گۇما دىيارى مۇنبىرى

كۆرۈش: 443|ئىنكاس: 0

جىگدە ۋە ئۇنىڭ شىپالىق رولى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

20

تېما

1

دوست

989

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-28 14:12:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىز بۇ تېمىنىڭ 443- ئوقۇرمىنى،تېما يارىغان بولسا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ! خالىسىڭىز بىكىتىمىزدىكى ئېلانلارغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ قويۇڭ،چۈنكى ئۇنىڭدا سىز كۈتمىگەن يېڭىلىقلار بار!.


جىگدە ۋە ئۇنىڭ شىپالىق رولى

Jigde.jpg

جىگدە:رىۋايەتلەردە: غولى ــــ تۈمۈردىن،يۇپۇرمىقى ــــ كۈمۈشتىن،مىۋىسى ـــ ئالتۇندىن دەپ سۈپەتلەنگەن سىمۋول خارەكتىرگە ئىگە خاسىيەتلىك دەرەخ .جىگدە دەرىخىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك مېۋىلىك دەرەخ بولۇپ. ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ شورلۇق،قۇملۇق،شېغىللىق تۇپراقلىرىدا ئۆسىۋىرىدۇ. جىگدىنىڭ ئالتۇن بارماق جىگدە، قاپاق جىگدە،نان جىگدە،يىمىش جىگدە،قۇم جىگدە ،قاغاجىگدە دىگەن دەك سورۇتلىرى بار. سورۇتلارنىڭ رەڭگى،چوڭ- كىچىكلىگى،تەمى ئوخشاش بولمايدۇ. جىگدە مېۋىسى ـــ  مېۋە مۇرابباسى، جىگدە شەر بىتى، جىگدە سۈيى ئىچىملىگى،تېتىتقۇ، شىكەر ئىشلەشنىڭ خام ماتىريالى قىلىنىدۇ. جىگدە چېچىكىدە ھەسەل ھەرىسى بىقىشقا،گۈلقەنىت ياساشقا بولىدۇ.شۇڭا جىگدەبىز ئۇيغۇرلارنىڭ تۇر مۇشىمىزدا يېمەك- ئىچمەك،تېبابەتچېلىك،چارۋىچىلىق جەھەتلەردە موھىم پايدىلى نىش رولىغا ئىگە.
يېمەك- ئىچمەك جەھەتلەردىكى رولى
جىگدە مېۋىسى تەركىبىدە ئامىنۇ كىسلاتاسى،كاروتىن،ئاقسىل،ماي،كالتېسىي، پوسفۇر، تۈمۈر قاتارلىق ئېلمېنىتلار بولۇپ،ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى تەبىي،يىشىل يىمەكلىك. جىگدە مېۋىسىنى نان ئورنىدا يىيىشكە،قۇرۇتۇلغان مېۋىسىنى تالقانلاپ  ئىستىمال قىلىشقا ياكى ئۇنغا قوشۇپ نان يىقىپ يىيىشكە بولىدۇ. جىگدىنى چىلان، ئۈزۈم، ئۈرۈك،شاپتۇل قېقى بىلەن چىلاپ سۈيىنى چىقىرىپ،سوغۇق ئىچىملىك قىلىشقا بولىدۇ،سۇغا چىلاپ ئىزىپ ئۇن بىلەن ئارلاشتۇرۇپ،لەززەتلىك يېمەكلىك لەرنى تەييارلاشقا،قەنىت-گىزەك سانائىتىدە ئىشلىتىشكە بولىدۇ. جىگدىنى چىلاپ ياكى قاينىتىپ،نان يۈزىگە سۈرۈتسە نان پاقىراق،پۇراقلىق،تەملىك،يىيىشلىك بولىدۇ. جىگدە مېۋىسى: بەدەننى قۇۋەتلەش،نىرۋىنى تىچلاندۇرۇش،قان تومۇرلارنى ئىچىش ،ئىچسۈرۈشنى توختۇتۇش،ئاشقازاننى ياخشىلاش،تالنى ساغلام لاشتۇرۇش،مەنىينى تىزگىنلەش جىگەر ۋە تالدىكى توسالغۇلارنى ئىچىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگەبولۇپ،بەدەن ئاجىزلىقى،جىگەر قىتىش، مەنىينى يۈرۈپ كىتىش،دەم سىقىلىش،روھىي سۇس لىشىش، نىرۋا ئاجىزلىق،ئۇيقۇسىزلىق،كۆپ چۈش كۆرۈش،جۆيلۈش قاتارلىق كىسەل لىكلەرگە شىپا بولىدۇ.
جىگدە مۇرابباسى: بەدەننى قۇۋەتلەندۈرىدۇ، مەنىينى تۇتىدۇ،ئىچسۈرۈشنى توختۇ تۇدۇ،تىچلاندۇرىدۇ،ئۈچەي خىزمىتىنى كۈچەيتىدۇ،بۆرەكنى سەمرىتىدۇ.
جىگدە چىچىكى:ئۇنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل،قەنىت،ئورگانىك كىسلاتا،ئاز مىقتاردا شىلىمشىق سۈيۈقلۇق مىۋە قەنتى بار بولۇپ كۆڭۈلگە خوشلۇق يەتكۈزۈش، بەدەننى قۇۋەتلەش، نىرۋىنى تىچلاندۇرۇش، ئىچسۈرۈشنى توختۇتۇش،سۈيدۈك ماڭدۇرۇش، مەنىينى تۇتۇش،خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
جىگدە چىچىكى گۈلقەنتى: مىڭىنى قۇۋەتلەش،يۇقۇملۇق كىسەللەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش، مەنىينى كۆپەيتىش،باھنى قۇۋەتلەش،جىنسىيەتنى قوزغاش،نىرۋىنىى تەڭ شەش، روھنى ئۇرغۇتۇش خۇسۇسىيەتلىرىگە ئىگە.
جىگدە تالقىنىغا ناۋاتنى سۇقۇپ ئىلەشتۈرۈپ كاپ ئىتىپ يەپ بەرسە مەيدىسى ئىچىشىش، ئاشقازاننىڭ سۇيۇقلىقى ئىشىپ كىتىش قاتارلىق ئاغرىقلارغا ئالاھىدە مەنپەئەت قىلىدۇ.
جىگدىنىڭ مېۋىسىلا دورا بولۇپ قالماستىن،ئۇنىڭ يىلتىزى،پوستى،يۇپۇرمىقى،يېلىمى قاتارلىقلارمۇ دورا ماتىريالى قاتارىدا ئىشلىتىلىدۇ. جىگدە يۇپۇرمىقىنى سوقۇپ جاراھەت، يارىلارنىڭ ئۈستىگە سەپسە يارىنىڭ سۈيىنى تارتىپ قۇرۇتىدۇ، يۇپۇرمىقى دىن يەنە ياغ تەييارلاپ رېماتىزىم ۋە ئىستىخارلارنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ، جىگدىنىڭ يېلىمىدە سۆڭەك(سۇنۇق) كىسىلىنى داۋالىغىلى بولىدۇ.خانىم-قىزلار مېۋىسى جىگدە يېلىمىدىن ئائىلىلەردە جىگدە يېلىمى سۈيۇقلىقى تەييارلاپ دايىم چاچقا چىپىپ بەرسە چاچ ئاسراش،ئۆستۈرۈش،قۇۋەتلەش،گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنىمى ياخشى بولىدۇ. جىگدە شېخى، يۇپۇرمىقىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىۋى ناھايىتى يۇقۇرى بولۇپ شۇڭا جىگدە چارۋىچىلىقتا«ئوت-چۆپ شاھى»دىگەن نام بىلەن مال-چارۋىلارنىڭ ئېسىل يەم خەشىكى بولۇپ ھېساپ لىنىدۇ.
مەنبە: «شىنجاڭ گىزىتى» نىڭ 2012-يىلى10-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى سانىدىن

گۇما دىيارى مۇنبىرى-تەۋسىيە قىلىدۇ!

فىلىم قويولۇش ئالدىدىكى ھەر قانداق ئېلاننى ئۈنۈملۈك چەكلەش رولىغا ئىگە،سۈرئېتى تىز،بىخەتەر قاپلان تور كۆرگۈچىسى ! ئائىلىدە خاتىرجەم تورغا چىقاي دېسىڭىز ئاستىدىكى رەسىمنى چېكىپ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قويۇڭ .


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

زالىمنى يەر بىلەن تەڭ كۆر(موللا بىلال نازىمى)

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۇما دىيارى مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|新ICP备11003671号|گۇما دىيارى مۇنبىرى

GMT+8, 2013-9-6 16:58 , Processed in 0.158780 second(s), 37 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش