قاردىكى تەنھالىق
( شېئىرلار )
ئابلەت مۇھەممەد كۈيزار
قارا ئىستەك
نەپەسلىرىڭ كۆيگەندە تىمتاس،
ھېسلىرىمدا بوزلايدۇ سەھەر.
كۆزلىرىڭدىن تامغاندا قەترە،
يۈرىكىمنى تويلايدۇ خەتەر...!
چاچلىرىڭغا قونغاندا قىراۋ،
دېرىزەمدە تاتلىق ئەسلىمە.
ئىشىكىڭنى چەككەندە بارماق،
ئاق قەغەزدە قان قۇسار نەزمە.
چۈشلىرىڭدىن ئىزدەيسەن مەنا،
خىيالىمدا چېچىلغان چېچەك.
تومۇرۇڭدا ئاقىدۇ ئۆكسۈپ،
قارا قانغا ئايلانغان ئىستەك.
توزۇغان ياپراق
يېرتىلماقتا قەلبىمدىكى سۆز،
كېچىلەرگە تۆكۈپ قىزىل قان.
ئەگەشكەندەك ھېسلارغا ئاراب،
ناخشا ئېيتىپ ئۆتمەكتە ھىجران.
ئاق قۇشقاچلار يىغلايدۇ سىم- سىم،
چىغىر يوللار مارايدۇ مۇڭلۇق.
مېھىر بىلەن سېقىلغاندا قول،
بەخىت بېرەر سۆيگۈگە يوللۇق.
ئۆز- ئۆزىگە پاتماقتا ئىزلار،
قارا يەردە كۈلمەكتە ئەخلاق.
چاچلىرىڭدىن تارىغاندا نۇر،
گۈلشەنلەردە توزۇغان ياپراق!
قاردىكى تەنھالىق
قار كەچكۈم بار ئىدى سەن بىلەن گۈلۈم،
ۋە لىكىن يېگانە كەزدىم كوچىدا..... !
ئادەملەر ياشايدۇ ئۆىدىن قېچىپ،
روھىمدا بىر ئۆي بار ھەممە ئۇيقۇدا.
يالغۇزلۇق قېينىدى مېنى ئەشەددىي،
سېغىندىم مەڭگۈلۈك سېنى مۇشۇ رەت.
قار باسقان يوللاردا مىغ- مىغ بۇلبۇل بار،
سۆيۈملۈك ناخشىدۇر ئازاب ۋە ھەسرەت.
ئۇچرىشىپ قالساق دەپ ئۈمىد قىلغانتىم،
ناتونۇش ئادەملەر قارىدى سەرسان.
مەن گويا جۈپتىدىن ئايرىلغان ساياق،
قەلبىمنى تىلغىدى بۈگۈنكى ئارمان... !
ئىككىنجى تۇيغۇ
يىراقلار يىراققا سوزۇلغان شۇنداق،
مەن تەنھا ئۆزۈمگە پېتىپ قالغان تاش.
گۈزەل بىر ناخشىنىڭ غېرىبلىقىدا،
باغرىمغا نۇر سېپىپ تۇرىدۇ قۇياش.
تاغلارنىڭ تاغلارغا پاتقىنى ھەسرەت،
گاھىدا قۇشلارغا قالىمەن ئوخشاپ.
سۈپسۈزۈك دەريانىڭ دولقۇنلىرىدا،
رېئاللىق راستىنلا بەك ئېغىر ئازاب.
يوللارغا سوزۇلغان مۇھەببەت بىلەن،
بارخانلار قېنىغا قايتىدۇ خۇشال.
ئېتقادنىڭ ئۆزىنى ئىزدەشلىرىدە،
توغراقنىڭ سۈرگىنى سۆيۈملۈك خېيال.
2011- يىل 9- مارت