڭ« كۆكتىن چۈشكەن پەرىشتە» ناملىق رومانى
55. شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىرقىلغان تۇرسۇن ئۆمەرنىڭ:«باياۋاندىكى گۈلخان» ناملىق رومانى. (3 قىسىم)
56. شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان خىۋىر تۈمۈرمىڭ:«بالدۇر ئويغانغان ئادەم»ناملىق رومانى
يانداشتۇرۇپ كۆرۈدىغان تارىخى ئەسەر:
57. شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان نۇشرىۋان يائوشېف«ئالتە شەھەر مەكتۇپلىرى» ناملىق كىتابى
58.شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان يالقۇن روزىنىڭ: «مەمتىلى ئەپەندى» ناملىك ئەسلىمىسى.
جەمئى :15 پارچە كىتاب
                  ئۈچ ۋېلايەت ئىنقىلاۋى دەۋرى
بۇدەۋېر تارىخى تۆۋەندىكى ئەسەرلەردە بايان قىلىنغان
59. شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان زوردۇن سابىرنىڭ: «ئانايۇرت» ناملىق رومانى. (3 قىسىم)
60. شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان ئابدۇراخمان قاھھارنىڭ:« ئىلى دولقۇنلىرى» ناملىق رومانى. (2 قىسىم)
61. شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان نۇر روزى نىڭ« ئەنجان باي» ناملىق رومانى
   يانداشتۇرۇپ كۆرۈدىغان تارىخى ئەسەر:
62. مىللەتلەرنەشىرياتى نەشىر قىلغان بۇرھان شەھىدىنىڭ:«مېنىڭ شىنجاڭدىكى 50 يىلىم» ناملىق ئەسلىمە.
63. مىللەتلەر نەشىرياتى نەشىر قىلغان سەيپىدىن ئەزىزنىڭ:«ئۆمۈر داستانى» ناملىق ئەسلىمىسى. (2 قىسىم)
64. شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان سوپاخۇن سۇۋۇرۇفنىڭ: «مەن كەچكەن كېچىكلەر» ناملىق ئەسلىمىسى.
65. مىللەتلەرنەشىرياتى نەشىر قىلغان ماھىنۇر قاسىمنىڭ« ئەخمەت ئەپەندىنى ئەسلەيمەن» ناملىق ئەسىلىمى. (2 قىسىم)
66.شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان يەن دىيەنچىڭنىڭ: «ئۈچ ۋېلايەت ئىنقىلاۋىنىڭ قانۇن چىلىق تارىخى»ناملىق كىتابى
67.شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان:«شېڭ شىسەي»ناملىق كىتابى
68.قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى نەشىر قىلغان سىۋېن ھېدىن نىڭ«قاچقۇن ماجۇڭيىڭ» ناملىق كىتابى.
جەمئى:15 پارچە كىتاب
(يانداشتۇرۇلغان تارىخى ئەسەرلەرنى شۇ دەۋېر تارىخىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشۈنۈش، مۈجمەل تارىخى مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇش،بىلىش دائىرىمىزنى كىڭەيتىپ ئۆزىمىزنى مۈكەممەللەشتۇرۈش ئۈچۈن كۆرسەك بولىدۇ. )
         ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن سىز، يۇقۇردا تىلغا ئېلىنغان 70 تۈردىكى98 پارچە كىتابنىڭ باھاسىنى قىممەت كۆرمەي سېتىۋېلىپ، ئېرىنمەي ۋاقىت چىقىرىپ ئوقۇپ چىقسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ كىملىگىنى مىللىتىڭىز نىڭ قانداق تارىخى سەرگۈزەشتىلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈپ سىز ياشاۋاتقان مۇشۇ دەۋرگە يېتىپ كەلگەنلىگىنى بىلەلەيسىز. ئەگەردە قىممەت كۆرۈپ  سېتىۋالمىسىڭىز  ۋە ياكى ۋاقىت چىقىرىپ ئوقۇمىسىڭىز، سىزنىڭ ھەرقانچە كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز دەپئى دۇنيارىڭىز بولسىمۇ، ئۈستى بېشڭىزنى ئالتۇندا قاپلاپ، تاۋارتوقىلار بىلەن ئورېلىۋالسىڭىزمۇ،ئابرۇي ئىمتىيايىڭىزدىن كېرىلىپ كۆرەڭلەپ، ئۆزىڭىزنى مەن جاھاندا بىر دەپ يۈرسىڭىزمۇ، سىز 2016-يىلىدىمۇ يەنىلا «ئۇيغۇر» ئەمەس «ئۇرغۇي» بولۇپ قىلىۋېرىسىز خالاس. مەن بىر ھەقىقى«ئۇيغۇر» بولاي دىسىڭىز دەرھال پاسئان كىتاپ خانىسىغا كېلىپ يۇقۇرقى ئەسەرلەردىن بەھىر ئېلىڭ.
بۇ جايدا يەنە يۇقىرىقى كىتابلاردىن باشقا  ھەرخىل ژانىردىكى ئەدىبىي ئەسەر، مەشھۇر كىشىلەرنىڭ تەرجىمىھالى، كىلاسسىك ئەسەرلەر،تارىخىى ئەسەرلەر، ئاۋازلىق ئەسەرلەر،دىيارىمىز گۇمىدىن يىتىشىپ  چىققام يازغۇچى- شائىر، ئەدىپ لىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرى ۋە باشقا ھەر تۈردىكى كىتابلار بولغاندىن سىرت،يەنە مۇسۇلمانلار ئاممىسى ئۈچۈن دىنى ئوقۇشلۇقلار، ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن بالىلىرىنى ياراملىق تەربىيەلەيدىغان بالىلار كىتابلىرى، ئىگىلىك تىكلەپ باي بولۇشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن باي بولۇش يوللىرىنى كۆرسىتىدىغان تەربىيە كىتابلىرى، سالامەتلىگىڭىزگە پايدىلىق تىبابەت كىتابلىرى، سىزگە ئادەم بولۇش يوللىرىنى ئۈگۈتۈدىغان ئەدەپ ئەخلاق كىتابلىرى، يىگىتلەر  ئۈچۈن مۇھەببەت كىتابلىرى، ياش ئەر-خوتۇنلار ئۈچۈن تۇرمۇش يوللىرىنى كۆرسىتىدىغان نەسىھەت كىتابلىرى، ئاياللار ئۈچۈن ئۆزىنى كۈتۈش كىتابلىرى، قىزلار ئۈچۈن گۈزەللىكنى ئاسراش كىتابلىرى. ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن پايدىلىنىش ماتىرىيال كىتابلىرى ۋە ھەرخىل مەشىق كىتاپلار بار.سىز بۇجايدىن ھىچ ۋاقىت قۇرۇق قايىتمايسىز، ھىچ بولمىسا ھەرقايسى دەۋېرلەردە ياشىغان ئالىم –ئەدىپ لىرىمىزنىڭ سىماسى بىلەن دىدار مۇلاقەتتە بولۇپ قايتىسىز.
قېنى  مەرھەمەت !
مەنزىل: گۇما خەلق مەيدانى شەرقى مەيدان يولى 12 دۇكان.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلىقى،تۇققاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلىقى.

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-30 12:57 , Processed in 0.278780 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش