گۇما دىيارى مۇنبىرى

كۆرۈش: 500|ئىنكاس: 2

تەخسىكەش(ساتىرا)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

23

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 16:54:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىز بۇ تېمىنىڭ 500- ئوقۇرمىنى،تېما يارىغان بولسا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ! خالىسىڭىز بىكىتىمىزدىكى ئېلانلارغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ قويۇڭ،چۈنكى ئۇنىڭدا سىز كۈتمىگەن يېڭىلىقلار بار!.




ئابدۇسالام ئابدۇرېھىم سەلكىن
(ئۇچتۇرپان ناھىيە ئاقيار بازارلىق مائارىپ ئىشخانىسىدىن)
تەخسىكەش
(ساتىرا)
سەن پەرۋانە ئەمەلگە بولغاچ ئۇ بىر ئوت-ئاتەش،
‹‹چوڭام››لارنى يوقلايسەن شۇڭا ھەركۈن سەھەر-كەش،
غورۇرخەجلەپ باشلىققا تېپىپ ياخشى بىر‹‹ دىلكەش››،
ياشاپ كەلدىڭ ھاياتتا مانا شۇنداق بەك پەسكەش  ،
دېسىمۇ گەر ئۆز خەلقىڭ ساڭا لەنەت تەخسىكەش.

ئۇخلىساڭمۇ تۇتۇسەن چۈشلۈرۈڭدە نام-مەنسەپ،
خىيالىڭدا ئالدايسەن ئۆز-ئۆزۈڭنى كۆپ بەزلەپ،
ھەريانغا تور توقۇيسەن ئەمەلنى دەپ پۇلنى دەپ،
توزاق قۇرۇپ بەزىگە  ،بەزىلەرنى ھەم قەسىتلەپ،
پارازىتتەك ياشايسەن دىلىڭ مەينەت تەخسىكەش.

بىراۋلارنىڭ ئاستىغا قات-قات كۆرپە كەلتۈرۈپ،
دائىم تەييار تۇرىسەن خىزمىتىگە يەڭ تۈرۈپ،
ئۇ كۈلگەنگە ھېجىيىپ،قاپاق تۈرسە تەڭ تۈرۈپ،
ئەگىشىپلا يۈرەرسەن سەن ئۆزۈڭنى خار كۆرۈپ،
كۈچۈكلىنىپ ئىت كەبى دېسىمۇ‹‹كەت›› تەخسىكەش.

دەرىتتە قويدۈڭ ئازدۇرۇپ تالاي-تالاي باشلىقنى،
تۇيدۇرماستىن ئۆيىگە توشۇپ گوش-ماي،ئاشلىقنى،
يامان يولغا باشلىدىڭ ئۆگۈتۈپ ھەم‹‹شاش››لىقنى،
يەمچۈك قىلدىڭ ئۇيالماي سەتەڭ قەلەم قاشلىقنى،
غورۇرىنى ئىت يىگەن تەكتى نامەرىد تەخسىكەش.

خىيالىنى باشلىقنىڭ تېپىپ شۇئان دەل قىلدىڭ،
‹‹كەم››لىرىنى تولۇقلاپ ‹‹توققۇز››ىنى تەل قىلدىڭ،
بولۇپ قالسا كۆڭلى غەش ياشلىرىڭنى سەل قىلدىڭ،
مانا موشۇ يول بىلەن كۆپ ئىشىڭنى ھەل قىلدىڭ،
ئار-نومۇسنى ئۇنتۇدۇڭ قىلىقىڭ سەت تەخسىكەش.

يۈرۈشلۈرۈڭ بەك سىرلىق مەنسەپ ئۈچۈن شاپاشلاپ،
شۇ ۋەجىدىن يۈرۈيسەن دائىم بىر ‹‹تاغ››ھاپاشلاپ،
يۈردۈڭ بەزەن ئىشلىرىڭ ئەپلەشمىسە باش قاشلاپ،
كۆرۈنۈشتە سەن خۇشھال ، پىنھانلادا  كۆز  ياشلاپ،
ئۆتەرسەنمۇ ئاشۇنداق ئەي بەدنىيەت تەخسىكەش.

‹‹شوتا›› بولدى سەن ئۈچۈن نەپسى يامان تاماخور،
مال-دۇنياغا  ھېرىسمەن تويماس  ئاچكۆز بالاخور،
چۈشتى  ئالدام   خالتاڭغا بولغاچ بىرى  زىناخور،
تېپىك يىدىڭ بەزىسى بولغاچ بەكمۇ گۇمانخور،
شۇنداقتىمۇ ۋاز كەچمەي قىلدىڭ غەيرەت تەخسىكەش.

ئەمەلدارغا ئېگىلىپ ،ئاتاڭغىمۇ‹‹پوش››دىدىڭ،
ئولار ئۈچۈن تاۋاپ قىپ ئامەت كەلسۇن قوش دىدىڭ،
مەيدانىڭ يوق مۇستەقىل ھەممە ئىشتا ‹‹خوش››دىدىڭ،
‹‹كىرپە- يۇمشاق تىكەنسىز،قاغا-ئاپئاق قۇش››دىدىڭ،
سېڭىپ كەتكەچ قېنىڭغا ناچار ئادەت تەخسىكەش.

سەن بولمىساڭ  بەزىلەر  ئارزۇسىغا  قانالماس،
تاماخورلۇق  كېسىلى  بولغاچ  ئۇندا  ساقايماس،
ئىلىپ گالدىن سەن ئۇنى قىلىپ قويدۇڭ تانالماس،
كىردىمۇ  بۇ كوچىغا ئەمدى  ھەرگىز  يانالماس،
چۈنكى يوقتۇر سېنىڭدە قىلچە شەپقەت تەخسىكەش.

تېپىپ بىر كۈن ئەقلىڭنى بىلەرسەنمۇ تەخسىكەش؟
ۋىجدان ئۈچۈن سەدىقە تىلەرسەنمۇ تەخسىكەش؟
ئادەمىيلىك   يولىغا   كىرەرسەنمۇ   تەخسىكەش؟
ئېچىنىپ ئۆز ھالىڭغا كۆلەرسەنمۇ تەخسىكەش؟
ياكى نومۇس-ئەلەمدىن ئۆلەرسەنمۇ تەخسىكەش...؟

2012-يىل17-ماي (ئاقيار)

گۇما دىيارى مۇنبىرى-تەۋسىيە قىلىدۇ!

فىلىم قويولۇش ئالدىدىكى ھەر قانداق ئېلاننى ئۈنۈملۈك چەكلەش رولىغا ئىگە،سۈرئېتى تىز،بىخەتەر قاپلان تور كۆرگۈچىسى ! ئائىلىدە خاتىرجەم تورغا چىقاي دېسىڭىز ئاستىدىكى رەسىمنى چېكىپ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قويۇڭ .


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئاپتورنىڭ يېڭى تېمىلىرى

20

تېما

1

دوست

989

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 18:09:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەخسىكەشلەر كۆپ بولغاچ ياخشىلارنىڭ قەدرى پەس،
چىقىمچىلار كۆپ بولغاچ مىللىتىمنىڭ ھالى تەس.
يۈرەك سىرىڭنى بىلەيدەپ كەلدىم، ئايدەك جامالىڭنى كۆرەي ...

8

تېما

0

دوست

130

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 3Rank: 3

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 13:27:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەخسەڭنى چاقتىم دەپ يۇرسەم،
زاۋۇتىڭ بار ئىكەن.
مىڭ كۆڭۇلگە بۆلەكچە،
ئايىتىڭ بار ئىكەن.
پايدا مەنپەت توقۇنۇشتا،
تەخسەڭ ساڭا يار ئىكەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ھەقىقەت دەرياسىنىڭ سۈيى خاتالىق ئېرىقىدىن ئېقىپ كېلىدۇ.(تاگۇر)

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۇما دىيارى مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|新ICP备11003671号|گۇما دىيارى مۇنبىرى

GMT+8, 2013-9-6 16:51 , Processed in 0.183751 second(s), 33 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش