ئىككىنچى قېتىملىق «مۇكاپاتلىق تېما قوبۇل قىلىش پائالىيىتى»نىڭ نەتىجىسى
گۇما دىيارى مۇنبىرى 20-يانۋار بىلدۈرگۈ چىقىرىپ «گۇما دىيارى مۇنبىرى» 2-قېتىملىق«مۇكاپاتلىق تېما قوبۇل قىلىش پائالىيىتى»ئۇيۇشتۇرۇشنى قارار قىلغان ئىدى. بىلدۈرگۈ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن مۇنبىرىمىزنىڭ ئەزالىرى بۇ پائالىيەتكە ئەستايىدىل قاراپ،قىسقىغىنە ئىككى يېرىم ئاي ئىچىدە 107 تېما ئاستىدا 183 پارچە ئەسەرنى مۇكاپاتلىق تېما سەھىپىسىگە يوللاپ، پائالىيىتىمىزنى بىز كۈتكەندىنمۇ قىزغىن قوللىدى.مۇنبىرىمىز پائالىيىتىمىزنى قوللىغان بارلىق ئەزالارغا ئالى ئېھتىرام بىلدۈرىدۇ!
مۇنبىرىمىز 1-ئاپرېلدىن باشلاپ مۇكاپات سەھىپىسىگە قوبۇل قىلىنغان تېمىلارنى تاللاش،سېلىشتۇرۇش،باھالاش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، سېلىشتۇرۇپ باھالاش داۋامىدا 37 پارچە ئەسەرنىڭ«گۇما دىيارى»مۇنبىرىدىن باشقا مۇنبەرلەردىمۇ ئېلان قىلىنغانلىقى،5 پارچە ئەسەرنىڭ ئاشكارە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىپ كەتكەنلىكىدەك ئەھۋالنى دەلىللىگەندىن كېيىن،يۇقۇرىدىكى 42 پارچە ئەسەرنى مۇكاپاتلىق تېما سالاھىيىتىنى بىكار قىلىپ،قالغان 141 پارچە ئەسەردىن 3 دەرىجە بويىچە باھالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ نەتىجىسنى تۆۋەندىكىچە يەكۈنلەپ چىقتى.
بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكەن ئەسەر:
مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىز(لوپ ناھىيە)نىڭ «قىيا دەرىزە»(ھېكايە) مۇكاپات سوممىسى 300 يۈەن خەلق پۇلى
ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكەن ئەسەرلەر:
(1) نامانجان تۇرسۇن قاراتېكىن(يۇپۇرغا ناھىيە)نىڭ «كۆڭۈل خازانلىرى»(غەزەللەر) مۇكاپات سوممىسى 200 يۈەن خەلق پۇلى
(2) تۇرسۇن ئابدۇللا بەگيار(قاراقاش ناھىيە)نىڭ «يۇلتۇز ساقىغان ئاخشام»(پوۋېسىت) مۇكاپات سوممىسى 200 يۈەن خەلق پۇلى
ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكەن ئەسەرلەر:
(1)ئايشەم ئىسمائىل تەبەسسۇم(خوتەن شەھرى)نىڭ «بەختسىز تېۋىشلار»(ھېكايە) مۇكاپات سوممىسى 100 يۈەن خەلق پۇلى
(2) ئابلەت مۇھەممەد كۈيزار(يەكەن ناھىيە)نىڭ «قاردىكى تەنھالىق»(شېئىرلار) مۇكاپات سوممىسى 100 يۈەن خەلق پۇلى
(3) ئىمىن توختى توختىباقى سەزگۈر(خوتەن شەھرى) نىڭ [url=/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=3610&extra=page%3D1]«شېئىرى شەكىللەر ھەققىدە تەشۋىشلىك ئويلار» (ماقالە) مۇكاپات سوممىسى 100 يۈەن خەلق پۇلى
ۋاقىت قىس،ئادەم كۈچى يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن تاللانغان ئەسەرلەردىمۇ كەڭ-كۆلەملىك تەكشۈرۈپ،سېلىشتۇرۇپ چىقالمىغان بولۇشىمىز مۇمكىن. بارلىق ئەزالىرىمىزنىڭ بىزنى توغرا چۈشىنىشىنى ۋە نەتىجىگە ئىرىشكەن ئەسەرلەرنى ئەستايىدىل كۈزىتىشىنى سورايمىز.
مۇكاپات ئىگىلىرى 30-ئاپرېلدىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ بانكا كارتىسىنىڭ نومۇرى،كارتا ئىگىسىنىڭ ئۆلچەملىك خەنزۇچە ئىسمى بىلەن تەمىنلەپ، مۇكاپات سوممىسىنى تاپشۇرۇپ ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئاخىرىدا 2-قېتىملىق «مۇكاپاتلىق تېما قوبۇل قىلىش پائالىيىتى»نى ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللىغان، ئەمما خالىس نىيەت بىلەن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان مەرىپەت سۆيەر،ئەدەبىيات ئاشىناسى دوستىمىزغا مۇنبىرىمىز ۋە 1860 دىن ئارتۇق ئەزالىرىمىز نامىدىن ئالاھىدە چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمىز!
ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى: (تېلېفون) 18999651245__(چ چ): 1137411877
ھۆرمەت بىلەن:
گۇما دىيارى مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى
2013-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى |